كىچىك بالىلار نىمىشقا ئايىقىنى تەتۈر كىيىۋالىدۇ
كۆپچىلىك دىققەت قىلدىڭلارمىكىن ،كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى داۋاملىق ئايىقىنى تەتۈر كىيىۋالىدۇ . ئايىقىنى ئوڭ كىيىپ قالغان بولسا بۇنى ئىزىقىپ كىتىپ ئوڭ كىيىپ قاپتۇ دەپ چۈشەنسەك خاتا بولمايدۇ .بالىلا نىمىشقا داۋاملىق ئايىقىنى تەتۈر كىيىۋالىدۇ ؟ ئاراڭلاردا مۇشۇنىڭغا دىققەت قىلغانلار بارمۇ ؟
ئوڭ سولنى ئايرىيالايدىغان كىچىك بالىلارمۇ ياكى ئوڭ سولنى ئايرىيالمايدىغانلارمۇ؟ مىنىڭ قىزىم مانا بۇيىل تۆت ياشقا كىرىپ ئاندىن ئوڭ سولىنى پەرقلەندۈرىدىغان بولدى


بۇ ماڭقىلار بەك ھىيلىگەر دەيمەن ، قەستەن ئوماق كۆرۈنۈش ئۈچۈن قىلىدۇ بەزى شەيتانلىقنى
دىققەت قىلماي ياكى پەرۋا قىلمىسىڭىز ئوڭشىلدىكەن
ئالىملار تەتقىق قىلىپ بىقىپتىمش ،ئادەم بلمىگەندە ھامان خاتاسنى تىز تاللايدىكەن .
ئىھتىماللىق نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا ،ئوڭ سول كىيشنىڭ ئىھتىماللىقى %50 بولىدۇ ،لىكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ،ئامىركىدىمۇ شۇ ، مۇشۇ يەردىمۇ شۇ ،ئافرىقىدىمۇ شۇ ،ئادەتتە يىشى مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن ،ئادەم بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا خاتاسىنى تاللاش نىسپىتى ناھايىتى چوڭ بولىدىكەن ، پىرسەنىتلەشتۇرگەن ئىھتىماللىق نىسپىتى تولىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن .
شۇنىڭ ئۇچۇنمۇ كونىلارنىڭ دىگىنىدەك ،مەسلىھەتلىشىدىغانغا ئادەم تاپالمىساڭ ،بۆكۇڭ بىلەن مەسلىھەتلەش ياكى ئىزدىنشقا كىر دىگەن ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن .
suzuk:
ئوڭ سولنى ئايرىيالايدىغان كىچىك بالىلارمۇ ياكى ئوڭ سولنى ئايرىيالمايدىغانلارمۇ؟
بۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .ھەم ئوڭ سولنى ئايرىيالامدۇ يوق بۇنىمۇ بىلمەيمەن ئۇ بالىلارنىڭ .
مىنىڭ قىزىممۇ ئايىقىنى تەتۈر كىيىۋېلىپ چېپ چىقىپكىتىدۇ ھاي قىزىم تەتۈر بوپقالدى ئوڭ كىيىڭ دىسەم ئايىقىنى سېلىپ ئالدىمغا قۇلىدا كۆتىرىپ كىيگۈزۈپ قوي دەپ تۇرىۋالىدۇ . گىپىنىڭ تاتلىقلىقىتېخى ...............سەن تىيدۈيۈپ كوي ئەمشە دەپ ................
نىمانداق تاتلىق سۇئال-جاۋابلار بۇ ...
گەرچە ئىنسانلار ناھايىتى مۇرەككەپ بولسىمۇ ئۇلار چىقارغان ھۆكۈم ياكى قىلغانئىش ھەرىكىتى بۇ مۇرەككەپلىك بىلەن ئالاقىسىز بولىدىكەن. ئىنسانلارنىڭ قىلغان پائالىيىتى خۇددى ئاتوم-مولىكۇلالارنىڭ پائالىيىتىدەك ئايرىم ئايرىم قارىسا تەرتىپسىز بىراق ئومۇمى گەۋدە قىلىپ قارىسا مەلۇم بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنىدىكەن.مۇشۇنداق قانۇنىيەتلەرنى \" ئىجتىمائىي فىزىكا\" دېگەن پەنتەتقىق قىلىدىكەن.
----------------------------------------------------------------
ئاخشام ئوقۇغان كىتابىمدىن خاتېرە.
قىزىم ئۈچ ياشقا كىرەي دىدى، ئاياقنى توغرا كىيىدۇ ، لىكىن يېقىنقى يېرىم يىلدىن بېرىدائىم كىيىپ بولۇپ سوراپ باقىدۇ :\" ئوڭ كىيدىممۇ ؟ \" . بىز :\" ھەئە .\"دەپ قويىمىز .
يەسلىگە بەرگىلى ئۈچ ھەپتە بولدى ،يەسلىدە ئۇخلاپ تۇرۇپ تۇرمۇش تەربىيىچىسى - ئۆزىگە ئەڭ ئامراق مۇئەللىمى- دىن ئۇيغۇرچە سوراپتۇ ، ئۇ قىز نەدىن بىلسۇن ، نىمە دەيدىغاندۇ دەپ ھاڭۋىقىپ تۇرسا،ئايىقىنى كۆرسىتىپ يەنە :\"ئىز ئىت لايت ؟\" دىگۈدەك ( ر ھەرىپىنى ھازىرغىچە دىيەلمەيدۇ ، شۇنداقمۇ تەس تاۋۇشمىدۇ ؟) ئۇ قىز مىڭ بالالىقتا ئاران چۈشىنىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن خەنزۇچىسىنى ئۈگىتىپ قويدۇق .
بايقىشىمچە ،يازلىق ئاياقلارنى پەرىقلەندۈرمەك تەسرەك ئوخشايدۇ ، پۇت سېپىدىغان كامىرى چوڭ ، يەنە كىلىپ جىق تۆشۈكلىرى بولغاچقا ، قايمۇقۇپ قالسا كىرەك .
ئىش قىلغاندا دىققىتنى يىغالماسلىقتىن شۇنداق بولسا كىرەك . باللار جىق گەپ قىلمىغان بىلەن بەك خىيالچان كىلىدۇ . جىيەن ئوغلۇم (ئاكامنىڭ بالىسى) دائىم ئايىقىنى تەتۈر كىيىپ يېنىمغا كېلەتتى. مەن سالدۇرۇپ ئوڭ كەيدۈرۈپ قۇيۇپ، نەچچە مىنۇتتىن كېيىن قارىسام يەنە تەتۈر كىيىۋالاتتى. نېمىشقا بۇنداق كىيىۋالدىڭ دېسەم شۇ ئاتام ئاشۇنداق كەي دېگەن دەپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرسەم بايا ئايىقىنى تەتۈر كىيىۋاپتۇ، نېمىشقا ئۇنداق كىيىۋالدىڭ دېسەم ئاكام مۇشۇنداق كەيدۈرۈپ قويدى دەيدۇ دەيىتتى. كېيىن 4 ياشلارغا بارغاندا تەتۈر كەيدۈرۈپ قويسام ، ياق تەتۈر بوپقالدى دەپ ئۇنىمايدىغان بوپتۇكىچىك ۋاختىمدا دائىم ئاشۇنداق كىيىدىغىنىم ئىسىمدە
ئۇچىغا پاتمىسا سوڭىنى دەسسەپلا كىيىۋىرەتتىم تەتۈرسىگە ~!
جىيەنىم كىچىكىدە :\" داداڭ ياخشىمۇ ئاپاڭمۇ ؟\" دەپ سورىسا :\" بوۋام ياخشى \" .....دىگەندەك يوقلا بىر گەپلەرنى قىلىپ ئوينىتاتتى بىزنى