مەن ئىشلىگەن فىلىم بېشى
بۇنى قىزىلسۇ تىلۋىزىيە ئىشتانىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىشلەپ بەرگەن .ھازىر ئىشلىتىۋېتىپتۇ.كۆرۇپ پىكىر بەرسەڭلار.
ئىشلەتكەن دىتاللار photoshop,premiere.3dmax
چىقمىسا بۇ يەردىن كۆرۇڭ
http://www.56.com/u51/v_NTUxNDkzNzY.html?1748
رەڭلەر بىر قىسمىلا
بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىغاندا ياخشى چىقماپتۇ . ئەستايىدىلراق بولماپسىز .
مەسلەن : بېشىدىكى دىيارىمىزدا دىگەن خەتنىڭ ئۈنۈمى گەۋدىلىك ئەمەس تاغنىڭ قىرلىرى سىرالاپ قويغاندەكلا چىقىپ قاپتۇ رىئال تاغقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىزدىنىڭ .تاغ دىگەننىڭ ئەگرى -بۈگرىلىرى ، ئوي دۆڭگۈل يەرلىرى بۇلىدۇ پىخسىقلىق قىلماڭ ! ھىچ بولمىغاندا \"گۇمپا \" دىگەن فىلىمنىڭ ئۈنۈمىگە يېقىنلاشسۇن . ھەم بۇ كۆرنۈشتە كامىرا بەك يېقىن بوپ قالغان .
رەڭلەرنىڭ مۇناسىۋتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىڭ !
ئەڭ ئاخرىدىكى دىيارىمىزدا دىگەن خەتكە ھەسەن ھۈسەندك ئۈنۈمنى بەرمىگەن بولسىڭىزمۇ بوپتىكەن . ئاخرىدىكى ئۆيگىمۇ پەقەت ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىمەپسىز .
بېشىدا چىققان تاغ شەكلىدىكى «دىيارىمىزدا» دىگەن خەت غىل پال كۆرۈنۈپلا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. مېنىڭچە، بولىدىكەن. يەنىمۇ ئىزدىنىڭ!مىنىڭچىمۇ سىز رەڭ ئۈنىمگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرسىڭىز بولغىدەك ئاخىرىدا چىقىدىغان ئۆينىڭ بېزىكى بەكلا چېنىپ قاپتۇ .
ئۈچ ئۆلچەملىك سۆرەت لايھىلەشتە رەڭ بىلەن چىراق نۇرىنى تەڭشەشكە بەك ئەھمىيەت بەرمىسىڭىز بولمايدۇ .
كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، ئەگەر مەن بۇ TV نىڭ مەسئولى بولغان بولسام ئەسىرىڭىزنى ئىشلەتمەيتتىم، مەشق ئەسىرىدەك چىقىپ قاپتۇ، يەنىمۇ تىرىشىڭ.چاپاق...
بىرنەچچە يۇز يۇەن بەرگەن نىمىگە ۋولىۋود فىلىملىرىدەك ئۇنۇم قوش دەمسىلەر.بۇنىمۇ بىر يىل بۇرۇن مەشىق قىلغاچ قىلغان. شۇ چاغدىمۇ بۇركۇتنى ئايلاندۇرۇپ ئۇچۇرۇپ بەرگىنىم ئۇلارنىڭ تەلىپىدىن ئاشۇرۇپ قىلىپ بەرگىنىم بولغان،بولمىسا تېخى قۇرۇقلا چىقىرىپ بەر دىگەننىدى.يېقىندىن سەل قول تۇتۇپ قىلغان ئىمارەتلەرنىڭ ئۇنۇم رەسىمىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن.ھەممىڭلارنىڭ تەكلىپىگە رەخمەت،3dmax دېگەندەك يۇمشاق دېتاللارنى after effect دېگەن دېتاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز ..
after effect فىلىم بېشى ئىشلەيدىغان ئەڭ ياخشى دېتال ، توردىن قېلىپ ئىزدەپ پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ .ae فىلىم بېشى قېلىپى دەپ ئىزدىسىڭىز توردا ماتېرىيال جىق ...
aeنى ئىشلىتىمەن ،لىكىن قېلىپ ئىشلەتمەيمەن،يىڭى تىزىملاتقانلارنى كىچىك بالا ئورنىدا كۆرىدىغان ئوخشايسىلەر.قېلىپ ئىزدەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ دىگەن گەپلەر قىززىق.
ئىشلىگەن نەرسىڭىزگە قاراپ سىزنى ھەۋەسكارمىكىن دەپ قاپتىمەن ، قېلىپ ئىشلەتمەيمەن دەپ پوچىلىق ئاتماڭ ، قېلىپ ئىشلەتمەيدىغان بىرەرمۇ ئۇستا يوق ھەۋەسكارلىغىمدا گەپ يوق ،پوچىلىقمۇ قىلغىنم ئەمەس ،ئازراق قېلىپ ئىشلەتسەملا بۇ ماڭا تەئەللۇق بولمىغان نەرسىدەك بىلىنىدۇ.نىمىلا بولمىسۇن ئۇزۇم قىلىمەن. قېلىپ ئىشلەتسەم مەن بۇنىڭدا ئىشلەتكەن ئالبۇملارنىڭ ئۆيلەرنىڭ .بۇركۇتلەرنىڭ مودىللىرى ساماندەك ئىدى.بۇنىڭدىن سۇپەتلىك ئىدى،لىكىن يەنە مودىلىنى يەنە ئۆزۇم قىلدىم.ھەۋەسكارغا گەپ قىلىش ئۇچۇنمۇ ھەۋەسلەندۇرگىدەك بىرسى كىرەك.سويى يوق بورۋايغا ھىچكىم خۇشتار بۇلۇپ قالمىدى.سىزنى خۇشتار بوپقالدى دېمىدىم ، بۇلاردىن ساۋادىم بولمىسا مەنمۇ بۇ يەردە ئاغزىمنى ئۇپرىتىپ يۈرمەيمەن ، قارىسام خېلى ئوبدان تىرىشىپسىز ، لېكىن ئۈستىدىكى يولداشلار دېگەندەك مەسىلىلەر كۆپكەن ، سىزگە بىرمۇبىر سۆزلەپ يۈرگەندىن چەتئەلنىڭ نوچى ئىشلەنگەن فىلىملىرىنى چۈشۈرۈپ تەھلىل قىلىپ ئۆگەنسۇنمىكىن دەپتۇمەن ، بۇنداق تەكلىپ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلالمىسىڭىز سۈپەتلىك ئىشلەڭ ، ماختاشقا بىز تەييار