قانغۇچە كۈلىۋېلىڭ
سىزمۇ كۈلۈپ بېقىڭ
بىمار ياتاقتىن رازى بولماي دوختۇرغا ياتاق ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ .
_ نىمە دەپ ئالماشماقچى بولدىڭىز ، ياتاقدېشىڭىز داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى تۇرسا ؟
_ گېلىڭىزنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ تېخى ئىككى كۈن بولمايلا قانغۇچە كۈلۈپ سىناپ باقسىڭىزلا ئاندىن بىلىسىز ؛
ئاۋارە بولماڭ
بىر باغۋەن قوشنىسىنىڭ ئوغلىنىڭ باغدىكى نەشپۇت دەرخىگە چىقىۋېلىپ نەشپۇت ئۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ نەسىھەت قىپتۇ _ ھەي بالا ، بولدى قايتىپ چۈش ، بولمىسا ، بۇ ئىشىڭنى داداڭغا ئېيتىپ قويىمەن . _ بولدى ئاۋارە بولماڭ ، داداممۇ نەشپۇت ئۈزىۋاتىدۇ !
رۇخسەت سۇراش
بىر ھورۇن باشلىقىنىڭ يېنىغا كېرىپ دەپتۇ
_ بىر كۈنلۈك رۇخسەت بەرگەن بولسىڭىز ، ئۆي كۆچمەكچى ئىدۇق ، ئايالىمغا يارىدەملىشىپ ئۆينى تۈزەشتۈرۈپ بېرەي دېگەندىم .
_ ئەپسۇس ، مەن ساڭا رۇخسەت بېرەلمەيمەن بىرنەچچە مىنۇت ئىلگىرلا خوتۇنۇڭ ماڭا تېلىفۇن قىلىپ ، ساڭا رۇخسەت بەرمەسلىكنى تاپىلىغان .
_ باشلىق ، ئادەم ئالداش سەۋيىڭىز يەنىلا ماڭا يەتمەيدىكەن ، چۈنكى مەن تېخى خوتۇن ئالمىغان .
سۇغۇرتىغا قاتنىشىش
بىر كىشى سۇغۇرتا شىركىتىگە كىرىپ ، ئۆي - مۈلۈك سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ
_ بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ ، بۇ تۈرگە مەسئۇل خادىم بىردەمدىن كېيىنلا كېلىدۇ
_ ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلىسام ، ئۆيۈم كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىدۇ .
ئىككى مەست ، ئوڭ دەسسەپ ، سوڭ دەسسەپ رېلىس يولىغا كىرىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلار رېلىس بويلاپ ، بىرىسى يەنە بىرسىنى يۆلەپ دېگۈدەك مېڭىۋېرىپتۇ. بىر چاغ بولغاندا :
- ئېدىش ، ماۋۇ پەشتاق ئەجەب ئېگىزكىنا ، ھېچبىر ئايىقىغا چىقىپ بولالمايمىزغۇ ؟! ...
- شۇنى دېگىنە، رېشاتكىسىمۇ نېماندا پاكار بۇنىڭ ؟!

ھەي ئاداش ئاسماندىكى ئايمۇ كۈنمۇ ؟
يەنە بىر مەسمۇ تازا قارېۋىتىپ دەپتۇدە:
ۋاي تاڭ جۇما ، مەن بۇ يەرلىك ئەمەس
بىر ئوقۇغۇچى زۇكام بولۇپ قېلىپ مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا كۆرۈنۈپتۇ.دوختۇر تەكشۈرۈپ بولۇپ ئۇنىڭغا دەپتۇ:
- سوقۇر ئۈچىيىڭز ياللۇغلىنىپ قاپتۇ،دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىڭ.
- يەنىمۇ ئىنىكىرەك تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭز.
- سىز نىمە دىمەكچى؟
- سوقۇر ئۈچىيىمنى ئالدىنقى قېتىم زۇكام بولۇپ قالغاندا ئېلۋەتكەنتىڭز!!!!
ئىككى قۇش بىر ئوۋچىنىڭ ئۆزلىرىنى قارىغا ئېلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،بىرسى يەنە بىرسىگە دەپتۇ:
-سەن نەق مەيداننى قوغداپ تۇرغىن،مەن بېرىپ ساقچى چاقىرىپ كېلەي.
بىر مەست يولدا كىتىۋېتىپ بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يېقىلىپ كېتىپتۇ ، ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا بىر ئىت تۇرغىدەك . «ئىتكەنغۇ ! » دەپ قويۇپ يولىغا راۋان بوپتۇ .
بىر دەمدىن كىيىن يەنە بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ قارىسا يەنە ئىتكەنتۇق ، «نىمانداق ئۇزۇن ئىتتۇ بۇ!» دىگۈدەك .
قاينامنىڭ يۇمۇرى يېڭى ھەم يۇمۇردەك ئىكەن.
بىر ئەر خوتۇن ۋېلىسپىت مىنىپ كوچىغا چىقىپتۇ ، ئېرىدىن ئېشىپ كەتكەن خوتۇنى ئېرىنى مازاق قىلىپ :
- سالامەتلىكىڭىز بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىپتۇ ، توي قىلىشتىن ئ.ىلگىلىرى مەن سىزدىن ئېشىپ كېتەلمەيتتىم ،-دەپتۇ
- بۇ سالامەتلىكتىكى مەسىلە ئەمەس ، - دەپتۇ ئېرى پەرۋاسىزلىق بىلەن ، - مەسىلە ھازىر سىزگە يېتىشىۋېلىش خۇشياقمايدۇ.
بىر ئەر ئىگىز بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى رېستۇرانغا كىرىپ تېكىلا بۇيرۇتۇپتۇ، بىر رومكىنى ئىچىپ بولۇپ دەرىزىنىڭ يېنىغا بېرىپلا ئۆزىنى يەرگە ئېتىپتۇ،يېنىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئىككىنچى ئەر ھەيرانلىقتا كۆزلىرى چىقىپ كېتەي دەپ ئولتۇرسا 10 مىنۇتتىن كېيىن ھېلىقى ئۆزىنى ئېتىۋالغان بىرىنچى ئەر ئىشىكتىن كىرىپ كېلىۋاتقۇدەك. قاتتىق ھەيران قالغان ئىككىنچى ئەر بىرىنچى ئەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن \"توۋا، قانداق قىلىپ ھايات قالدىڭىز؟ ھازىرلا 100 قەۋەتنىڭ ئۈستىدىن يەرگە سەكرىگەنغۇ \" دەپ سوراپتۇ. بىرىنچى ئەر ئەلەڭ سەلەڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىۋېتىپ \" راس گەپنى قىلسام مەنمۇ بىلىپ بولالمىدىم، شۇ تېكىلانىڭ ئىشىمىكىن دەيمەن،يەرگە چۈشەي دىگەندە بىر خىل ئاستىلاپ كەتتى سۈرىتىم،شۇنىڭ بىلەن يېنىكلا چۈشىۋالدىم.ئىشەنمىسىڭىز قاراپ تۇرۇڭ ھە\" دىگەچ تېكىلادىن يەنە بىر رۇمكىنى ئىچىۋېتىپ ئۆزىنى دەرىزىدىن يەنە يەرگە تاشلاپتۇ. ھەيران قالغۇچى ئىككىنچى ئەر قاراپ تۇرسا بىرىنچى ئەر يەرگە چۈشەي دىگەندە سۈرئىتى ئاستىلاپ يېنىك پېتى پۇتى يەرگە تەگكەن! شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ سىناپ باقاي دەپ شۇ ماركىلىق تېكىلادىن بىرنى ئىچىپ ئىككىنچى ئەر دەرىزىدىن يەرگە سەكرەپتۇ. لېكىن چۈشەي دىگەندە سۈرئىتى قىلچە ئاستىلىماپتۇ. غالدۇر غۇلدۇر قىلىپ يەرگە چۈشۈپ شۇ ھامان تىنىقىدىن كېتىپتۇ. بىرىنچى ئەر يەنە بىر تېكىلا دەپ بۇيرۇتۇپتىكەن، كۈتكۈچى ئۇنىڭغا ئاچچىقى بىلەن قارىۋېتىپ دەپتۇ \"ئىچىۋالسىڭىز بەك مازلىشىپ كېتىدىكەنسىز خاسىيەتلىك ئادەم\" .
ماۋۇ يۇمۇرنۇ پەقەت چۈشەنمىدىم
مەن تەرجىمە قىلىپ بىرەي:ئۆزىنىڭ خاسىيەتلىك ئادەملىگىنى دىمەستىن ئىچىۋاتقان بىرمىسىنىڭ خاسىيىتىدىن دەپ خەقنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپتۇ...
مەن ئوقۇپ شۇنداق كۈلۈپ كەتكەنتىم،قارىغاندا ئوبدام دەپ بېرەلمەپتىمەن، يەنە بىرنى سىناپ باقاي ئەمىسە:
بىر ئەر ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىگىدىن خوش بوپ كېتىپ ئۆزىگە بىر مېرسىدىس بېنز سېتىۋاپتۇ ۋە يولداش 180 كم دىن ئاشۇرۇپ كېتىۋاتسا تۇيۇقسىز ساقچى ماشىنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، بېنزغا يېتىشىۋېلىشىڭنى بىر كۆرەپ دەپ سۈرئەتنى 250 تىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپتۇ، بىر ۋاقتا قارىسا ساقچى ماشىنىسى يەنىلا قوغلاپ كېلىۋاتقان، مەن چاتاق ئىش قىلدىممۇ نىمە دەپ ئاخىرى ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپتۇ، بىر قاتنناش ساقچى ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ \" بۈگۈن شەنبە. مەن ئىشتىن چۈشۈپ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە بىر زىياپەتكە قاتناشماقچى، شۇڭا قۇلىقىمغا خوش ياققىدەك قىلىپ چۈشەندۈرسەڭ مەن بولدى قىلىۋېتىمەن\"دەپتۇ. بۇ ئەر تۇرۇپ كېتىپ دەپتۇ\" ئكتكەن ھەپتە ئايالىم بىر ساقچى بىلەن قېچىپ كەتكەن، ئەمدى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىلى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن شۇڭا بار سۈرئەت بىلەن قاچقانتىم\". ساقچى كۈلىۋېتىپ بولدى ماڭ دەپتۇ.
ھىچكىم كۈلمەپتۇ،قارىغاندا مەن يۇمۇر سۆزلەشكە ماس كەلمىگۈدەكمەن
2-سى بولۇپ قالىدىكەن
تىكىلا دىگەن ھاراقما
95 %لىك ئىسپىرىتتىن باشقىسى كار قىلماس بولدىغۇ مۇشۇ كۈن ۋە كىچىلەرگە
12- قەۋەتتىكى يارىدى.بايا قارىسام ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ → ﺩﻩﯞﯨﺮ ﯞﻩ ﺑﯩﺰ-->ئۆزىمىزگە نەزەر → باشلىق كەلدىمۇ ؟ دېگگن تېمىدا ساپلا جەنۇپتىكى نامۇۋاپىق يەرلىك سىياسەت ھەققىدىكى قاخشاشلار يېزىلىپتۇ.
ئوقۇۋېتىپ: نېمىشقا جەنۇپتىلا مۇشۇنداق ناتوغرا سىياسەتلەر مەۋجۇت بولىدۇ؟ دېگەن سۇئال كاللامغا كەلدى ۋە ئۆزەمچە مۇنداق جاۋاپ بەردىم:
بەزىلەر جەنۇپنى \" تۆۋەن\" دەيدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىياسەتنىڭ ئېغىر يەرلىرى جەنەپقا چۆكۈۋالامدىكىن.
تىكىلا دىگەن شۇ ئىسپىرتلىق ھاراق، ئېڭگىلىزچىسىنى يېزىپ قويسام پىنيىن يېزىپسىلەر دەپ كەتمىسۇن دەپ