Romantic0122 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 14:53:02

تۈركچە كىتاب - ماتىرىياللار لازىممۇ؟

(  مەزكۇر تېمىنى ۋە مەن تەمىنلىگەن كىتاب  - ماتېرياللارنى  باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشىقا بولمايدۇ)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  مەن ئىزدىنىشنى خېلى زامانلاردىن بىلىمەن ۋە چەتتە تۇرۇپ ئۇستازلارنىڭ يازمىلىرىدىن تەلىم ئېلىۋاتىمەن.  ئىزدىنىشنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى بىلىپلا قايتىدىن يەنە قايتىپ كەلدىم.

ئەمدى نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، يېقىدىن بۇيان  بولۇپمۇ تور دائىرىلىك تاقىلىشتىن بۇيان رايونىمىز ۋە دۆلەتنىڭ ھەيقايسى جايلىرىدىكى دوستلىرىمىزنىڭ چەتئەل تىللىرىغا بولغان قىزىقىشى ھەسسىلەپ ئاشتى.

بۇ جەھەتتە تىلغا ئېلىشا ئەرزىيدىغىنى قېرىنداشلىرىمىز بولۇپمۇ تۈرك تىلىغا يېڭىدىن قىزىقىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى ۋە رايونىمىزدىمۇ تۈركىيە كىنو  - فىلىملىرى تارقىلىشقا باشلاۋاتىدۇ. لېكىن، ئەكسىچە تۈرك تىلى ماتېرياللىرى

ئىنتايىن قىس بولۇۋاتدۇ، يوقلا ھېسابتا(بۇ يەردە ئېيتىلغىنى پەچەت ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۈركچە كىتابنى كۆرسىتىدۇ). شەخسەن مەنمۇ بىز ئاددىي تۈر تىلى ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ جەھەتتىكى ئەمەلىي ماتېرياللارنى

رايونىمىز مەركىزى---------ئۈرۈمچىدىن كۆپ ئىزدىدىم، لېكىن ئىش كۈتكەندەك بولمىدى.  تۈركچە ھەرپلىرى بار بولغان كىتابتىن ئاران تۆتنى تاپالىدىم.  بۇنىڭ ئىچىدە بىر نىمكەش كىتابنى كۆپ ساقلاپ يۇرۇپ خېلى قىممەت باھادا

سېتىۋالدىم.....  كېيىن قايتىپ كېلىپ توردىن ئاختۇرۇش ئارقىلىق بەزى ماتېرياللارنى ناھايتىمۇ تەستە تولۇق نۇسخىلىرى بىلەن چۈشۈرۋالدىم.

مەن تېخى بىرەر بلوگ قۇرمىغاچقا، تور تاقالغان ۋاقىتتا بەزى مۇنبەرلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ بەردىم.  بايا تېخى تۈرك تىلىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تېمنى كۆرۈپ قىلىپ، دوستلاېغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەب

ئەمەس دىگەن خىيال بىلەن بۇ تېمىنى يازدىم. ئۇستازلار ئالدىدا ئەدەبسىزلىك بولۇپ قالغان بولسا ئۆزۈرە .... مەن تېزىملىكنى چىقىرىپ قويدۇم،  دوستلاردا بەلكىم بەزىلىرى بولۇشى مۇمكىن، يوقىنى ماڭا دىسىلا ئەۋەتىپ بېرىمەن.

مەندە ھازىر بار بولغان ئېلىكترونلۇق كىتاب ۋە ماتېرياللارنىڭ تىزىملىكى:

1. قادىر قاۋۇزنىڭ << ھەمراھ >> دىگەىن كىتابى(ئەسلى كىتابتا خاتالىقلار بولغاچقا، تۈزىتىلىپ كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈلدى)

بۇ تۇزىتىلگەن كىتاب ئۈچۈن ئاددىي بىر مۇقاۋا ئىشلەنگەن

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ    396 كىلوبايت

2. تۈركىيەنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان كىتابى Hitit  بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسىم، تولۇق نۇسخىسى (ئەسلى كىتاب ئۈچ قىسىم)

Hitit بىرىنچى قىسىمنى چۈشۈرۈش  376 مېگابايت

Hitit ئىككىنچى قىسىمنى چۈشۈرۈش   530 مېگابايت

بۇ كىتابنىڭ ھەممە يېرى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان.

3. ئىنگىلىزچە  -تۈكچە لۇغەت

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ        1.03 مېگابايت

4. خەنزۇچە  -تۈركچە لۇغەت

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ     5.71 مېگابايت

5. Teach Yourself    بۇ تۈركچە  -ئىنگىلىزچە يېزىلغان، تۈركچە ئۆگىنىش كىتابى

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ          24.8 مېگابايت

6. MTV توققۇز قىسىم،  تۈركچىنى نۆلدىن باشلاپ سۆزلەيدۇ. ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە ئىككى خىل تىلدا.

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ   322 مېگابايت

7. MP3 ئاۋاز ھۆججىتى، توققۇز قىسىم بولۇپ،  بۇ ماتېريال   www.trtuyghur.com تەمىنلىگەن << تۈركچە ئۆگىنەيلى >> دىگەن  پروگراممىنىڭ بىر قىسىم ھۆججەتلىرى.

تىلى: ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە، كېيىن داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.

1-بۆلەكنى چۈشۈرۈش   14.2 مېگابايت

2-بۆلەكنى چۈشۈرۈش   18.2 مېگابايت

3-بۆلەكنى چۈشۈرۈش   14.4 مېگابايت

4-بۆلەكنى چۈشۈرۈش   14.3 مېگابايت

5-بۆلەكنى چۈشۈرۈش   17.8 مېگابايت

6-بۆلەكنى چۈشۈرۈش   14.7 مېگابايت

7-بۆلەكنى چۈشۈرۈش   19.6 مېگابايت

8-بۆلەكنى چۈشۈرۈش   16.0 مېگابايت

9-بۆلەكنى چۈشۈرۈش   15.0 مېگابايت

8. تۈرك تىلى ئېلىپبەسى:

9.  تۈرك يېزىقىنىڭ كونۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرلىشى

```````````````````````````````````````````````````````````````````

بارلىق ھۆججەتلەر  1.26GB كېلىدۇ .  ھۆججەتلەر قۇتيار تور بېكىتىنىڭ مەخسۇس مۇلازىمېتىرىغا قويۇلدى .   بوشلۇقتىن ئۆچۈرۈلمەيدۇ ، خاتىرجەم چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.

ئاخىردا ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن!  كامالىي ئېھتىرام بىلەن  Romantic0122

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 15:21:22

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈرىكچە ئۆگىنىش ماتىرياللىرى باشقا چەتئەل تىلى ئۈچۈن ئۆگەنگەندەك مۇرەككەپ بولۇپ كەتمىسە كېرەك

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 16:13:20

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 16:25:30

بەك كۆپ رەخمەت سىلىگە جۇما، بايا كىيۇ رىمغا ئەۋەتكەن ماتىرىياللارنىڭ ھەممىنى چۈشىرىۋالدىم.
10 كويلۇق تېمامنىڭ پايدىسىنى خېلى كۆردۈمدە بولمىسا

Samira يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 16:26:41

تۇرىكچە-ئۇيغۇرچە لوغەت يوقما كىتابخانىلاردا؟ماڭا بىر مەكتەپدىشىم بۇيرىغان

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 17:44:16

باشقۇرغۇچىلار، ھېچ بولمىغاندا تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى بولسىمۇ بىر تۈزەپ ئاندىن تەستىقلىساڭلاركەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 17:46:57

تۈرك تىلى دېگەن كىتابچۇ راست؟ كىتاب تۈزگۈچىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، مالىيە ئىقتىسات ئىنىستىتۇتى نەشرىياتىدىن نەشر قىلىنغان .

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 18:31:49

ماڭالازىم .

company يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 19:55:45

مەنمۇ دەسلەپتە تۇرۇكچە كىنونى چۇشەنمەي ،ئۇنىڭ ئىنگىلىزچىسنى ئىزدەپ تولىمۇ ئاۋارە بولغان ،لىكىن زادىلا تاپالمىغان ئىدىم .بۇمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بولۇپتىكەن ، ھازىر تۇرۇكچە فىلىمىلەرنى سويىۋىتىمىز . تۇرۇكچە بەكمۇ تەس دىگىدەك ئەمەس ئىكەن . ئازىراق تىرىشساقلا خىلى تىز ئىلگىرلىگىلى بولىدىكەن .

Romantic0122 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 21:14:38

مەندە تۈركچە  - ئۇيغۇرچە لۇغەت بار،  لېكىن ھەقلىق (ئازراق قىممەت)   

Romantic0122 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 21:17:00

مەندە << خېلى بۇرۇنلا نەشىر قىلىنغان<<تۈرك تىلى >> دىگەن كىتاب بار،  لېكىن ھەقسىز ئەمەس.

كىتاب ئاپتۇرى:  رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا

Samira يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 23:08:26

Romantic0122:
مەندە تۈركچە  - ئۇيغۇرچە لۇغەت بار،  لېكىن ھەقلىق (ئازراق قىممەت)   

نەدىن ئالغانتىڭىز؟مەكتەپدىشىم بۇيرۇتقان ماڭا،كىتابخانىلاردىن تاپالامدىم؟

Romantic0122 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 23:53:54

مېنىڭچە رايونىمىز كىتابخانىلىرىدىن تاپالمايسىز،  بەلكىم بېيجىڭدىن تاپالىشىڭىز مۇمكىن...

بەلكىم مەن سىزگە ياردەم قىلالىشىممۇ مۇمكىن....

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 23:59:16

.

Sehra يوللانغان ۋاقتى 2010-9-28 01:07:52

Samira:

Romantic0122:
مەندە تۈركچە  - ئۇيغۇرچە لۇغەت بار،  لېكىن ھەقلىق (ئازراق قىممەت)   

نەدىن ئالغانتىڭىز؟مەكتەپدىشىم بۇيرۇتقان ماڭا،كىتابخانىلاردىن تاپالامدىم؟

قانچە پۇلغا ئالىسىز ؟

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-9-28 21:48:24

تۈركچە، ئۇيغۇرچە  لۇغەت، دەرسلىكلەر بار بولسا، باھاسى قىممەت بولمىسا تۇنۇشلىرىمغا ۋاكالىتەن ئەپقۇيىمەن. قانچە پۇل؟

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-9-29 14:26:31

ئالىمىز پۇلغاچىداپ . قازانىخورلۇق قىلماڭلار لېكىن ھە !

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2010-9-29 14:28:33

Romantic0122:

مېنىڭچە رايونىمىز كىتابخانىلىرىدىن تاپالمايسىز،  بەلكىم بېيجىڭدىن تاپالىشىڭىز مۇمكىن...

بەلكىم مەن سىزگە ياردەم قىلالىشىممۇ مۇمكىن....

ئەمىسە ماڭا ياردىڭىمىزنى ئايىماڭ! مەن بۇ ماتېرىيالغا ئېھتىياجلىق. خالىسىڭىز ئالاقىلىشايلى.

izdinix666 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-29 18:19:26

بەك ياخشى قىپسىز يوللاپ، مەن ئۇچۇر تور بىتىدە ھەقلققىنى كۆرگەن  قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئالالمىغان ئىدىم سىزگە كۆپ رەھمەت ..............

Samira يوللانغان ۋاقتى 2010-9-29 18:23:38

Romantic0122:

مېنىڭچە رايونىمىز كىتابخانىلىرىدىن تاپالمايسىز،  بەلكىم بېيجىڭدىن تاپالىشىڭىز مۇمكىن...

بەلكىم مەن سىزگە ياردەم قىلالىشىممۇ مۇمكىن....

ئەمسە ئالاقىلىشىايلى.

بەت: [1] 2
: تۈركچە كىتاب - ماتىرىياللار لازىممۇ؟