CapsLock يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 19:56:04

تۇرمۇشتا ئۇششاق - چۇششەك ئىشلارغا دىققەت قىلىشمۇ مۇ

1. ئەتىگەندە ئويغانغان ھامان تۇرۇپ كېتىڭ.

2. يۇز -كۆزلەرنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئەينەككە قاراپ 1 منىۇت تۇرۇپ چىرايڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە تەپسىلى دىققەت قىلىڭ ئۆزگىرىش بولسا دەرھال ئاتا -ئانىڭىزدىنمەسلىھەت سوراڭ ياكى دوختۇرغا كۈرنۈڭ.

3. چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ھېچ بولمسا 10-15قېتىم يەر بېغىرلاش ھەركىتى ئىشلەڭ.

4. ئامال بار ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ناشتا قىلىڭ، ناشتا قىلغاچ بۇگۈن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى چوڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭ. ئۇلار سىز ئويلمىغان نوقتىدىن چىقىپ سىزگە مەسلىھەت بېرىدۇ.

5. كالىندارغا قاراپ شۇ كۈندە تۇغۇلغان كۇنىياكى تەبرىكلەشكە تىگىشلىك ئىش بولغان بولغان دوست- بۇرادەر ئۇرۇق- تۇققانلارغا تېل قىلىپ تەبرىكلەپ قۇيۇڭ، بۇ ياخشى ئىش بۇلغاندىن سىرىت ئولارنىڭ خوشاللىقى كەيپىياتىڭىزنى يۇقىرى كۆتىردۇ.

6. ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئەينەككە يەنە بىر قارۋىتىڭ ھەمدە ئوڭ پۇتڭىز بىلەن بىسمللا دەپ چىقىڭ(بۇ ھەممىدىن مۇھىم)

7. ئىشكنى تاقىماي تۇرۇپ يانچۇقڭىزنى تەپسىلى ئاختۇرۇڭ، پورتمال، ئاچقۇچ ۋە مۇھىم ماتېرياللىڭىزنى ئۇنتۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

8. قاتناش ۋاستىڭزنىڭ مۇھىىم يەرلىرنى تەكشۈرۈڭ، مەسلەن چاق، جىيۇ دىگەندەك. يولغا چىققاندىمۇ بىسمىللانى ئۇنۇتماڭ.

9. ئىشقا بارغاندا10مىنۇت بالدۇر بېرىپمەيدىڭىزنى كۈتۈرۈپ يۇقىرى كەيپىيات بىلەن دادىل قەدەم ئېلىپ كىرىڭ، خىزمەتداشلىرىڭىزغا ئاكتىپلىق بىلەن سالام بېرىڭ. خىزمەتداشلىرڭزدىكى ئۆزگۈرۈشنى كۆرگەندە ماختۇغىدەك بولسا چۇقۇم ماختاپ قۇيۇڭ، ھەسەت قىلماڭ.

10. چۇقۇم خىزمەت خاتىرسى تۇتۇپ ئەتىگەندە بۇگۈن قىلماقچى بولغان ئىشلارنى تىزىملاپ چىقىڭ، ھەم ۋاقىت بەلگۈلەڭ.

11. سوخو، چ چ، شۇنداقلا ئىزدىشقا بىر كىرىپ يېڭى تېما خەۋەرلەرنى كۈرۋىتىپ خىزمەتنى باشلاڭ.

12. خىزمەتلىرڭىزنى نەتىنجىلىرنى ۋاقتىدا باشلىقڭىزغا دوكلات قىلىڭ. يىڭى ئوي پىكىر تەپەككۇرلىرڭىنى دوكلات قىلماقچى بولسىڭىز چۇقۇم يازمىچە ماتېريال تاپشۇرۇڭ.

13. باشلىقىڭىز بىلەن مەلۇم ئىشنى بىجىرىشتىن بۇرۇن باشلىقڭىزنىڭ كاتىپى ياكى ئىشخانا جۇرىندىن باشلىقڭىزنىڭ كەيپىياتىنى سورىۋىتىڭ، ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇڭ.

14. ئىشتىن 5-10مىنىۇتقىچە كېچىكىپ چۇشۇڭ، بۇ ۋاقىتتا تور بەتلەرنى يەنە بىر پىقىرۋىتىڭ.

15. ئۇيڭىز يېقىن بولسا چۇشتە ماشنا ھەيدىمەي ئۆيگە قايتىڭ، تاماقنى ئامال بار ئۆيدىن يەڭ، يەپ بولغاندىن كېيىن ئاپىڭىزنى ياكى ئايالىلىڭزنىڭ قۇلىنىڭ تاتلىق ئىكەنلىكى تاماقنىڭ ئوخشىغانلىقىنى دەپ قۇيۇڭ.

16. تاماقتىن كېيىن ئازراق ئوخلىۋىلىڭ، تېلۋۇزۇر كۆرمەڭ، كۆرسىڭىزمۇ ئەتىگەن سىز ئىزدىنىشتىن كۆرگەن خەۋەر چىقىدۇ.

17. يەنە ئىشقا 10 مىنۇت بالدۇر بېرىپ خىزمەت پىلانىڭز بۇيىچە ئىش تۇتۇڭ.

18.ئىشتىن چۇشكەندە بۇگۇن تەبرىكلەشكە تىگىشلىك ئادەملەرنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قۇيۇڭ، ئەگەر ئەتە دەم ئېلىش كۈنى بولسا دوستلار بىلەن يىغىلىشىپ پو ئېتىشقاچ ئولتۇرۇپ قۇيۇڭ، قىزلارغا تېل قېلىپ يۆخۇي پۆخۇيلارغا چىقىپ قۇيۇڭ(بۇيتاقلار).

19. ئىشتىن چۇشۇپ ئۆيگە قايتالمىسڭىز چۇقۇم چوڭلارغا، ئايالىڭزغا تېل قىلىپ قۇيۇڭ، يانفۇنىڭزىنىڭ توكى ئاز بولسا زاپاس ئالاقىلىشىش نۇمۇرى بىلەن تەمنلەڭ(ئايالىڭز بەك كوت كوت بولسا زاپاس نۇمۇرنى تەمنلىمىسڭزمۇ بولىدۇ)

20. ئۆيگە قايتقاندا ئىچۋالغان بولسڭىز ئۆيدە چوڭلار بولسا ئامال بار مەستچىكىتىن يىشىلىپ پۇراقنى يۇقتىدىغان ئامال قىلىپ كىرىڭ. ئامال بار چوڭلار بىللەن بىللە تۇردىغانلار ھاراق ئىچمەڭ، ھاراق ئىچپ ماشنا، موتوسىكىلىت، ۋېلىسپىت ھەيدىمەڭ، پىيادىمۇ ماڭماڭ!

21. ھەرقانداق ۋاقىتتا قەتئى خەجلىمەيمەن دەپ پورتمالنىڭ ئايرىم يېرىگە 20يۇەندىن 50 يۇەنگىچە قەتتىن بولمىغاندا 5 يۇەن تقىپ قۇيۇڭ، ھەم قەتئى خەجلىمەڭ بۇ پۇل ھامان لازىم بولىدۇ(بۇلۇپمۇ ھاراق ئىچىدىغانلار)

22. سەپەرگە چىققاندانىشىانغا يېتىپ بارغىنىڭزنى ، ھەمدە شۇجايدىكى ئادىرسىڭىز، تېل نۇمۇرى، كۈرۈشمەكچى بولغان ئادەملىرىڭزىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلىڭ.

23 . كەچلىىك تاماقنى ئامال ئۆيدىكىلەر بىللەن بىللە ئولتۇرۇپ يىيىشكە ئادەتلىنىڭ، ھەمدە ئۆيڭىزدىكلەرنىڭ خىزمەت ئۆگىنىش ۋە باشقا ئىشلىرىنى سۈرۈشترۇپ قۇيۇڭ ئولارغا كۆيۇندىغىنڭزنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ئىپادىلەڭ.

24. تاماق يەپ بوپ ئايالىڭزغا باللىرڭزغا ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ كىنو كۇرشۇپ بېرىڭ(كورىيە ۋە تۇركىيەنىڭ چاڭتۇ كىنولىرنى كۆرۈرش ھەقىقەتەن زېرىكىشلىك). ئىزدىنىشنى يوقلاپ تېملارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ قۇيۇڭ، تېما يېزىپ قۇيۇڭ.

25. يېتىشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ قۇيۇپ، بۇگۈن قىلغان ئىشلىرىڭز ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ قايسى كام قالدى، قايسىنى توغرا قايسىنى خاتا قىىلدىڭىز تەپسىلي ئويلۇشۇڭ ھەمدە تۇلۇقلاش ۋاقتىنى بەلگىلەپ قايتا ئىجرا قىلىشقا تىرشىڭ.

26. تېلفۇندا تەمبۇر، ساكىس مۇزكىلىرىنى قۇيۇپ ياستۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ يېتىڭ (مۇزىكا شۇندا پەيزى ئاڭلىندۇ)، تېلفۇننى زەرەتلەشنى، ئەتە شەنبە بولسا ۋاراڭ چۇرۇڭ قۇڭغۇرقىنى يوق قىلىشنى ئۇنۇتماڭ بولمىسا ماڭا ئوخشاش يىلدا 4 قېتىم تېل ئالماشتۇرسىز تامغا ئېتىپ.

27.....

28.....

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 20:53:32

مەن ئىشكنى تاقاپ بولۇپلا يېنىمنى سىلايمەن ئاچقۇچۇم بارمۇ يوق دەپ

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 21:19:12

پاھ ، ئىسىل تۇرمۇش تەجىربىسىكەن بۇ ؟capslockھەممىنى مۇشۇ مەسلھەت بويىچە قىلىپ كىلىۋاتامسىز؟ مەنمۇ سىزدىن ئۆگۈنەي!!!!!!!!!!!!!!!!!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 21:40:28

Erzat:
مەن ئىشكنى تاقاپ بولۇپلا يېنىمنى سىلايمەن ئاچقۇچۇم بارمۇ يوق دەپ

مەن سىزدىن سەل ياخشىكەنمەن ، ئىشىكنى يېرىم يېپىپ تۇرۇپ سىلايمەن ، بەزىدە يېپىلىپ كېتىپ قالىدۇ بۇ ئىشىك .

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 21:59:21

سائەتنىڭ سىتىرىلكىسىدەك ياشىغاننىڭ جەسەت بىلەن نىمە پەرقى!؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 22:19:25

ياخشى نەسىھەت ئىكەن.

CapsLock:

16. تاماقتىن كېيىن ئازراق ئوخلىۋىلىڭ، تېلۋۇزۇر كۆرمەڭ، كۆرسىڭىزمۇ ئەتىگەن سىز ئىزدىنىشتىن كۆرگەن خەۋەر چىقىدۇ.

16. تېلېۋېزۇر كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئېلان تولا چىقىپ سىزنى مالال قىلىۋېتىدۇ. . خەۋەر كۆرەي دېسىڭىز ئىزدىنىشتىن كۆرۈڭ.

28- پاكىزلىققا دىققەت قىلىڭ . كۈندە كامىدا بىې قېتىم بەدەننىڭ ئاسان مەينەت بولىدىغان جايلىرىنى يۇيۇپ تۇرۇڭ.

29- چوڭلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە سالام قىلىڭ. ۋىلسىپىتتە بولسىڭىز چۈشۈشنى ئۇنتۇماڭ.

30- باشقىلارغا ياردەم قىلىش، خەيرى-ئىھسان قىلىشنى ئادەت قىلىڭ. روھلۇق ياشايسىز.

31- ئۆزىڭىزدىن كىچىكلەرنى توغرا يولغا يىتەكلەڭ، بىلمەيدىغانلارغا بىلدۈرۈڭ.

32- دوستلىرىڭىزنىڭ توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراقلىرىدابولسىڭىز ئاكتىپ خىزمەتتە بولۇڭ.

33-توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراقلاردا ساھىپخان قاتارىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇۋالماڭ، تۇرسىڭىز ئۆرە تۇرۇڭ،مىھمانلار بىلەنقىزغىن كۆرۈۈشۈڭ.

34- باشقىلار نەسىھەت قىلسا ئەستايىدىل ئاڭلاڭ، زەربە بەرمەڭ. ئۇ بەلكىم سىز بىلمىگەننى بىلىدۇ.

35-توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراقلاردا باشقىلار تاماق يەپ بولمىغان ئەھۋالدا قولىڭىزنى سۈرتمەڭ.

36- دوسقاندىكى ئۈزۈمنى يىسىڭىز بىر دانىدىن ئۈزۈپ يەيدىغان قىلىقنى قىلماڭ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 22:31:05

arginakun:

سائەتنىڭ سىتىرىلكىسىدەك ياشىغاننىڭ جەسەت بىلەن نىمە پەرقى!؟



بۇنى يادىلاپ مانىڭ كەينىدىن مانى قىلىمەن (سائەت بىردىن كىيىن ئىككى بولىدۇ دېگەندەك) دەپ قىلمايسىز ، بەلكى ئۆزىڭىزمۇ شۇنداق قىلۋاتقانلىقىڭىزنى ھىس قىلمايدىغان ھالەتتە تورمۇش ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۋالىسىز .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 22:31:17

37- ئەتە ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بولۇڭ.

38- ئاتا- ئانىڭىز ھايات بولسا خىزمىتىنى قىلىۋېلىڭ. ياخشى يىمەك ئۇچرىسا ئېلىۋېلىڭ. بازاردا يىگەندىن ئۇلار بىلەن بىللە يىسىڭىز بەك مەززىلىك بولىدۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 22:49:03

arginakun:

سائەتنىڭ سىتىرىلكىسىدەك ياشىغاننىڭ جەسەت بىلەن نىمە پەرقى!؟

جىڭ ئارگانۇم ئىكەنسىز. مەن ئاگرانۇم دەپ ئوقۇپتىمەن تېخى.

yvonne يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 23:19:35

ئستايىدىلىللىق ۋە ئىنچىكىلىكبىزگە بىراز يات بولغان ئىسىل سۈپەتلەردۈر، ھەر مىنۇت سېكونتنى پىلان بىلەن ئۆتكۈزەلەيدىغان ئادەملەر ئاددى ئادەملەر ئەمەس!

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-23 12:06:51

39- مودا ئىكەن دەپ ھەررەڭ-سەررەڭ كىيىملەرنى كىيىۋالماڭ.
40- چاچلىرى مايلانغان، پارقىراپ كەتكەنقارا- كۆك سىم كاستۇيۇم كىيگەن ناتونۇش كىشى سالام قىلسا ئىلىك ئېلىڭ، پارىڭىنى ئاڭلاشتىن ئامال قىلىپ قۇتۇلۇڭ، ئالاقە ئۇچۇرىڭىزنى بەرمەڭ.

sezgurboy يوللانغان ۋاقتى 2010-9-23 14:41:32

yolyar:

چاچلىرى مايلانغان، پارقىراپ كەتكەنقارا- كۆك سىم كاستۇيۇم كىيگەن

توغرا گەپ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، دوست-يارانلىرىغا پايدىمۇ قىلمايدىغان، زىيانمۇ قىلمايدىغان ئامۋاي ماللىرىنى زورلاپ سېتىپ پايدا ئېلىشتىن ئۇيالمايدىغانلار باشقىلارنى ئەلبەتتە قويۇدۇ.

بەت: [1]
: تۇرمۇشتا ئۇششاق - چۇششەك ئىشلارغا دىققەت قىلىشمۇ مۇھىم!