yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 11:54:20

ئېلان: VB بىلىملىرى مۇسابىقىسىغا قاتناشقانلار 18 گە ي

ئۈممىدىيە ئەپەندىمنىڭ تورداشلارغا ھەقسىز سۇنغان "Visual Basic 2008دەرسى" نىڭ تۈرتكىسىدە چاقىرىلغان "VB بىلىملىرى مۇسابىقىسى" ئاخىرلىشىقا ئۈچ كۈن قالغان ھازىرقى پەيتتە VB بىلىملىرى مۇسابىقىسىغا قاتناشقانلار 18 گە يەتتى .

مۇسابىقىغا قاتناشقانلار ئىچىدە يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرمۇ، كونىلارمۇ بار. شۇڭا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلما ۋەسەۋىيەسىمۇ ئوخشىمايدۇ.قىزىققۇچى تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىنى، مۇمكىن بولسا تەكلى- پىكىر بىرىشنى قارشى ئالىمىز.

VB چى تورداشلارنى 26- چىسلا ئېلىپ بارىدىغان باھالاشقا تەكلىپ قىلىمىز.

VB بىلىملىرى مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئەسەرلەر نى بېسىپ تىزىملىكنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 12:22:57

بىغەم ئەپەندىممۇ كارىز ئەپەندىگە ياسىغان كىچىك بىر پروگراممىنى ئەۋەتسە بوپتىكەن ئەسلى..

yvonne يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 21:30:18

VB دىسە ئىتالىيەنىڭ شۇ ناملىق ماركىسىنى ئېسىمگە كەلتۈرۈپ ئالدىراپ كۆرۈپتىمەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-24 13:01:44

مۇسابىقە ۋاقتى توشۇشقا بۈگۈننى قوشساق ئىككى كۈن قالدى.
ھازىرغىچە قاتناشقان ئەسەرلەر سانى 21 گە يەتتى
تىزىملىكى http://www.intil.biz/home/forum.php?mod=viewthread&tid=778

بۇ ساھەدە تەجرىبىسى- بىلىمى بار تورداشلارنى باھالاش ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىمىز.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-26 13:08:07

كەڭ بىلىم سۆيەر تورداشلارنى بۇ مۇسابىقە تېمىلىرىنى باھالاشقا تەكلىپ قىلىمىز. شۇنداقلاپروگراممىچى دوستلار ۋە Visual Basic ھەۋەسكارلىرىڭ بۇ باھالاشنى قوللىشىنى ۋە ئىشتىراك قىلىشنى قارشى ئالىمىز.
باھالاشتا بۇ ئۆلچەمنى ئاساس قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

Visual Basicبىلىملىرىھەققىدىكى يازمىلار ( Visual Basic تە مەلۇم قوللىنىشچان يۇمشاق دىتالنى ياساش ۋە ئۇنىڭ دەرسى )

باھالاش 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولىدۇ. 2010- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

باھالاش تېمىسى: http://www.intil.biz/home/thread-1043-1-1.html

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-1 00:29:50

تۇنجى قېتىملىق Visual Basic بىلىمى مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى

تۇنجى Visual Basic بىلىمى مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى

ئىنتىل سەيناسى ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال پروگراممىچىلىقىنى قوللاش، كەڭVisual Basic ھەۋەسكارلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا مەدەت بىرىش ئۈچۈنتۇنجى قېتىملىق « Visual Basic بىلىملىرى مۇسابىقىسى» نى 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى باشلىغان ئىدۇق.
2010- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى «VB مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئەسەرلەرنى باھالاشقا قاتنىشىڭ» دېگەن تېما ئارقىلىق راي سىناش ئېلىپ بېرىلدى.بۈگۈن راي سىناش ۋاقتى توشتى.
مۇسابىقە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:

1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى:
[مۇسابىقە]مەن «دانىشمەن»نى قانداق ياسىدىم؟
سەھىپە:Visual Basic, يوللىغۇچى: Nida , كۆرۈش : 38, ئىنكاس : 7, يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-20
2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى:
[مۇسابىقە] VBدا پىنيىن تاپقۇ ياساش   سەھىپە:Visual Basic, يوللىغۇچى: mars36 , يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-20
3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى:
VB مۇسابىقىسىگە (قوش تىللىق پىروگرامما)سەھىپە:Visual Basic, يوللىغۇچى: ibrat , كۆرۈش : 4, ئىنكاس : 1, يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-
ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى:
مۇسابىقىگە ئەڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، ئەسەر يوللاشقا ئەڭ تىرىشقان ۋە بۇ مۇسابىقە پائالىيىتىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلغان alsuyar
ئۇستاز Bihlanئەپەندىمنىڭ    vbمۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى باھالاش پىكىرىدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئىپادە بىلدۈردى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
ئىنتىل سەيناسىنىڭ قۇرغۇچىسى «ئىنتىل» ئەپەندىمنىڭ بۇ مۇسابىقىنى خالىس ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا، بارلىق ماھىرلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسى بىلەن، كۆپچىلىك ئاخىرىدا باھالاپ چىققان ئالدىنقى ئۈچ ئەزاغا «بىخلان Visual Basic 6.0 ئوقۇتۇش دەرسلىكى (جەمئىي ئىككى قىسىم)» نى مۇكاپات سۈپىتىدە سوۋغا قىلىمەن، شۇنداقلا، مۇسابىقىگە ئەڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، ئەسەر يوللاشقا ئەڭ تىرىشقان ۋە بۇ مۇسابىقە پائالىيىتىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلغان alsuyar ئەپەندىگىمۇ (خالىسا) بىر نۇسخا سوۋغا قىلىمەن.

بىز يۇقارقى تۆت نەپەر توردىشىمىزنىڭ بۇقېتىمقى مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئاۋاز قوشقان بارلىق بىلىم سۆيەر تورداشلارغا كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر ئىيتىمىز شۇنداقلا بارلىق تورداشلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى ئەلدىن ئايىماي تېخىمۇ ياخشى بىلىملەر بىلەن تورداشلارنى تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى پەقەت تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش بولۇپ ھەرگىزمۇ تورداشلارنىڭ بىلىم ۋە ساپاسىنىڭ مۇتلەق باھاسى ھېساپلانمايدۇ. مەيلى مۇكاپاتلانغانلار بولسۇن ۋە مەيلى مۇكاپاتلانمىغانلار بولسۇن ھەممىمىز داۋاملىق تىرىشىدىغانلا بولساق تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتالىشىمىزدا گەپ يوق.
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەربىرىمىز بىر كىشىلىك ھەسسە قوشايلى !

كامالى ئىھتىرام بىلەن :

ئىنتىل سەيناسى

2010- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى

بەت: [1]
: ئېلان: VB بىلىملىرى مۇسابىقىسىغا قاتناشقانلار 18 گە يەتتى