wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 20:17:00

قالما ئۇنتۇپ بىر تۇغقۇنۇم ئۆيۈمنى

بىر قورادا،بىر بۆشۈكتە چوڭ بولدۇق ،
چوڭ بولغۇچە كۆپ ئىشلارنى تەڭ كۆردۇق .
تايچاق مىنىپ ئوينۇدۇق ھەم بىر چاغلار ،
دادام تايچاق بولۇپ بەرسە بىز مىندۇق .

كونا ئىدى ئولتۇرغان ئۆي بەك سوغۇق ،
بىر يوتقاندا ياتقان ئىدۇق ئامال يوق .
ئۇماچقىمۇ زار بولغانتۇق بىر چاغلار ،
باشاقنىمۇ تېرىگەنتۇق ئاش-نان يوق.

ئېسىڭگە ئال شۇ كۈنلەرنى بىر تۇغقان،
يەتكەن ئىدى شۇ كۈنلەردە بىر يوتقان.
تىزساڭمۇ گەر بۈگۈن ئۆيگە ئون يوتقان ،
قونالمايدۇ نىچۈن كېلىپ بىر تۇغقان ؟

پۇل كۆرگەندە سۇسلاشتىمۇ مۇھەببەت ،
ئانام ئىكەن قېرىنداشنى قىلغان جەم .
سەن يوق دەيسەن ،مەن توقلۇقتا ئوينايمەن ،
پۇل سورىساڭ يوق دەپتىمەن مەنمۇ ھەم.

مەن كۆز يۇمسام سەن تاڭىسەن ئېڭەكنى ،
سەندىن ئاياپ نېمە قىلاي ئېشىمنى .
سەن ئۆيۈڭدە زاغرا يېسەڭ پۇل يوق دەپ ،
مەن كولايمەن گۆش يەپ بولۇپ چىشىمنى .

بەخىت كەلسە ئىككىمىزگە تەڭ كەلسۇن ،
تىڭشاپ باققىن يۈرەكتىكى كۈيۈمنى .
نىمە كۆرسەك تەڭ كۆرەيلى ھاياتتا ،
قالما ئۇنتۇپ بىر تۇغقۇنۇم ئۆيۈمنى

ئاكام يازغان شئېر ئىدى ،يوللاپ قويدۇم. شئېرغا يانداشما :ئالدىنقى سەپتتىن پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ جەڭدە قۇربان بولغانلىق خەۋىرى كېلىپ ئوردا ماتەمگە چۆمۈپتۇ ،لىكىن پادىشاھ ئارتۇق غەمناك بولماي ،جەڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپتۇ .
يەنە بىر كۈنلەردىن كىيىن پادىشاھنىڭ  يەنە بىر ئوغلىنىڭ جەڭدە قۇربان  بولغانلىق خەۋىرى كېلىپتۇ ،
بۇ قېتىممۇ پادىشاھ كۆز ياشمۇ قىلماستىن جىددى جەڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپتۇ ..
يەنە بىر كۈنلەردە  ئالدىنقى سەپتىن غەلبە خەۋىرى كەپتۇ يۇ پادىشاھنىڭ ئىنىسىنىڭ جەسسىتىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىنىپتۇ .
ئوردا ئىچىدە ئىنىسىنىڭ جەسسىتىگە ئۆزىنى ئاتقان پادىشاھ دادۇ پەرياتلار چېكىپ قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ .
بۇنىڭدىن ھەيرانۇ-ھەس بولغان ئوردا چوڭلىرى پادىشاھنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئەيمىنىش ئىچىدە سوراپتۇكى؛
-ئې پاسىبانىم ،ئالدىنقى نۆۋەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك پارىلىرى ،ئامراق ئوغوللىرىنىڭ جەسەتلىرى كەلگەنلىرىدە ھەتتا كۆز ياشمۇ قىلىپ قويماستىن :"جاننى ئاللا بەرگەن ،ئاللاھ ئۆزى ئالدى"دەپ سۈكۈت قىلغان ئىدىلا ،مانا ئۆزلىرىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىلىرى ئۈچۈن ھەجەپ پەريات چېكىپ كەتكە ،نېمە ۋەجىدىنكىن دېگىنىدە :
پادىشاھ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ؛
ئې ۋەزرۇ ۋۇزرالىرىم ،ئۆلۈم -ھەسرەت بەرھەق ،لىكىن ئوغلۇم ئۆلسە ئوغلۇمنى تۇغۇپ بېرىدىغان ئايالىم بار ،لىكىن بىر تۇغقۇنۇمنى قايتا تۇغۇپ بېرىدىغان ئانام ئۆلۈپ كەتكەن ئەمەسمۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىر تۇغقان قېرىندىشىمنىڭ ئۆلىمىگە زادى چىدىمىدىم دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .......

ھازىرنىڭ ئۆزىدە شەھرى بورتالادا يوللىنىپ بېقىلدى .

Derwaza يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 18:08:27

ۋاپادارىمنىڭ شېئىرلىرىنى سېغىندۇق.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 21:15:26

ئەيساجووون ، ئاۋۇ ئارلىقتىكى enter> </div><div align=center> </div><div align=center> لارنى تەھرىرلىۋەتسەك بولاپتىكەن...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 21:22:28

قەلەمنى تاشلىغان ،ئىزدىنىش ئېچىلدى ،ئەمدى يازماي بولمايدۇ دە .

بەت: [1]
: قالما ئۇنتۇپ بىر تۇغقۇنۇم ئۆيۈمنى