Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 12:42:58

ھەسەل ھەققىدىكى بۇ تېمىنى ئاۋۋال بىر ئوقۇپ بېقىڭ،a

ھەسەل دېگەننى زاۋۇتتا ئىشلىگىلى بولمىغاندىكىن ھەر يىلى چېچەك پەسلىدە ھەسەل ھەرىلىرىنى يايلىتىپ ھەسەل يېغىدىغان ئىش ئىكەن. ھەسەل ھەرە كۆنىكىگە يېغىلىپ پىشىپ تەييار بولغۇچە يەنە 40 كۈن ۋاقىت ئۆتىدۇ. ھەسەل كۆنەكتە قانچە ئۇزۇن تۇرسا ھەسەل مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بىلەن سۇ مىقدارى ھاۋاغا ئۆرلەپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. كۆنەكتىن ئالدىراپ ئىلىنغان ھەسەل مىقدارى كۆپ، ئۆزى سۈيۇق، خام بولىدۇ. بۇ ھەسەلنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ.
ساپ ھەسەللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاش، ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ھەم ئوزۇقلۇق مىنىرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان، چىرايىنى نۇرلۇق قىلىپ كەيپىياتنى تىتكلەشتۈرىدىغان  بولسىمۇ چېچەك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. داۋاملىق ھەسەل ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.

80خالتا دۇكىنىمىزدا ھەسەل ھەرىسى ئۆزى تەبئىي گۈل-چېچەكلەردەن پىششىقلاپ ئىشلەپ چىققان، ئادەملەرنىڭ <<قولى >> تەگمىگەن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۆنىكىدە ياخشى پىشىپ چىققان ئېسىل ھەسەللەر بار. ھەر ۋاقىت ساغلاملىقىڭىزنى ئاسىراپ، چىرايىڭىزنى نۇرلۇق، روھىڭىزنى تېتىك تۇتۇشنى خالىسىڭىز ئىشەنچلىك ساپ ھەسەللىرىمىزدىن ئىچىپ قويۇڭ! يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.


تۆۋەندە دۇكىنىمىزدىكى ھەسەل تۈرلىرى تونۇشتۇرلىدۇ:

تەبئىي قۇۋۋەت دورىلىق ئۆسۈمۈلك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان ئالىي ھەسەل كۆنەكتە ۋايىغا يېتىپ پىشىپ تەييار بولدى. 3 ئايدىن بىرى بىزگە دورىلىق ئالىي ھەسەل زاكاس قىلىۋاتقان خىرىدارلار بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز!

<div align=center></div>
بۇلتۇر دۇكىنىمىزدا ئۇ ھەسەل پىلانىمىزدىكىدىن 3 ئاي بالدۇر تۈگەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن شۇ ھەسەلنى ئىچىۋاتقانلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئۆزىرىمىزنى بايان قىلغان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەنە شۇ قۇۋۋەت دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرى ئېچىلىش پەيتىگىچە ساقلاشقا توغرا كەلدى. ئۆتكەن يىلى خىرىدارلىرىمىزنىڭ ھەسەلنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىنكى ئىنكاسى تۆۋەندىكىچە بولدى:
1. ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتىنى زور دەرجىدە ياخشىلاپ دىئابىت بىمارلىرىنىڭ قۇۋۋەت ساقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلىقى بولۇپ قالغان.
2. قاننى جانلاندۇرۇپ يۈرەك، مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان يېتىشمەسلىك ۋە شۇ سەۋەبتىن كىلىپ چىققان روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش، زىھنى قۇۋۋىتى چىكىنىپ ئۇنتىغاق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرگە ئالاھىدە ماس كەلگەن.
3. سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى بىمارلىرىدىكى ئومومىي بەدەن ئاجىزلاش-جۈملىدىن بۆرەك، پەي-مۇسكۇللار ھەم مېڭىنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مەنى تېز كېتىش، سۈيدۈك تامچىلاش، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بىمارلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلىقى بولۇپ قالغان.
4. ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالما خىزمىتىنى ياخشىلاپ تۇخۇمدان، بالياتقۇنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، يۈرەك-مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، كەم ماغدۇرلۇق، ئادەت-قالايمىقان بولۇش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بەرگەن .
5.ئۆپكە تىبېركوليۇز ، زېققە، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىكى دەم سىقىلىش، يۆتەل، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلاردا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ بەلغەمنى تازىلاپ ئەزالار خىزمىتىنى ياخشىلىغان.

ئۆز سۆزىمىز:
ھەسەل ھەرىنى يايلىتىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن كۆرە ئەمەلىي تەجىربىمىزگە قارىغاندا بۇ ھەسەل: ئومومىي بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغان كىشىلەر: دىئابىت كېسەللىرى، بۆرەك، نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىش،  ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىشتىن بولغان ئادەت مىقدارى ئازلاپ كېتىش، قەۋزىيەت، چىرايى نۇرسىز بولۇش قاتارلىقلار؛ زېققە قاتارلىق نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار؛ مېڭە ئاجىزلىقتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتىغاقلىق قاتارلىقلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئېسىل ئوزۇقلۇق بولالايدۇ. جۈملىدىن تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر كىشىلەرنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇق بولالايدۇ.

100% ساپ جىگدە چېچىگى ھەسىلى؛ بىر قانچە يىللىق ئەمەلىي تەجىربىمىزدىن قارىغاندا جېگدە چېچىگى ھەسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەت تەركىبى يۇقۇرى بولۇپ ئاساسلىقى بۆرەك، ئاشقازان، بالياتقۇ سوۋۇپ كېتىشتىن بولغان ئاجىزلىقلار، نېرۋا ئاجىزلىقى ، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ. (بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ)
بادام-ئالما چېچىگى ئارلاشما ھەسىلى؛ يۈرەك، مېڭىگە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىق، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئاشقازان- ئۆپكە ، جىگەر خىزمىتى ئاجىزلاشقان، قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولغان چىرايى نۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئېسىل ئوزۇقلىقى بولىدۇ. (بالىلاردىكى يۆتەل، ئىشتىھاسىزلىق ئۈچۈنمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ)

باشقا چېچەك ھەسىلى ئارىلاشمىغان ئالىي دەرىجىلىق يانتاق چېچىگى ھەسىلى، ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى: ئاشقازان -ئۈچەيدىكى يەللەرنى تارقىتىش، زەھەر تازىلاش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، گېمىروي(بوۋاسىر) غا مەنپەئەت قىلىش، چىراينى سۈزۈش، ئىچكى ئاجرالمىلار توسۇلۇش سەۋەبلىك ھەيز ئاغرىتىپ كىلىش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ.

چۈچۈكبۇيا ھەسىلى، شىپالىق خۇسۇسىيىتى: ئاساسلىق ئۆپكە-نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىن زېققە، كاناي ياللۇقى، ئۆپكە تېبوركوليۇز، ئۆپكە ياللۇقى قاتارلىقلاردىكى دەم سېقىلىش، يۆتىلىش، بەلغەم راۋان بولماسلىق قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىستا كۆپ مەنپەئەتلىكتۇر. ئۇندىن باشقا تولا زۇكام بولىدىغان، بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلاشقان قېرى-ياش ، ئەر-ئايال ھەم كىچىك باللانىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.

دۇكىنىمىزدىكى باشقا ھەسەل تۈرلىرى ھەم مەھسۇلاتلار بىلەن تونۇشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىسقا مەرھەمەت قىلىڭ!:

http://www.80halta.com


80خالتا كېرەك چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى
مەنزىلىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا. ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپتىكى يان ئىشىكى ئۇدۇلىدا.


تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787  ، 15309982787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 12:53:44

بۇرۇن زاكاس  قىلماي ھازىر زاكاس قىلساقمۇ بولامدۇ يا ؟

owchi99 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 12:59:36

مۈشۈكۋاي،ھەقسىز ئېلان ئورنى قىلۋالدىڭمۇ  نېمە بۇ مۇنبەرنى؟

ئەقلىڭ باردە سېنىڭ...

lenovo يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 13:11:24

ھاراقتىن كېيىن ھەسەل ئىچسە كۆڭلى ئېلىشمايدۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 13:16:53

يېڭىچە ئېلان ئىكەن دە؟

سۇئال: ھەسەل ھەرىسى بار جايغا شىكەر قىيامىنى قويۇپ قويسا ھەسەل ھەرىسى قىيامدىن شىرنە يىغامدۇ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 13:17:49

koklam29:

بۇرۇن زاكاس  قىلماي ھازىر زاكاس قىلساقمۇ بولامدۇ يا ؟

ئالىي دەرىجىلىك يانتاق چېچىگى ھەسىلى بىلەن چۈچۈكبۇيا ھەسىلى ئاز قالدى. سىز مەسلەھەتلىشىپ بولغۇچە تۈگەپ كىتىشى مومكىن. قالغانلىرى خىلى بار. زاكاس قىلسىڭىز يەتكۈزۈپ بىرىمىز.

ھەممىسى 1.دەرىجىلىك ئىشەنچلىك ھەسەللەر. ئەگەر يېراقتىن زاكاس قىلغۇچىلار ھەسەلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ھەسەلدە سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە قايتۇرۋەتسە بولىدۇ. كىرا بىلەن قوشۇپ پۇلى قايتۇرىلىدۇ.

________________ 80خالتا دۇكىنىدىن - بىرزات

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 13:21:12

yolyar:

يېڭىچە ئېلان ئىكەن دە؟

سۇئال: ھەسەل ھەرىسى بار جايغا شىكەر قىيامىنى قويۇپ قويسا ھەسەل ھەرىسى قىيامدىن شىرنە يىغامدۇ؟

ئادەتتە قىشنىڭ كۈنلىرى ھەسەل ھەرىلىرىنى ئۆزىنىڭ ھەسىلىدە باقىدۇ. لىكىن ھازىر بۇنداق قىلسا تەنەرق كۆتۈرمەيدىغان بولغاچقا كۆپۈنچە ھەرە باققۇچىلار قىش كۈنلىرى ھەرىلىرىنى شىكەر قىيامى بىلەن باقىدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا ھەسەل ھەرىسىنى شىكەر قىيامى بىلەن بىقىپ <<ھەسەل>> ئالغىلى بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھەرە كۆنىكىدىن ئىلىپ كەلگەن ھەسەلمۇ ياخشى چىقمىدى دېگىننى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

wasdnoasdw يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 13:50:13

ئەمىلىيەتتە ياخشى ھەسەل قويۇقراق كىلىدۇ . توڭلاتقان قوي يېقىدەك قويۇق ئەمما دانچىلىرىنى  پەرق ئەتكىلى بۇلىدىغان بىر خىل ھەسەل بار  ئاقۇشراق كەلگەن  ئاشۇ خىلدىكى ھەسەل مېنىڭچە خېلىلا ساپ .  ئۇسۇپ بولغۇچە  سۇمېيىدەك ساقىپ بۇلدىغان ھەسەللەر ئىشەچنىلىك نىسبىتى تۆۋەن

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 14:12:48

ھەكىم بۇرادەر ،  مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ، ھەرقانداق ئېسىل ، ساپ ھەسەلنى شۇ پېتىلا يىسەم مەيدەم ئېچىشىدۇ ، كۆپرەك يىسەم ئاشقازىنىم كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ ، بەزىدە ياڭاقمۇ شۇنداق تەسىر بېرىدۇ ،  تاماقتىن بۇرۇن ئالما  ، شاپتۇل ، نەشپۈت مۇشۇ ئۈچ مىۋىنى يىسەم ئاشقازىنىم تولغىشىپ ئاغرىپ بىئارام بولىمەن ،دوختۇر ئاشقازان يارىسى باركەن دەيدۇ ،  مۇشۇ ئىشلارغا قارىتا نەق دورىلىرىنى تەقلەپ قويسىلا ، ئاندىن ماڭا  يەنى 15199425965 غا بىر تېلفۇن قىلۋەتسىلە ، ئاكام قەشقەردە ئىدى ، قايتاشىدا ئالغاچ كەلسە ،  بولاما؟

Samira يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 14:17:02

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

سۇنۇققا پايدا قىلىدىغان قانداق رىتسىپلىرى بار؟دورىلار بارمۇ يا ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 14:39:55

jewlan:

ھەكىم بۇرادەر ،  مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ، ھەرقانداق ئېسىل ، ساپ ھەسەلنى شۇ پېتىلا يىسەم مەيدەم ئېچىشىدۇ ، كۆپرەك يىسەم ئاشقازىنىم كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ ، بەزىدە ياڭاقمۇ شۇنداق تەسىر بېرىدۇ ،  تاماقتىن بۇرۇن ئالما  ، شاپتۇل ، نەشپۈت مۇشۇ ئۈچ مىۋىنى يىسەم ئاشقازىنىم تولغىشىپ ئاغرىپ بىئارام بولىمەن ،دوختۇر ئاشقازان يارىسى باركەن دەيدۇ ،  مۇشۇ ئىشلارغا قارىتا نەق دورىلىرىنى تەقلەپ قويسىلا ، ئاندىن ماڭا  يەنى 15199425965 غا بىر تېلفۇن قىلۋەتسىلە ، ئاكام قەشقەردە ئىدى ، قايتاشىدا ئالغاچ كەلسە ،  بولاما؟

ئاشقازان يارىسىنىڭ نەق دورىسى يوق ھازىر. 4-5 كۈن ئىچىدە تەييار بولاتتى. ئەگەر ئاكىلىرى شۇ ۋاقىتقىچە قەشقەردە بولۇپ قالسا ئالغاچ كەتسۇن، تەييار قىلىپ قوياي. بولمىسا مەن ئەۋەتىپ بىرەي. ئاتايىن دورامنى يېگەندىكىن ئۈنۈمىنى كۆرگىدەك بىر ئىش قىلايلى.

ئۇنىڭغىچە تۆۋەندىكى تېمىنى كۆرگەچ تۇرسىلا!! : ئاشقازانغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراشTake Care of Your Stomach

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 15:01:33

Samira:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

سۇنۇققا پايدا قىلىدىغان قانداق رىتسىپلىرى بار؟دورىلار بارمۇ يا ؟

سۇنۇقنى تېز تۇتقۇزۇشقا كىتابلاردا مومىيانى تەۋسىيە قىپتۇ. مەنمۇ باشقىلاردىن بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. لىكىن بازاردىن بۇنىڭ ھەقىقى ئىشەنچلىكىنى تاپماق تەس ئىكەن. مومىيا يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە بەزى تاغلارنىڭ يېرىقلىرىدىن  سىزىپ ئېقىپ چىقىپ قىتىشىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدىغان بىر خىل جىسىم ئىكەن. ئۇ ئىلگىركى ھەم ھازىرقى ۋاقىتتا جەسەتنى چىرىشتىن ساقلاش ھەم قاتۇرۇش ئۈچۈن ئەتىۋارلىق، كەم تېپىلىدىغان موھىم دورا ھېسابلىنىدىكەن.  ئىلگىركى ۋاقىتلاردا موميانى ئىزدەشتە ئوۋچىلار بىرەر كىيىك، بۇغا دېگەندەك ھايۋانغا قاپقان قۇرۇپ ئۇنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۋېتىدىكەن. ئاندىن ئۇنى قويۇپ بىرىپ ئارقىسىغا چۈشۈدىكەن. پۇتى سۇنغان جانىۋار پۇتىنى سۆرىگەن پېتى تاغ قاپتاللىرىغا بىرىپ مومىيانى ئىزدەپ تاپىدىكەن دە ئۇنى يالاپ بىر ئاز يەۋالىدىكەن. ئارقىسىدىن پايلاپ يۈرگەن كىشىلەر مومىيانى مۇشۇنداق تاپار ئىكەنمىش ھەم ئۇنىڭ ھەقىقى مومىيا ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلار ئىكەنمىش.  بۇنى سۇنۇق ئۈچۈن بىر ئىستاكان سۈت بىلەن بۇغداي چوڭلۇقىدا ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدىكەن.

ئۇندىن باشقا سۇنۇقنى بالدۇر تۇتقۇزۇشقا تۇخۇم شاكىلىنى تازىلاپ يۇمشاق ئىزىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.

سۈت، سۆڭەك شورپىسى، ھەسەل، ئەركىن يايلاپ دانلايدىغان توخو تۇخۇمى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلسا بولىدۇ.

تېبابەت دورىلىرىدىن ماددىتىل ھاياتنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەننىڭمۇ پايدىسى ياخشى.

Samira يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 15:23:02

رەھمەت ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،

خاپا بولماي سۇنۇققا نىمىلەر زىيان قىلىىدۇ شۇنىمۇ دەپ بىرەملا؟ئۆيدىكىلەر سۇت سوغۇق يەل دەپ سۇت ئىچكۇزمەيدۇ .

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 16:18:33

قايناقسۇغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچسە ياخشىمۇ ياكى شۇ پېتى ئۆزىنىلا ئىچسە ياخشىمۇ؟

karluk2009 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 16:50:49

بازالاردا قارا ھەرە ھەسىلى،ئاق ھەسەل دېگەن غەلىتە ھەسەللەر پەيدا بولۇپ قالدى،ئاڭلىسام ئۇچىغا چىققان ئالدامچىلىق ئىكەن،ھەزرىتىم بىر تەلىم بېرىپ باقسا بولۇپتىكەن....

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 17:14:51

ھەسەلنىڭ دىئابىت كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، دېگەننى خېلى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ تا ھازىرغىچە ئىشلىتىشكە پېتىنىپ باقماپتىمەن.دىئابىت كېسىلىگە  ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە دېققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سوراپ باقسام بولارمۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 20:24:34

مەن ئىككى- ئۈچ ئىش ئۈچۈن ھەسەل ئىشلىتىمەن:

1. داۋاملىق قېرىماي تۇرۇش ئۈچۈن؛

2. قاتتىق ئەقىلىي ياكى جىسىمانىي ئەمگەكنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن؛

3. تېرەمنى ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن..

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 23:04:51

سۇنۇققا زىيانلىقى: قېتىق

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 07:56:54

Samira:

رەھمەت ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،

خاپا بولماي سۇنۇققا نىمىلەر زىيان قىلىىدۇ شۇنىمۇ دەپ بىرەملا؟ئۆيدىكىلەر سۇت سوغۇق يەل دەپ سۇت ئىچكۇزمەيدۇ .

سۇنۇقنىڭ تۇتۇشىغا يامان تەسىر بىرىدىغان يېمەكلىكلەر: قېتىق، ھۆل مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، لەڭپۇڭ-راڭپىزا دېگەندەك سوغۇقلۇقلار ھەمدە قەھۋە، كولا دېگەندەك كالتىسىينى خورىتىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 09:13:52

afifiya:
قايناقسۇغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچسە ياخشىمۇ ياكى شۇ پېتى ئۆزىنىلا ئىچسە ياخشىمۇ؟

يۇمشاق نانغا مىلەپ شۇ پېتى يېسىلىمۇ بولىدۇ. قايناق سۇنى سوۋۇتۇپ ئىرىتىپ ئۇسسۇلۇققا ئىچىپ بەرسىلىمۇ بولىدۇ. ئەگەر قەۋزىيەت بولسا، قان تومۇر كېسەللىكىگە گېرىپتار بولغان بولسا ھەسەلنى ئەڭ ياخشىسى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇدا ئىرىتىپ ئەتتىگىنى ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى.

ھەسەل ئۈستىگە يۇقۇرى تېمپراتۇرىدىكى قايناقسۇ قۇيۇپ ئىرىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداق قىلغاندا ھەسەل تەركىۋىدىكى نازۇك ئىلمىنتلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ دە، ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

بەت: [1] 2
: ھەسەل ھەققىدىكى بۇ تېمىنى ئاۋۋال بىر ئوقۇپ بېقىڭ، يارىماي قال