islamhuja يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 22:09:42

يۇمۇرلار

ئۆتۈشمە كۆۋرۇك ئاستىدا بىر تىلەمچى بار ئىكەن،بىر كۈنى ئۇتۇپ كېتىۋاتقان بىرەيلەن تىلەمچىنىڭ ئالدىغا قارىسا ئىكى قاچا تۇرغۇدەك.ھېلىقى ئادەم تىلەمچىدىن ئادەتتە سىنىڭ ئالدىڭدا بىر چىنە تۇراتتى بۈگۈن ئىككى بولۇپ قاپتىغۇ دەپ سوراپتۇ. تىلەمچى: يېقىدىن بىرى تىجارەت ياخشى بولغاچ تارماق شىركەتتىن بىرنى قۇرىۋالدىم دىگۈدەك.

بىر جۈپ يېڭى توي قىلغان ئەر خوتۇن شىرىن ئايدىن قايتىپ كېلىپ پويىزدىن چۈشۈۋاتقاندا ئايالى«قەدىرلىكىم بىز توي قىلغىلى ئۇزۇن بولغان ئەر خوتۇنلاردەك مېڭىپ باقايلى باشقىلار ھەۋەس قىلىپ قالسۇن»دەپتۇ. يولدىشى «چاتاق يوق،چاماداننى كۆتەر دە ئارقامدىن ماڭ»دېگۈدەك.

ئىككى يېشىل پاقا ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر قىسقۇچ پاقا تۇغۈلۇپتۇ. ئەركەك پاقا غەزەپلەنگەن ھالدا«خىيانەتكار خوتۇن،بۇ قانداق ئىش؟»دەپ سوراپتۇ. چىشى يېشىل پاقا «دادىسى،سىز بىلەن تۇنۇشۇشتىن بۇرۇن مەن ھۆسۈن تۈزىتىش ئوپراتىسىيىسى قىلدۇرغان»دەپتۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ.

بىر دېھقان ئىشىكىنى يېتىلەپ شەھەرگە كىرىپتۇ.ئىشەك قىزىل چىراغقا قارىماي مېڭىۋېرىپ ساقچى 10يۈەن جەرىمانە قويۇپتۇ.دېھقان ئىشەككە «سەن ئۆزەڭنى ساقچى ماشىنىسى چاغلاپ قالغانمىدىڭ،خالىغانچە قىزىل چىراغنى بېسىپ ماڭسا بولىۋېرىدىغان» دەپتۇ. ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا ئىشەك بىر مىۋە يايمىسىنى ئۆرىۋېتىپ 20يۇەن تۆلەپتۇ.دېھقان ئاچچىقلىنىپ«ئۆزەڭنى شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئادىمى چاغلاپ قالغانمىدىڭ نېمىنى ئۆرىگىڭ كەلسە شۇنى ئۆرۈيدىغان»دەپتۇ. دېھقان يەنە ئېشەكنى يىتىلەپ كېتىۋېتىپ ئىشىەك يولدىكى چىملارنى يەپ قويغاچ 30يۇەن جەرىمانە تۆلەپتۇ.دېھقان ئاچچىقلىنىپ«سەن ئۆزەڭنى تۆۋەنگە چۈشكەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى چاغلاپ قالغانمىدىڭ،نەگە بارسا شۇ يەردە خالىغانچە يەيدىغان»دەپتۇ ۋە ئىشەكنى سۇغارغىلى ئاپارسە ئىشەك  سۇ ئىچكىلى ئۇنىماپتۇ.دېھقان كايىپ«ئۆزەڭنى سۆلەتۋاز بايۋەچچە چاغلاپ قالغانمىدىڭ،قىزلار ھەمرا بولمىسا ئىچمەيدىغان»دەپتۇ.ئىشەك قېچىپ بېرىپ بىر بېلىقچىنىڭ تورىنى يىرتىۋېتىپتۇ.دېھقان 500يۇەن تۆلەپتۇ.ھەمدە يىغلامسىراپ تۇرۇپ«سەن بۇ يەرنى جۇڭگۇ تېلگىرافى چاغلاپ قالدىڭمۇ تورغا چىقسا شۇنچە كۆپ پۇل تۆلەيدىغان»دەپتۇ.

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 12:05:07

ئىزدىنىشتا يۇمۇر ئوقۇپ كۈلىدىغانلاردىن ئىنكاس ئوقۇپ كۈلىدىغانلار كۆپمىكىن دەيمە ..................... ئىنكاسنى ئاھاڭى بىلەن يازىدىغانلا باچۇ مەيەدە .......

hankeliq يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 12:45:53

ئەتتىگەندە تازا بىر كۈلىۋالدىم.  ھارمىغايسىز.  بولسا يەنە يوللاپ تۇرۇڭ

دەپ ئىنكاس يازىدىغانلار يوق جۇمۇ ئىزدىنىشتا

بەت: [1]
: يۇمۇرلار