Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 21:40:53

ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى يىغىننى قانداق ئاچىدۇ ؟

تۈركىيەدە  

مېكسىكىدا

كورىيەدە

ئوكرائىنادا


روسىيەدە

ئىتالىيىدە

ھىندىستاندا

ياپونىيەدە






جوڭگودا

bardam يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 18:24:54

ئا ئۇخلاۋاتقانلار ئۆزى چالا ئاڭلىغان يول-يورۇقلارنى ئجرا قىلىدىغاندا ئەجەپ جۇشقۇن دىسە؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 18:51:35

ما تىما راستلا  ئادەم كۈلدۈرىدىغان تېما ئىكەن ، سىرتتىكىلەر مېنى زاڭلىق قىلمىسۇن دەپ تام تەرەپكە  قاراپ  تازا  چىجاراپتىمەن

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 22:05:08

بىر كۈن كۈلمەپتىكەنمەن ئىشنىڭ جىقلىقىدا ، ماۋۇ ئەڭ ئاخىرقى رەسىم كۈلدۈرۋەتتى ...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 22:08:36

ئو يو بەك تەپسىلى بوپتۇ.ئۇرۇشمىغىچە تېپىشماس دىگەن گەپ بار شۇنداق ئۇرۇش تالاشلار بولغاندا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 22:12:27

ئاۋۇ ئەڭ ئاستىدىكى بىزنىڭ ئىداردىكى چوڭ يىغىندىن بىر كۆرۈنۈشكەن.

باشلىقلار يىغىننى ئېچىپ بۇلۇپ - يولداشلار ئەمدى ئويغىنىڭلار سىلەر ئۇخلاۋاتقىلى بىر سائەت بولدى، ئەتىدىكى ۋەزىپىنى چۇقۇم ۋاقتىدا ئۇرۇنلىمىساڭلار، بىر ئايلىق 津贴 رىڭلار تۇتۇلدۇ  دەپ قۇيۇپ چىقىپ كىتەتتى. كىيىن ھەممىسى ئەتە قىلدىغان نىمە ئىشلار بار بولغىيتى دەپ بىر بىرسىدىن سورىشىپ يەنە شۇ باشلىقنىڭ قېشىغا قايتا چىقاتتى. تېخى ئۆزىچە بۇ دىگەن جۇڭگوچىلىق دەپ قۇيىدۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 22:55:22

ئارىلاپ تېلىۋىزور كۆرۈپ قالىمەن.بەزىدە مۇشۇنداق يىغىن ئېچىۋاتقان يېرىگە توغرا كىلىپ قالىدۇ.

ياش سويما گۇيدىن بىرسى چىقىپ پالانچى باشلىقنى،پالانچى مىنىستىرنى،باش ۋەزىرنى سۇئالغا جاۋاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن دەپ چاقىرىپ ئەچىقىپ پالانى ۋاقىتتا مۇنداق ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ،قانداق بولدى،ھەل قىلالمىساڭ ئورنۇڭنى بوشىتىشىڭ كېرەكلىكىنى بىلىدىغانسەن ھە دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپ ئادەم چالىدۇ.

چاقىرىلغان باشلىق قىزىرىپ تاتىرىپ شۇنداق بىچارە بولۇپ قالىدىكىن،ھەي...........مەن بولۇپ قالغان بولسام،نەق مەيداندا بىر ياسىۋېتىپ ئالە ئەمىلىڭنى دەپ تاشلاپ بېرەتتىم دەپ قالىمەن.

باشلىق بولىدىغان ئىش بولسا جۇڭگودىلا بولسا بولىدىكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 23:04:01

باشتىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ كېلىۋېتىپ ئاخىردىكىسىگە يولۇقۇپلا كۈلۈپ تاشلاپتىمەن ، ئۇيقۇم كېلىپ تۇرىتى ، ئۇيقۇنىمى ئېچىۋەتتى ماۋۇ رەسىم

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 05:26:40

ياشاڭ .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 09:48:41

جۇڭگۇدا باشلىق بولماقمۇ ئاسان ئەمەس، يىغىنلاردا ئالدىدىكى ماتىرىيالغا قاراپ تىنماي ئىككى سائەتكە يېقىن سۆزلەيدۇ، ئەگەر مەن بولسام بەش مىنۇتتىلا كارنىتىم قۇرۇپ ئۈنۈم پۈتۈپ خىرقىراپ قالىمەن.

sezgurboy يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 09:59:08

بۇ كەم قاپتۇ

ئىزدىنىش

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 13:57:04

ھاھاھا،،،،،يەنە قانداق ئۇرۇش -تالاشلىق پارلامىنت يىغىنى چىقىدىكىن دەپ شۇنداق دېققەت بىلەن كۆرۈپ كېلىۋاتسام.....ئەڭ ئاخىرقى رەسىم!!

چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كۈلىۋەتكەندەكلا تېڭىرقاپ قالدىم .

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 17:07:20

رەسىمگە كۈلمەي جەۋلاننىڭ ئىنكاسىنى كۈرۈپ ئاندىن كۈلۈپتىمەن

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 20:07:12

Ferrari يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 14:21:56

ھا ھا ھا............  خەلقارا نىڭ  باشلىقلىرى بەك لۇكچەكمۇ ، قانداق  ........؟

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 16:39:56

يىغىندا مۇش-پەشۋا ئېتىشقىنى، چوڭ مەسىللەردە ھەممىسى ئۈزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالىغىنى................ ئۇخلاۋاتقانلار قول كۈتۈرۈپ ماقۇللاش ۋاقتى كەلگۈچە ئارام ئېلۋاتقانلىرى.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 21:37:35

ئادەمنى شۇنداق كۈلدۈرگەن بارمۇ،!!!؟

ئاۋۇ ياپۇنيىلىكلەرمۇ يامانكەن..بىر ئايالنى تالىشىپ،....

hazang يوللانغان ۋاقتى 2010-9-29 10:14:15

  بىزنىڭ چىرايىلىق يوغان قورساقلار، ئېچىلىۋاتقان يىغىننىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاندىكىن، مۇناسىۋىتى بولسىمۇ يىغىندا قىلىغان بارلىق سۆزلەر يىغىندىن كېيىن قايتا تارقىتىلغاندىكىن، ئاخشىمى ئېچىپ مەس بولۇپ، ئۇيقۇسىغا تۈزۈك قانمىغاندىكىن، يىغنىدا ئۇخلىماقتىن باشقا ئامالى يوقتە، بىراق بىچارىلەر ئۇخلاۋاتقاندا باشلىقى چۈشىگە كىرىپ ئەندىكىپ ئويغىنىپ كەتسە، ياكى سەھنىدىكى ئەرباپ ئۇلارنى ئۇخلىماڭلار دەپ توۋلىسا يۈزلىرى قىزىرىپ، خىجىل بولۇپ كېتەر!!!!

karguli612 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-29 10:33:28

ئاۋۇ كورىيەلىكنىڭ يالغان چېچى ئاسماندا ئۇچۇپ يۇرىيدۇ،مۇشۇنىڭغا تازا كۇلۇپتىمەن.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2010-10-7 22:04:24

arginakun:

ئادەمنى شۇنداق كۈلدۈرگەن بارمۇ،!!!؟

ئاۋۇ ياپۇنيىلىكلەرمۇ يامانكەن..بىر ئايالنى تالىشىپ،....


ئۇ ئايالنى ھىچكىم تالاشمىدى ، ئۇ ئايال ئۆز پارتىيەسىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن خەق بىلەن مۇشتلىشىۋاتىدۇ
بەت: [1]
: ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى يىغىننى قانداق ئاچىدۇ ؟