wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 19:59:19

«بىر سوم مېھرىبانلىقى»نىڭ 4-يىللىق خۇلاسىسى -بىلدۈرگۈa

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ بارلىق ئىش-ئىزلىرىنى ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە توردا قاتناشقۇچى ئەزىزلەرگە ۋە شۇ قاتارى بارلىق تور ئەھلىگە خۇلاسە قىلىپ يېزىپ كەلگەنگە 3يىل بولغان ،2009-يىلى12-ئاينىڭ 31-كۈنى  يازغان خۇلاسىنى شارائىت بولمىغىنى ئۈچۈن دەپتىرىمگە يېزىپ يىراقتىكىلەرگە كۆرسىتىشكە نىىسپ بولمىغان ،بۈگۈن شۇ 4-يىللىق خۇلاسىنى تور ئەھلىگە سۇندۇم . مۇشۇ پەيىتتە بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق پائالىيىتگە قاتناشقان بارلىق مېھرىبان تورداشلاردا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!
  
2009-يىلى جەمىئىي يىغىلغان پۇل :  5540.64سوم

2008-يىلىدىن قالغان پۇل :11734.1سوم (2008-يىل ئاخىرى
كۆلتىگىن ئاكىمىز "بىن لادىن تۇتۇلدى "دەپ تېما يېزىپ جىق بالىلارنى "قاپقان"غا چۈشۈرگەندە چۈشكەن پۇللار بۇ )
جەمىئىي پۇل 17مىڭ 274سوم 74تىيىن

ئەمدى 2009-يىلى قىلىنغان خىراجەتلەرنى قىسقا بايان قىلىمەن.  ئىزچىل ياردەم قىلىۋاتقان  ئوقۇغۇچى 5نەپەر ،ئىككى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،3باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،بۇرۇنقى تەجرىبىلەر قاتارىدا توردا ياردەم بەرگەن ئوبىكىتلەرنىڭ نامىنى ئاشكارا ئەيلىگەندىن سىرىت باشقا ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نامى شەرەپلىرىنى ئاشكارا ئەيلىمەسمەن ،بىلىشنى خالىغۇچىلار بولسا بورتالادا شەھرى بويىدىكىلەر مېنى ئىزلىگەي ،باشقا تورداشلار بىلمەكچى بولسا بىر سوم پىلانى پائالىيىتى ئالبومى ۋە ھېسابات خاتىرىسىنىڭ فوتو نۇسخا رەسىملىرىنى توردا ئەۋەتىپ بېرىمەن (كۆرۈپلا قالغايكى توردا قالايمىغان چىقارمىغاي،غورور بىباھا ! )

  
1. بورتالا شەھەرلىك ئوتتۇبۇلاق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتپىدە ئوقۇتۇۋاتقان بالىغا ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇل 400 سوم .
  
2.بورتالا شەھەر 9-باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتۇۋاتقان ئىككى بالىغا (بىر قىز بىر ئوغول )ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇلى 400 سوم .
  
3.مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستېتىدا ئوقۇتىۋاتقان قىزنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇش پۇلى ھەر ئايغا 300 سومدىن 10ئايغا 3000سوم ،تەتىلدە يۇرتىغا قايىتماي ئوقۇغان كۇرۇس ھەققىگە 966 سوم ،جەمىئىي 3966 سوم  ئەۋەتىلدى .
  
4.بورتالا تىببى مەكتىپىدە ئوقۇتىۋاتقان قىزنىڭ بىر يىللىق ياردەم پۇلى 1350 سوم .
  
5.   2009-يىلى 10-مارت كۈنى خانتەڭرى تورداشلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئۈرۈمچى 65-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى يېتىم ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىدە 5نەپەر ئوقۇغۇچىغا 505سوم ئەۋەتىلدى .
  
6.  21-مارت كۈنى خانتەڭرى تورى  ئۇيۇشتۇرغان مەكتەپ نورۇز پائالىيىتىدە 3ئوقۇغۇچىغا 300 سوم ياردەم پۇلى بېرىلدى .
  
7.   24-ئاپىرىل كۈنى يۈكسەل ئەپەندى باش بولۇپ پائالىيەت قىلغان "مۇقەددەس" ئىسىملىك قىزغا پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە 400 سوم ئەۋەتىلدى .
  
8.ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ئىككى  ئوقۇغۇچىغا 200 سوم پۇل ياردەم قىلىندى .
  
9.   بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بىر سوم پىلانى ئېلان كىرىمى بولغان 100 دوللار ،744.7سوم پۇلنىڭ 700 سومىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدىكى  ماگىستىر ئاسپىرانىلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىككى قىزغا ياردەم قىلىندى .
  
10.بىر سوم پىلانىنىڭ ھېسابات خاتىرىسى پەقەت بىر پارچە بولغىنى ئىچىدىكى بارچە بەتلەرنى ، مەكتەپلەردىن بەرگەن پۇل تاپشۇرىۋىلىش ھۆججەتلىرى ،رەھمەت خەتلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى رەسىمگە تارتقۇزدۇم ،بۇنىڭغا 109 سوم پۇل خەجلەندى .(بورتالا زىلالا رەسىمخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى رەسىملەرنى ھەقسىز پەردەزلاپ بەردى )،25 سومغا بىر ئالبوم سېتىۋىلىپ بىر سوم پىلانىنىڭ ئالبومى قىلدىم ،ۋە فوتۇ رەسىملەردىن پايدىلىنىپ 4يىللىق ئىش پائالىيەتلەرنى پ پ ت نۇسخدا ياساپ قويدۇم .
  
11.  7-ئاينىڭ 29-كۈنى بورتالا  قىزىل كىرسىت جەمىئىتىدىكى ئالاقىدارلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن بورتالا شەھرىدىكى بىر بىمارغا 500 سوم پۇل ياردەم قىلىندى .
  
12.   بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 7-كۈنى رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى فوندىغا 505 سوم ئەۋەتىلدى .
  
13.  350سومغا ئېلىنغان 10يۈرۈش قىشلىق چاپاننى ياردەم ئوبىكتىمىز ئىچىدىكى باشلانغۇچ بالىلىرىغا يەتكۈزدۈم،بىر تېلىنى غۇلجىدىن پاختىكار ئەبلەخلەر ئالداپ بورتالا ئېلىپ كەلگەن 13ياشلىق بالىغا بېرىپ بۇ بالىنى ئەتىسى غۇلجىدىكى ئۆيىگە  ماشىنا تېپىپ يولغا سېلىپ قويدۇق .بۇ كىيىمدىن يەنە ئۈچ قۇرى بار .
  
14.   3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىرپان كىتاپخانىسىدىن ئىچكى باھادا 200 سوملۇق بالىلار كىتاپلىرىنى سېتىۋىلىپ بورتالا سېلىمھاشىم بازىرى مەكتىگە قۇرۇپ بەرگەن كىچىك كۈتۈپخانىمىزغا ئاپىرىپ بەردۇق .ھازىر بۇ كۈتۈپخانىدا 600پارچىگە يېقىن كىتاپ بار بولدى .بۇ كىتاپخانىغا بۇندىن كىيىنمۇ ياردەم بېرىلىدۇ .
  
15.   3-ئاينىڭ 22-كۈنى خىزمەت بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغان پۇرسەتتە بورتالادىكى بىر مېھرىبان ئانىنىڭ  تىببى ئۇنىۋېرستېتى كېسەللەر بىناسى 7-قەۋەت بۆرەك 14-كاۋاتتىكى توردا مۇراجەتنامىسى چىققان رىزۋانگۈل ئىسىملىك قىزغا  ھاۋالە قىلغان 300 سوم پۇلىنى بېرىش بىلەن بىللە بىر سوم پىلانى پۇلىدىن 200 سومنى بەردۇق .
  
16.  2009-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بورتالا 7-ئوتتۇرا مەكتىپىى تولۇق 2-سىنىپتىكى مەكتەپ بويىچە تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى سەۋەبىدىن 500 سوم ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي ئوقۇشتىن چېكىنش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بۇ بالىنىڭ شۇ مەۋسۈملۈك 500 ئوقۇش پۇلىنى بەردۇق .ھازىر بۇ بالىنى نۇقتىلىق ياردەم ئوبىكتى قىلدۇق ،ناۋادا ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە  تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيمىز .
  
17.    1-ئاينىڭ 6-كۈنى 11 پارچە رەسىمنى يۇيدۇرۇش ھە ققى 5.5 سوم .
  
18.  بانكا كارتىسىنىڭ قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدار ۋە بانكا كارتا ھەققىگە تۇتۇلغان پۇلنى ئېنىقلاپ ئاندىن قوشۇپ قويىمەن .

دېمەك 2009-يىلى بىر يىلدا قىلىنغان خىراجەت جەمىئىي 10مىڭ 615 سوم 5تىيىن .
5540.64+11734.1=17274.74   بار بولغان پۇل  
17274.74-10615.5=6659.74
2010-يىلىغا قالغان پۇل :   6مىڭ 659سوم24تىيىن .


------------------------------------------
قىستۇرما ھېسلار :

نىھايەت بۇ بىر يىل كەتتى ،،ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻻﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ  ﺋﺎﺯ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﺋﻪ ﺟﯩﺮ -ﻣﯧﮭﻨﻪﺕ ﺗﻪﺭﻯ ﺗﯚﻛﯩﯟﯨﺪﯗﻕ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯩﻚ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺕ،ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﺷﻨﻰ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ،ﺗﻮﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ4ياشتىن ئاشتى ، تۆت ياش ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﺋﯘﺷﯘ ﺗﻮﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯧﮭﺮﻯ -ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺩﯨﻠﻼﺭﻏﺎ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . "ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯘﻟﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ " ﺩﻩﭖ ﺷﯘ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ....ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻮﺩﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﺘﯘﻕ .....ﺗﺎﻻﻱ ﺩﯨﻠﻼﺭ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﻯ ،ﺗﺎﻻﻱ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻳﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ......ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ،ﻣﻪﺩﯨﻴﮭﻪ ،ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼ ..... ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﻻﻕ ﺗﯜﯞﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﺎﯕﺮﯨﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ،ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺗﯜﺯﺩﯗﻕ ....................
ﻗﻮﻟﻼﺭ ﺗﯩﺘﺮﯨﻤﻪﻛﺘﻪ ، ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ "ﯞﺍﻱ ﻗﻮﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 100 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ "ﺗﻮﯞﺍ ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﭖ 100 ﺳﻮﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ،ﺗﻮﺧﺘﺎ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﯨﻢ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ،،،ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 100 ﺳﻮﻡ ﺋﺎﺯ ﭘﯘﻟﻤﯘ ،ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻦ ﭘﯘﻟﯘﯓ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﻗﺎﺭﺍ ﻣﺎﯞﯗ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ،ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭖ ..ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﺎﻻ ﺑﯘ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ "ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ "ﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﯞﺍﺗﺴﺎ ﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺘﯩﯔ ،ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﯩﻨﯩﺘﯩﯔ .! ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ .ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﯓ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻜﻰ ﺗﺎﻻﻱ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ........ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ..........
ﺋﻪﻧﻪ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻗﺎﻳﻨﯘﻕ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻠﻘﻰ ﻣﻪﺳﯘﻡ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ...
ﺋﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﻘﻰ "ﺋﺎﻛﺎﺷﻼﺭ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ....ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ .........
ﺋﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﻘﻰ :ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺑﺎﻻﻡ ،ﻣﻪﻥ ﭘﺎﻻﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻣﯩﺴﻰ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻧﻪﯞﺭﻩ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .............ﺧﯘﺩﺍ ﻳﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ...ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭ .....
ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﺗﻮﺭﺩﯨﺸﯩﻢ -ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ مېھرى مۇھەببەت زەنجىرى ياسىماقتىمىز .ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﻻﻱ ﻗﻪﻟﯩﺒﻠﻪﺭ ﮔﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ .............
ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻮﺩﯨﻴﻪﺳﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﯕﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ ................


2010-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى شەھرى بورتالا يېزىلدى . </div><div align=right>ئىزاھاتلار-</div><div align=right>1.بۇ خۇلاسە ئەلكۈيى تورىغا ۋە ئىزدىنىش تورىغا يوللاندى ، باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈلمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن .</div><div align=right>2.ياخشى نىيەتلىك تورداشلارنىڭ بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قىسقارتىپ "بىر سوم مېھرىبانلىقى "دېيىشىنى ،توردا بولۇپمۇ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى كۆچۈرۈپ تارقاتىش بولۇپ قالسا ،پائالىيەت ،ئەزا دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىنى ،پەقەت بىر سوم مېھرىبانلىقى دەپ ئاتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .</div><div align=right>3.بىر سوم مېھرىبانلىقى پائالىيىتى مەن ئىشلەۋاتقان ئىدارىنىڭ قوللىشىدىن ھالقىپ باش شىركەتنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەنلىكى،باش شىركەتنىڭ بۇ مېھرىبانلىق پائالىيىتىنى شىركەتنىڭ نۇقتىلىق ئوبراز پائالىيىتى  قىلىشنى قوللىغانلىقى ۋە شىركەتتىكى بارلىق ئىتتىپاق ئەزالىرىنى قاتناشتۇرۇش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى  ئۈچۈن  ئالاقىدارلارنىڭ تەلىۋى بويىچە بىر سوم مېھرىبانلىقى تور بېتىنى قايتىدىن ئۇيغۇرچە ،ۋە خەنزۇچە قىلىپ ئىشلەۋاتىمىز .بۇندىن كىيىن بولۇنغان ئىش پائالىيەتلەر ئىككى خىل يېزىقتا توردا ئېلان قىلىنىدۇ .

ئاخىرقى سۆز ،مېھرىبانلىق مىلودىيەسى ئۈزۈلمىسۇن ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن !

شەھرى بورتالادا يوللىنىپ بېقىلدى .

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 20:08:45

ۋاپادارىم باركەنغۇ، مەرھابا

yvonne يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 20:19:58

مېىمۇ تىزىملاپ قويغان بولسىڭىز.

قانداق تۆلەيدۇ پۇلنى?

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 20:30:41

Sizni munberde korgenlikimdin hosh boldum, Allah ejringizni bersun

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 21:04:04

ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭىزنى قوللاش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى. مېنىڭمۇ بۇ پىلاننى قوللاش ئويۇم تۇغۇلغان ئىدى. بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئاللاھ ئەجرىنى بەرگەي.

karluk2009 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 21:12:00

بۇ ساخاۋەتلىك ئىشقا مەنمۇ قاتنىشىمەن،10سوم بېرەي،بانكا كارتا نومىرىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.

يەنە بىرگە مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى،ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس،شۇ ساۋاقدىشىمغا ياردەم بەرگىلى بولارمۇ؟چەتئەلدە ھەقىسز ئوقۇشنى قولغا كەلتۈرۈش  ئۈچۈن ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ،ئىمتىغانغا تىزىملىتىش ھەققى يۇقىرى ئىكەن.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 21:16:04

بارمۇسەن ئادىشىم ؟؟؟ ئەكىلە قولاڭنى . تور تاقاق چاغلاردا پات پات سېنى ئەسلەپ قالاتتىم ، ئاشۇ ۋاپادارىم دىگەن نەدىدۇر ، شۇ خاسىيەتلىك ئىشنى داۋاملاشتۇۋاتامدىغاندۇر دەپ .... كىرىپ تۇرغىن بىر سوم پىلانىنىڭ تور بېتىنى قايتا ياسا ئەمدى ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 21:20:22

بىر سوم پىلانىغا ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن بىر تىللا دېگەن تور نامى باشقىلارنىڭ ھىساباتىدا بولغانلىقى ھەمدە بىزگە ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئانچە خالاپ كەتمىگەنلىكى سەۋەبلىك   1som.net دېگەن تور نامىنى تىزىملاتتۇق . بۇندىن كىيىن مۇشۇ تور نامى ئىشلىتىلىدۇ . تور بېكەتتكە Google ئېلان ھېساباتىنىڭ توختاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاپادارىمغا خەنزۇچە ياساش تەكلىپىنى بەرگەن ئېدىم . نۆۋەتتە ئىشلەتمەكچى بولغان پروگرامما بوشلۇققا يوللاپ قويۇلدى . ئەگەر ئۇيغۇرچىسىنى تەييارلاش ئىھتىياجى بولسا ئۇنىمۇ تەييار قىلىمىز . ھازىر 1som.net دېگەن تور نامىنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ .  ئەيساجان ۋە مەن ئالدىراش بولۇپ قالغاچ بەتكە مەزمۇن يوللاپ بولالمىدۇق .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 21:23:43

قاينامجانغا تەشەككۈر .....

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 21:29:05

بولىدىغان بەت پىروگىراممىسىكەن ، كۆرۈپ چىقتىم . بەت سۈرئىتىمۇ تىز ھەم پىلانغا ماس كەلگۈدەك . ئامال بار ئۇيغۇرچە بولسۇنمىكىن دەيمەن . ھازىرچە تېخى Google ئېلانىدىن پۇل تېپىشقا تېخىچە بالدۇر . پىلانغا قاتناشقان كۆپىنچە ئەزىزلەرنىڭ يېشى چوڭراق ھەم خەنزۇچىغا ئانچە پىششىق ئەمەس ، ئامال بار پىلانغا قىزىقىۋاتقانلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ساقلاپ قالساق ياخشىمىكىن دەيمەن . Google ئېلانىدا پۇل تاپىمەن دىسە بەزى يازمىلارغا ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە سۆزلەرنى قىستۇرۇپ قويساق بولىدۇ ئەمەسمۇ ...

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 21:47:00

تور بەت ياسىلۋاتامدۇ قانداق؟ كۆپ ئۇچۇرلار يوقكەنغۇ... مۇشۇ يەرگە ئىنكاس سۇپىتىدە بانكا ھىساباتىڭىزنى يەنە بىر چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز، رەھمەت. يەنە بىر ئىش، پەيپالدا پۇل ئەۋەتكىلى بولامدۇ، بۇرۇنقى بەتتە كۆرگەندەك ئىسىمدە

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 23:32:37

تور بەت ياسىلىۋاتىدۇ . خەنزۇچە پروگراممىسىغا 1som.net تىكى پروگراممىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ .  ئۇيغۇرچىسىنى مەن قولۇمدىكى ئالدىراش ئىشلارنى تۈگىتىپلا تەييار قىلىمەن .

koltigen يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 08:45:43

ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ،بارلىق كۈچمىز بىلەن قولايمىز!

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 08:53:38

<< بىن لادېن >> دىن يەنە پىچكى تۇتىدىغان ئىشمىكى  كۆلتېگىن ئاكا !

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 10:25:38

مەرھابا ئەيسا ساتىرا...... ھەممىڭلارنىڭ تېچ ئامانلىقىدىن سۆيۈندۈم.

بىر سوم پىلانى داۋاملىشىۋاتقانمدۇ دەپ سائىم ئويلاپ تۇرىۋاتىمەن. ھەر ھالدا ئاز بولسىمۇ ياخشى ئىشلار ئۈزۈلمىسۇن.

مەنمۇ جۈمە كۈنى بىر سوم ئۆلدىمۇ دەپ بىر تېما يوللاپ دەپ ئويلاپ، ئىككى سائەت ھەپىلىشىپ بىر نېمە يازسام كومپيۇتېرىم قايتا قوزغىلىپ يوق بولدى، ھازىر ئۇنى يۇلغۇندا قايتا يېزىۋاتقان ئىدىم. تۈنۈگۈن يازغان نەرسىلىرىم پەقەتلا بۈگۈن تۇللۇق ئەسلىيەلمىدىم. بۇنى ئەمدى يېزىشىمنىڭمۇ ھاجىتى قالماپتۇ.

خاماس توغۇرلۇق بىر تېما يېزىپ قىلتاققا چۈشۈرسەك بولارمىكىن دەيمەن بۇ بالىلارنى يەنە بىې قېتىم

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 10:39:18

باللا پىشىپ كەتتى ، ئەمدى قىلتاققا چۈشمەسمىكىنن ، پۇراپلا بىلىۋالىدۇ .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 12:56:19

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، دىدار غەنىمەت.

http://www.yolyar.com نىڭ ئەڭ ئاستىدا  ئاممىۋى ئېلان دەپ بىر تۈر باركەن. بۇنىڭغا مۇۋاپىق بىر بەت سىستېمىسىنى مۇقىملاشتۇرالماي يۈرىۋاتىمەن. ئىزدىنىپ باقسىڭىز مۇشۇ جاينى بىرسوم پىلانى ۋە باشقا مۇراجەتلەرنى يوللاشقا ئىشلەتسەك.

بۇ سىستېما بولامدۇ يا؟ http://www.intil.biz/bil

Estami يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 07:21:38

ئەيسا قارىمىنى توي قىلۋىلىپ ئىزدىنشىنى ئۇنتۇپ كەتىمدىكىن دېگەنىتىم. بارىكەنلا

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 22:24:21

ئىزدىنىشقا تۈركىيان بالامنى  باشلاپ كىرىۋاتىمەن ھازىر ئىستەمىباي!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 22:32:52

ئەتە-ئۆگۈن بوۋا ، ئوغۇل ، نەۋرە بولۇپ بىر ئەۋلاد ئىزدىنىش ئەزالىرىمۇ بارلىققا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ !
بەت: [1] 2
: «بىر سوم مېھرىبانلىقى»نىڭ 4-يىللىق خۇلاسىسى -بىلدۈرگۈ !