ئالتە زۆرۈرىيەت
ئالتە زۆرۆرىيەت
ئابلەي مەتنىياز
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭساقلىقنى ساقلاش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئالتە زۆرۈر شەرتى ئەڭ مېغىزلىق ، ئىخچاملانغان ، كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، ئىنسانلار ساغلاملىقىنىڭ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ ئاساسى بولغان مۇھىم نەزەرىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، نۆۋەتتە كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك ، مېڭە ، بۆرەك ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ، شۇنداقلا مېڭە سەكىتىسى ، پالەچ ، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتتى مۇھىم .
ئۇيغۇر تېبابەت ئۆلىماسى ئابدۇلھەمىد مۇھەممەد ئاخۇن : "كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىن ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆپ ئاسان ھەم مۇھىم " دەپ كۆپ تەكىتلىگەنىدى . نۆۋەتتە ئىنسانىيەتكە زور خەۋىپ ئېلىپ كېلىۋاتقان يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارە - تەدبىرلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا بىلدۈرۈش ، باشقا ساغلام كىشىلەرنى بۇ كېسەللىكتىن ئاگاھلاندۇرۇش بىز تېببىي خادىملارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى .
1. ساپ ھاۋا . ساپ ھاۋا - يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ناھايىتتى مۇھىم ئامىل بولۇپ ، بۇلغانغان ، بۇزۇلغان ، سېسىق ھاۋا ، ئىس - تۈتەك ، ھەر خىل خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئۆتكۈر پۇراقلىرى ، ئۆلگەن جانلىقلارنىڭ بەتبۇي پۇرىقى ، بەزى كشىلەرنىڭ بەدىنىدىن تارقىلىدىغان سېسىق پۇراقلار ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇپ ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ . ئەكسىچە ساپ ، خۇش پۇراق ، ئىللىق ، سالقىن ھاۋا قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ . شۇڭا ، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىدىن ساقلانماقچى بولغان كىشى ، ئۆي ، ياتاق ، ئىشخانىلارنىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا ، مۇھىت ھاۋاسىنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم .
2. يېمەك - ئىچمەك ، يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ ياخشى پىشقان ، يەلسىز ، سىڭىشلىق ، تۇزى ئۆتمىگەن ،ھايۋانات مېيى قوشۇلمىغان ، ياش ھايۋانات گۆشلىرى نورمال قوشۇلغان تاماقلار ، ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەر ، سوغۇق تەبىئەتلىك مىۋە سۇلىرى قان بېسىمنى ئۆرلەتمەيدۇ . يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە بولغان يېمەك - ئىچمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئاسانلا قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ 3. ھەرىكەت ۋە دەم ئېلىش . ھەرىكەت ۋە دەم ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئامىل بولۇپ ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، قاننى جانلاندۇرۇپ ، تۇسالغۇلارنى ئاچىدۇ . ئەكسىچە ، زىيادە ھۇرۇنلۇق ، ھەرىكەت قىلماسلىق ياكى ئۇزۇنمۇددەت دەم ئالماي جىددىي ھەرىكەت قىلىشمۇ قان بېسىمنى ئۆرلىتىپ قويىدۇ .
4. ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق . ئۇيقۇنىڭ مۇۋاپىق ، سۈپەتلىك بولۇشى ، ۋاقتىدا كېلىشى قان بېسىم ئۈچۈن پايدىلىق ئامىل بولۇپ ، ئۇيقۇسىزلىق قان بېسىمنى ئۆرلەتكۈچى زور دۈشمەنلەرنىڭ بىرىدۇر . شۇڭا ، يۇقىرى قان بېسىمدىن ساقلىنىشنى كۆزلىگەن كىشى ئۇيقۇنىڭ ۋاقتىدا ، نورمال ، سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم .
5. چىقىرىش ۋە تۇتۇش . چىقىرىش ۋە تۇتۇش ) ماددا ئالماشتۇرۇش ( ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئادەم بەدىنى بىر تەرەپتىنئوزۇقلۇق ، سۇ ، ھاۋانى قۇبۇل قىلىدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن كېرەكسىز ماددىلارنى ئۈزلۈكسىز چىقىرىپ تۇرىدۇ . ماددا ئالمىشىش نورمال بولسا بەدەنمۇ ساغلام بولىدۇ .
چوڭ تەرەت ، سۈيدۈك ، ھەيز ، مەنىي ، تەر ، بەلغەم ... قاتارلىق چىقىرىندى ماددىلارنى نورمال ھالەتتە بەدەندىن چىقىرىپ تۇرمىسا ، بەدەندە قاننى قويۇلدۇرۇپ ياكى بۇزۇپ قان بېسىمنى ئۆرلىتىپ قويىدۇ .
ئەگەر يۇقىرىقى ماددىلار زىيادە چىقىرىلسا ئوخشاشلا قان بېسىمنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
6. روھىي ھالەتلەر غەم - قايغۇ ، غەزەپ - نەپرەت ، قورقۇش ، تۇيۇقسىز خۇشاللىنىش ، ئۇزۇن مۇددەتلىك دىققەتچىلىك ، روھىي زەربىلەر قان بېسىمنىڭئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار بولۇپ ، يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە روھىي ھالەتنىڭ ياخشى بولۇشى ، كۆڭۈلنىڭ خۇشلۇقى ، خاتىرجەملىك ئوخشاشلا قان بېسىمنىڭ نورمال بولۇشى ياكى تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
خۇلاسە كالام ، ئالتە زۆرۈرىيەت بويىچە ساقلىقنى ساقلاش قائىدە - تەرتىپلىرىگە ئەمەل قىلغاندا ، يۇقىرى قان بېسىمدىن ئىبارەت يامان كېسەللىكلەرنىڭ باشلامچىسى ياكى " ئانىسى " دىنلا ئەمەس ، باشقا نۇرغۇن يامان كېسەللىكلەردىنمۇ ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى ، شۇنداقلا ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى
مانا ئەمدى شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىغىمۇ مۇشتەرى بولمايدىغان بولدۇم.. رەھمەت !
مانا ئەمدى شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىغىمۇ مۇشتەرى بولمايدىغان بولدۇم.. رەھمەت !
ئىزدىنىش مۇشتەرى ھەققى ئالمىغاندىن ئا تېجەپ قالغان مۇشتەرى پۇلۇڭلىغا گازىر ئالغاچ كېلىڭلا ئەمدى....ھاھاھا.......
چاخچاق قىلمايدىغان تېمىلارغىمۇ چاخچاق قىلىپ ئىزدىنىش، ئىزدىنىشقا ئوخشىمايلا قاپتۇغۇ.
تېما توغرۇلۇق بىرەر كەلىمە سۆزلىۋېتىپ، ئاندىن مۇڭنى باشلىساڭلارمۇ كېچىكىپ قالماس ئىدىڭلار.
ھەممىڭلارغا سالام«،ھايۋانات مېيى قوشۇلمىغان »...
خەن تىبابىتىنىڭ گىپىنى قىلمىسا بولمامدۇ دەيمەن ، بىز يا چوشقا گۆشى يېمىسەك

بىلىشىمچە ئۇيغۇر تىبابىتىدە مايلىق گۆش يەنى قوينىڭ مايلىق گۆشىىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى جىققۇ دەيمەن ، مۇنداق دەپ بىر ماقال تەمسىل بارغۇ «ياغ يەپ يالىڭاچ يات »...
قىنى ما تىۋىپلار ، مۇشۇ ھەقتە بىر نەرسە دەڭلار ... بىزمۇ بىلىپ قالىلى
بۇنى شۇ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇرۇش ئۈچۈنلا يازغان گەپ .
ئەسلى ئالتە زۈرۈرىيەت (سىتتە زۈرۈرىيە)
ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيىسىدىكى ئالتە زۆرۈرىيەت يەنى ؛ساپ ھاۋا ، يىمەك - ئىچمەك ، ھەرىكەت - جىمجىتلىق ، ئۇيقۇ - ئويغاقلىق ، چىقىرىش - تۇتۇش ۋە روھىي ھالەتلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم رولى ۋە ئەھمىيىتى كىشىلەرگە بارغانسېرى ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلماقتا .
1 . ساپ ھاۋا
ھاۋانىڭ ساپ بولۇشى ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ، شۇڭا مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ ھاۋانىڭ ساپلىقىنى قوغداش ، پەسىلگە قاراپ كېيىنىش ، ئۆي ھاۋاسىنى پات - پات يەڭگۈشلەش ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ھاۋاسى ساپ جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىش لازىم . ئادەتتە ساپ ھاۋالىق جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ تېنى ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىدۇ .
تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولغان ھاۋا - روھنىڭ ئاساسى بولۇپ ھاياتلىق شەكىللەندۈرگۈچى ئاساسلىق ئامىل .
ئادەم ھەر قېتىم نەپەسلەنگەندە ئۆپكىسى ئارقىلىق ئوكسىگىننى قوبۇل قىلىپ كاربۇن تۆت ئوكسىدنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدۇ . ھاياتلىق ئۈچۈن ساپ ھاۋانىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىر قىسىم جىددىي كېسەللىكلەرنى تېز قۇتقۇزۇشتا تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز .
ئادەم ئۇزۇقسىز بىر ھەپتە ، سۇسىز ئۈچ كۈن ياشىيالىسىمۇ ، ھاۋاسىز بەش مىنىتمۇ ياشىيالمايدۇ . بۇنىڭدىن ھاۋانىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز .شۇڭا ساغلام ياشايمەن دېگەن ئادەم ئالدى بىلەن ھاۋانىڭ ساپ ، پاكىز بولۇشىغا كۆڭۈل بولۇشى ، بۇلغانغان ، چاڭ - تۇزانلىق ھاۋا ۋە مۇھىتتىن يىراق تۇرۇشى لازىم .
2. يېمەك - ئىچمەك
ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادغۇ بىلىك »ناملىق شاھانە ئەسىرىدە : « ئېغىزدىن كېرىدۇ ئاش بىلەن كېسەل، قېرىتۇر كىشىنى يېشىدىن ئەۋۋەل » دەپ كېسەلنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن .
يېمەك - ئىچمەك ، پۈتۈن بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ ، ماددا ئالمىشىشقا قاتنىشىپ ھاياتنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . يېمەك - ئىچمەك ھاياتلىق ئۈچۈن 2 - ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم شەرت .
شۇڭا ئۇزۇقلانغادا يېمەكلىكنىڭ ياخشى پىشقان ، تازىلىقىنىڭ ئۆلچەملىك ، قۇۋۋىتىنىڭ يېتەرلىك ، مىقتارىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالاتلىك قىلىش لازىم .
ئەتتىگەندە ياخشى يېيىش ، چۈشتە تويغۇچە يېيىش ، كەچتە ئاز يېيىش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىش ، تاماق يىگەندە ياخشى چايناش ، ھەمىشە تويۇپ تاماق يېمەسلىك ، بەدەن ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇزۇقلىنىش ، كەچتە تاماق يەپلا يېتىۋالماسلىق ، تاماقتىن كېيىن 10 - 15 مىنۇت ھەرىكەت قىلىش لازىم .
تاماقنى تەڭشەپ يېيىش، بىر كۈن قۇيۇق تاماق يېسە بىر كۈن سۇيۇقراق تاماق يېيىش، ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماق بىلەن سوغوق تەبىئەتلىك تاماقنى تەڭشەپ يېيىش ، ھەر كىم مىزاجىغا ئاساسەن يەنى ئىسسىق مىزاجلار سوغوقلۇق تاماقنى ئاساس قىلىپ ، سوغوق مىزاجلار ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى ئۆز ئارا تەڭشەپ يېيىش لازىم .
ئاشقازاننىڭ ئاستى قىسمى تاماق بىلەن ، ئوتتۇرا قىسمى سۇ بىلەن تولىشى ، ئۈستى قىسمىنى بوش قالدۇرۇش ، ئىچىدىغان ئىچىملىكنىڭ تازلىقى ياخشى بولۇشى لازىم .
3. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىش
ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىمۇ ساقلىق ساقلاشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئادەتتە دائىم چېنىقىدىغان ، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنىڭ بەدىنى چىڭ ، ئۆزى چاققان، روھلۇق، تىرىشچان بولۇپ تېنى ساغلام كېلىدۇ .
چېنىقمايدىغان ، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىشىلەرنى تېنى ئاجىز ، ھورۇن ، بۇشاڭ ، ئۇيقۇچان ، سېمىز ، رەڭگى روھى خۇنىك بولۇپ بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا پالەچ ، بۇۋاسىز ، يۇقرى قان بېسىم ، ھەرخىل ئىششىق ، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ .
ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ھەركەت ئۇسۇلنى تاللىشى لازىم . ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكنى ئۆزئارا مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنى دەم ئالماي ئۇزۇنغىچە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .
4 . ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق
ئۇيقۇنىڭ نۇرمال بولۇشىمۇ ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . مەلۇم تەتقىقات ئورنى ئۇيقۇ بىلەن ئوزۇقلىنىشنى سېلىشتۇرماقچى بولۇپ . بىر تەرەپكە بىر تۈركۈم چاشقاننى قويۇپ ئۇزۇق بېرىپ قەتئىي ئۇخلاتمىغان ، يەنە بىر تەرەپكە بىر تۈركۈم چاشقاننى قويۇپ ئۇزۇق بەرمەي تېنچ ئۇخلاتقان . نەتىجىدە بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇخلىغان چاشقانلار ساق قېلىپ ، ئۇخلىمىغان چاشقانلار ئۆلۈپ تۈگىگەن .
يۇقىرىدىكى تەجىرىبىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئۇيقۇ ئۇزۇقلىنىشتىنمۇ مۇھىم . نۇرمال ئۇيقۇ پۈتۈن بەدەننى ، ئەزالارنى ئارام ئالدۇرىدۇ ، ھاردۇق چىقىدۇ ، كۈچ - قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلايدۇ ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ . ئەكسىچە ئۇيقۇنىڭ نورمالسىزلىقى باش ئاغرىش ، نېرۋا ئاجىزلىق ، ئورۇقلاش ، كۆز ئاغرىش ، پۇت - قول ئېغىرلىشىش ، زېھنى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنى ھەم يۈرەك ، ئۆپكە كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا ، كۈندۈزدىكى ئۇيقۇ ياماندۇر ، ئۇ نەملىكتىن بولىدىغان كېسەللىكلەرنى ، نەزلە كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ . چىراينى بۇزىدۇ ، تالنى كاردىن چىقىرىدۇ . نېرۋىلارنى بوشاشتۇرىدۇ .ئىشتىھانى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئىششىق ۋە تۈرلۈك قىزىتمىلارنى پەيدا قىلىدۇ ، دەپ ئۇيقۇنىڭمۇ مۇۋاپىق بولۇش كېرەكلىكىنى ، ئارتۇقچە ئۇيقۇنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ .
5 . چىقىرىش ۋە تۇتۇش
ماددا ئالماشتۇرۇش ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ تېبابەتتە چىقىرىش ۋە تۇتۇش دەپ ئاتىلىدۇ . ئادەم بەدىنى ئوزۇقلۇق ماددا ، ھاۋا ، سۇدىن بەدەنگە كېرەكلىك قىسمىنى سۈمۈرۈپ ، كېرەكسىز قىسمىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ،كىرىم - چىقىمنىڭ نورمال بولۇشى ساغلاملىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ، بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ .
چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش ، تەرلەش ، قۇسۇش ، ھەيىز كۆرۈش ، بەلغەم ، تۈكۈرۈك ، مەنىي چىقىرىش ... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىقىرىش بولۇپ ، بۇلار نورمىدىن ئېشىپ كەتسە بەدەن تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ ، ئورۇقلاش ، بەدەن ئاجىزلىشىش ، قان ئازلىق ، سۇ يوقىتىش ، ھۇشسىزلىنىش ..... قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تۇتۇش نۇرمالدىن ئېشىپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا قەۋزىيەت ، ھەيىز توختاش ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ... قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قورساق كۆپۈش، ئىشتەي تۇتۇلۇش ، قان قويۇلۇش، ئىششىق ... قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ .
بولۇپمۇ كۆپ مەنىي يوقىتىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش لازىم ، بولمىسا ئادەم ئاسان قېرىپ كېتىدۇ ، ئەقلىي ، جىسمانىي جەھەتتە تېز ئاجىزلايدۇ ، ئاسان قورۇق چۈشىدۇ ، چاچ - ساقال تېز ئاقىرىپ چۈشۈپ كېتىدۇ .
6. روھىي ھالەت
ھېكايەت قىلىنىشىچە، لوقمان ھەكىم ناھايىتى ئۇستا بىر شاگىرتنى تەربىيىلەپ چىققان ئىكەن ، لېكىن بۇ شاگىرتى مەنمەنچى ،تەكەببۇر چىقىپ قاپتۇ . ئۇ كىشىلەرگە : «مەن بىلىمدە ئۇستازىمدىن ئېشىپ كەتتىم ، ئىشەنمىسەڭلار ئۇستازىم بىلەن سىنىشالايمەن » دەپ يۈرۈپتۇ . بۇ گەپ پادىشاھنىڭ قولىقىغا يەتكەندىن كېيىن پادىشاھ بۇ ئۇستاز بىلەن شاگىرتنى ئىنتايىن كۈچلۈك زەھەر ياساپ چىقىپ ھەم بىر - بىرى ياسىغان زەھەرنى ئىچىپ يەنە شۇ زەھەرنى قايتۇرش ھەققىدە سىنىشىشقا بۇيرۇپتۇ . ئاۋۋال شاگىرت ناھايىتى كۈچلۈك زەھەر ياساپ چىقىپتۇ . لوقمان ھەكىم زەھەرنى ئىچىپ ، خام سۈتنى ئىچىپ ھەم سۈت قاچىلانغان كوزىغا چۈشۈپ يېتىپ ھېچ نەرسە بولماپتۇ .
نۆۋەت لوقمان ھەكىمگە كەپتۇ . لوقمان ھەكىم باشقا شاگىرتلىرغا ھاۋانچىدا 41 كۈن دورا سوقتۇرۇپ بىر خىل سۇيۇقلۇق تەييارلاپ ساگىرتىغا ئىچىرۈپتىكەن ، شاگىرت شۇ زامان جان ئۈزۈپتۇ . ئەسلدە شاگىرتىغا ئىچىرۈلگىنى سۇ بولۇپ ، ئۇستازىم ناھايتى كۈچلۈك زەھەر تەييارلىدى دەپ بەك جىددىيلىشىپ قورقۇپ كەتكەچكە سۇنى ئىچىپلا ئۆلۈپ كەتكەن .
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پسىخولوگىيە ئالىمى دالې كارمېگ ئەپەندىمۇ ، كېسەللىكلەرنى 60 % روھىي ئامىلنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ دېگەن .
روھى ھالەتكە مۇناسىۋتلىك ئامىللار ساقلىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ، ئۇزۇن داۋام قىلغان دىققەتچىلىك ، غەم - ئەندىشە ، روھىي زەربە قاتارلىقلار ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ ، ئىشتەينى تۇتىدۇ ، نېرۋا ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مىجەزنى بۇزىدۇ ، يۈرەك ، قان تومۇر كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
@kokyal
رەھمەت! تېمىنى ئوقۇمىدىم، لېكىن ئىنكاسنى ئوقۇپتىمەن. @julalik
باللا نەق تېما توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتىدۇ، پەقەت بىرئاز كىنايە بولغاچقا سىز چۈشەنمىگەن گەپ.