ئىسىم ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش
ئەسسالام ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى !
يېقىندىن بۇيان ئۆز ئابونت نامىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان بىرقانچە تەلەپلەرنى قۇبۇل قىلدۇق ، بەزى يېڭى ئابونتلارنى كۆزدە تۇتۇپ ، مۇنبەرنىڭ بۇ ھەقتىكى مەڭگۈلۈك مەيدانىنى قايتا بىر شەرھىلەپ قويۇشنى لايىق تاپتۇق .
مۇنبەردىكى ئابونت نامىڭىز تىزىملىتىپ رەسمى ئىشلىتىشكە باشلانغاندىن باشلاپ مەڭگۈلۈك ئابونت نامىڭىز بولىدۇ ، ئالاھىدە بىر سەۋەب بولمىسا ھېچكىمنىڭ ئۆزگەرتىش ۋە ئۆچۈرۋېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ ، ئالاھىدە سەۋەب دىگىنىمىز پەۋقۇللادە ۋەقەلەر ياكى قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بار ئورگەانلار تەلەپ قىلغان بولسا دىگەندەك .
سەۋەبىمىز شۇكى : مۇنبەردە تىزىملاتقاندىن باشلاپ سىز بىر مۇقىم سالاھىيەتكە ۋەكالەتلىك قىلىسىز ، بۇ يەردىكى بارلىق پائالىيەتلىرىڭىز ئۆزىڭىز بىلەنلا چەكلەنمەي باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ ، خۇددى رېئال تۇرمۇشقا ئوخشاش سىز ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە ئابونت بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھېلى ئىسمىم مەمەت ، ھېلى مەمەتوۋا ، ھېلى مەمەتوۋېچ دەپ ئۆزگىرىپ يۈرسەك باشقا ۋاقىتلاردا ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك تۇيۇلغان بىلەن مەلۇم مۇنازىرلەردە ، مەلۇم دەتالاشلاردا ، مەلۇم مەسىللەردە ئادالەتسىزلىك يۈز بېرىدۇ ، يەنە كېلىپ بىر ئادەم نامىنى ئۆزگەرتسە يەنە بىرىنىڭ ئۆزگەرتكىسى كېلىدۇ ، كىمنىڭ كۈنسە ساندان ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلايدىغان ۋاقتى بار ؟ بىرىگە ئۆزگەرتىپ بېرىپ يەنە بىرىگە قىلىپ بەرمىسەك توغرا بولامدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئادىل بولۇشى ئۈچۈن !
شۇڭا ئەمدى بۇ ھەقتە كۆپ پىكىر تەلەپ بەرمەسلىكىڭىلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئالاھىدە سەۋەب بولسا بىز بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈڭ ، چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن تەلىپىڭىزنى قاندۇرىمىز !
بايا قىسقا ئۇچۇرمۇ قىلغان ئىدىم. مېنىڭكىنى ئۆزگەەتىپ بېرىپ باشقىلارنىڭكىنى ئۆزگەرتىپ بەرنمىسىڭىز بولماسما . مەن ھېچكىمگە دېمەيمەن ئىككىمىزلا بىلىمىز جېنىم جەۋلانوف
ۋە ئۇلىلئەمرى مىنكۇم!
( 4 - 59 )
سۇ توك ئەپەندى نېمە دېگەن گەپ ئاۋۇ ؟ ۋىيىي ۋىيىي مۇشۇ ھۇقۇش ئاڭا ئەگىشىۋالمىغان بوسا ئىسمىم ئۆزگۈرۈپ بولاتتى بۇ كەمگە،خەپ سەت قۇش! ئاۋۇ ئىزاھاتتا بارىدى. 4 . سۈرە 59 . ئايەت، دەپ. يەنى: ... ئۆزەڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، دېگەن مەنىدە. توغراقنىڭ ئىسمىنى بىر ئۆزگەرتىپ بەرسەكمۇ بوپتىكەن .... قىز بالىغا توغراق دەپ نام قۇيۇۋالسىمۇ تازا بولمىغۇدەك ... بىر نەچچە كۈن بولدى ، بۇ قىزمۇ شۇ ئىسىم جىدىلىدە يۈرۈيدۇخو پىنھان. راسىت بى ئۆزگەرتىپ بېرىلى توغراقنىڭ ئىسمىنى .مەن تۇمارىس دەپ ئەزا كۆرمىدىم .(خو ئالاي دەپچۇPinhan:
توغراقنىڭ ئىسمىنى بىر ئۆزگەرتىپ بەرسەكمۇ بوپتىكەن .... قىز بالىغا توغراق دەپ نام قۇيۇۋالسىمۇ تازا بولمىغۇدەك ... بىر نەچچە كۈن بولدى ، بۇ قىزمۇ شۇ ئىسىم جىدىلىدە يۈرۈيدۇ

سىزگىمۇ بىر خو كەتتىUyghurBaligh:
راسىت بى ئۆزگەرتىپ بېرىلى توغراقنىڭ ئىسمىنى .مەن تۇمارىس دەپ ئەزا كۆرمىدىم .(خو ئالاي دەپچۇ)
ھېلقى تىما نەگە كەتتى.. ئىسىم ئۆزگەرتىدىغانلار ئۆزگەرتىۋېلىڭلار دەپ خەلە كەڭ قۇيىۋەتكەن ئىدىغۇ.. ئاشۇ تىمىنى تاپالمايۋاتىمەن. ئىسمىنى ئۆزگەرىتكەنلەرنىڭ ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى ئىسمى نىمە بۇلۇپ كەتتى. تۇنۇشلارغا قالايمىقان گەپ قىلىپ سالمايلى يەنە.
ما جەۋلانباي ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىۋالغاندەك يارلىق چىقارغىنىنى قارىمامدىغان، كونىراپ كەتكەن ئىسىملىرىمىزنى جۇاڭشيۇ قىلىپ يىڭىچە قىياپەتتە ئوينايلى دەپ بوغىچە كۆڭۈلدىكىنى بىلىۋاپتۇ، بوپتىلا قېرىغاندا ئىسىم ئۆزگەرتىپ يۈرسەممۇ سەت تۇرغىدەك، مەن يەنە مەن بولۇپ يۈرىۋېرەي..... پەرمەن بەرداربىز!
توغرا دەيدۇ جەۋلانباي.............
مۇستەقىل پىكىر قىلامايدىغان بالىكېن ماۋۇHuqush:
بايا قىسقا ئۇچۇرمۇ قىلغان ئىدىم. مېنىڭكىنى ئۆزگەەتىپ بېرىپ باشقىلارنىڭكىنى ئۆزگەرتىپ بەرنمىسىڭىز بولماسما . مەن ھېچكىمگە دېمەيمەن ئىككىمىزلا بىلىمىز جېنىم جەۋلانوف
ئەگەشمە \"خو\"چىUyghurBaligh:
راسىت بى ئۆزگەرتىپ بېرىلى توغراقنىڭ ئىسمىنى .مەن تۇمارىس دەپ ئەزا كۆرمىدىم .(خو ئالاي دەپچۇ)

ئىزدىنىش قا كىيۇرى خانىملار كىرىپتىكەندە ...
توغراق پېتى تۇرسۇن!
مۇشۇ كىيۇ- كىيۇ رىمدا، 5 يىل بۇرۇنقى پىراكتىكانت قەشقەرلىك قىزلاردىن بىرى بار، قان تىپى دەھشەت ئالاھىدە، يېقىندا بىرى شۇ قان تىپىنى ئىزدەيدىكەن، ياردەم قىلالمىدىم، توغرا! ئىسىمنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە ئاۋارىچىلىق بىزگە بولىدىكەن.
توغراق خانقىز بەك بولالماي قالسا ئاران- ماران توغراقگۈل دەپلا ئۆزگەرتسەك كۇپايە بولارمىكىن چىدىمايدۇ ما گەپكە!
جەۋلانوف قا مەن قويغان ئىسىم سېڭىپ قاپتۇ جۇمۇ بالىلار، ھەجەپ خوش بوپ كېتىۋاتىمەن مەن بىلمىدىم جەۋلانۋىچ جەۋلانجان ياقتادىمىكى؟
ئۇف ۋايجان ماڭا كەگەندە ئەجەپكە تەسكە چۈشتى ئىسىم ئۆزگەرتىش.ئا يەدىكى مۇراسىمدا مۇشۇ ئىسىم ئۆزگەرتىش تۈپەيلى مەھمۇت بىلەن ئابدۇلئەھەت تاس قالدى ئۇرۇشۇپ قالغىلى........Baqka:
توغراق پېتى تۇرسۇن!
مۇشۇ كىيۇ- كىيۇ رىمدا، 5 يىل بۇرۇنقى پىراكتىكانت قەشقەرلىك قىزلاردىن بىرى بار، قان تىپى دەھشەت ئالاھىدە، يېقىندا بىرى شۇ قان تىپىنى ئىزدەيدىكەن، ياردەم قىلالمىدىم، توغرا! ئىسىمنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە ئاۋارىچىلىق بىزگە بولىدىكەن.
توغراق خانقىز بەك بولالماي قالسا ئاران- ماران توغراقگۈل دەپلا ئۆزگەرتسەك كۇپايە بولارمىكىن
چىدىمايدۇ ما گەپكە!
ماي پۇرىتىۋەتسىڭىز يۈرۈشۈپ كېتىدۇ مۇراسىملىرىڭىز توغراقگۈل. ھا..ھا..