honzada يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 11:13:30

«كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» ۋە ئۇ بارلىققا كەلگەن

      خەلق قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا خەلق قوشاقلىرى كۈچلۈك ئىدىيىۋىلىككە، جەڭگىۋارلىققا ۋە رېئاللىققا ئىگە.
      خەلق ئەدەبىياتىمىزدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ، ھازىرغىچە بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ كېلىۋاتقان، ھازىرمۇ كىشىلەر سۈيۈنۈپ ئېيتىدىغان «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىيات بىلەن سۇغۇرۇلغان تارىخىي قىممەتكە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە خەلق ئەدەبىيات – سەنئىتىدۇر.
      «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» نڭ سىياسىۋىيلىكى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇنىڭدا چار رۇسىيىنىڭ ۋەتىنىمىزنى بۆلىۋېلىشقا ئورۇنغان جىنايەتلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك جاھانگىرلارغا تېز پۈككەنلىكى، نەتىجىدە ئىلى ئۇيغۇرلىرى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتتا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت تارتقانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
      19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن يەنى 1840- يىلدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەسلىمچىلىكى تۈپەيلىدىن، خەلقئارادىكى جاھانگىر دۆلەتلەر تەرەپ-تەرەپتىن بېسىپ كىرىپ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋېلىشقا ئورۇندى . 1865- يىلى ئەنگلىيە ياقۇببەگنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى بېسىۋالدى. چىرىكلەشكەن چىڭ ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەڭسىز شەرتنامىلەرگە ئىمزا قويدى. مانا بۇنىڭغا قارشى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرى ۋە ئىسيانلىرى كۆتۈرۈلدى.
      ئىلى خەلقىمۇ ئۆزلىرىنىڭ 1864- يىلى ساتقىن چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەم چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ يەتتىسۇغا كۆچۈشكە باشلىدى. يەتتىسۇغا ئەڭ بۇرۇن چاررۇسىيە چېگراسىغا يېقىن بولغان چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخاي مازىرىدىكى ئۇيغۇرلار كۆچتى. خۇنخاي مازىرىدىكى ئۇيغۇرلار دەسلەپتە ئارلىقنىڭ يېقىنلىقىدىن يەتتىسۇغا قانداق تېز كۆچۈپ چىققان بولسا، كېيىن چاررۇسىيىنىڭ زۇلمىغا چىدىماي ئۆز ماكانلىرىغا شۇنداق تېز قايتىپ كەلدى.
      «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا چاررۇسىيە جۇڭگو زېمىنىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بېسىۋېلىشنى قەستلەپ، ئىبلىس قۇلىنى ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئىلى رايونىغا سوزغاندا مەيدانغا كەلگەن. چاررۇسىيە «رۇسىيە چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» دېگەننى باھانە قىلىپ، 1871- يىلى 6- ئايدا ئەسكەر چىقىرىپ ئىلىنى بېسىۋالغان ھەمدە «ئىلى مەڭگۈ رۇسىيە قارمىقىدا بولىدۇ » دەپ جاكارلىغان. ھەم خەلقلەرنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان. لېكىن شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، يەتتىسۇغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى نامرات دېھقانلار بولغاچقا، ئۇلار كۆچۈش داۋامىدا نۇرغۇنلىغان جاپالارنى چەككەن، كۆچۈشنى خالىمىغانلار قامچا يېگەن ، ئاھۇ-زار ھەممىلا يەرنى قاپلاپ كەتكەن. ئەنە شۇ چاغدا يەتتىسۇغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى 45 مىڭ 373 كىشىگە يەتكەن.
      چاررۇسىيە ئىلىنى بېسىپ ياتقان ئون يىل ئىچىدە (1871ـ1881) خەلقىمىزنى كۆپ قېتىم ئەسكەر بولۇشقا زورلىغان، تەھدىت ئاستىدا رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن جۇڭگو دېھقانلىرى، چارۋىچىلىرى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ سەرسانلىق، سەرگەردانلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان. 1881- يىلى «جۇڭگو -رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، چاررۇسىيە ئىلىنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ قورغاس دەرياسىنىڭ غەربىدىكى زېمىنىنى يولسىزلارچە بۆلىۋالغان ھەمدە توققۇز مىليون رۇبلى پۇلنى قاقتى-سوقتى قىلغان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، رۇسىيە سودىگەرلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ئەركىن سودا قىلىشىغا يول قويۇشىنى ، ئۇلاردىن ۋاقتىنچە باج ئالماسلىقنى يولسىزلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، «قوغداش» نامى ئاستىدا ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى مەجبۇرى كۆچۈرمەكچى بولغان. كۆچۈشكە ئۇنىمىغانلارنى ۋەھشىلىك بىلەن قامچىلىغان. «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» دا ئەينى ۋاقىتتىكى چاررۇسىيىنىڭ جىنايەتلىرى پاش قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ساتقىنلىقىغا بولغان ئۆچمەنلىكى، ئۆز يۇرتىدىن قىلىچ-نەيزە ئاستىدا مەجبۇرىي ئايرىلىش ئاۋازى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئانا يۇرتقا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادىلەنگەن.
      چاررۇسىيىنىڭ ئىلى خەلقىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈشى ۋە ئۇلارنى ئېغىر دەرىجىدە تالان-تاراج قىلىشى ئارقىسىدا ئىلى رايونى چۆلدەرىگەن، ئادىمى ئاز، باغ-ۋارانلىرى ۋەيران بولغان خارابلىققا ئايلانغان، «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» ئەنە شۇ ئەلەملىك كۈنلەرنىڭ يالدامىسىدۇر.
      «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈيى ئالاھىدە جاراڭلايدۇ، چاررۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىلى خەلقنى قىلىچ-نەيزە ئاستىدا يەتتىسۇغا مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت زوراۋانلىقى بىۋاسىتە پاش قىلىنىدۇ:

ئاق پادىشاھ لەشكەرلىرى،
ئالتۇن كولاپ تاش كەستى.
دېھقانلارنى كۆچ-كۆچ دەپ،
قىلىچ بىرلە باش كەستى.

     

      «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» نىڭ كۆپ قىسمى خەلقىمىزنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىش ئەلىمىگە بېغىشلانغان:

مىڭ جاپا بىلەن سالغان،
قالدى باغۇ بوستانلار.
يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ،
دىلدا قالدى ئارمانلار.

بىز ئىلىدىن كۆچكەندە،
ئالتىنچى ئاي روزىدى.
بۇنداق ئېغىر كۈنلەردە،
ئاتا-ئانا بولسىدى.

ئىلىدىن كۆچۈپ چىقىپ،
يان بۇلاقتىن ئايرىلدۇق.
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جايلاردىن،
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلدۇق.
...............................

      «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» نىڭ بىر قىسمى كۆچمەنلەرنىڭ يولدا تارتقان جاپا- مۇشەققەتلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ ، بۇ كۆچمەنلەر ئېيتقاندەك «دەرد ئۈستىگە دەرد » كۈيىدۇر:

خۇنخاي يولىدا تاللار،
شاخ شېخىدا مارجانلار.
يوللاردا جاپا تارتىپ،
ئېقىپ كەتتى بۇ جانلار.

      چاررۇسىيە تەرىپىدىن زورلاپ ئېلىپ كېتىلگەن ئىلى ئاھالىسى ئۆي، يەر، چارۋا، مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىلگەن يەرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، دېھقانچىلىق بېجى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. نۇرغۇن كىشىلەر خانىۋەيران بولۇپ چاررۇسىيە پومېشچىك، كاپىتالىستلىرىنىڭ ياللانمىسىغا ئايلىنىپ قالغان:


يېڭى مايۇر يەر بەرمەس،
يول ئۈستىنى تەردۇرمەس.
باشقا قاتتىق كۈن چۈشتى،
بەش خولۇقتىن يەر تەگمەس.

ئۆسەككە بارارمىز دەپ،
ئەسكى تام ئارا ياتتۇق.
ئۆز جايىمىز پۈتكىچە،
تۇپراق تۆپىدە ياتتۇق.

ئۆسەككە بارغان خەلقلەر،
ئەسكى تامنى ئۆي قىلدى.
ئۇندا خوتۇن ئالغانلار،
ئەسكى تامدا توي قىلدى.

ئاشپۇزۇلدا ئولتۇرسام،
چىن تەخسىدە ئاش كەلدى.
ئىلىنى خىيال قىلسام،
قارا كۆزۈمگە ياش كەلدى.

      مانا بۇ چىن يۈرەكتىن قايناپ چىققان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتتۇر. ھازىرقى شارائىتتا ئەنە شۇ تارىختىكى ۋەتەندىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان خەلقىمىزدىن مىراس قالغان بۇ قوشاقلارنىڭ تارىخى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىش تولىمۇ زۆرۈردۇر .

      مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى

مەنزىل:http://honzada.blogbus.com/

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 20:33:46

\"مەن سېغىندىم خەلقىم سەنمۇ سېغىندىڭمۇ\" دېگەن ناخشىنى ئاڭلاپ ئاڭلاپ قاينايمەن .ئاڭلاپ ئاڭلاپ يىغلايمەن .

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 20:49:25

<<كۆچ-كۆچ قوشىقى>> ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قوشاق تۈرىنىڭ تارىخى قوشاقلار تۈرىگە كىرىدۇ.ئۇ 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كىيىنكى 1881-يىللىرى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتىكى چارروسىيە ھۆكىمىتىنىڭ زىمىنىمىزنى بېسىۋېلىپ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنى يۈرگۈزگەن دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىلىشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن خەلقىمىزنىڭ قوشاقلىرى ھېسابلىنىدۇ.   

<div>كۆچ-كۆچ قوشىقى</div>



<div>كۆچ-كۆچ دېسە قورقامدۇ،
كۆچۈپ يۈرمىگەن ئەللەر؟
ئۆز يۇرتىغا يېتەمدۇ،
بېرىپ كۆرمىگەن يەرلەر.

چۆللەرگە چىقىپ كەتسەك،
چۆلنىڭ بۆرىسى باردۇر.
كۆچمەن كۆچكەن ئەللەرنىڭ،
قېرى-چۆرىسى باردۇر.

كۆچمەن كۆچكەن ئادەملەر،
قىبلىگە قاراپ ماڭدى.
ئەل-يۇرتىغا خوش ئېيتىپ،
كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

بۇرادەرلەر خوش ئەمدى،
خۇدايىمغا ئامانەت.
جېنىمىز ئامان بولسا،
كۆرىشەرمىز سالامەت.

ئورۇس ھارۋىسى دەيدۇ،
ئالدى چاقى پەس ئىكەن.
خەقنىڭ يۇرتىدا يۈرۈپ،
كۈن ئالماقمۇ تەس ئىكەن.

ھار ۋېدا كېېتىپ بېرىپ،
كەينىمىزگە قايرىلدۇق.
بىتەلەي ئىكەنمىز بىز،
ئاتا-ئانىدىن ئايرىلدۇق.

قارىغاي يوپۇرمىقى،
ياپيېشىل بولار ئىكەن.
ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلسا،
خويما دەرد بولار ئىكەن.

كىچىك بالىلار ئوينايدۇ،
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ.
كۆچمەن خەقلەر يىغلايدۇ،
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ.

كەچ كىرىپ تاڭ ئاتمايدۇ،
مەن بىلەن قېرىشقاندەك.
يۇرتۇمدىن ئايرىلدىم،
لاچىن سوققان توشقاندەك.

قارا ئېتىم تاي ئىدى،
يوغان بولدى،ئات بولدى.
يۇرىتتا قالغان تۇغقانلار،
ئەمدى بىزگە يات بولدى.

بىز ئىلىدىن چىققاندا،
ئالتىنجى ئاي روزى ئىدى.
باشقا ئەلەم كەلگەندە،
ئەمدى بىزگە يات بولدى.

ئاخشىمى قاراڭغۇدا،
كۆرىنەر چىراغ ئوتى.
كەڭ يايراپ يۈرەي دېسەم،
قورقىمەن خەقنىڭ يۇرتى.

قارىسام كۆرۈنمەيدۇ،
يۇرتىمىز_ئاۋرال تېغى.
ئەجەپمۇ يامان ئىكەن،
تىرىك ئايرىلىش دېغى.

ئۆسەككە(1)بارارمىز دەپ،
ئەسكى تام ئارا ياتتۇق.
ئۆي-ماكاندىن ئايرىلىپ،
غەم-ئەندىشىگە پاتتۇق.

قالدى مىڭ جاپا بىلەن،
تىككەن باغۇ بوستانلار.
يۇرت-مەھەلىدىن ئايرىلىپ،
يۈرۈكتە قالدى ئارمانلار.

ئىلىدىن چىقىپ كېلىپ،
يانبۇلاقتىن قايرىلدۇق.
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جايلاردىن،
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلدۇق.

يەركەتنىڭ يولى دەيدۇ،
كۆۋرىكىدە يوغان تاش.
بىزنى يۇرىتىن ئايرىغان،
نىكولايدۇر باغرى تاش.

يەركەت يېنىدا ئۆسەك،
ئۆسەكتىن ئۆتۈپ تۈرگىن.
بۇ جەبىرىنى قىلدىڭ سەن،
ئاخىرى ئۆزۈڭ كۆرگىن.

ئوقنى ئاتتى يۈرەككە،
يېنىپ تەگدى يۈرەككە.
ئاق پاشانىڭ قىلىقى،
ئورناپ كەتتى يۈرەككە.
</div>



(1)ئۆسەك_دەريا ئىسمى

مانا بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاھۇ-زارىدۇ.

http://qawandazlar.blogbus.com/logs/31037176.html

بەت: [1]
: «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» ۋە ئۇ بارلىققا كەلگەن