يۇمۇر كەتتى ، تازا بىر كۈلۈۋېلىڭلار ...
يۇمۇرلار
چىراغ ئۆچۈرۈش
كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ مەكتەپ دەرۋازىسىغا كەلگەن ئوقۇتقۇچى سىنىپنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمىگەنلىكى كېلىپتۇ -دە ، بۇ ئىشنى چەت يېزىدىن يېڭىلا كەلگەن دەرۋازىۋەنگە تاپىلاپ ئالدىراپ ئۆيىگە قايتىپتۇ . ئەتىسى ئىشقا كېلىپ سىنىپنىڭ چىرىغىنىڭ يەنىلا يورۇق تۇرغانلىقىنى بايقاپ دەرۋازىۋەندىن سوراپتۇ :
- ئاخشام سىنىپنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمىگەنمىدىڭ ؟
- ئۆچۈرگەن ، چىراغ يېنىپ قالمىسۇن دەپ تېخى ئىككى قېتىم ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدىم .
نامراتچىلىق
گۈزەل سەنئەت مۇزىيىدا رەسىم كۆرگەزمىسى كۆرۈۋاتقان بىر ئايال جۇلدۇر - كېپەن بىر سەرگەرداننىڭ ئوبرازى سىزىلغان ماي بۇياق رەسىمنىڭ ئالدىدا تازا سەپسېلىپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئەتراپىدىكىلەرگە دەپتۇ :
- نامراتچىلىقتا ئۇچىسىغا تۈزۈكرەك بىرەر قۇر كىيىم ئېلىشقىمۇ قۇربى يەتمىگەن ئادەمنىڭ باشقىلارغا رەسىمىنى سىزدۇرۇشقا نېمە قويۇپتۇ ئەمدى !
چۈش كۆرۈش
ئا : ئايالىم تۈنۈگۈن كەچتە كاتتا بىر باي بىلەن توي قىلىپ چۈشەپ قېلىپتۇ .
ب : ئۇنداقتا ھەر ھالدا تەلىيىڭىز بار ئىكەن ، مېنىڭ ئايالىم كۈندۈزدىمۇ مۇشۇنداق چۈشلەرنى كۆرىدۇ .
كەسىپ ئەھلى
گۈزەل سەنئەت موزىيىدا رەسىم كۆرگەزمىسى كۆرۈۋاتقان ئىككەيلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ .
ئا : قاراڭە ، بۇ شاپاقنىڭ كۆرۈنۈشى ئىكەن .
بۇ ئەتىگەنلىك شەپەقمىدۇ ياكى كەچكى شەپەقمىدۇ ؟
ب : بۇ چوقۇم كەچكى شەپەق .
ئا : بۇنى قانداق جەزىملەشتۈردىڭىز ؟
ب : مەن بۇ رەسسامنى تونۇيمەن ،ئۇ ھەرگىزمۇ ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن بۇرۇن تۇرمايدۇ .
يۇقىرى ئورۇن
يوھان دوستىغا ماختىنىپتۇ :
- مېنىڭ ئاستىمدا نەچچە مىڭ خىزمەتچى ئىشلەيدۇ .
- ئۇنداقتا ئەمىلىڭىز كاتتا ئوخشىمامدۇ ؟
- ئەمىلىمغۇ تايىنلىق ، بىراق ئىشخانەم 29- قەۋەتتە .
پاكىز ئورۇن
تېخى يېڭىدىن يولغا چىققان كوچا ئاپتۇبۇسىدا يولۇچى بىلەن شوپۇر پاراڭلىشىپ قاپتۇ :
يولۇچى : ئۇستام بۇ ئورۇندۇقلار نېمىدىگەن مەينەت ؟
شوپۇر : كەچۈرۈڭ ، بۇ بۈگۈن تۇنجى قېتىم يولغا چىققان ئاپتۇبۇس ، ئاخىرقى بېكەتكە بېرىپ بولغىچە ئورۇندۇقلار پاك - پاكىز بولۇپ كېتىدۇ .
ئانا بىلەن قىز
ئانا قىزىدىن قەۋەتلا رەنجىپ دوستىغا كايىپ كېتىپتۇ :
- قارىمامسىز بۇ كەمنىڭ قىزلىرىنى ، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرىپ يىگىت تېپىۋاپتۇ ، تېخىمۇ ئەلەم قىلغىنى ، مەندەك بېقىپ چوڭ قىلغان ئاپىسىنىڭ 32 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالغىنىنى دېمەمسىز ئۇ جۇۋاينىمەكنىڭ !
ئۇنىۋېرسال دورا
پىراكتىكانت يېتەكچى دورىگەردىن سوراپتۇ :
- ئۈستەل يېنىدىكى كىچىك قاپتىن ئالغىنىڭىز قانداق دورا ؟
دورىگەر : دوختۇرلار يازغان رېتىسىپتىكى دورىنىڭ نامىنى ئوقۇيالمىغان ۋاقىتتا بىمارلارغا مۇشۇ قاپتىكى دورىنى بىرېۋىرىمەن ، بۇ ئۇنىۋېرسال دورا ، پايدىمۇ قىلمايدۇ ، زىيانمۇ قىلمايدۇ .
تونۇش پۇراق
كۈن بويى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بەكلا چارچاپ كەتكەن ئايال ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر رومكا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ، كىچىك قىزىنى پەپىلەپ كارىۋاتقا چىقىپتۇ ، قىز ئاپىسىنى پۇراپلا ھەيران بولۇپ دەپتۇ :
- ئاپا ، بۈگۈن ئەجەپ دادامنىڭ ئەتىرىنى ئىشلىتىۋاپسىز !
ئەسەر
ئايالى : توي قىلغىنىمىزغا يېرىم يىل بولۇپ قالدى ، ئەجەپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغىنىڭىزنى كۆرمەيمەنغۇ ؟
ئېرى : مەندە نەدىمۇ ئۇنداق تالانت بولسۇن .
ئايالى : توي قىلىشتىن ئىلگىرى " لايىق ئىزدەش ئېلانى " غا ، ئۆلكە دەرىجىلىك گېزىتتە ئەسەر ئېلان قىلغان دەپتىكەنسىزغۇ !
ئېرى : ھە ، ئاشۇ " لايىق ئىزدەش ئېلانى " نى ئۆلكە دەرىجىلىك كەچلىك گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ئەمەسمۇ .
قىز ئوقۇغۇچى
ئايالى : ئاڭلىسام سىز كەچلىك كۇرستا دەرس ئۆتكەندە دائىم قىز ئوقۇغۇچىلاردىنلا سوئال سورايدىكەنسىز ، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ئەمدى ؟
ئېرى : ئۇ سىنىپىكى 50 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۈچلا ئوغۇل تۇرسا ، مېنى يەنە نېمە قىل دەيسىز ؟
كېلىشىم
ئايال : بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش - تالاش قىلىشماي ، بىر - بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ ياخشى ئۆتەيلى ، مەنمۇ ئادەم تىللايدىغان يامان ئادىتىمنى ئۆزگەرتەي ، سىزمۇ مۇشتۇمزورلۇق قىلماڭ بولامدۇ ؟
ئەر : بولىدۇ ، ئەگەر يەنە ئادەم تىللايدىغان بولساڭ مېڭەڭنىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋېتىمەن .
ئايال : ھۇ مۇتتەھەم لۈكچەك ! شۇنداق قىلىپ باقە قېنى ...
تېلېۋىزور كېسىلى
بىر جۈپ ياش ئەر - ئايال بولۇپ ، ئەر ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا ئائىلە ئىشلىرى بىلەن كارى بولماي تېلېۋىزوردىن بوكىس مۇسابىقىسى كۆرىدىكەن ، بۇنىڭغا چىدىمىغان ئايالى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىپتۇ ، ئايال چوڭ ئۆيگە كىرىپلا تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان دادىسىدىن سوراپتۇ :
- ئاپام كۆرۈنمەيدىغۇ نەگە كەتتى ؟
- ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى ، - دەپتۇ ، دادىسى تېلېۋىزوردىكى بوكىس مۇسابىقىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەستىن .
توي كۆڭلىكى
مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن ئىككى تال قوناق توي قىلىپتۇ ، بىراق توي كۈنى يىگىت كېلىنچەكنى تاپالماي ، يېنىدا ئەگىشىپ يۈرگەن قوناق ئېتىلدۇرمىسىدىن سوراپتۇ :
- كېلىنچەكنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى كۆردىڭىزمۇ ؟
- قاراڭە سىزنى ، توي كۆڭلىكى كىيىۋالسام تونۇيالمايلا قالدىڭىزمۇ مېنى - دەپتۇ قوناق ئېتىلدۇرمىسى ناز قىلىپ .
پاكار ئۈستەل
ئايال : ئىشتىن ئەجەپ كەچ چۈشتىڭىزغۇ ؟
ئەر : سىرتتا ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى .
ئايال : ئىشەنمەيمەن ، چوقۇم يەنە قارتا ئوينىغىلى باردىڭىز .
ئەر : ئەزبىرايى ، قارتا ئوينىمىدىم ، سىزنى ئالدىمايمەن .
ئايال : ئۇنداقتا پېشانىڭىزدىكى نېمە ھۇررەك ئۇ ؟
ئەر : تۆتىمىز ئولتۇرغان ئۈستەل بەك پاكار ئىكەن ،ئاستىدىن ئۆمىلەپ ئۆتكىچە ...
قەيسەر ئابلىكىم تەرجىمىسى
مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى