Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 09:41:50

يۇمۇرلار يېغىلىپ قالدىمىكى دەيمىنا

بىرەر يىلدىن بىرى يېغىلىپ قالغان يۇمۇر-قىززىقچىلىقلار بولسا دېيىشمەيمىزمۇ باللا!!!

مەن پىچەت يېڭىسىدىن  باشلاي ئەمىسە:

بىر ئاغىينىمىزنى سەھرادىن تۇققانلىرى يوقلاپ كىرىپتۇ. ئايالى تاماق ئىتەي دېسە ئۆيدە گاز تۈگىگەن. شۇ خىجىلچىلىقتا تۇققانلارغا دەپتۇ: - خاپا بولۇشمايلا ئايالىم تاماق ئېتەي دېسە << مېچى>> تۈگەپ قاپتىكەن. سېرتقا چىقىپ ياخشىراق ئاشخانىدا سىلەرنى مىھمان قىلىۋالاي، دېسە ئاۋۇ تۇققانلار :
ھېچنىمە بولمايدۇ، ئاشخانىدا تاماق قىژمەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە تازا پاكىز دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن. بىز سەھرادا سۇيقاش ئىچىپ كۆنۈپ كەتكەن، ئاشنى مېچى سالماي ئېتىۋەرسۇن، ئىچىۋېرىمىز........

ماۋۇسى سەل كونا يۇمۇر:

تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەلۇم سىنىپتا پىزىكا دەرىسى ئۆتىۋاتقان خانىم نىڭ كۆزى ئارقىدا مىتىلداپ ئولتۇرغان ئىككى بالىغا چۈشۈپتۇ ۋە :

-ھەي ! نېمە كوتولدىشىۋىرسەن  ئىككىڭ ، قوپىشە ئورناڭدىن ، جوزىنىڭ تىگىدە نىم با ئىككىڭگە ؟

دەپلا بۇ ئىككىسىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ. خانىم دەرسىنى داۋاملاشتۇرغاچ قايلىسا بۇ ئىككىسى يەنە شىشى خاخا ، شۇنىڭ بىلەن خانىم قولىدىكى كىتاپنى شىرەگە پاققىدە ئاتتىدە ، ھېلىقى كەپسىزنىڭ بوياندىن ئالغان گەپ.

-- خانۈم م م  ما مەكتاپتا ئوقوغۇچىنى ئۇسا پاكەن با جۇما !

-ئۇنداق بولسا دەپ باقە قەنە ، مەن ھازىر دەۋاتقان فارادىي نەلىك ؟

  بۇ گۇي سۇئالنى ئېنىق ئاڭلىمىغان چىغى ، قىشىدىكىدىن سوراپتۇ :

--ئىدىششششش  ، ئى قاراجى دېگەن نەلىكتى ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 11:13:00

مەنمۇ ساقلاپ قويغىنىمدىن بىر ئىككىنى يوللاپ قوياي ، قالغىنىنى كېتىپ بېرىپ دىيىشەرمىز .

سوتچى بالىسنى پارىژ تىياتىرخانىسدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا كېچىلىكىگەئېلىپ بېرپتۇ.كېچىلىكتەبىر يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى ئىنتايىن جۇشقۇن ناخشا ئېيتىپتۇ.
-دادا،ئاۋۇ ئادەم نېمىشقا تاياقنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئاۋۇ ئايالنى قورقىتىدۇ؟
-قورقۇتمىدى،ئۇ دىرىژورلۇق قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا ئۇ ئايال نېمانچە جېنىنىڭ بارىچەۋارقىرايدۇ ئەمىسە.

---------------------------------------------------------------
ساقچىلار قىمار ئويناۋاتقان تۆت كىشىنى تۇتىۋاپتۇ.
_سىلەر قىمار ئويناشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىگىنى بىلمەمسىلەر؟_دەپ سۇراپتۇ ساقچى.
_مەن قىمار ئوينىمىدىم ،مەن پەقەت كۆرۇپ تۇرغان ،_دەپتۇ ئۇلارنىڭ بىرى.
ساقچى يەنە بىر ئادەمدىن سوراپتۇ.
_ مەن ئاپتۇبۇس ساقلاۋاتقانتىم ،_ دەپتۇ يەنە بىرى.
ئۇچىنچى ئادەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،دەرھاللا :
_ مەن يۇرگىنىمنى ساقلاۋاتقان،_ دەپتۇ.
ساقچى قۇلىدا قارتا تۇتقان 4-ئادەمگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
_ سېنىڭ قولۇڭدا ماددى ئىسپات بار ،سەنغۇ تىنىۋالالماسسەن .ئۇ ئادەم بىر دەم قۇلىغا ، بىر دەم ساقچىغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
_ ساقچى ئەپەندىم ،سىزنىڭچە ،مەن كىم بىلەن قىمار ئوينىغاندىمەن ؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 11:18:57

بۇ ئانچە قىزىق ئەمەسكەن، مەن بىرنى دەپ بېرەي:

تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمىزدا مۇئەللىم تارىخ دەرسى سۆزلىدى. بىردەمدىن كېيىن ئويناپ ئولتۇرغان دۆترەك بىر قىز ساۋاقدىشىمىزدىن سورىدى:

-ئۈچ چوڭ دىن قايسى، دەپ باقە؟

- ئىسلام دىنى... ئىسلام دىنى... ھە ....

بالىلار پىچىرلاشتى:

-ھەي، بۇددا دىنى دە... بۇددا دىنى  ...بۇددا دىنى دە...

- دۇتتا دىنى...- دېدى خاتا ئاڭلىۋالغان قىز. ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈپ كېتىۋېدۇق،  پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى!

Tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 11:19:18

* ئوردا ئالدىدا بىرى ماشىنىسىنى قايدۇرىمەن دەپ يولنىڭ توغرىسىغا ئەگىتىشىگە مۇھىم بىر تېلىفۇن كىلىپ قاپتۇ. تېلىفۇندا سەل ئۇزۇنراق سۆزلىشىپ قاپتىكەن كەينىدىكى ماشىنىدىكى ئاداش سېگنالنى بېسىۋېرىپتۇ. ھىچ بولماي كەينىدىكى ماشىنىدىكى ئاداش ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنا قايدۇرىۋاتقاننىڭ ئالدىغا كىلىپ :''ھاجېېېم مۇندا باسقانكىن مىدىراپ بىرىدىغان جۇما'' دىگىدەك(ما يۇمۇرنى مەتو بىر قانچە سۇرۇندا دەيدۇ ئەمدى)

** بىرسى يەنە شۇ ئوردا ئالدىدا توخۇ كاۋاپ ئالاي دەپ قانچە پۇل دەپ سۇرىسا ، ساتقۇچى 35كوي دەپتۇ. بازار بولغانكىن تالىشىپ ئالىدىغان ئىشقۇ دەپ ئويلاپ ،20 كويغا بەمەملا دىسە، تۇخۇ ساتقان كىشى مۇندا بىر سىڭايان قارىۋېتىپ: ئۇكام مۇشۇ تۇخۇ كاۋىپىنى يىمىسەڭلا قەتئى بوممامتا دىگىدەك

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 11:26:45

ئەفىفىي يەنە شۇ قىزباللىنىڭ يۇمۇرىنى سۆزلەپ ئولتۇردىيا

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 11:34:18

ئىنكاسلار يوققۇ؟

sezgurboy يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 11:37:15

قەشقەر خامبازىرىدا 7- يول مىنىبوسىنىڭ شۇپورلىرى ئالامەت قىتلانغانلاردە، ئۇلار ماشىنىسىغا لىق ئادەم چىقسىمۇ يەنىلا \" بەش موچەن! \" \" يېڭى بازار بەش موچەن!!! \" دەپ ئادەمنى ھىلىلا ئۇرۇۋىتىدىغاندەك توۋلايدۇ.

ماشىنىنى قوزغايدۇ يۇ يا ئىتتىك ماڭماي يا توختىماي يەنىلا \" يېڭى بازار بەش موچەن!!! \"  دەپ توۋلىغىنى توۋلىغان، ئارقا تەرەپتىن كىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ يولدا توسۇلۇپ قالغىنى بىلەن قىلچە كارى يوق.  

مۇشۇ رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە  ئىپتارغا ئاز قالغان چاغدىمۇ يەنە شۇنداق مەنزىرىگە ئۇچرىدىم. كىشىلەر ھەدەپ غۇدۇرايتتى، ئەمما ئاۋۇ ھارۋىكەش يەنە توۋلايتتى \" يېڭى بازار بەش موچەن!!! \" ، \" يېڭى بازار بەش موچەن!!! \" ...

شۇ ئارىدا بىرسى ئۇنىڭغا قاراپ  : \"ئۇكەم، خۇدايىم بىرە، مېڭىپ قويماملا\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 11:41:55

ئىنكاسلارنىمۇ تەستىقلاۋاتىمىز...بىكار بولساملا ئىنكاس يىزىلغان يەرنى كۆزىتىپ ئولتادىم. يېزىلىپ بولغۇچە توپ بىر تەرەپ قىلىپ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 13:33:10

بىر كۇنى قەشقەرلىك بىر بوۋاي تۇققان يوقلاپ غۇلجىغا بېرىپ ، تۇققىنىنىڭ ئويىنى تاپالماي ، كوچىدا كېتىپ بېرىپ ، بىر نەچچە ياش بالىلار يولنىڭ بويىدا پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان يەرگە كېلىپ قاپتۇ ، بوۋاي بۇ ياش بالىلاردىن سوراپ باقاي دەپ ، تۇققىنىنىڭ ئادىرسىنى سورىسا ، بۇ ياش بالىللارنىڭ ئىچىدىن بىرسى ، بوۋاينى ئەخماق قىلىش ئۇچۇن --- سىلى سورىغان جاينى مەن بىلىمەن ، مەن دەپ بىرىشتىن ئىلگىرى سىلىدىن بىر تېپىشماقنى سورايمەن ، دەپ بىرەلىسە سىلە سورىغان جايغا ئاپىرىپ قويىمەن --- دەپتۇ ، بوۋاي --- بولىدۇ سوراڭ ---- دىسە ، ياش بالا تېپىشماقنى باشلاپتۇ :
--- ئالدىدا بىر چاقى بار ، كەينىدە ئىككى چاقى بار ، تۇز يەردە كېتىپ بېرىپلا ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ ، ئۇ نىمە ؟
--- ئايرۇپىلان .
---ئايرۇپىلان ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، شۇ نەنىڭ ئايرۇپىلانى ؟ ئامىركىنىڭمۇ ، گىرمانىيەنىڭمۇ ، ياپۇنىيەنىڭمۇ ، جۇڭگونىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن .
--- ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .
--- ئۇنداق بولسا يەنە بىرنى سوراي ، ئىككى تۇمۇر رېلىسنىڭ ئۇستىدە ئۇزۇن بىر نەرسە نۇرغۇن يۇكنى ئېلىپ ماڭىدۇ ، ئۇنىمە ؟
--- پويىزغۇ .
---پويىز  ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، شۇ نەنىڭ پويىزى ؟ ئامىركىنىڭمۇ ، گىرمانىيەنىڭمۇ ، ياپۇنىيەنىڭمۇ ، جۇڭگونىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن .
--- ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .--- دەپ بولۇپ بوۋاي بۇ بالىنىڭ ئۆزىنى كولدىرلىتىۋاتقانلىغىنى سېزىپ ئاچچىغى كەپتۇدە ياندۇرۇپ ئۇ ياشتىن سوراپتۇ :
--- مەن سەندىن بىر تېپىشماق سوراپ باقاي ، سەن جاۋاپ بىرەلەمسەن قېنى ؟
--- سورىسىلا .
--- سەن بىلەن ماڭا ئوخشاش ئادەم ، چېچىنى ئۇزۇن قويىۋالىدۇ ، قېشىغا ئانچە مۇنچە ئوسما قويىۋالىدۇ ، قولىغا خېنە قويىدۇ ، ئويدە بولسا تاماق ئېتىدۇ ، كىر قات يۇيىدۇ  ، ئۇنىمە ؟
--- ئايال كىشىغۇ .
--- ئايال كىشى ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، مەن ئاناڭمۇ ، ئاچاڭمۇ ، سىڭلىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن ......

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 13:34:59

توردا كۆرۈپ قېلىپ ساقلاپ قويغان يەنە بىژسى باكەن .


ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق
بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . ئۇ پاقىنى ئۆلتۈرۈپ توپنى ئالماقچى بولۇپ پالاقنى كۆتۈرىشىگە پاقا توپنى چىقىرىۋىتىپ گەپ قىلغىلى تۇردى :  
-مىنى ئۆلتۈرىۋەتمە، مەن ئادەتتىكى پاقا ئەمەس، سىھىر ئىشلىتەلەيمەن. ئەگەر مىنى قويىۋەتسەڭ ئۈچ ئارزۇيىڭنى قاندۇرىمەن .
  ئايال پاقىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى .پاقا:
- سەن ئارزۇيىڭنى ئېيتىشتىن بۇرۇن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قوياي – دىدى پاقا – ھەر بىر ئارزۇيىڭنى ئېيىتقاندا ئېرىڭمۇ ئارزۇيىڭدىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئېرىشكىنى سىنىڭكىدىن ئون ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
ئايال پاقىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ھاياجانغانلىقىدىن ئالدىراپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە كۆڭلىدە سان بولغاچقا، پاقىغا قاراپ:
-گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئايال بولۇشنى ئويلايمەن،- دىدى .
پاقا دەرھال ئۇنىڭ گىپىنى بۆلدى :
- ئىسىڭدە بولسۇن ئېرىڭمۇ ئەڭ كىلىشكەن ئەر بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئەپسانىلەردىكى جەزىبىدار يىگىتمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەرلەرنىڭ پىيىغا چۈشىدىغان ئاياللارنىڭ ئايىغى بىسىقمايدۇ .
- بۇنىڭ ئەنسىرگۈدەك نىمىسى بار – دىدى ئايال سۈزىنى باشلاپ ،
- مەن تەڭداشسىز ساھىپ جامالغا ئايلانسام ، ئەجىبا ئۇنىڭ كۆزى مەندە بولماي باشقىلارغا چۈشەمدىكەن !
ئۇ شۇئان تەڭداشسىز ساھىپ جامالغا ئايلاندى .
- ئىككىنچى ئارزۇيىمغا كەلسەك،- دىدى ئايال ئۇلاپلا – جاھاندىكى ئەڭ باي ئايال بولماقچىمەن .
- ئىسىڭدە بولسۇن ، ئېرىڭنىڭ بايلىقى سەندىن ئون ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ .
- غەم قىلىش ھاجەتسىز – دىدى ئايال جاۋابەن – مىنىڭ بايلىقىم ئۇنىڭغا مەنسۈپ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بايلىقىمۇ ماڭا مەنسۈپ – تە .
ئۇ شۇئان جاھاندىكى ئەڭ باي ئايالغا ئايلاندى .
- ئۈچىنچى ئارزۇيىمغا كەلسەك ..... – دىدى ئايال قوشۇمىسىنى تۇرۇپ ئويلانغىنىچە، ئارقىدىن پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى قويدى-دە :
- تاپتىم، مىنى ئانچە ئىغىر بولمىغان ، بىر ئوپراسيە بىلەنلا ساقىيىپ كېتىدىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار قىلغىن ....
بۇ ھىكايە بىزگە شۇنداق ساۋاق بىرىدۇ : ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 14:00:54

بۇ خوتۇن يۈرەك مۇسكۇل تېقىلمىسى بىلەن ئىرىنى قورقۇتماقچىمۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 15:14:51

ئۆزىنى بىر ئوپراتسىيە بىلەنلا ساقىيىپ كېتىدىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار قىلسا ، ئۇ ھالدا ئېرىنى ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 23:41:16

مۇشۇ كىراكەشلەر(تاكسىي) ئالدىغا ئادەم ئۇچرىسا ماشىنى تېخىمۇ تېز ھەيدەيدۇ ئەمەسمۇ؟

بىر كۈنى شۇندىقىنىڭ ئالدىدا قەستەن توختىۋالسام، گاچچىدە توختىاپ ھومۇيۇپ قارىۋىدى

- تورمۇز تۇتىدىكەن ھە؟

- تورموز تۇتمىسا ھازىر قانداق توختىدى ئەمىسە؟

- سىلىنىڭكىنى دېمىدىم؟

... ...

Eblex_ يوللانغان ۋاقتى 2010-9-17 07:52:53

مەنمۇ بىرنى دەپ باقاي:

بىركۈنى بىر مەس بىر موتىسىكىلىتقا ئۈچ ئادەمنى مىندۈرۈپ قىزىل كۆۋرۈكتىن يولغا چىقىپتۇ ،شاڭگاڭ بازىرىغا كەلگەندە ساقچى تۇتىۋېلىپ سوراپتۇ-

--موتسىكىلىتقا نىمىشقا ئۈچ ئادەم مۈندۈردۈڭ؟  مەس ساقچىغا قارىغىنىچە-

-- تۆت ئادەم پاتمىغاندىكىن ئۈچنى مۈندۈرمەي قانداق قىلىمەن؟دىگۈدەك.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-9-17 21:28:47

بايا ئاشخانىغا كىرىشىمگە تېلىۋىزوردا خان ئالىلېرى كەلدىىىىىىىى دىمەسما ئاشخانىدا تاماق ياۋاتقانلاردىن بىر ئىككىسى تاماق گېلىدا تۇرۇپ قىلىپ يۆتىلىپ كەتتى. مەنمۇ چاندۇرماي كۈتكۈچىگە خان ئېشىدىن بىر چىنە بۇيرۇتۇپ سالاپىتىم بىلەن ئولتۇرۋالدىم.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 10:34:01

مۇشۇ تىمىنى بىر قىزىتايلى باللار . يۇمۇرلار ماڭا بەك لازىمتى . مەنغۇ تۆكۋىتىمەن ۋالاقلىتىپ

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 10:39:26

قۇياش ئوغلىنىڭ يۇمۇرىنى تۈنۈگۈن ئوقۇپ بۈگۈن چۈشىنىپ ئەمدى كۈلۈپ، ئىچىۋاتقان چېيىم ئۆپكەمگە كەتتى

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 22:41:58

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 22:45:33

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 23:03:48

بۈگۈن كوچا ئاپتۇبۇسىدا كېتىۋېتىپ ئاق مەسچىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتىشىگە يىنىمدىكى ئۈچ قىزنىڭ دىئالوگى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى :
- بىر مۇنچە ئادەم چىقتىغۇ ؟ نىمە ئىش بولغاندۇ ؟
- نىمە ئىش بولىتى ، ناماز ئوقۇپ چىققاندۇ ؟
- شۇنداق بولسىمۇ نامازنى ھەممە ئادەم بىر يەرگە كىلىپ ئوقىمىغاندۇ ؟
- ئەمسە بىرەرسى تۈگەپ كەتكەن ئوخشايدۇ ...

ماۋۇ بۈگۈن راس بولغان ئىش جۇما ، مەن توقۇپ چىقمىدىم !


بەت: [1] 2
: يۇمۇرلار يېغىلىپ قالدىمىكى دەيمىنا