muslime يوللانغان ۋاقتى 2010-9-15 16:58:57

ئوغلۇم ئاڭلا ، ئېسىڭدە ساقلا


ئوغلۇم ئاڭلا ، ئېسىڭدە ساقلا

تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن

ئەقىدىدىن ئايرىلغىنىڭ ‏-ھالاكەتكە يۈزلەنگىنىڭ .
ئاڭلا ئوغلۇم ، كۈچلۈك ئېتىقادى بولمىغان ئادەم ، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى ، ھالال بىلەن ھارامنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ .
ئوغلۇم ، ھېسىياتنى ئەقىلنىڭ ئالدىغا قويۇۋالما ، ھېسىياتنىڭ ساڭا بېرىدىغىنى كۆپ ھاللاردا بەخت ئەمەس ، پۇشايمان ، ئازاب ، ئۆكۈنۈش بولىدۇ .
ئوغلۇم ، كۆپ ھاللاردا ئەقىل بىلەن ھېسىياتنى بىر ئورۇنغا قويۇپ بەسلەشتۈرسە ، ھېسىيات ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ .
ھەر قانداق ۋاقىت ، ھەر قانداق جايدا ئىززەت - ھۆرمىتىنڭنى قوغدىغانلىق ، ئۆز - ئۆزۈڭنى كۈچەيتكەنلىك بولىدۇ .
ۋاقتىڭ زايا بولسا ، بەختىڭ نابۇت بولىدۇ ؛
ئوغلۇم ئېسىڭدە بولسۇن ، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشى قانچە تېز بولسا ، دۇنياغا بولغان تونۇشى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ . چۈنكى ئۆزىنى تونۇمۇغانلىق دۇنيانى تونۇمۇغانلىق .
ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ ئارقىسىغا پاجىئە يوشۇرۇنغان بولىدۇ .
ئوغلۇم ، ئېسىڭدە بولسۇن ، نىشانسىز ھەرىكەت ئادەمنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ .
ھەر كىمنىڭ قەلبى ئۆزگىچە بىر دۇنيا ، ئۆزىدىن باشقا ئادەم چۈشەنمەيدۇ .
ئوغلۇم ، سەن باشقا بىرىنى سۆيمەكچى بولساڭ ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىق ساقلا ، بولمىسا ئۇ سېنىڭ ئاجىزلىقىڭنى بىلىپ قالىدۇ .
ئازاپقا يولۇقساڭ ئاھ ئۇرۇپ ، ھەسىرەت چەكمە ، ئازابنىڭمۇ ئارقىسىدا خۇشاللىق بولىدۇ ، خۇشاللىققا ئېرىشكەن چېغىڭدا ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ ، ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويما ، خۇشاللىقنىڭمۇ ئارقىسىدا ئازاپ بولىدۇ .
پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويساڭ ، ھەر قانچە ئىقتىدارلىق بولساڭمۇ ئۇتۇق ساڭا باقمايدۇ .
ئوغلۇم ، ئۆزىنى بىلگۈچى ھەر ۋاقىت ئۈمىد ، ئىشەنچ بىلەن ياشاپ ، ھەر بىر ئىشىدا مۇۋاپپەقىيەت قازىنىدۇ . بەخت - سائادەت يارىتالايدۇ . ئۆزىنى بىلمىگۈچىنىڭ بۈگۈنى تۇمانلىق ، ئەتىسى قاراڭغۇ ھەم پاجىئەلىك ، روھى قۇرغاق بولىدۇ . شۇڭا سەن ھەر ۋاقىت " بىل " ، " ئوقۇ " دېگەن تەشەببۇسنى ئېنىق بىلىپ ، مۇستەھكەم ئېتىقاد ، چىن ئەقىدە بىلەن ياشا ؛
تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەنسەن ، ئەڭ ئاۋۋال ئىلىمنىڭ جاندەك ، قاندەك ، ناندەك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىڭ كېرەك .
سەن ئۆزۈڭنى ئۇچراتقان جاي ، بۇ ئالەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكى ؛
ئوغلۇم ئاڭلا ، ئېتىقادى مۇستەھكەم ئادەمنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك ، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولۇپ ، ئېسىل ، ئالىيجاناپ كېلىدۇ . سەمىمىيلىك ، مەردلىك ، غورۇر، ۋىجدان ھەر قاچان ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ .
دۇنيادا ئاتا - ئانىسىغا تۇزكورلۇق ، ۋەتىنىگە ئاسىيلىق ، دوستىلىرىغا قارا ساناپ ، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلغان كىشى ھەقىقىي نائەھلىدۇر ؛
ئوغلۇم ، ۋاقىت رەھىمسىز جاللات !!! ئۇ ھاياتنى بوغۇزلاپ ، ئارزۇ - ئارمانلارنىكۈل قىلىپ سورۇيدۇ ، شۇڭا سەن ھەر ۋاقىتتىن توغرا ، مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىلگىن ؛
ئېسىڭدە ساقلا ئوغلۇم ، ئاقىلانە بولمىغان پىلان ئادەمگە تۈگىمەس ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدۇ ؛
تاللىماي قارىقۇيۇق دوست تۇتۇۋەرسەڭ بالادا قالىسەن ، تاپقان - تەرگىنىڭ ئۇلارنىڭ بولاڭ - تالىڭىغا ئۇچرايدۇ - دە ، بۇ دۇنيادىن ھەسىرەت - ئارمان بىلەن كېتىسەن ؛
ئوغلۇم ، بەخىتسىز بولۇپ قالماي دېسەك ، يۈرىكىڭگە ئۆچ - ئاداۋاتنى يولاتما .
روھى مۇستەقىللىق ئىچىدە ياشايمەن دەيدىكەنسەن ، ئىززەت - ئابرويۇڭ بىلەن ئۆزۈڭگە ئىشىنىپ ياشا ؛
تۇرمۇش گويا بىر پارچە نەپىش ياسالغان كىتابقا ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭغا ئىچكىرلەپ كىرگەنسېرى گۈزەللىكنى ، سىرلىقلىقنى ، رەزىللىكنى ھېس قىلىسەن ؛
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ، مېھرىبان دوستى ، شۇنداقلا ئەڭ ۋەھشىي ، رەزىل ، باغرىتاش ، رەھىمسىز دۈشمىنى ؛
ئاڭلا ئوغلۇم ، چىن ئادىمىيلىكنىڭ بەلگىسى ‏- پاك، سەمىمىي ، راستچىل ، ھالال بولۇش ، بوينىغا قىلىچ ، كۆكرىكىگە خەنجەر سانجىلغاندىمۇ راست گەپ قىلىش ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ؛
بايلىق ئالدىدا ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويما ئوغلۇم ، بايلىق دېگەن تالاشتا قالغان مېھرى ئىسسىق ، خۇلقى كۈچلۈك ، ھىيلىسى تولا جۇۋان .
ئەخلاق ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ، ئادەمدە ئەخلاق بۇزۇلغاندا رەسۋالىق ، زاۋاللىق باشلىنىدۇ .
ئوغلۇم ، قىيىنچىلىقتا قالغىنىڭدا ، مۇشەققەتكە يولۇققاندا ئۆز ئېتىقادىڭدا چىڭ تۇر ، ئۆزۈڭگە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرلە !
ئوغۇل بالىنىڭ ھەقىقىي بايلىقى ۋەتىنى ، " ئۇنداق ئەمەس " دېگۈچىلەر سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقتۇر ؛
خۇشال - خۇرام ياشايمەن دەيدىكەنسەن ، ئەتراپىڭنى ھەم ئەتراپىڭدىكلەرنى كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس يۈرىكىڭ بىلەن كۆرگىن ؛
ئوغلۇم ، ھاياتنىڭ ئەھمىتىنى تاپاي دېسەڭ ، ئۆزۈڭنى خەلقىڭگە بېغىشلا ؛
ئۆزىنى بىلمىگەن ، چۈشەنمىگەن ئادەم ھەممنى بىلمەي ، چۈشەنمەي ، پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە كېتىدۇ . مەن سېنىڭ شۇنداقلاردىن بولۇپ قالماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن ئوغلۇم !
ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ ۋەتىنىڭگە ، مىللىتىڭگە ئاسىيلىق قىلما ؛
ئوغلۇم ئالدىراقسانلىق قىلما ، پۇرسەت دەل شۇنداق چاغدا قولدىن كېتىدۇ . پۇرسەتنىڭ قولدىن كەتكىنى ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ؛
ئوغلۇم ، بىرەر قېتىملىق پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپ قايغۇرما ، ئەكسىچە بەردەم بول ، ھوشيار بولساڭ ئالدىڭدا يەنە نۇرغۇن پۇرسەتلەر بار ؛
ھەر قاچان ، ھەر قانداق شارائىتتا غورورۇڭنى ساقلاشنى بىل ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىسەن ؛
ئوغلۇم ، ئۇتۇققا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن توختاۋسىز تىرىش ، ئۈزلۈكسىز تىرىش ، ئۈزلۈكسىز ئىزدەن ، قىلماقچى بولغان ئىشىڭغا چىن دىلىڭدىن ئەقىدە ، ئىخلاس قىل ، كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش روھىنى ئۆزۈڭگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىل ؛
ئوغلۇم ، بىلىم سەۋىيەڭ بولۇپ ، جۈرئىتىڭ بولمىسا بىكار . چۈنكى جۈرئەتسىزلىك ئادەمنى نۇرغۇنلىغان ئۇتۇقلاردىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ ؛
قىلىۋاتقان خىزمىتىڭگە نىسبەتەن سەندە قىزغىن ھېسىيات بولمىسا نەتىجە قازىنالمايسەن ؛
باشقىلارنىڭ ئىشەنچ تۆرىدە ياشايمەن دەيدىكەنسەن ، ئەتراپىڭدىكىلەرگە ياردەم قىل ، مىھرى - شەپقەت يەتكۈز ، كۆڭلۈڭدە باشقىلارغا ئاداۋەت ساقلىما ، ئۆزۈڭدىن چوڭلارنىڭ نەسىھەتىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاڭلا ، مەرىپەت ۋە پەزىلەت ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلە ؛
ئوغلۇم پەزىلەت ئىگىسى بولاي دېسەڭ ، يالغان سۆزلىمە ، سەمىمىي ، راستچىل بول ، غەيۋەتخورلۇق ، ھەسەتخورلۇقتىن يىراقتۇر ، ئەخمەق ۋە نادانلار بىلەن دوستلاشما .
كۆڭلى ‏- كۆكسىڭنى كەڭ تۇت ، ئىككى يۈزلىمە ، مەۋقەسىز كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت ، ھەمداستىخان بولما ، ھاجەتمەنلەرگە قولۇڭدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىل ، ئەتراپىڭدىكىلەرگە قارا سانىما . ئادىمىيلىكىم جۇلاپ تۇرسۇن دېسەڭ ، تىلىڭ بىلەن دىلىڭ بىردەك بولسۇن ، ئۇنداق بولمايدىكەن ھەر قانداق ئىشتا مەغلۇپ بولىسەن .
ئادىمىيلىكنىڭ قىممىتىمنى ساقلايمەن دەيدىكەنسەن ، ئۆزۈڭگە ماس كەلمىگەننى باشقىلارغا زورلىما ، ئۆزۈڭدىن تۆۋەنلەرنىڭ ئالدىدا گىدىيىپ، ئۆزۈڭدىن يۇقىرىلارغا يېلىنما .
يوللۇق بولساڭ ھۆرمەت تاپىسەن ، يولسىز بولساڭ لەنەتكە قالىسەن .
ئوغلۇم قەلبىڭ گۈزەل بولسۇن ، شۇ چاغدىلائىش - ھەرىكتىنىڭ تەرتىپلىك ، باسقان قەدەملىرىڭ ئۇتۇقلۇق بولىدۇ .
باشقىلارنىڭ مېھرى - مۇھەببىتىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن ، كۈچلۈك مېھرى - مۇھەببىتىڭ ئارقىلىق باشقىلارغا مېھرىبانلىق ئاتا قىل .
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىكىنى تونۇپ يېتەلىسەڭ ، خەلقىڭنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتڭنى ، مەجبۇرىيتىڭنى ھېس قىلالايسەن .
باشقىلار بىلەن ئازارلىشىپ قالغاندا ، سەۋەنلىكنى باشقىلاردىنلا ئەمەس ئۆزۈڭدىنمۇ ئىزدە .
ئۆزۈڭ قىلغان ئىشقا ئۆزۈڭ مەسئۇل بول ، مەسئۇلىيەتتىن قاچما ، ئۆزۈڭنى دالدىغا ئالما ، بۇنىڭ ئەكسىچە قىلساڭ ئەركەكلىككە داغ چۈشۈرۈپ قويىسەن .
ئۆزلۈكىدىن يىراقلاپ كەتكەنلەر خار- زەبۇنلۇق پاتقىقىغا كۈندىن - كۈنگە چوڭقۇرلاپ پېتىۋىرىدۇ .
ئوغلۇم ئاڭلا ، ئەخلاقتىن ئايرىلغان ئادەم ئەڭ بەخىتسىز ، ئەڭ شەرمەندە ئادەمدۇر . ئەخلاقى بۇزۇلغانلارنىڭ ئادىمىيىلىك ئېكولوگىيىسى ۋەيراندۇر .
ھاياتىم مەنا تاپسۇن دېسەڭ ، ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۈگۈنۈڭگە ئۆكۈنمەي ، بۈگۈنۈڭنى قەدىرلە ؛
ئوغلۇم ، ئېسىڭدە بولسۇن ، باشقىلاردىن ئەيب ئىزدەش ئادىمىيلىككە قىلىنغان ھاقارەتتۇر ؛
قەلب ئەينىكىنى توپا- چاڭ باسقانلارنىڭ ، دىلىنى تۇزكورلۇق قاپلاپ كېتىدۇ .
ئوغلۇم ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا ؛ ھەقىقىي بىلىم ساڭا ئەقىل - پاراسەت ، ھۇشيارلىق ئاتا قىلىدۇ .
ھۆرمەت قىلساڭ ، ھۆرمەت تاپارسەن ؛
دۇنيانىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ، بايلىقلىرىغا ئەسىر بولغۇچىنىڭ ھاياتى بىمەنلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ ؛
كۆڭلى ھەسەتكە تولغان ، دىلى ناپاك كىشىنىڭ قەلبىدە زۇلمەت ھۇۋلايدۇ .
سەندە قىلماقچى بولغان ئىشىڭغا نىسبەتەن كۈچلۈك ھەۋەس ، ئوتتەك قىزغىنلىق بولمىسا نەتىجە قازىنالمايسەن ؛
ئەس - ھوشۇڭنى قۇرۇق خىياللارنىڭ ئىسكەنجىسىگە تاشلاپ بەرسەڭ بىر ئۆمۈر پۇشايمان ۋە پەرىشانلىق ئىچىدە ئۆتىسەن ؛
نادان بىلەن دوستلاشقىنىڭ ، قاراقچى بىلەن دوستلاشقىنىڭ ؛
ئوغلۇم كۆپ سۆزلىمە ، دانالارنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى مەڭگۈ ئېسىڭدە ساقلا : " سۆز كۆپەيسە ، مەقسەت يوقىلىدۇ ."
سۆيۈلۈشكە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن ، ئەدەب بىلەن قەلبىڭنى نۇرلاندۇر ، باشقىلارغا ھەقىقىي سۆيگۈ ئاتا قىل .
ئوغلۇم ، سەن ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان چېغىڭدا باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتمە ، ياردەم تىلىمە ، ھەر قانداق بىرىگە تايانما ، پەقەت ئۆزۈڭگىلا تايان ، چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قۇتقۇزغۇچىسى ؛ كۆڭلۈڭنى كەڭرى تۇت ، ھەسەتخور بولما ، ئىش - ھەرىكەتتە ئادىل بول ، ياخشى ئىش قىلىشنى مەسئۇلىيەت ، مەجبۇرىيەت دەپ بىل ، شۇنداق قىلساڭلا ، قەيەردە بولمىغىن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيسەن ؛
ئوغلۇم ، پۇرسەتنى ئۆزۈڭ يارات ، باشقىلارنىڭ يارىتىپ بېرىشنى كۈتمە ؛
ھېسىياتىڭ ئەقلىڭنى بېسىۋالسا ، ئىشلىرىڭ ئىلگىرى باسماي ، كۈنلىرىڭ پۇشايمان ئىچىدە ئۆتىدۇ ؛
ئوغلۇم ، نەتىجىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن ، ئەستايىدىللىقنى مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىل ؛
ئىشلىرىم ئوڭ بولسۇن دېسەڭ ، نىيىتىڭ ئوڭ بولسۇن ؛
ئاڭلا ، ئوغلۇم روھنى پاكىز تۇتقان كىشىنىڭ ئەخلاقى گۈزەل ، ئىش - ھەرىكەتلىرى نەتىجىلىك بولىدۇ ؛
ئوغلۇم ، ئادەم ئۈچۈن دۇنيادا خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ، موھتاجلىقتا قالغانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمايدۇ .
ئەخلاقنى ئۆزۈڭگە دوست تۇت ، ئادىمىيلىك قىممىتىڭ نۇرلىنىپ ، ئىززەت - ھۆرمىتىڭ ئاشىدۇ . باغرىڭنى كەڭ، كۆڭلۈڭنى ساپ ، ئېتىقادىڭنى پاكىز تۇت ، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىسەن ، كۈنلىرىڭ سۆيۈش، سۆيۈلۈش ئىچىدە مەنلىك ئۆتىدۇ .
ناداننى ئۆيۈڭگە باشلىغىنىڭ قاراقچىنى ئۆيۈڭگە باشلىغىنىڭ ؛
دوستۇم مېنى سۆيسۈن دېسەڭ ، ئۇنى ئۆزى سۆيگەندەك سۆي؛ دوستۇم ماڭا ئىشەنسۇن دېسەڭ ، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭگە ئىشەنگەندەك ئىشەن .
ئوغلۇم ئېسىڭدە تۇت ، دوستۇم كۆپ بولسۇن دېسەڭ كىبىر ، تەمەننادىن نېرى تۇر .
دۇنيادا ساپ دىل ، كەڭ قۇرساق ، ئاق كۆڭۈل ، ئېتىقادلىق كىشىدىن ياخشى كىشى تېپىلماس .

مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى

zulal يوللانغان ۋاقتى 2010-9-15 18:51:40

ئوغلۇم - قىزىم ، ئاڭلا ، ئېسىڭدە ساقلا !

مەنمۇ ئاڭلاي ، ئېسىمدە ساقلاي !

بەت: [1]
: ئوغلۇم ئاڭلا ، ئېسىڭدە ساقلا