WiFi ئىقتىدارى بار ipad جوڭگودا بازارغا سېلىنماقچى
ئالما شېركىتىنىڭ 17-چىسلا جۈمە WiFi ئىقتىدارى بار ipad نى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدا رەسمى بازارغا
سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ، بۇقېتىم بازارغا سالىدىغان ipad نىڭ تەۋسىيە سېتىلىش باھاسى
16GB لىقى 3988يۈەن
32GB لىقى 4788يۈەن
64GBلىقى 5588يۈەن
بۇرۇن سېتىۋىلىپ ئىشلەتكەنلەر بولسا كەمچىلىك ئارتۇقچىلىقلىرى ئۈستىدە بىر پىكىر ئالماشتۇرساق ،
ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە كۆرسۈتۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇلى بولىدىكەن ،
بۇ سېستىمىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان پىروگىرامما بارمۇ ؟
سېتىۋىلىپ ئىزدىنىشكە خالىغانچە كىرىپ ئىنكاس يازالمىسام ئېغىر زىيان چىقىپ كەتمىسۇن دەيمىنا ..
ئەڭ ياخشىسى 64 لىقنى ئېلىڭ، 16 بەك كىچىك كەپ قالىدىكەن.
يۇغان ئايتاچ
ئاقمايدۇ
راستىنلا
ئىنقىلاپ خارەكتىرلىق دەپ بەك ماختىۋەتتى ئەمدى دەيمىنا ...قۇرۇقلۇقتا يەنە جىق ئىقتىدارلىرىنى ئېتىۋەتكەن بولسا ئۆيگە تىزىپ قويۇشقا توغىرا كېلىدۇ دە بىر ئىشلەتتىم بۇنى، ئىككىنچىسىگە ئالغاندا ئىشلىتىدىغان ئوخشايمەن، يىللىق مۇكاپاتىمغا بىرنى ئالمىسام.. قىزلارنى كەلتۈرۈشكە ياردىمى بار دەيدۇ!!!..
ساغلاملىقنى دىمىسەم پۈتۈن ھويلامنى سىمسىز تور بىلەن قاپلايتتىم.. شۇنداق قىلاي راست.. بالدۇر ئويلاشمىغىنىمنى..
راس چوڭ ئايپود دىسىمۇ بولىدۇ.
تېلفۇن ئىقتىدارى يوق.
شۇڭا ئايتاچ.
ئېلانىنى كۆرگەندىلا ئىشلىتىش بىئەپلىكىنى ھېس قىلغان.
يا تۇتقۇچى بولمىغان،يا يانچۇققا سالغۇدەك كىچىك ئەمەس.ئەپ يۈرۈش بىئەپ.
ئېلانىدا نازۇك بارماق بىلەن كونۇپكا تاختىلىرىنى ئەپچىلىك بىلەن بېسىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.ئەپسۇس.راستىنلا بىزگە ئىشلىتىش نۆرىتى كەلگىنىدە شۇنداق ئەپچىل ئىشلىشى ناتايىن.
ئىشلىتىش بىئەپ.تىزغا قويۇپ ئىشكەتكىلى بولغاندەك قىلغان بىلەن 1 سائەت شۇنداق قاراپ باقايلى،بوينىمىزنىڭ كۆرمىگەن كۈنىنى كۆرىمىز.
بۇ ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك مەغلۇپ بولغان مەھسۇلات
@baqka :<div class=ForumPostContentText> ساغلاملىقنى دىمىسەم پۈتۈن ھويلامنى سىمسىز تور بىلەن قاپلايتتىم.. شۇنداق قىلاي راست.. بالدۇر ئويلاشمىغىنىمنى.. </div> |
wireless نىڭ ساغلاملىققا زىيىنى بارمۇ؟
@ ziyali
مەن ipod نى كۆزدە تۇتتۇم.
ئايفۇن دەپ ئۇقىۋاپتىمەن.
ۋاي سىز ئۆيىڭىزگە دولقۇن قويۇپ بەرمىگەنگەن كىرمەيدىغان دولقۇن ئەمەس دەيمەن قېچىپ قۇتۇلۇپ بولالمايسىز ، بۇ دولقۇن دېگەن ئۇچرىغانلا يەرگە كىرىپ يوقلاپ ماڭىدىغان نەرسە ئامال يوق ، مەنمۇ پۈتۈنلەي سىمسىز قىلىۋالدىم كارامەت قولايلىق دەڭە ، لېكىن دائىرلىك تور سۈرئىتى بىزە ئاستا ، سايماننىڭ نوچىسىنى قۇراشتۇرسا بۇنداق بولماس بەلكىم
yvonne:
@baqka :wireless نىڭ ساغلاملىققا زىيىنى بارمۇ؟
سىمسىز ئېلېكتىرو ماگىنىت دۇلقۇنىنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيىنى ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئۇ ھۈجەيرىدىكى كالتىسىي ئىئونىغا كاشىلا قىلىدۇ.
IEE802.11 سىستېمىسىدىكى ئۆلچەمدە سىمسىز تور ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تارقىتىش قۇۋۋىتىگە قارىتا قاتتىق ئۆلچەم بار. دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك تەلەپتىمۇ 30mW تىن ئاشماسلىقى كېرەك دىيىلگەن.
مىكرو دۇلقۇنلۇق ئوچاقنىڭ چاستوتىسى 2.5GHz ئەتىراپىدا، WIFI نىڭ ئوخشىمىغان ئۆلچەملىرى 2.4GHz ۋە 5GHz دائىرىدە ئىشلەيدۇ. بۇ دىگەنلىك، بىز دوخوپكىنىڭ يىنىدا دىگەندەك بىرگەپ. لېكىن خوش خەۋەر شۇكى، بىز WIFI دا پىشىپ قالمايمىز، تارقىتىش قۇۋۋىتى بىزنى قاينىتالمايدۇ، ئۇنىڭدا يۈز قېتىم دۈملىسىمۇ پىشمايمىز..
ئەلۋەتتە، كومپيۇتېر، تېلېفۇن، WIFI لاردىن تىنىپ كەتسىڭىزمۇ كۆچمە بىلەن بىرلەشمىنىڭ مۇقىم تۈۋرۈكلىرى سىزنى قورشاپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ھەممىنى يەنىلا دادىل ئىشلەتكەن ياخشى...
مىكرو دۇلقۇننىڭ تەسىرىگە ئادەم زادى قانچىلىك ئۇچرايدۇ؟ مىسال ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭلار، مانا مەن مىسال شۇ.. 3 يىلنىڭ ئالدىدا، لىق كومپيۇتېر ئىچىدە بىر كۈنلۈك ئولتۇرۇش ۋاقتىم ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 5 سائەت، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىم 10 نەچچە سائەت بولغان، نەتىجىسى: بىلەك، پاچاقلىرىم ئىچىدە سۇيۇقلۇق ئاققاندەك سېزىم بولاتتى. مەلۇم بىر ئايدا، ھەممىسىدىن 5 كۈن ئايرىلدىم، ھەر بىر كۈنى ياخشىلىنىش بار، 5- كۈنى پۈتۈنلەي قالمىدى، شۇ كەچ، 200 دىن ئارتۇق كومپيۇتېر بار تورخانىدا 5 سائەت ئولتۇرۇپ چىقسام، ئاققاندەك سېزىم پۈتۈنلەي قاپلاپ بوپتۇ! لېكىن ھازىر بەك ياخشى، خاتىرە كومپيۇتېر ئىشلەتكەن ئىككى يىلدىن كېيىن، بەدىنىم كۆزۈمدەكلا ئىنتايىن ياخشى ھالەتكە قايتتى!..
يەكۈن:
ئادەم بەدىنىنىڭ ساقىيىش سۈرئىتى بەك ياخشى! لېكىن جىنسىڭىز ۋە گېن سۈپىتىڭىزگە قارىتا پەرقلىق بولىدۇ.
چوقۇم ئىشخانىڭىز ۋە ئۆيىڭىزدە يېتەرلىك گۈل بولۇشى، گۈلنىمۇ ئىقتىدارىغا قارىتا تاللىشڭىز كېرەك، ئۆسۈپ تۇرغىنىنى بىلگىلى بولىدىغىنى ئەڭ ياخشى!..
چوقۇم ھەر كۈنى بەلگىلىك ھەركىتىڭىز ياكى مەخسۇس تەنتەربىيىدە چىنىقىشىڭىز بولۇشى كېرەك.
ناۋات چاي ياكى ناۋات سۇ بىلەن ئېنېرگىيە ۋە سۇ تولۇقلاپ تۇرۇڭ.
جۇشقۇن بولۇڭ ( بۇنىڭ يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش رولى بار).
دەل- دەرەخ كۆپ جاي ئېلېكتىرو- ماگىنىت دۇلقۇنىدىن پاناھلىنىدىغان ياخشى جاي. ( ھويلامغا كىرسەم سۆزلىشىۋاتقان يانفۇنۇم تەسىرگە ئۇچرايدۇ!)
-- - - - -- - - - - - - - - - - - - - -مۇشۇنداقلا بولسا سالامەتلىكىڭىز ئۇچرىغان تەسىر تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ.
波士顿蕨 (ئوقۇلۇشى: BoShiDunJue)
مۇشۇ گۈلنى تەۋسىيە قىلاي! ھەر سائەتتە 20 مىللىگىرام فورمالدىھىد سۈمۈرەلەيدۇ، ئېكىراندىن، پىرىنتېردىن چىققان xylene قاتارلىقلارنى چەكلىيەلەيدۇ، سىر، ھاك بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلار ئىش ئورنىدا ئاز دىگەندە بىر تەشتەك قويۇپ قويغىنى ياخشى. يەنە كەيپىياتقا، نەملىك ساقلاشقا پايدىلىق، سۇس نەم پۇرىقىنى ياقتۇرۇپ قالىسىز. ھەپتىدە ئىككى قېتىم سۇ قويسىڭىز بولىدۇ، قىشتا ئۆي ئىچى بەك ئىسسىق بولمىسا بىر قېتىم بولسىمۇ بولىدۇ.
يېڭىدىن ئۆي زىننەتلىگەنلەر چوقۇم تاللاشقا تېگىشلىك ياخشى گۈل!
ئورنى: يىراقتىكى شەھەردىكىنى بىلمەيمەن، ئۈرۈمچى ھايۋاناتلار باغچىسى يىنىدىكى گۈل بازىرىدا،چوڭنى ئەمەس كىچىك تەشتەكتىكىنى ئېلىڭ، ئۆستۈرۈۋالىسىز، كۆڭلىڭىزمۇ ئاسان چۈشۈپ قالىدۇ.
يېقىندا مەن ئىككى تەشتەك ئەكەلدىم. رەسىمدىكىدىن خېلىلا تىك ئۆسىدۇ، سۇنى دائىم قۇيۇۋەرسىڭىز يېيىلىپ قالىدۇ.
بىلسەڭلار ئۇيغۇرچىسىنى دەپ بېرىڭلار..
بۇ يىللىق ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازغان ئىنكاسىم بولدى بۇ..
كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپسىزكەن،ئىقتىدارى بوپ قويىدىكەن،لېكىن ۋاي دەپ كەتمىدىم،بىر سائەت ئويناپ زېرىكتىم بۇ نەرسىدىن.
تۇتىدىغان يېرى يوق،قولدىن سىيرىلىپ چۇشۇپ كىتەمدىىن دەپ ئەنسىرەيدىكەن كىشى..........
بۇنىڭغا قارىغاندا يەنىلاiPhone4نى ئويلىشىڭلا بۇرادەرلەر،ماڭا ئوخشاش،ھاھاھا.......
iPhone نىڭ تەيۋەن ياسىغىنىدىن ئەكەلدۈردۈم، Gyro بولمىسا بېقىنى چىقمايدىكەن كىشىنىڭ..
سىمسىز يول باشلىغۇچى ئارقىلىق تورغا چىقىپ باققان ئىدىم ، ئىشقىلىپ پەچەت ، 3g ئەرزانلسا ھەممە ئالىدۇ ..
رەھمەت baqka، راسلا تەپسىلى يېزىلىپتۇ
مىنى كاكتۇستىن بىر نەچچىسى بار،لېكىن ئەتراپىم wireless بىلەن ئورىلىپ كەتتى، ئالدىنى ئېلىپ بولالمايدىغاندەك بىر خىل ئەنسىرەپ قالدىم.
مەن 3gsنى upgrade قىلىپ 4gنىڭ پىراگراممىسىنى كىرگۈزدۈم لېكىن خەنزۇچە خەت كىرگۈزگەندە بىر خىل راۋان ئەمەس، بارماقنى ئوبدان تونۇمايدۇ ئېڭگىلىزچىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەنلەر بامۇ؟ قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭلار؟
مىنىڭ بارمىقىمنى يامان ئوبدان تۇنۇيدۇ.
يەنە كىلىپ مەن باسماقچى بولغان كۇنۇپكىنىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكا
يۇغان بارمىقىم بىلەن ئىشلىتىش بەكلا تەس كىلىۋاتىدۇ.
لول بۇرۇنقى upgrade قىلىشنىڭ ئالدىدا ھەممىنى ئوبدان تونۇيتتى، ھازىر بەزىدە جىلى قىلىپ قويىدۇ.
كامىرانىڭ zoom ئىقتىدارى ياخشىكەن لېكىن ھە؟!