irpan يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 17:40:16

ئۇيغۇرچە ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ

ئاپتورى Sarwan   

ئېلىپبەلىك يېزىقلارغا نىسبەتەن ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزۈشنىڭ ئانچە زۈرۈرىيىتى بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى كومپيۇتېرغا مەزمۇن كىرگۈزگەندە ئادەمنىڭ دىققىتى مۇنداق ئۈچ نەرسىدە بولىدۇ. ئەسلى ئورگىنال(قەغەز)، كونۇپكا تاختىسى ۋە ئىكران. ئادەم بۇ ئۈچ نەرسىگە بىرلا ۋاقىتتا دىققىتىنى مەرگەزلەشتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا كونۇپكا تاختىسى بىلەن ئىكرانغا قارىماي خەت بېسىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچتە بولسا ئادەمنى ئىكرانغا قاراشقا مەجبۇر قىلىدۇ. يەنى تەكلىپ سۆزلەرنى ئىكراندىن كۆرۈپ تاللاشقا توغرا كىلىدۇ. گەرچە سۆز كىرگۈزۈشكە باسىدىغان كونۇپكا سانى ئازلىغاندەك قىلسىمۇ تاللاشقا باسىدىغان كونۇپكا يەنە كۆپىيىدۇ. ئۇيغۇرتىلىغا ئوخشاش قوشۇمچىلىرى كۆپ تىلغا نىسبەتەن تەكلىپ سۆز تاللىماي، بىۋاستە كىرگۈزۈدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ ياساش سەل قىيىن(ئۇيغۇر يېزىقىلا ئەمەس، باشقا ئېلىپبەلىك يېزىقلارمۇ شۇ). يەنە كىلىپ ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ سانداندىكى نەچچە يۈزمىڭلىغان سۆزگە نىسبەتەن مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ بايلىقىنى زور دەرىجىدە ئىگەللەيدۇ. خەلقئارادىكى باشقا ئېلىپبەلىك يېزىق ئىشلىتىدىغان مىللەتلەرنىڭمۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ ئىشلەتمەسلىكىدىكى سەۋەبمۇ شۇ.
    ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر «بىزنىڭ ھازىرغىچە تېخى ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزكۈچىمىز يوق» دەپ زارلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ رىئال ئەھمىيىتى بارمۇ يوق؟ بۇنى ئويلاشمايدۇ. ھەتتا بۇنداق گەپلەرنى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى نۇپۇزلۇق ئادەملىرىمىزنىڭ ئېغىزىدىنمۇ كۆپ ئاڭلايمىز.
ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچنىڭ ئېلىپبەلىك يېزىقلارغا پايدىسى بار دىيىلسە جىسمانى ھەركىتى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار (مېيىپلار)غا قولايلىق ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار خەتنى تىز كىرگۈزمىسىمۇ، كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يىتەلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇمۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس. جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىقى مېيىپلار ۋە ئىشسىزلارغا بولغان غەمخورلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.
    مىنىڭچە «ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈچىمىز يوق» دىگەندىن كۆرە، «ئىشلىتىلمىسىمۇ بار» دىگىنىمىز ياخشى ئوخشايدۇ. شۇڭا بۇ توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىمىزنى يەكۈنلەپ ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچنىڭ نەزىرىيەۋى ئاساسىنى بولسىمۇ تىكلىگەچ تۇرايلى.
    تۆۋەندىكىسى مىنىڭ بۇ توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم.
بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ بىرىنى ياكى ھەممىسىنى قوللىنىش مۇمكىن.
1)    سۆزنىڭ بېشىغا ئاساسەن تەكلىپ سۆز كۆرسىتىش.
مىسال: كىتا-كىتاب،كىتابلار،كىتابلاردىن

    بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى: تېخنىلىق بىر تەرەپ قىلىش ھەممدىن ئاسان. كونۇپكا بېسىپ كىرگۈزۈلگەن ھەرىپ (ھەرىپلەر) دىن باشلانغان بارلىق سۆزلەرنى تەكلىپ سۆز قىلىپ كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
    كەمچىلىكى: كۆرسىتىدىغان تەكلىپ سۆز بىر قەدەر كۆپ. باسىدىغان كونۇپكا سانىمۇ ئاز ئەمەس. ھەتتا ئەسلى سۆزگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ.
    ھەل قىلىش: كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى ئالدىغا تىزىش ئارقىلىق بېسىلىدىغان كونۇپكا سانىنى ئازلىتىش مۇمكىن.
2)    بۇغۇم بېشىغا ئاساسەن تەكلىپ سۆز كۆرسىتىش.
مىسال: ك ت - كىتاب، كاشتان، كالتەك، كالتا، كەتتى
    ئارتۇقچىلىقى: بېسىلىدىغان كونۇپكا سانى ئاز.
    كەمچىلىكى: خەت كىرگۈزگۈچى سۆزنى ئۆزى ئويلاپ بوغۇمغا ئايرىشقا توغرا كىلىدۇ. جىسمانى ئەمگەكنى ئازلاتقان بىلەن كاللىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بوغۇمغا ئايرىشقا كۈچ سەرىپ قىلىپ ۋاقىتتىن ئۇتتۇرۋىتىدۇ.

3)    ئۇرغۇلۇق ئوقۇلىدىغان تاۋۇشلارغا ئاساسەن كىرگۈزۈش.
مىسال: ك ت ب- كىتاب. س ر ۋ ن - سارۋان. ا د م- ئادەم.

ئارتۇقچىلىقى: كۆرسىتىدىغان تەكلىپ سۆز 1- ۋە 2- خىل ئۇسۇلغا قارىغاندا كۆپ ئاز (دەللىكى بىر قەدەر يۇقۇرى). بېسىلىدىغان كونۇپكا سانى 1- خىل ئۇسۇلدىن ئاز، لىكىن 2- خىل ئۇسۇلدىن كۆپ. ئۇرغۇلۇق ئوقۇلىدىغان تاۋۇشلار (كاللىدا) ئايرىش بىرقەدەر ئاسان.

كەمچىلىكى: سۆز ئىچىدىكى ئۇرغۇلۇق ئوقۇلىدىغان تاۋۇشلارنى ئايرىش قانۇنىيىتىنى تېپىشقا توغرا كىلىدۇ.

     ئۇندىن باشقا يۇقارقى 3 خىل ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى بەزى تىز كىرگۈزۈش قىممەتلىرىنى بېكىتىش ئارقىلىق ئۇزۇنراق مەزمۇنلارنى تىز كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ.
    ناۋادا كىرگۈزگەن سۆزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ جۈملە ئىچىدىكى سۆزنىڭ باغلىنىشىنى ئاپتۇماتىك تاللايدىغان قىلىشقا توغرا بۇ سەل مۇرەككەپلىشىشى مۇمكىن.
    ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزۈش نۇقۇل مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ ئايرىم پروگراممىلاردا(تور بەت پروگراممىلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ۋە مەشغۇلات سىستىمىسىدا كىرگۈزۈشنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزۈشنى بارلىق مۇھىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەشغۇلات سىتېمىسىنىڭ كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى كونترول قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
    يۇقارقى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىسىنى قوللىنىشتىن قەتئى نەزەر ھەممىسى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك سۆزلەم ئامبىرى بولىشى ۋە ئۇ ئامبار يۇقارقى ئۇسۇلغا ماسلاشتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولىشى كېرەك. ئاندىن تىزلىكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئىندىكىسلاش ئۇسۇلى قوللىنىش كېرەك.
    بۇ مىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ ياساش توغۇرسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشىم. كۆپچىلىكنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇپ تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

www.uyghurdev.net  تىن ئېلىندى

Estami يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 18:42:56

ئىزدىنشنىڭ ئاخىرنى چىقارسا ، بۇ ھەقىقەتەن ئارىمىزدىكى تېخى ئاشۇرۇلمغان ئىشنىڭ بىرى.

مۇشۇنداق ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنۋرسىتنىڭ ئاسىپرانتلىرىغا تېما قىلىپ تاشلاپ بەرىمەيدىغاندۇ.

كېينكى پايدىسىمۇ چوڭ تۇرسا.  

ئۇيغۇسوفىت بىلەن ئەلىپدا ، يۇلغۇن كىرگۈزچىلەر بۇ ھەقىتە ئوبدان ئويلنىپ باقىسا بولغۇدەك.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2009-7-5 10:54:59

ما تېما تۇرغىلى ئىككى كۈن بولدى. ماتەم بىلەن بولۇپ كەتمەي تېخنكىلىك مەسىلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويغۇلۇق.

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-7-5 11:26:58

سارۋان ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى يېزىلغىلى نەچچە يىل بولدى. ئالدىنقى ئايلاردا سەركە شىركىتى تارقاتقان مۇشۇ ماقالىدە دىيىلگەندەك بىر خىل كىرگۈزگۈچ تارقىتىلدى. ئۇنى ئىشلىتىپ باقتىم. ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تېزلىكى بۇرۇنقىدىن ئاستىلاپ كېتىدىكەن. بىر سۆزنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن بىر بوشلۇقنى، بىر ئېنتېرنى ئارتۇق باسىدىكەنمىز.

ئالىم ئەھەت ئەپەندى Shift كۇنۇپكىسنى ئىشلەتمەي ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.

Ogen يوللانغان ۋاقتى 2009-7-5 12:19:09

ئىككى يىل بورۇنغۇ دەيمەن؟ بىلىك ۋە ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورىدا مۇشۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى، شۇ چاغدىمۇ خېلى مۇھاكىمە، تالاش تارشلار ئېلىپ بېرىلغان.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2009-7-5 16:42:05

قارىغاندا مەن كەيىندە قالغان چېغىم ، ئەمەلگە ئاشىقۇسى بەك تەس دەپ كەتكىلى بولمايدۇ .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 11:56:42

ئالپ كۆپ تىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىق كىرگۈزگۈچىسى 8.0  

مۇشۇ سەۋىيەگە يەتكەن بولىشى مۇمكىن

تەپسىلاتى http://www.alpsoft.cn/productvis.asp?id=837

بەت: [1]
: ئۇيغۇرچە ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ