Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 19:37:01

(پىنھان)سالامەت بولۇڭ

‏ئۇف ... نىمىسىنى دەي ، چۈشۈممىكىن دىسەم ئىڭىكىم ھازىرمۇ ئاغىرۋاتىدۇ ، يۈزۈمدىكى تېڭىقلار راسىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . ئوڭۇممىكىن دەي دىسەم ، سوقۇلغان چاغدىكى ئاغرىقنى نەچچە ھەسسە بېسىپ چۈشىدىغان ئوپراتسىيەدىكى ئاغرىق ئازابىنى قۇبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن . ئويلىساملا تېنىم شۈركىنىدۇ . ئاغرىق ئازابىلا ئەمەس ناركوز تۇتماي ، سەگەك ياتقان ھالىتىمدە تۇرغاندا، ئىڭەك ۋە زاڭاق سۆڭىكىمنى ئۈشكە بىلەن تەشكەن چاغدىكى كۆزلىرىمگە نەچچە رەت سايە تاشلاپ ئۆتۈپ كەتكەن قىپقىزىل بويالغان نۇر ، كۆزلىرىمدە ئەكىس ئەتكەن قانغا ئوخشاش قېنىق قىزىل رەڭگە تولغان مۇھىت ،  ھەم كۆزلىرىمگە كۆرۈنۈپ كەتكەن (بەلكىم خىيالىمدا ئىپادىلەنگەندۇر) ئاللىقانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ئويلىسام ، بۇ دۇنياغا ئەمەس ئۇ دۇنياغا بېرىپ قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇدا بولىمەن . مانا بۈگۈن ئوپراتسىيەگە كىرىپ چىققىنىمغىمۇ دەل بىر ھەپتە بولۇپ قاپتۇ . ئوپراتسىيە ئۆيىدىكى چەكسىز ئاغرىق ، سوقۇلغان چاغدا ئوڭۇم ياكى چۈشۈم ئىكەنلىكىنى ئايىرىيالماي قالغان مۇرەككەپ تېڭىرقاش تۇيغۇسى ، دوختۇرخانىدا ياتقان زىرىكىشلىك شۇ ۋاقىتلاردىكى ھېسىياتىمنى ئىزدىنىشداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشقۇم كىلىپ قالدى .


شۇ چارشەنبە كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى يېزىغا چىقىپ كىرىپ توپىلىق يولدا تەرگە سىڭىپ كەتكەن كىرلىرىمنى مۇنچىغا چۈشۈپ ئېرىغداشقا كەچلىكى ۋاقىت يەتمەيلا ئۇخلاپ قالغان ئىدىم . ئەتىگەندە ۋاقچىراق تۇرۇپ ، مۇنچىغا چۈشۈپ ، چۇشتىن بۇرۇنقى ئۇچۇق ھاۋا ، پارقىراپ تۇرغان ئاپتاپ ئاستىدا موتسىكلىتىمنى مىنىپ دۇكانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم . يولدا ماڭغاچ بىلىكىمدىكى سوپون يۇقىنىڭ ئانچە پاكىز چىقمىغىنىغا قاراپ ، دۇكانغا بېرىپ قايتا چايقىۋالارمەن دىگەننى ئويلاپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم . ئەپسۇس ... دۇكانغا يىتىپ كېلىدىغانغا 20 مىتىرچە كېلىدىغان جايدىكى ئايلانمىغا كىلىپ ، سىگنال چىرىقىنى ياندۇرۇپ ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئايلاندىم ، دەل شۇ چاغدا ،يان تەرەپتىن قۇيۇندەك كىلىۋاتقان موتسىكلىتنى كۆردۈميۇ ، دەقىقە ئىچىدە قاتتىق سوقۇلغاندىكى سىزىم پۈتكۈل بەدىنىمگە تارقالدى . يەردىن قانداق سەكرەپ قوپقىنىمنى بىلمەيمەن ، پۇتۇم كۆيۈشكەندەك ئاغىرۋاتاتتى ، ئېغىزىم ئۆزەمگە ھىچ بويسۇنماي تۇراتتى ، گەپ قىلىش ئۈچۈنمۇ خېلى كۈچىنىۋاتاتتىم . ئەتراپتا توپلاشقانلارغا دۇكاندىكى بالىلارنى چاقىرۋېتىڭلار دەپلا ، دوستۇم ئومۇمىي ئىشلىرىنى باشقۇرۋاتقان ئۇدۇلدىكى ئامبولاتورىيىگە قاراپ ماڭدىم ، ھېلىقى سوقۇۋەتكۈچىمۇ بۇ ئارلىقتا كەينىمدىن يىتىشپ كەلدى ۋە جىقلا گەپلەرنى دېگىنى يادىمدا .

- كۆزۈڭ كۆرمىگەنما ئاداش دىدىم ، كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا تىكىپ تۇرۇپ .

- خاپا بولماڭ ، كۆرمەي قاپتۇمەن . دېدى ئۇ كۆزىنى ئەپقېچىپ .

قولۇمنى سىلكىپ قۇيۇپ ، يەنە ئۇن - تىنسىز ئامبولاتورىيىگە مېڭىۋەردىم ،ئىش ئورنىدا تۇرۇپ خەۋەر تاپقان دوستۇم ، ئالدىمغىلا ئۇچىردى ۋە يۆلەپ دىگۈدەك ، ئامبولاتورىيىگە ئېلىپ چىقىپ ، تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كىيىن ، ناھىيلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ رىنتىگىن نۇرى ئارقىلىق تەسۋىر چۈشۈرۈپ بېقىشنى ئېيتتى ، ۋە مەن بىلەن ناھىيلىك دوختۇرخانىغا بىللە بارماقچى بولدى ، سىرىتقا چىقىپ ماشىنا توسۇپ ، ناھىيلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ رىنتىگىن نۇرى ئارقىلىق تەسۋىر چۈشۈرۈشكە پۇل تۆلىدىم ، مەشغۇلات ئۆيىگە بارساق ئىشىكى تاقاق ئىكەن ، جان ئاچچىغىمدا ئىشىكنى تۆت بەشنى تەپسەم ئىشىكنى بىرسى ئاچىدىغاندەك ئەمەس ، دەررۇ ياندىكى CT مەشغۇلات ئۆيىگە كىرىپ رىنتىگىن نۇرى ئارقىلىق تەسۋىر چۈشۈرگۈچ خادىمىنى تېپىپ چىقىپ ، مەشغۇلات ئۆيىگە كىرىپ تەسۋىر چۈشۈرۈش مەشغۇلاتنى تاماملاپ بولغاندىكىن 40 مىنۇت ساقلىشىمىزنى ئېيتتى ، دوختۇرخانىنىڭ زالىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، تەسۋىرنىڭ چىقىشىنى ساقلىغاچ ، يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلاپ ، بىر قانچە مىنۇت ئىلگىرى ئۆزەمنىڭ ساق سالامەت بولغان بولسام بىردەمنىڭ ئىچىدە مۇشۇ ھالغا كىلىپ قالغانلىقىمنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى ، شۇ ئارىدا ئەھۋالنىڭ يېنىكرەك بولۇشىنى ، ئىڭەك سۆڭەكنىڭ سۇنماي ، چىقىپ كەتكەن بولسا ، جايىغا كەلتۈرۈپ سېلىپ قۇيۇپ بىردەمدىلا ئىشنىڭ پۈتۈشىنىمۇ خىيال قىلىپ ئۈلگۈردۈم ، بۇ ئارلىقتا چوڭ ئاكاممۇ نەدىن ئاڭلىغانكىن دەرھاللا يىتىپ كەلدى .  دادام بىلەن ئاپاممۇ ئاڭلاپ بولغان چېغى تېلفۇن قىپتىكەن <<چوڭ ئىش يوق ، پۇتۇم ئازراق سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ >> دەپ خاتىرجەم قىلىپ قويدۇم . ئاغرىق ئازابىدا ساقلىغان بۇ 40 مىنۇتمۇ ماڭا قىرىق سائەتتەك تۇيۇلۇپ كەتتى ، 40 مىنۇتتىن كىيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالغىلى بارغان دوستۇمغا يەنە 30 مىنۇت ساقلىشىمىزنى ئېيتىپتۇ . بىر كەم بولغاندا دوستۇم تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلىپ چىقىپتۇ ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ باقسام ئىڭىكىمدىكى سۆڭەكنىڭ سۇنغانلىقىنى بىلگەندەك بولدۇميۇ ، بولدىلا دوختۇر ئۆزى كۆرۈپ بىر نەرسە دىسۇن ، سۇنمىغان بولغىيدى ئىلاھىم دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . دوختۇرمۇ قاراپ بېقىپ جىددى تەلەپپۇزدا <<بەك ئېغىركەن ، ئۈرۈمچىگە ياكى ئاقسۇغا ئاپىرىڭلار>> دەيدۇ ،  بۇ دوختۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ لاسسىدە بولۇپ قالدىم ، چاندۇرمىدىم ، تۇرۇپلا بۇ شۇم ئېغىز دوختۇرغا ئۆچلۈكۈم قوزغىلىپ قالدى . قولىدىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يۇلۇپ دىگۈدەك ئېلىپ يولغا چىقىپ ئاقسۇغا بېرىشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىپ بولۇپراق ،قانداقلا بولمىسۇن دادام بىلەن ئاپامغا خەۋەر قىلىپ قوياي دەپ تېلفۇن قىلىپ قىسقىچە خەۋەرلەندۈرۈپ قويدۇم . بۇ ئارلىقتا دادام بىلەن ئاپاممۇ يىتىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ كۆزلىردىكى ئەنسىرەش ، ھودۇقۇش ، تەمتىرەشنى كۆرۈپ ، باشقىچىلا بولۇپ كەتتىم . يەنە شۇنداقتىمۇ چوڭ ئىش بولمىغاندەك چاندۇرماي <<دوختۇر شۇنداق دېدى ، لىكىن چوڭ ئىش يوق ، خاتىرجەم بولۇڭلار>> دەپ تەسەللىي بېرىپ ، ئىككى دوستۇم بىلەن بىكەتكە ماڭسام ، دادام بىلەن ئاپاممۇ بىكەتكە بىزمۇ چىقايلى دەپ ماڭدى . بىلەت ئېلىپ ئاپتوبوسقا چىقىپ جايلىشپ بولغاندىكىن ، ئۇلارغا كىتىۋېرىشنى ئېيتقان بولساممۇ ئۇلار ساقلاپ تۇردى ، دادام بىلەن ئاپامنىڭ ماڭا ھەر بىر قارىغاندا ، كۆزلىرىدە ئەكىس ئەتكەن ، قىيماسلىق ، ئەنسىرەش ئىپادىلىرىنى كۆرۈپ كۆز ئالدىم نەملەشكەندەك بولۇپ قالدى ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى ساق - سالامەتتەك كۆرسىتىپ ئولتۇردۇم ، لىكىن ئىچىم بەكلا ئاچچىق بولۇپ ، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ كەتتى .  يولدا ماڭغاچ ئۇلارنىڭ ھالىتىنى ئويلاپ نىمىشقىمۇ بۈگۈن دۇكانغا بارماي ئارام ئالمىغان بولغىيدىم دەپ ئويلاپ كەتتىم . ئاقسۇغا بېرىپ بولغىچە ئارلىقتا بىر مۇنچە تېلفۇن كەلدى ، كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس ئۇنىڭ ئۈستىگە گەپ قىلىشمۇ مەن ئۈچۈن بىر مۈشكۈل ئىش بولۇپ قالغاچقا دوستۇم تېلفۇننى ئېلىپ پاراڭلاشتى ، ھەممىسى مىنىڭ پىشكەلچىلىككە ئۇچىرغىنىمنى بىلىپ تېلفۇن قىلغانكەن ، مېنىڭ ياخشى داۋالىنىشىمنى ، يوقلاپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ . بىردەمدىلا دوست - بۇرادەر ، تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى دىگۈدەك ھەممىسىنىڭ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بولغىنىنى بىلەپ ھەيران قالدىم . ئاقسۇغا بېرىپ 1- دېۋىزيە دوختۇرخانىسىغا كىردۇق ، بىر قاتار جەريانلاردىن كىيىن ، ياتاققا ئۇرۇنلىشىپ بولغاندا ، مەسئۇل دوختۇردىن قاچانراق ئوپراتسىيە قىلىدىغىنىنى سورىسام ، بالدۇر بولغاندا 8 كۇندىن كىيىن  دىمەسمۇ ، بېشىم پىررىدە قايدى . ئۇنىڭدىن بۇرۇن قىلىشقا ئىمكانىيەت يوقمۇ دىسەم ، بىزدىمۇ ئامال يوق ، بۇ تېخى ئەڭ بالدۇر بولسا دېگىنىم دېدى . شۇ ئەسنادا بېشىم قېتىپ ئولتۇرسام بىر دوستۇم تېلفۇن قىلدى ، قانداق بولدى دەپ ، مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ دىسەم ، مېنىڭ چوڭ ئاپام كۇچاردا بىر سۆڭەك كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتاتتى ، دوختۇرنىڭمۇ داۋالاش تېخنىكىسىمۇ بەك ياخشىكەن دەيدۇ ، ئالاقىلىشىپ باقساڭ دەپ تېلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بەردى ، دوستۇم تېلفۇن قىلىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى دىگەن ئىدى ، ئۇنداق بولسا ئەتە چۈشتىن بۇرۇن كىلەلىسەڭلار ، ئەتىلا ئوپراتسىيە قىلىمىز دېدى . شۇنىڭ بىلەن مەسئۇل دوختۇرغا مەن چىقىپ كېتىمەن ، ياتمايمەن دىسەم ، نەگە بارىسەن دەيدۇ ، نەدە بالدۇر قىلسا شۇ يەرگە بارىمەن  دېدىم . ئۇمۇ ئانچە تارتىشىپ يۈرمەيلا ياتاقتىن چىقىش رەسمىيىتى بىجىرىپ بەردى . بۇ ئارلىقتا كۈنمۇ كەچ بولۇپ بولغان ئىدى ، كەچلىك بازارغا چىقىپ تاماق يىدۇق ، ماڭا قاراپ دوستلىرىمنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ بىر نەرسە يىگۈسى يوق ئولتۇردى ، مەنمۇ يېرىم قاچا ئۈگرىنى تەستە ئىچەلىدىم . تاماق يەپ بولۇپ ، مىھمانخانىدىن بىرگە ئۇرۇنلىشىپ ياتاقتا يېتىپ قالدۇق . ئەتىسى دوستۇم مەن ئۈچۈن BE BE بوۋاقلار پىرەنىكىنى بۇلماق قىلىپ يىگۈزۈپ قويدى ، ئاغرىقمۇ ئانچە ئەمەس ، ئاشۇ بوۋاقلار پىرەنىكىنى ئۇماچتەك سۇيۇلدۇرۇپ يەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىمدىن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولۇپ كەتتى . ئەتىگەنلىك غىزانى يەپ بولغاندىن كىيىن كۇچارغا قاراپ ماڭدۇق ، شوپورمۇ ئانچە ئالدىرمايدىغان ئاداشكەن ، كۇچارغا يېقىن قالغان يەردىكى يولمۇ ناچار ئىكەن ، شۇڭا چۈشتىن كىيىنگە تەۋە بولۇپراق كۇچارغا چۈشتۇق ، كۇچاردىكى ئاچاممۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . چۇشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ دوختۇرخانىغا كىرسەك ، ھېلىقى ئالاقىلاشقان دوختۇر رىنتىگىن تەسۋېرىنى كۆرۈپ بېقىپ ، <<چوڭ مەسىلە يوق ، ناھىيڭىزدىكى دوختۇرلار جىددىيلىشىپ قالغان ئوخشايدۇ ، كىچىكلا ئوپراتسىيە قىلىمىز >> دىگەن ئىدى مەنمۇ خېلى يىنىكلەپ قالدىم . ياتاققا ئۇرۇنلىشىپ ، پۇل تاپشۇرۇپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ بولغىچىمۇ ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئوپراتسىيىنى ئەتىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇكۇل ئېسىپ قويدى ۋە ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ تاماق يىمەسلىك ، سۇ ئىچمەسلىك ، ھەم ھازىرنىڭ ئۆزىدە ساقال بۇرۇتنى پاكىز ئېلىۋېتىش توغىرلىق  قايتا - قايتا ئەسكەرتىش بەردى . ئۈكۈل تۈگىگەندىن كىيىن ، ساقال بۇرۇت ئالدۇرغىلى سىرتقا چىققاچ ، بىر كىچىك كىتابخانىدىن تەرمىلەر ، ئەدەبىي تەرجىمىلەر ، دۇنيا ئەدەبىياتى ، تەڭرىتاغ ... قاتارلىق ژۇرناللاردىن بەش- ئالتىنى ئېلىۋالدىم ، ساقال بۇرۇتنى ئالدۇرۇپ كىرىپ كارۋاتتا شۇ ئولتۇرغانچە ژۇرناللارنى ئوقۇشقا باشلىدىم ، ئەمەلىيەتتە كاللامغا بىر نەرسە چۈشىدىغاندەك ئەمەس ، كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە ئوپراتسىيىدىن ۋەھىمە يەپ تۇرساممۇ ، ئوپراتسىيە قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ تىزراق كىلىشىنى ، ئاغرىق ئازابىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشنى تىلەيتتىم . خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ ، يېرىم كىچە بولاي دېدى ، خىيال ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئازراق ئۇيغۇ باسقاندەك قىلدى . يېتىپ ئۇخلاپ قالدىم ، ئەتىسىمۇ بالدۇرلا تۇرۇپ كەتتىم . ئوپراتسىيە ۋاقتى يېقىنلاشقانسىرى ئازراق جىددىيلىشىپ قالدىم . دوختۇر ياتاققا كىرىپ ، مېنى باشلاپ ئوپراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى ، دوستلىرىم ۋە ئاچام ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ سىرتىدا قالدى . ئوپراتسىيە كارۋېتىغا چىقىپ ياتتىم ، قوللىرىمنى ، پۇتۇمنى تېڭىۋەتتى ، ھېلىقى ، كۆز ئالدىغىلا ئەكىلىپ ياندۇرۇپ قويىدىغان ، بەش ئالتە لامپۇچكىلىق چىراغنى يۈزۈمگە توغىرلاپ قويدى . پۇت قولۇمنى تېڭىۋەتكەن مۇشۇ ۋاقىتتا ، تېلۋۇزۇردىن كۆرىدىغان مۇنۇ چىراغنى كۆرۈپ ، ئىختىيارسىز قورقۇنۇچ بېسىپ قالدى ، نەپەس ئېلىشىممۇ تىزلىشىپ ، يۈرىكىممۇ دۈپۈلدەپ كەتتى . ئىچىمدە ئۆزەمگە <<قورقما ، ناركوز قىلسىلا ھىچنىمىنى تۇيمايسەن ، بىردەمدىلا تۈگەيدۇ >> دەپ تەسەللىي تېپىپ ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ، كەيپىياتىمنى تۇراقلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم . بىر كەمدە پۇتۇمغا ئاسما ئۇكۇلدىن بىرنى سانجىپ قۇيۇپتۇ ، ئوپراتسىيىنىڭ ۋەھىمىسىدە ئۇكۇل سانجىغىنىنىمۇ بىلمەيمەن . دوختۇرلار خالاتلىرىنى كىيىشىپ ، قورقۇنۇچلۇق ماسكىلىرنى تاقاپ كۆز ئالدىمغىلا پەيدا بولدى . لاتىدىن بىر قانچىنى ئېلىپ كۆزۈمگە يېپىپ قويدى . ناركوز ئۇكۇلىنى ئۇرغاندا خېلى ئاغىردى ئەمما ، مۇشۇ ئاغرىق بىلەن چوڭ ئاغرىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، بىر ئاز خاتىرجەم بولۇپ قالدىم . باشتا ئىڭىكىمنى ( بىز ئادەتتە ئېغىزنىڭ تۆۋىنىنى ئىڭەك ، يان تەرىپىنى زاڭاق دەيمىز ، باشقا يۇرتلاردا ئالماشتۇرۇپ ئاتايدىكەن ) يېرىپ ، سۆڭەكلىرىمگە چېتىق سالغىلى تۇردى ، ناركوزمۇ سۆڭەككە ئانچە تەسىر قىلالمايدىكەن ، يەنىلا ئاغىرۋاتاتتى . ئىڭەكنىڭ ئىشى تۈگىگەندە زاڭىقىمنى يېرىپ سۆڭەكلىرىمنى جايىغا سالغىلى باشلىدى . يا ، خۇدا !!! ئەمدىكى ئاغرىققا پەقەتلا چىداشلىق بىرەلمەي <<يا خۇدا !!!>> دەپ توۋلاپ كەتتىم ، ئەركەكلىك ئىدىيىسى يەنە غالپ كىلىۋاتاتتى .  ئاشۇ قىيىن ۋاقىتتىمۇ <<ۋايجان ، ۋاييەي >>دەپ ۋارقىراشقا نۇمۇس بىلدىم . كۈچەپ تىناتتىم ، باغلاقتىكى قولۇمدا تۇتۇۋالغۇدەك بىرەر نەرسىنى ئىزدەيتتىم ، كارۋاتنىڭ يېنىنى تۇتۇۋېلىپ پۈتكۈل كۈچۈم بىلەن كارۋاتنى سۇندۇرۋېتىدىغاندەك كۈچەيتتىم .  قارىغاندا ناركوز كۈچىنى يوقاتقان ئىدى . قايتا ناركوز قىلدى ، ئازراق ئۈنۈمى بولغان بولسىمۇ 5 مىنۇتتىن كىيىن يەنىلا ناركوز كۈچىنى يوقاتتى ، بۇ چاغدا زاڭاق سۆڭىكىمنى جايىغا كەلتۈرۋاتاتتى ، پەقەتلا چىدىيالمىدىم ، پۇت قوللىرىم باغلاقتا ، پۇرۇلداپ تەرلەپ كەتتىم . دوختۇرمۇ ئاز قالدى ، ھازىرلا تۈگەيدۇ دەپ چىداشلىق بېرىشمنى ئېيتتى ، دوختۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇزاق قالماي تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، نەدىكىنى ئاغرىقنىڭ بوۋىسى ئالدىمدىكەن ئەمەسمۇ .  بىر چاغدا سۆڭەككە چېتىق سېلىش ئۈچۈن ئۈشكە بىلەن سۆڭىكىمنى تەشكىلى باشلىدى . ئاغرىق ... چېكىگە يەتكەن ئاغرىق ...ئاھ خۇدا ... ئاغرىق بولا مۇشتاق بولا .... ئاغرىققا چىدىماي ھۆكىرەپ كەتتىم . <<يا خۇدا !!! مەدەت بەرگىن >> دىگەن بۇ ھۆركىرەپ كەتتىم ، بۇنىڭ بىلەن دوختۇرلارمۇ ئازراق جىددىيلەشىپ قالدى . بۇ ۋاقىتتا ، كۆزلىرىمگە قىزىللىق تىقىلىپ كەتتى ، گەرچە كۆزۈمگە لاتا يېپىپ قويغان بولسىمۇ ، ئاشۇ لاتا ئىچىدىكى سۇس يۇرۇۋاتقان كۆز ئالدىم قىپقىزىل رەڭگە كىردى ، چىكە ، بۇيۇن تۇمۇرلىرىنىڭ كۆپۈپ كەتكىنىنى ھېس قىلىپ تۇردۇم . پۇت قوللىرىم قېتىپ ، تۈپتۈز ھالەتكە كىرگەن ئىدى . چىكەمدىن بۇژۇلداپ تەر چىقىپ كەتتى ، نەپىسىم تىزلىشىپ ، يۈرىكىم ئۆزەمگە ئاڭلانغۇدەك سوقۇۋاتاتتى ، يۈرىكىم ھازىرلا سوقۇشتىن توختاپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ كەتتىم ، قورساقلىرىمدىكى مۇسكۇللىرىمۇ قېتىپ كەتكەن ئىدى .  ئاغرىققا چىداش ئۈچۈن بارلىق غەيرىتىمنى يىغىپ ئۆپكەمنى تولدۇرۇپ نەپەس ئالاتتىم . كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئىچىمدە تىزراق تۈگىشىنى تىلەيتتىم . ۋاقىت گويا توختاپ قالغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى ، ئوپراتسىيە تۈگەي دىمەيتتى ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمىدىم ، ھۆشۇمنى پۈتۈنلەي يوقىتىپتىمەن ، قىزىللققا تولغان بىر مۇھىتتا بىرسى قولۇمدىن يىتىلەپ ماڭغاننى خىرە - شىرە ئەسلىيەلەيمەن ، بىر دۆڭگە كىلىپ مېنى يىتىلەشكە كۈچى يەتمەي قولۇمنى قۇيۇپ بەرگىنىنىمۇ بەكلا غۇۋالىق ئىچىدە ھېس قىلىمەن . كۆزۈمنى ئاچسام ئوپراتسىيە كارۋىتىدىن يەنە بىر كارۋاتقا يۆتكىگىلى تۇرۇپتۇ . ئوپراتسىيە جەريانىدا ماغدۇرۇمنى يوقاتقاندەكلا ئىدىم .  كۆزلىرىمگە ھەممە نەرسە غۇۋالىشىپ ، بىر قانچە كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى . بارلىق ماغدۇرۇمنى يىغىپ تۈگىدىما دپ سورىدىم دوختۇردىن ، ئۇ ھەئە دېدى جاۋابەن . يىنىك تنىۋالدىم ، كۆزۈمنى يۇمۇپ بېشىمنى ئختىيارى قۇيۇپ بەردىم . پۈتۈن بەدىنىم لاسسىدە بوشىشىپ كەتتى . قورقۇنۇچلۇق ئوپراتسىيەنىڭ تۈگىگنىگە شۈكۈر ئېيتتىم . ئوپراتسىيە ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىلغاندا تۇنۇش ئاۋازلارنى ئاڭلاپ كۆزۈمنى ئاچسام ، دادام - ئاپام ، ئاچام ، دوستلىرىم ھەممىسى مېنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن ، ئۇلارنىڭمۇ جىددىيلىشپ كەتكىنىنى ھېس قىلىپ ، سۇس كۈلۈمسىرەشكە تىرىشتىم . ئەمما شۇ چاغدا كۈلۈمسىرەلىدىممۇ بىلمەيمەن .




ئىلھام كىلىپ قالسا داۋامىنى يوللايمەن ....


Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 19:47:49

ئەركەكلەرگە خاس جاسارىتىڭىزنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندەك بولدۇم.

ئاللاھقا مىڭ شۈكرى. يۈزمىڭ شۈكىرى...

بۇندىن كىيىن ئىشلىرىڭىزنىڭ بەركەتلىك ، تىنىڭىزنىڭ سالامەت  بۇلىشى ئۈمۈد قىلىمەن

milyoner يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 19:49:36

چوڭ ئىش بولمىسىلا ياخشى بولغىنى،كىلىشمەسلىك ئادەمنى خېلىلا سىلكىپ قويىدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 19:52:16

خۇدا ساقلاپتۇ بۇرادەر.

ئوبدان ئارام ئالغاچ،ئاخىرىنى يېزىۋېتىڭ.

ماڭىمۇ تەڭلا ئاغرىق چۈشۈپ كەتتى ئۈستىدىكى تەسۋىرلەرنى ئوقۇپ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 20:19:12

ئىش كەپتۇ، ھەممىمىزنى خۇدا ساقلىسۇن.. ئاكامنىڭ ئوقۇرەك سۆڭىكىنىمۇ مىخلاپ رىمونت قىلغانتى..

غەيرەتلىك پىنھاننى بىر قورقۇتاي: بىر يىلدىن كېيىن يەنە مىخلارنى چىقىرىدىغان ئىشمۇ بار جۇما.. مەڭگۈ سالىدىغىنى بولمىسىلا..

ئوبدان ئارام ئېلىڭ، دۇختۇرلار سۆڭەك تۇتۇشقا پايدا قىلىدىغان تاماقلارنى دەپ بېرىدۇ، ئوبدان بولۇپ كېتىدۇ.

mihir1 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 20:19:28

سالامەتلىك ھەر بىر جان ئۈچۈن ئەڭ زور بەخت ، ئاغرىق تارتىپ باقمىغانلار ئاغرىقنى بىلمەيدۇ ،

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 20:20:16

بىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. بىز چوقۇم ئاللاھ دەرگاھىغا قايتىمىز.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 20:36:29

مەنمۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ پىچىقىنى تۇسىمەن دەپ 3 سانتا ئەتراپىدا تىلىنىپ كەتكەن قۇلۇمنى  ئوپراتسىيە قىلدۇرۋاتقاندا  ناركوز يىشىلىپ كىتىپ ئاغرىقغا چىدىمىغىنىمدىن دوختۇرلارنى تىپىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ ئەس ھۇشۇمنى نەچچە قېتىم يۇقاتقان ئىدىم

بۇرادىرىم پىنھاننىڭ بۇ چىدامچانلىقى، جاسارىتىگە قول قويماي تۇرالمىدىم

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 21:23:49

سىزننغۇ مەن بىرخىل چىدامچاندەك ھېس قىلاتتىم كۆرمىگەن بولساممۇ ..

ئويلىغىنىمدەككەنسىز

بۇنىڭدىن كېيىن بىسمىللا دەپ چىقىپ ئۆيدىن، ئاللانى زىكرە قىلىپ تۇرۇڭ...

ھېلىمۇ ياراتقان ئىگەم بىر ساقلاپتۇ جۇمۇ

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 21:29:08

تېز ئوڭشىلىڭلار پىنھان ... ... ...

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 21:54:40

تېزراق ئوڭشىلىپ كېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن بۇرادەر ، ئاللا - تائاللا ھەممىمىزنى ساق - سالامەت قىلغاي !

      

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 23:32:43

تارتۇق قالماي ساقايسىڭىز ياخشى بولاتتى، چىراي دېگەن ئادەمگە بەك مۇھىم نەرسە

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 23:34:17

يىپ بىلەن تىكىدىغان ئىشنى مەن ئىككى قېتىم قىلدۇرغان..جەمئىي 10 نەچچە يىپ.

.. ئا ئىشلارنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەسكەن..

Estami يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 00:04:22

ئۇلۇغ ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلاپتۇ. خەۋىرىڭىزنى رەخمانكامدىن ئاڭلىغان . ئەندىشە قىلدۇق.

ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار.  يول تېخى ئۇزۇن. تېزىراق سالامەت بولۇپ كېتشىڭىزگە تىلەكداشىمىز.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 00:08:05

بۇندىن 5 يىل بۇرۇن ئۆزۈم يالغۇز 40-30 ئادەمنىڭ ئارىسىدا قېلىپ، 5 پىچاق يىگەن ئىدىم ( ئەلۋەتتە ئۆز مىللەتداش قېرىنداشلىرىمدىن  ) . قانسىراپ يەرگە يىقىلغاندا خىيالىمدىن تۇنجى كەچكىنى : << سەن مۇنداقلا ئۆلسەڭ بولمايتتى، سەن تېخى ھېچ ئىش ھېچ ئىش قىلمىدىڭ ، بۇ پېتىڭ رەببىڭنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈك بىلەن بارىسەن ؟! ... ئى كەرىملىك ئاللاھ ئەگەر رىزقىم توشمىغان بولسا ماڭا غەيرەت ئاتا قىلغىن ، ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن ئۆزەڭ قۇتقازغىن ... >> دېگەنلەرنى زېكىر قىلدىم. دېگەندەك ئاللاھ مەدەت قىلدى بولغاي، ئورنۇمدىن دەست تۇرۇپ، پىچاق - تاياققا قارىماي قاچتىم، تاكىسغا ئۆزەمنى ئاتتىمدە ، ئۇدۇل جىددىي قۇتقۇزشقا كەلدىم. كېچە سائەت 11 دىن تاكى سائەت 8 گىچە ئوپېراتسىيە قىلىندىم. ئاللاھنىڭ رەھمەت - كېرىملىرى بىلەن 1 ئايدا ساقىيىپ ، 6 ئايدا راۋرۇس بولۇپ كەتتىم ... ئىنشئاللاھ .

ئەرنىڭ بېشىغا كەلمەيدىغان كۈن يوق ئوخشايدۇ...

پىنھاننىڭ قاتناش ھادىسىسىدە ئامان قالغانلىقىدىن خۇش بولدۇم. ياراتقۇچىغا يەنە ھەمدىلەر بولسۇنكى، پىنھان بۇرادىرىمىز بالدۇرراق شىپا تاپقاي!

HiyalChi يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 00:09:19

ئۈچكە بىلەن سۈڭىكىمنى تىشىشكە باشلىدى دەيدا ما پىنھانجان مەنمۇ بىر قېتىم ئېغىزىم يېرىلىپ كىتىپ دوختۇرخانىغا بارسام جىق دوختۇرلار تىككىلى ئۇنىماي ئاخىرى يۈرەكلىك بىر دوختۇر چىقىپ  تىككەن ئىدى. ئېغىزىم پىژىلداپ ئىچىشىپ تۇرسا يېرىلغان يەرنى قايرىپ تۇرۇپ شۇ يېرىقنىڭ بىر نەچچە يېرىگە ئۇرماسمۇ ئۇكۇلنى....... بۇلالماي قالغان. شۇ ۋاقتتا نەچچە ھەپتە مىنىڭ يىيىشىممۇ سۈتتە يۇمشىتىلغان پىرەنىك بولغانتى. ساقىيىپ بولۇپ كۈنەلمەي قالغان باشقا تاماقلارغا

باشقا كەلمىگىچە سالامەتلىكنىڭ زور بايلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالدىكەنمىز ئەمەسمۇ؟! ئاللاھ ھەممەيلەنگە ساغلام تەن ئاتا قىلغاي!

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 04:11:12

ئاللاھقا شۇكىرلەر دەيلى،پىنھاننىڭ سالامەتلىكىنڭ بالدۇراق ئەسلىگە قايتىشنى ئۈمىت قىلىمەن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 07:32:00

ئپراتسىيىدىنلا چىقىپ ئۆيدىكىلەر ماڭا تېلفون قىلىپتۇ ، (بولمىسىغۇ مەن تېلفون قىلىپ تۇرىۋاتاتتىم)

ھەسەنجاننىڭ سىزگە بىر ئېغىز گېپى باركەن دەيدۇ ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەك ئەنسىردىم ئەگەر قاتناش ھادىسىسى بولماي باشقا ئىش بولىدىغان بولسا ... دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم

ئاپام ھەسەنجانغا كۆپ گەپ قىلماي ئاز گەپ قىلىڭ دەپ تەربىيە ئىشلىگەندىن كېيىن (مەن تېلفوندا ئاڭلاپ تۇردۇم) ئاندىن تېلفوننى ھەسەنجانغا بەردى . ھەسەنجاننىڭ ماڭا دېگەن گېپى <<مەن مۇسۇلمانكەنمەن ، ئۆزەڭنى كۆپ ئاسىرا!>> دېدى ، ھازىرغىچە بۇ گەپنى كۆپ ئويلاندىم ، بەلكىم شۇ ئوپراتسىيىدە ناركوز يېشىلىپ كېتىپ كۆزىگە كۆرمىگەن نەرسىلەر كۆرۈنۈپ ، ئللىقانداقتۇر ئىشلارنىمۇ خىيال قىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ۋە يېنىدا مەن كۆيۈنگەندەك كۆيۈنەلەيدىغان دوستلىرىمىزنىڭ (ئىككىمىزنىڭ دوستى ئوخشاش) بولغىنىدىن بىر ئاز خاتىرجەم بولدۇم .

مەن ھەسەنجانغا ۋاكالىتەن ئاپام دادامغا تېلفون قىلىپ خاتىرجەم قىلىپ تۇردۇم ، ئاپام تېلفوننى ئالسىلا يىغلايدۇ ، مەن خاتىرجەم قىلىمەن ، (ئاپام ھەسەنجاننىڭ دەسلەپكى ھالىتىنى كۆرۈپ بەك قورقۇپ كېتىپتىكەن)

ئاللاھقا مىڭ شۈكرى دېدىم شۇ كۈنلەردە ھېلىمۇ باشقا ھېچ ئىش بولماپتۇ .

Sadek-T يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 07:57:23

ئاللا ھەممىمىزنى بالا_ قازا، پىشكەللىكلەردىن ساقلىسۇن!

ئاللا پىنھاننىڭ ئاغرىق ئازابى ئۈچۈن ساۋاپ بىلەن مۇكاپاتلىشى مۇمكىن، ياكى گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشى مۇمكىن. ئاللا ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن !

ما پىنھاننىڭ ئوبدان ئارام ئالماي ئىزدىنىشقا چىقىۋالغىنىنى  دەيمەندە....  

Jidelhor يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 07:59:07

پىنھان بۇرادەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

بەت: [1] 2 3
: (پىنھان)سالامەت بولۇڭ