Patigul يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 13:24:01

پايچەك پىشۋالىرىنىڭ تەرجىمالى

رەسىم :ۋاررېن .باففېت


رەسىم :ۋاررېن .باففېتنىڭ  داچىسى

رەسىم :ۋاررېن .باففېت ۋە ئايالى



ۋاررېن .باففېت 1930يىلى 8-ئاينىڭ 30 كۈنى ئامىركىنىڭ ئوماخا شەھرىدە تۇغۇلغان .
1941- يىلى 11يېشىدا ھاياتىدىكى تۇنجى پايچېكىنى سېتىۋېلىپ ، پاي چېكى سەپىرىنى باشلىغان .
1962 يىلى ئۇ شىرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ 7مىليۇن 200 مىڭ دوللار كاپىتالغا ئىگە شېركەتنى قۇرۇپ چىققان ، بۇ كاپىتالنىڭ 1مىليونى باففېتنىڭ شەخسىي مۈلكىدۇر .
1968 - يىلى ئۇنىڭ شېركىتىنىڭ پاي چېكى تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتقان بولۇپ قىممىتى 59% ئاشقان ئىدى ، ئەمما بۇ چاغدىكى داۋجۇنس كۇرسەتكۈچى پەقەتلا 9% ئاشقان . باففېتنىڭ كونتۇرۇللىغىدىكى مەبلەغ 1 مىليارد 4مىليونغا يەتكەن .
1994 - يىلى باففېتنىڭ شېركىتى تەرەققىي قىلىپ 230مىليارد دوللار كاپىتالغا ئىگە بولغان بوكشىر سانائەت خاندانلىغىغا ئايلانغان ، بۇ شېركەت ئاللىقاچان ئەسلىدىكى توقۇمچىلىق شېركىتى دىگەن قالپىغىنى چۇرۇپ تاشلاپ باففېتنىڭ رەھبەرلىگىدىكى مەبلەغ سېلىش مەبلەغ جۇغلاش گۇروھىغا ئايلانغان ئىدى .
1965- يلىدىن 1994 يىلغىچە باففېتنىڭ پايچېكى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر يىلى 26.77% ئېشىش سۇرئىتى بىلەن ئاشقان بولۇپ ،داۋ جۇنس كۇرسەتكۈچىدىن 17نۇقتا ئاشقان . دىمەك 30 يىل بۇرۇن باففېتنى تاللىغان كىشى دەل تۈگىمەس ئالتۇن كانغا ئېرىشكەن كىشىدۇر .

ئىككىنچى شەخس : جېم .روگېرس

روگېرس خەلقئارالىق مەبلەغشۇناس ۋە پۇل - مۇئامىلە پىراففىسورى بولۇپ ،دەل 1997 - يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى زىلزىلىگە سالغان كۋانت فوندىنىڭ ئاۋالقى شېرىكىدۇر .1970يىلى ئۇ جورجى سوروس بىلەن بىرلىكتە كۋانت فوندىنى بارلىققا كەلتۇردى .
1983 - يىلدىن باشلاپ ئۇلار كۇلۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىدا قىززىق نۇقتا دەرسلىگى بولغان ئالىي دەرىجىلىك ئاكسىيە ئانالىز دەرسلىگىنى تەشكىللىگەن  .
1989-1990 ئارىلىقدا  ئۇلار تاماملىغان دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتى جىنس دۇنيا رىكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن  .
1998 ئۇ روگېرس خەلقئارالىق مال كۇرسەتكۈچى (RICI ) ياراتقان .
1999-يىلى دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش سەپىرىدە شاڭخەي ب پېيىغا مەبلەغ سالغان .


ئۇچىنچى شەخس :پېتىر .لىنچ

1944- يلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامىركىدىكى  بوستۇندا تۇغۇلغان ،
1968- يىلى پېنسىلىۋانىيە ئۇنۋېرسىتىنىڭ  ۋارتۇن سودا ئىنىستوتىنى پۇتتۇرۇپ MBA ئۇنۋانىنى ئالغان .
1969- يىلى فىدېلىتي شېركىتىدە تەتقىقاتچى بولغان .
1977-يىلى مونىتېر فوندىنىڭ دىرىكتورلىق  ۋەزىپىسىدە بولغان .
1977-يىلدىن 1990-يىلغىچە بولغان 13يىل جەرياندا بۇ فوندنىڭ مەبلىغى 20مىليون ئامىركا دوللىرىدىن 140 مىليارت دوللارغا يېتىپ ، فوندقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سانى 1 مىليۇندىن ئېشىپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن مونىتېر فوندى قاتارىدىكى يۇرۇق يۇلتۇزغا ئايلانغان . 13 يىل جەريانىدا ياراتقان قىممىتى  ئوتتۇرچە 29 % بىلەن   ئۆسكەن .
ھازىر ئۇ فىدېلىتي شېركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا فىدىلىتي فوندى مىدىرىيەت يىغىنىنىڭ ئەزاسى ، ھازىر يەنىلا بوستۇندا ئولتۇرۇشلۇق .

تۆتىنچى شەخس :جورجى سوروس :

ھۇنگىرىيەنىڭ بۇداپىشتا تۇغۇلغان
1947- يىلى ئەنگىلىيەگە كۈچۈپ كېلىپ ، لۇندۇن ئىقسادىي ئېنىستوتىىنى پۇتتۇرگەن .
1956- يىلى ئامىركىغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزى قۇرۇپ چىققان خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش شېركىتى ئارقىلىق كۆپ قىممەت ياراتقان ، ئۇ دەل سوروس فوندى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ،خەلق ئىچى مەبلەغ سېلىش باشقارمىسى ئۇنى كۋانت فوندى گۇروھىنىڭ مەسلىھەتچىلىگىگە تەكلىپ قىلغان .1954 - يىلدىن 1979- يىلغىچە لۇندۇن ۋە نېۋ يۇركتا ئاكسىيە سودىسى ۋە پۇل - مۇئامىلە ئانالىزى بىلەن شوغۇللانغان .
1979-يىلى سوروس نېۋ يۇركتا ئۆزىنىڭ تۇنجى فوندىنى قۇرۇپ چىققان
1994-يىلى سوروسنىڭ كۋانت فوندى مىكسىكا بىسوسىغا ھۇجۇم قىلغان .

بەشىنچى شەخس : گۇرەخەم


1894-يىلى لۇندۇندا تۇغۇلغان
1914-يىلى ئۇ شەرەپلىك مەكتەپ پۇتتۇرگۈچى ۋە شۇ سىنىپتىكى ئالدىنقى ئىككىنچى ئوقۇغۇچى دىگەندەك ياخشى نەتىجىلەر بىلەن كۇلۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىنى پۇتتۇرگەن .
1914- يىلى يازدا شېركەتتە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلىك خىزمىتىنى قىلىش جەريانىدا ئاساسلىقى ئاكسىيە ۋە پايچېكى باھاسىنى دوسكىغا چاپلاش ئىشىگە مەسئول ئىدى ، ھەپتىلىك مۇئاشى ئارانلا 12 ئامىركا دوللىرى ئىدى . گەرچە بۇ خىزمەت ئامىركا نيۇ يۇركتىكى ئەڭ تۈۋەن دەرىجىدىكى خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ كەلگۈسىدىكى ۋولل كۇچىسىنىڭ ئاتىسى ئاتالغان گۇرەخەم ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىنى مۇشۇ يەردىن باشلىغان ئىدى .
1920- يىلى ئۇنىڭ دەرىجىسى ئۈسۈپ مۇشۇ شېركەتنىڭ شېرىكىگە ئايلانغان . بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزلۈكسىز ئەمىلىي مەشق ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ چىققان .
1923- يىلى يىل بېشىدا ئۇ بۇ شېركەتتىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قارارىغا كەلگەن .شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئالدىغا گېلەنخې فوندىنى تەشكىللىگەن ، مەبلىغى 500 مىڭ دوللارغا يەتكەن .

ئالتىنچى شەخس : لىن يۇئەن

1963 - يىلى شەنشى خەنجوڭدا  تۇغۇلغان ، ئالىي مەلۇمات سەۋىيىسىدە ،
1989-يىلى پاي بازىرىغا كىرگەن ،18 يىلدىن بۇيان دەسلەپكى 8000 يۈەندىن ھازىرقى 10 مىليارد مەبلەغنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىپ جوڭگو ئاكسىيە بازىرىدىكى ئىشەنگۈسىز «رىۋايەت » كە ئايلانغان . كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىش مەخپىي نۇمۇرىنى بىلىشكە قىزىققان .
ئۇ بېسىپ ئۆتكەن غەلىبە يولى بىزنى نۇرغۇن مەسلىلەرنى ئويلۇشىمىزغا  مەجبورىي قىلىدۇ ،،،،،،،،،،كىشىنىڭ ئەقلىي يەتمىگۈدەك دەرىجىدە ،،،،،،،،، ئۇنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنى قىممەتكە مەبلەغ سېلىش ، ئۇزۇن قەرەللىك سودا قىلىش ، بىرىكمە ئېشىشنى قوغلۇشۇش ، ئۆزىگە ئايدىڭ بولمىغان ئىشنى قەتئى قىلماسلىق بولۇپ  بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ۋە ئۆگىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .

يەتتىنچى شەخس : ياڭ بەيۋەن


1950- يىلى تۇغۇلغان ، ئەسلى ئىسمى ياڭ خۇەيدىڭ بولۇپ كېيىن كىشىلەر تەرىپىدىن ياڭ بەيۋەن دەپ ئاتالغان ( ياڭ مىليونىر دىگەن مەنىدە ) جوڭگودىكى تۇنجى پايچېك ، ئەسلىدە شاڭخەي پۇلات زاۋۇتىىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ 1988 - يىلى بازار تەرىپىدىن نەزەردىن ساقىت قىلىنغان زايۇمنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىنى باشلىغان ،شۇنىڭ بىلەن كېيىنچە شاڭخەيدىكى تۇنجى ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش چوڭ خېرىدارىغا ئايلانغان ، رەھىمسىز پاي چېكى بازىرىنىڭ شاللىشى ئارقىسىدا شۇ زامانلاردا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بازارغا كىرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شاللىنىپ كېتىپ پەقەت ياڭ بەيۋەنلا غالىبىيەتچىگە ئايلىنىپ بازاردا پۇت تىرەپ تۇرالىغان .
ئۇنىڭدا  جېجياڭ ۋە شاڭخەي كىشىلىرىگە خاس چىچەن كاللا بار بولغاچقا ئاكسىيە بازىرىدىكى داڭلىق شەخسكە ئايلانغان ،كېيىن ئۇنىڭ ھىكايىسى ئامىركا «دەۋر ژورنىلى » « خەۋەرلەر ژورنىلى » قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ تارقالغان .ھەمدە 1998 - يىلى جوڭگو تىلىۋىزىيە ئىستانسى باھالاش ئارقىلىق ئۇنىڭغا « ئىسلاھات ئېچىۋېتىش 30 يىل مابەينىدىكى داڭلىق ئەرباب  » دىگەن نامنى بەرگەن .
مەنبە :جاھان مۇنبىرى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Consirwatip يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 21:14:48

tarim722:

IngvarKamprad ئىنگىۋار كامپارد ، شىۋىتسارىيالىك، لاپلاتا قان سېستىمىسىدىن،ئۆي جاھازىلىرى ، ئۆي مۈلۈك شىركىتى قۇرغان، 22 مىليارد بايلىقى بىلەن بەشىنجى ئورۇندا.

مۇنۇ ئاداش شىۋىتسىيىلىك.(.شىۋىنتسارىيلىك ئەمەس)،،宜家 نىڭ قۇرغۇچىسى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-7-5 21:21:26

تەڭسىزلىك
بەت: [1]
: پايچەك پىشۋالىرىنىڭ تەرجىمالى