barna_g يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 17:37:07

ئەخلەت يېمەكلىكلەر تۇغرىسىدا

بايام سۇلياۋ بوتۇلكىدا سۇ ئىچمەسلىك تۇغرىسىدىكى تېمىنى كۆرۈپ، تۇرۇپلار ھازىر بالىلىرىمىز ئامراق بۇلۇپ كېتىۋاتقان ئەخلەت يېمەكلەر تۇغرىسىدا سۆزلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغۇم كىلىپ قالدى.

بىزنىڭ ئۆي مەكتەپكە يىقىن بولغاچقا، بالىلارنى قۇيۇپ بەرگەن ۋاقىتتا، بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ مەكتەپ ئالدىكى ئۇششاق يايمىكەشلەردىن ھەر خىل ئەزان باھادىكى يېمەكلىكلەرنى سېتۋىلىپ يەۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. ئۇ نەرسىلەرنىڭ قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، خەنزۇ بالىلىرى يىسىگۇ كارىم يوقتى، لىكىن بىزنىڭ ئۇيغۇر باللىرىمىزمۇ سېتۋىلىپ يەيدۇ، بىر-ئىككى قېتىم ئۇ بالىلارنىڭ سېتۋالغان نەرسىلىرىنى كۆرۈپ باقتىم، بىرمۇ ئۇيغۇرچە خېتى يوق، ئىشلەتكەن ماتېرىيالىرىنىمۇ ئېنىق يازمىغان. بالىلار "لاباڭ"دىيدىغان بىر نەرسىگە بەكمۇ ئامراقكەن، ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئاتايدىغىنى ھىچ كىم بىلمەيدىكەن. بۇرۇن بالامغا قارىغان قىزمۇ بۇ نەرسىنى بەك يەيتتى، تۇساپمۇ تۇساپ قالالمىغان ئىدىم، ئۆزى يىگەننى ئاز دىگەندە بالامغىمۇ ئۆگىتىپ بولغان ئېدى، يەنى نىمە ھىلىقى "鸡肉肠"دىگەن نەرسىگىمۇ شۇنداق ئامراق ئىدى ئۇ قىز. مەنغۇ تېلىۋزۇردىن بىر قانونسىز "鸡肉肠" ياساش زاۋۇتىنى تەنقىت قىلىش تەرۇزىسىدە كۆرسەتكەن فلىمىنى كۆرگەندىن كىيىن، باشقىلارنىڭ يەۋاتقىنىنى كۆرسەممۇ كۆڭلۈم ئېلىشىدىغان بۇلۇپ كەتكەن ئېدى.

قېنى تورداشلار سىلەرمۇ بېلىدىغان ئەخلەت يېمەكلىرى تۇغرىسدا سۆزلەپ باقساڭلار، بىزدە بالىسى بارلارغا، كەلگۇسىدە بالىسى بۇلىدىغانلار بىلىپ قالساق ھەمدە ئەتراپىمىزدىكىلەر بۇ تۇغرىسىدا تەشۋىقات ئىشلىسەك. ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن يېنىمىزدىكلەردىن باشلىساق.

خۇدايىم باللىرىمىزنى ئەقلى-ھۇشى بىلەن چوڭ بولغاي!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 18:29:00

بالىغا سۈلياۋغا ئالغان نەرسىنى قەتئىي يىگۈزمەسلىك كېرەك دەپ ئويلايمەن.

تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىدە بىر غاز باركەن، كىچىك ۋاقتىدا پەقەت ئوت- چۆپ.. دىگەندەك نەرسىلەرنىلا بېرىپ چوڭ قىلغان، ئۇنى باغچىسىغا قويۇپ بەرسە پەمىدۇر، ئۈزۈم قاتارلىق مىۋىلىرىگە پەقەت چېقىلمايدىكەن، كىچىكىدە يىگەن نەرسىلىرىنىلا يەيدىكەن. يەنە بىر خوشنىسىنىڭ غېزى بار ئىكەن، ئۇنىڭغا كىچىكىدە ھەممىنى ئالدىغا تاشلاپ بەرگەنكەن، ئۇ ھەممىنىلا يەيدىكەن، قورقۇپ سولاپ باقىدىكەن.

milyoner يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 18:30:16

مەن بىلىدىغان ئەخلەت يىمەكلىكKFC (ساقاللىق قېرى),McDonalds 麦当劳 ,پىسسا،ھامبۇرۇگ ......قاتارلىقلار

ماۋۇخەنلەرنىڭكىنىغۇ ئەخلەت يىمەكلىك دىگەن ناممۇ ئارتۇق كېتىدۇ،زەھەر دىسەك توغرا بولار.......

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 18:34:04

پىسسامۇ ئەخلەت يىمەكلىككە كىرەمدا ؟

milyoner يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 18:43:36

مۇشۇ غەرىپنىڭ زەنجىرسىمان تىز تاماقلىرى ئەخلەت يىمەكلىك قاتارىغا كىرگىلى نەۋاق.

ئۇلار تىزلىك،تاماقلارنىڭ يېڭىلنىشى،رەڭدارلىق....قاتارلىقلارنى قوغلۇشۇپ،سۈپەت ۋە ئۇزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرەلمەيدۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 18:50:23

پىسسا قاتلىمىسى ئىتالىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى   بولغاندىكىن ئەخلەت يىمەكلىككە  كىرمەمدىكىن دەيمەنغۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 19:10:15

باسقىلىرىنى بىلمەيمەن ، ئاۋۇ 肌肉肠 دېگىنى يېسە قەتئى بولمايدىغان نەرسە . راستلا كالا ، توخۇ گۆشى ئىشلىتىلگەن تەقدىردىمۇ ، قازىنىنى ئايرىيدۇ دەپ ھىچكىم ئېيتالمايدۇ . ئاتالمىش دىزىنفىكسىيىلىرىدىن ئايلىناي !

tvman يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 20:28:42

ئەخلەت يىمەكلىكە بىزنىڭ كاۋاپمۇ كىرىدۇ!

tvman يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 20:34:39

ئەمىلىيەتتە چەتئەللىكلەرنىڭ <ئەخلەت> دىگەن ئۆلچىمىگە سالساق ھازىر بىز يەۋاتقان يىمەكلىكنىڭ نۇرغۇنى شۇ <ئەخلەت> كە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ، ئادەمنى سېمىرتىدىغان، مايدا قورۇلغان، قاقلىغان، يىمەكلىكنىڭ كۆپىنچىسى <ئەخلەت> كە كىرىدۇ.

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 22:27:46

ھازىركىچىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەيدىغان نەرسىلىرىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ قالسام كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتىدۇ؟

يۈزلىرىگەقارىسابىرنەرسىلەرچىقىپ كەتكەن،يېمەڭ دېسە يەنە يىۋالغان، ئىچىم بەك ئاچچىق بۇنىڭغاكەلگەندە!!!

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 22:35:15

ماڭا ھەممىدىن  ياپۇنلىقنىڭ سۇشىسى يارايدۇ ھازىر

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 23:33:32

yarxarilik:
ماڭا ھەممىدىن  ياپۇنلىقنىڭ سۇشىسى يارايدۇ ھازىر

قۇرساق ئاچقاندا

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 04:06:20

قورساق ئاچقان بولسا سۇشى كالفورنيەدىن    كەلتۈرەيمۇ،تېلىفۇندا بۇرۇتسڭىز ياپونيىگە 45 مىنۇتتا ئاپىرىپ بىرىمەن،ئىچىملىك ئىچىدىغانغا سۆيۈنچە بەرمىسىڭىز بولمايدۇ جۇما

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 05:45:32

بايا قۇرساق ئېچىپ چىدىماي تاماق يەپ كەلدىم

ئاۋۇ ئاقۇش رەڭدىكى نىمە؟چايناپ تۈكۈرۈپ قويغاندەكلا

barna_g يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 07:16:54

ياپانلۇقلارنىڭ بۇ تامىقى قانداق ئېتىلدىكەن، بىزمۇ ئۆگىنۋالساق بولغۇدەك.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 07:40:05

ئەتمەيدۇ،ياسايدۇ

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 08:07:17

ئاچچىق دەپ بىر نەرسە بار ئۇششاق باللار بەك ئامراقكەن. پوقلا پۇرايدىغان نەرسىكەن تۆۋە..نىمدىن ياسايدىغاندۇ ئۇنى...

Blessed يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 09:37:17

تۇرمۇشى ياخشىراق خەن يولداشلار ،بالىلىرىنىڭ يېمەكلىكىگە شۇنداق كۆڭۈل بۆلىدۇ ،ھەتتا كۆكتات سېتىۋالغاندىمۇ تەبىئىي ئوغۇت ئىشلىتىلگەن (راس-يالغانلىقى نامەلۇم) دېگەنلىرىنى سېتىۋالىدۇ ،توڭلاتقۇغا سالغان يېمەكلىكلەرنى ۋە مىكرو ئوچاقتا ئىسسىتقان يېمەكلىكلەرنى بەرمەيدۇ ،پېچىنە-پىرەنىك ئېلىپ بەرسىمۇ ،شېكەرسىزلىرىنى ئالىدۇ .

qaqlik يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 00:19:19

ئەخلەت يىمەكلىك توغرىسىدا مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم ئازراق.مىنىڭچە،يالتىراق ئورالمىلىق يىمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ خىلغا تەۋە.ئەڭ ياخشىسى باللىلىرىمىزغا يالتىراق ئورالمىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرمەيلى ۋە بۇ   توغۇرلۇق زىرىكمەي كۈندە تەربىيە بېرەيلى،باشقىلارغا تەشۋىق قىلايلى.شۇنداق قىلساق ئۇنىڭ بازىرى كاساتلىشارمىكىن دەيمىنا.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-7-4 07:34:10

زىيالى، ئۇ دىگەن گۈرۆچ تۇرمامدۇ.
بەت: [1]
: ئەخلەت يېمەكلىكلەر تۇغرىسىدا