UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 16:05:23

سۇلياۋبوتۇلكىغاقاچىلانغان سۇنى ئىچكەندە.......

ئامېرېكاخارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش ئىنىستىتوتىنىڭ ئەڭ يىڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارغاندا،

دائىم سۇلىياۋبوتۇلكىغا<سۇلىياۋنى ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتىساق بولا>قاچىلانغان سۇنى ئىچكەن ئادەمنىڭ

تېنىدە ئانىلىق گورمونغائوخشاپ كېتىدىغان خىمىيلىك ماددا قوش فىنول پەيدابولىدىكەن.

چۈنكى بۇ خىل ماددا سۈزۈك سۇلىياۋبوتولكىلارنىڭ PC تەركىبىدە بولىدىغان بولۇپ،

بەزى دۆلەتلەرئۇنى زەھەرلىك مادداقاتارىغاتىزغان. سۇلىياۋماتېرىيالدىن ياسالغان بوتولكىغا قاچىلانغان سۇنى بىرھەپتەئىچكەندىن كېيىن

سۈيدۈكتىكى BPA نىڭ مىقدارى %69 ئاشقان. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا ب پ ئا نىڭ ئاز كۆپلۈكىنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش،

ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە يۈرەك،دىئابىت كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

مەن كۈندە دېگىدەك مېنرال سۇ ئىچىمەن. بۇخەۋەرنى كۆرۈپ قورقۇپ قالدىم.مۇشۇتوغرۇلۇق بىرمۇنازىرەقىلمايلىمۇ

BPAتوغرۇلۇق ھەجۋىي رەسىم.

خەۋەر ئەسلى مەنبەhttp://uygur.chinabroadcast.cn/7280/2009/06/25/1349@411028.htm

monalisa يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 16:53:39

ماڭغا خىزمەتداشلىرىم سۇلياۋ بوتۇلكىدا  سۇ ئىچمە دىسە  ، نىمانداق ئۇششاق گەپ دەپتىكەنمەن ........

ئەمدى ئويلىشىپ باقسام بوغىدەك

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 17:07:35

غەلىتە قانۇنلارمۇ مۇشۇنىڭ سەۋەبىدىن بولۇپ قالمىسۇن..

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 17:47:49

چەتئەللەردە يېمەكلىك ئوراشقاسۇلىياۋئىشلەتمەيدۇغۇ. ئىشقىلىپ بۇ سۇلىياۋ ياخشى نەرسەئەمەس

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 17:57:04

ئەمىسە قاندىغىنى ئىچسەك بولا ؟

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 18:05:53

ئىچىدىغان سۈيىمىزنى قاپاققا قاچىلاپ ئىچسەك بولغىدەك ئەمدى.

dahan يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 20:45:29

ئەمسە  قانداق  سۇ ئىچىمىز  تۇربا   سۇيى خەتەتلىك  مىنرال  سۇ  دەپ ئىچسەك ئۇنىڭمۇ پۇتقى  چىقسا  ئۆزىمىز  بىر  ئىجاد قىلساق  ھە ؟

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 21:36:18

چايداندىن بىرنى كۆتۈرۈپ يۈرسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ ئەمدى

natsist يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 22:07:46

سۇلىياۋنى ئۇيغۇرچە زادى نىمە دەپ ئاتىساق بۇلا؟

بىرىكمە تالا دەي دىسەڭ بىرىكمە تالانىڭ تۈرى كۆپ، مەنچە: بىرىكمە پەردە دەپ ئاتىساق قانداق؟

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 22:15:57

سۇلياۋنىڭ تەرجىمىسى :

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 06:26:55

بوتولكىسى قېلىن كېلىدىغان ئىچىملىكلەر بار ، شۇنداق سۇمۇ بار ، شۇنى ئىچسە تېخىمۇ بىخەتەررەك  بولارمىكىن ...

ئاندىن مەكتەپتە كىچىك سۇلياۋ سۇدان كۆتىرىۋېلىپ قايناقسۇ ئىچىدىغان بالىلار دىققەت قىلىڭلار ، سۇلياۋ سۇداندا قايناقسۇ ئىچسە تېخىمۇ خەتەرلىك ، بوتۇلكىمىز بەك ياخشى دەپ قانچە ماختاپ كەتكەنلىرىمۇ يەنىلا چاتىقى بار ، شۇڭا سۇدان تاللىغاندا دىققەت قىلىڭلار ياكى سۇلياۋ سۇداننىڭ نوچىراقىنى ئېلىپ سوغاق سۇلا ئىچىڭلار ...

milyoner يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 07:48:18

مەكتەپتە پاختا تەرگىلى ئەچىققاندا ھېلىقى بىرقېتىم ئىشلىتىدىغان كۆپتۈرمە سۇلياۋدا تاماق بەرگەن.

كىيىن نەدىن پەيدا بولدىكىن،بۇ قاچىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە بەچچىۋاز بۇلۇپ قالىدىكەن دىگەن گەپ تارقاپ،ئىشلەتكىلى ئۇنىمىغان بىز،مۇشۇ قانداق گەپتۇ.

selma يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 10:45:54

خاشو.................................

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 10:48:52

UDUN:
ئىچىدىغان سۈيىمىزنى قاپاققا قاچىلاپ ئىچسەك بولغىدەك ئەمدى.

=========

زابويلار ئۆگىنىۋالمىغىيدى

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 13:01:32

بەزى ئەرلەرنىڭ خۇتۇن كىشىدىن پەرقى يوقلىغىنىڭ سەۋەبى مۇشۇكەندە؟

mihir1 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 13:22:52

يەكەن دەرياسىدىن سۇ ئەكىلىپ ساپال كۈپكە توشقۇزۇپ قويۇپ ئىچىمىز ، بۇ سۇ مىنىرال سۇدىن نەچچە ھەسسە ياخشى .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 13:38:30

تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتىدىن كېلىدىغان ئىچىملىك سۇ سۇلياۋ تۇرۇبا ئارقىلىق كېلىدۇ

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 14:27:22

natsist:

سۇلىياۋنى ئۇيغۇرچە زادى نىمە دەپ ئاتىساق بۇلا؟

بىرىكمە تالا دەي دىسەڭ بىرىكمە تالانىڭ تۈرى كۆپ، مەنچە: بىرىكمە پەردە دەپ ئاتىساق قانداق؟

سۇلياۋ خالتىنى قەشقەر ، ئاتۇش نىڭ بەزى جايلىرىدا يەرلىكلەر  يالتىراق خالتا دەپ ئاتىشىدۇ. ئەمدى سۇلياۋنى قانداق ئاتايدىكىن ؟ مەنچە يەنىلا يەرلىكلەرگە تايانساق بولىدىغان چىغى. تەرجىمانلار مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىدىكەن.

misal يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 16:47:39

سۇلياۋ خالتا،بوتۇلكىلارلا  ئەمەس ، ئەتراپىمىزدىكى بارلىق سۈنئىي بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاياللىق ھورمونغا ئوخشاش تەسىرى بار . مەسىلەن : سوپۇن ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، سىر ، سۈنئىي تۇقۇلما بۇيۇملار ... قىسقىسى بۈگۈنكى تۇرمۇشتا سىز بۇ بۇيۇملاردىن ئايرىلىپ بولالمايدىغان ھالەتكە يەتتۇق . ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئادەم تىنىدە ھورمۇننىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ ، ئەمما شۇ ئازغىنە ھورمون ئادەمنىڭ ئەر-ئاياللىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ . خىمىيە نۇقتىسىدىن ئىرىمەيدىغان ، ئۆتۈشمەيدىغان ئىككى خىل ماددا بولمايدۇ ، پەقەت مەلۇم ماددىلارنىڭ ئېرىش ، يەنى ئۆتۈشۈش مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا ئىرىمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ . ئەمما ، تۇرمۇشۇمىزدىكى بۇ بۇيۇملاردىن نۇرغۇنلىغان خىمىيىلىك تەركىبلەر ئاز ئازدىن كىرىپ ، ھورموننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزالايدۇ . بۇ < مۇھىت ھورمونىدىن بۇلغىنىش> دەپ ئاتىلىدۇ .كىچىكىدىن سۇپۇن ، كۈچلۈك پۇراقلىق ئەتىر ياكى باشقا گىرىم - تازلىق بۇيۇملىرىنى كۆپ ئىشلەتكەن بالىلارنىڭ ھەمجىنىس چىقىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ . ھەم بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا ھامجىنىسلارنىڭ كۆپىيىشى بىرى ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشىدىن بولسا يەنە بىرى مۇشۇ مۇھىت ھورمونىدىن بۇلغىنىشنىڭ سەۋەبىدىندۇر .

barna_g يوللانغان ۋاقتى 2009-7-2 16:56:42

ۋاي خۇدايىم، نىمىشقا بالدۇر يولمىغان بولغىيدىڭلار بۇ تېمىنى ، ئۇغلۇم بىر يېرىميىلدىن بۇيان يەسلىدە ئىزچىل سۇلياۋ ئستاكاندا سۇ ئېچىپ كېلۋاتىدۇ، بۇگۇنلا بېرىپ ئالماشتۇرۋەتمىسەم، خەپ.
بەت: [1] 2
: سۇلياۋبوتۇلكىغاقاچىلانغان سۇنى ئىچكەندە.......