kamtar يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 23:44:48

ئامراق مېۋىڭىز مىجەزىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ...

ئامراق مېۋىڭىز مىجەزىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ . . .  
      ئەسسلامۇ - ئەلەيكۇم تورداشلىرىم ،  سىلەرنىڭ بۇ تېمىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئۆزەڭلار ياخشى كۆرىدىغان مېۋىنى تاللاپ ئاندىن ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
1. شاپتۇل    2. نەشپۈت  3. ئۈزۈم    4. تاۋۇز    5. ئۆرۈك    6. بۆلجۈرگەن    7. گىلاس

مۇشۇلار ئىچىدىن سىز ئەڭ ئامراق مېۋىنى تاللاڭ تاللاپ بولۇپ ،ئاندىن بۇ مىۋىڭىزنىڭ سىزنىڭ مىجەزىڭىزىگە قانداق دىئاگنوز قويغانلىقنى كۈرۈڭ...  تاللاپ بولدىڭىزمۇ؟.....ھە ...؟؟؟

ئەمسە باشلىدۇق:

ئەگەر 1 نى تاللىسىڭىز ، سىز ئىجتىمائىي ئالاقىگە ئىنتايىن ماھىر ، ئەمما قىيىنچىلىق ئالدىدا دائىم ئامالسىز قالىسىز .
ئەگەر 2 نى تاللىسىڭىز ، سىز ناھايىتى ئاقكۆڭۈل ، ياۋاش ئادەم . يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا ئىگە ، باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىسىز .  
ئەگەر 3 نى تاللىسىڭىز ، گەرچە ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى چىڭ ساقلىيالىسىڭىزمۇ ، باشقىلار يەنىلا سىزدىن خاتىرجەم بولالمايدۇ .
ئەگەر 4 نى تاللىسىڭىز ، سىزنىڭ مىجەزىڭىز ياخشى ، باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە ئورۇشمايسىز . باشقىلارغا ئۆزىڭىزدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىسىز ، ئەمما سىز  سەل پىرىنسىپسىزراق .
ئەگەر 5 نى تاللىسىڭىز ، سىز ئاسانلىقچە باشقىلار بىلەن چىقىشىالمايسىز ، باشقىلارنىڭ تەنقىدىي پىكرىگە سەۋىرچانلىق بىلەن قۇلاق سالمايسىز . كوت - كوت ، قۇسۇرچى . :
ئەگەر 6 نى تاللىسىڭىز ، سىز ئىنتايىن مېھماندوست . دائىم ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايسىز . چىقىشقاق ، گۈزەل نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى بىلىسىز ، باشقىلارغا ھەسەت قىلمايسىز .
ئەگەر 7 نى تاللىسىڭىز ، سىز مۇلايىم ، كۆڭلى يۇمشاق ئادەم . شۇنداقلا قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە . ئەمما كۆڭلى - كۆكسىڭىز ئانچە كەڭ ئەمەس . مۇھەببەت جەھەتتە سىز تېخى پىشمىغان .

مەنبە : شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 14:06:50

مەن قوغۇن بىلەن تاۋۇزغا ئامراق.....مەنمۇ ئۈجمىگە بەك ئامراقتىم لېكىن يەپ باقمىغىلى 4-5 يىل بوپ قاپتۇ.  قارا ئۈجمىگىمۇ ئامراقتىم  قاچان يىگىلى نىسىپ بۇلا؟

??????????????? يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 15:53:35

مېۋىگە قاراپ  مىجەزىنى  بەلگىلىسە  ئەمدى  قىزىق ئىشلاركەن بۇ .مەن مېۋە  چېۋە دېگەننى  ئالدىمغا  كەلسە  تاللىماي  يەۋېرىمەن ،ئۇنداقتا مېنىڭ  مىجەزىم قانداق بولۇپ قالدۇ ،ھەممىسى ئاساسسىز گەپلە

bekrahun يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 16:29:30

upuk2006:
بەيتۇللا مەدرىس سامسىسدىن 10نى يەپ، چوڭ رومكىدا غۇلجىنىڭ ئاق ئۆستەڭ كاۋاس دىن 2رومكا ئېچكەنگە تەڭ قىلمايمەن    (شەخسىي قاراش)

قىرلىق ئىستاكاندا بىر جۈملە بولىدىغان

-ئاكاڭ رەھمەتلىك ئوبدان ئادەمتى، جۈمەدىن يېنىپ رەستىدە بىللە ھاراق ئىچەتتۇق. دەيدىغان. شۇنى ئەسلەتتى.

selma يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 08:40:18

بانانچۇ؟

arqin يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 08:41:04

ھەممىنى تاللىسامچۇ ؟ مەن ئاشۇ مىۋىلەرنىڭ ھەممىگە سەت ئامراق !

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 08:46:52

قۇغۇن يوقكەنغۇ؟ ھېلىقى سۈيى ئېقىپ تۇردىغان بىشەكچى

تونوگۈن 3 كىلولۇق قۇغۇننى ئۆزەم يالغۇز يەۋىتىپ تاس قالدىم ماڭالماي قالغىلى

xarih1987 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 08:49:10

شاپتۇل، نەشپۈت، تاۋۇز، ئۈرۈك....

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 08:52:58

مەن ئاق ئۈجمە بىلەن قوغۇنغا ئامراق، بىر قېتىم تويغۇدەك ئاق ئۈجمە يەۋالسام بىر ئىككى كىلو قوي گۆشى يىگەندىنمۇ بەكرەك پايدا قىلىدۇ. ئەپسۇسكى ئاق ئۈجمە ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا پىشىپ تۈگەپ كېتىدۇ

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 08:57:34

بەدەنگە ئەڭ پايدا قىلدىغان مىۋە. ئەپسۇس بەكلا ئاز ئېغىز تىگىمىز،گاسالغا دەپ قېقى بۇلىدىغان

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 09:34:22

گۇاڭدۇڭدىكى ئىشتەك ھەقىقى ئىشلارنى گېزىتقا باسقىلى قويمىغاندىكىن، مۇشۇنداق قۇرۇق گەپلەر بىلەن توشقۇزمىسا، گېزىتىمۇ يوغان نەرسە، ئاسان توشمايدۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 09:42:48

مىۋىلەر بىلەن ئىقدىساتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلماي بولمايدۇ.

freedom365 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 09:57:45

بۇ مىۋىلەرنىڭ پىشىدىغان پەسلى ئوخشىمىسا،شۇنىڭغا قارىغاندا بۇنى يازغان ئاداشنىڭ مىجەزى خامىلىئوندەك پەسىلگە قاراپ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان ئوخشايدۇ!!!

monalisa يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 10:27:58

مەن  ھەممسىگە ئامراق ....نەشپۇتتىن باشقا

Gulbar يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 10:31:00

مالىنا يوقكەن

monalisa يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 10:39:57

نىمۇ ئۇ مالىنا دىگەن ؟

boiled يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 11:31:24

ئەگەر 1-نى تاللىسىڭىز، سىزنىڭ شاپتۇلغا ئامراق ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ؛

ئەگەر 2-نى تاللىسىڭىز، سىزنىڭ نەشپۈتكە ئامراق ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ؛

ئەگەر 3-نى تاللىسىڭىز، سىزنىڭ ئۈزۈمگە ئامراق ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ؛

...

باشقىلىرىمۇ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە.

upuk2006 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 12:08:14

بەيتۇللا مەدرىس سامسىسدىن 10نى يەپ، چوڭ رومكىدا غۇلجىنىڭ ئاق ئۆستەڭ كاۋاس دىن 2رومكا ئېچكەنگە تەڭ قىلمايمەن    (شەخسىي قاراش)

matu يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 12:14:07

تاۋۇزنى تاللىغان ، مەن شۇنداق ئىچى تار ،ئۇرۇشقاقمۇ؟

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 12:48:17

شاپتۇل،بىر كىلو شاپتۇلنى يەۋەتسەممۇ يەنە تويمايمەن.

بىراق تازا ماس كەلمەيدىكەن ئاۋۇ گەپلەر ماڭا.

بەت: [1] 2
: ئامراق مېۋىڭىز مىجەزىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ...