Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 20:40:25

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (6 ) تولغىنىش مومېنتى

تولغىنىش مومېنتى torsional moment 扭矩 بولسا فىزىكا ئېلمىدىكى كۈچ مومېنتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ. ئۇ شەيئىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچنى كۆرسىتىدۇ. ماتورنىڭ كۈچ مومېنتى بولسا ئەگرى ئوقتىن كەلگەن كۈچ مومېنتىنى كۆرسىتىدۇ. قۇۋۋەت مۇقىم بولغاندا تولغىنىش مومېنتى بىلەن ماتورنىڭ ئايلىنىشى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ماتور ئايلىنىشى بۇ چاغدا قانچە تىز بولسا، تولغىنىش مومېنتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا چوڭ بولىدۇ. بۇ پەقەت سېلىشتۇرما خالاس. چۈنكى ماتورنىڭ ئايلىنىشى بولسا قۇۋۋەتكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. تولغىنىش مومېنتى ماشىنىنىڭ بەلگىلىك دائىرىدىكى يۈك ئارتىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاتالغۇ.

تولغىنىش مومېنتى كۈچ ۋە كۈچ يەلكىسىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ. خەلقئارا بىرلىكى نىيۇتون.مېتىر .ئۇنىڭدىن باشقا kgm、lb-ft قاتارلىق بىرلىكلىرىمۇ بار. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ مەنىسىمۇ ئوخشاش. G=mg بولسا، g=9.8 دېسەك 1kg=9.8N بولىدۇ. دېمەك 1kgm=9.8Nm دېگەن گەپ.

مىسالدىن بىرنى ئالساق، 8-ئەۋلات خوندا Civic 1.8 نىڭ 4300 قېتىم ئايلىنىش سۈرئىتىدىكى تولغىنىش مومېنتى 173.5Nm . ماشىنىنىڭ ئومومى ماسسىسى 1 توننىدىن ئارتۇق تۇرسا 173.5Nm كۈچكە ئېگە ماتور قانداق قىلىپ شۇنچە ئېغىر ماشىنىنى قوزغىتالايدىغاندۇ؟ بۇ سۇئال جايىدا سورالدى. بۇنى، ماشىنىنىڭ بىز بىلىدىغان <<خوت>> ئورۇنلاشتۇرۇلغان <<كورۇپكا>> قىسمى بېجىرىدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇچىسى 变速箱 . بەلكىم بۇنىڭ مەنىسىدىن بىلگەنسىلەر. بۇ سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى دېگەن مەنىدە. بۇ خىزمەت كورۇپكىنىڭ ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماتورنىڭ تىز سۈرئەتتە ئايلىنىشىنى بىر قاتار چىشلىق چاقلار ئارقىلىق نەچچە ھەسسە كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئېگە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.  خۇددى غالتەكنى نەچچە رەت يۇقىرى-تۆۋەن تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قىزچاق نەچچە يۈز كېلوگرام كېلىدىغان كالىنى كۈچىمەيلا كۆتىرىۋەتكەندەك بىر ئىش.

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 11:40:36

كورۇپكا مۇرەككەپ ۋە يىغىنچاق بولغان«پىشاڭ» رولىنى ئۆتەيدىكەندە.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 12:45:44

توغرا دېدىڭىز. ئۇ <<پىشاڭ>> نىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئىچىدە ئولتۇرۇپ بىز باشقۇرىمىز. 1-خوت، 2- خوت ... دېگىنىنى پىشاڭغا ئىشلەتكەن كالتەكنىڭ ئۇزۇن قىسقىلى دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ.

company يوللانغان ۋاقتى 2010-10-10 19:48:06

ئەمدى بىلىۋالدىم .
بەت: [1]
: ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (6) تولغىنىش مومېنتى