karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-29 19:45:12

بېشىمدىن ئۆتكەن ساختا كەچۇرمىشلەر

بېشىمدىن ئۆتكەن ساختا كەچۇرمىشلەر

ياشىغاندىكىن، قىززىقچىلىقمۇ، كۇلپەت - يىغىمۇ بولىدىكەن، ھاياتنىڭ پەيزى ئەگرى توقايلىقتا دېگەندەك قىلغان بىر ئاغىنەم، بەلكىم شۇمۇ توغرا بولىشى مۇمكىن، مانا ئۆمرۇمنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، شۇ يىللارنىڭ ھەدىيىسى سۇپتىدە يادىمدا قالغان بىرمۇنچە كەچۇرمىشلىرىمگە خەقنىڭكىنى قۇشۇپ ساختا كەچۇرمىشلىرىمنى يېزىپ چىقتىم ....

شۇ يىلى تەييارلىق ئىمتىھاننى بېرىپلا يۇرۇتقا قايتىدىغان بولدۇق، مۇشۇ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنى تېپىشنىڭ، سېتىۋېلىشنىڭ شۇنچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن، شۇ چاغدا بېلەت يوق، ئىككى قولنى بۇرۇنغا تىقىپلا چىقتۇق، ئىككى كۇن دېگەن پويىزدا ئۇرۇن بولمىسا شۇنداق مېڭىپ باققان ئادەمدىن باشقا ئادەم بىلمەيدۇ، بەدەندىن چىقىۋاتقان تەرنىڭ پۇرىقى بىلەن، ئەتراپنى بىر ئالغان تاماكىنىڭ ئىسى يەنە ئۇنىڭغا قۇشۇلغان باشقا پۇرۇقلار، يۇز يۇيدىغان يەرگە دۆۋلەنگەن يۇك تاقلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىككى كۇندىن بۇيانقى يۇيۇقسىز قالغان يۇز - كۆز ... ئىشقىلىپ ئۈرۈمچىگە چۇشكىچە قانداق سىياقتا قالغانلىقىمنى ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن ...

شۇ نۇمۇستىن ئاران مېڭىۋاتسام، ئارقىمدىن بىرسىنىڭ قوپالدىن قوپال توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى :

-前面那个给我停下! ( ئالدىدىكى ئىۋۇ توختا ! ) - ئۆزۇم ھېچ يامان ئىش قىلمىغاندىكىن مېنى چاقىرمىغان ئوخشايدۇ دەپ مېڭىۋېرىپتىمەن، ئارقىمدىن كەلگەن شاپىلاقنىڭ تېگىشى بىلەن، تىزلىكتە ئارقىمغا ئۆرۇلدۇم، يامان ئۆكتەم مىجەزىم بولغاچقىمىكىن ئۇرىدىغانغىلا قولىمنى كۆتۇردۇم، چامدان تاق قىلىپ يەرگە چۇشتى، قارىسام بىر يولداش ساقچى، قولۇمنى ئاستا چۇشۇرۇپ :

-نىمە ؟

-把你的身份证给我拿出来~ ( كىملىكىڭنى چىقار ) - ما ساراڭ چوشقىنى دەپ ئىچىمدە تىللاپ، قوپاللىقىدىن ئۇنىڭ ئۇستىگە مۇرەمگە تەككەن بىر شاپىلاق قۇشۇلۇپ ئاچچىقىم يامان كېلىپ كەتتى. ( قالدى پاراڭلار خەنچە ئىدى، ئۇيغۇرچىسىلا يېزىلدى )

- نىمىگە ؟

- ساقچىلىقىمنى كۆرمىدىڭما ؟ بولە تىز چىقار.( ساراڭمۇ مەن، ساڭا تېتىمىسام، ئەگەر مەكتەپتىكى چىغىم بولغان بولسا، خەپ )

- كىم بىلىدۇ سېنىڭ ساقچىلىقىڭنى، كېنىشكەڭ بولسا چىقىرە كۆرۇپ باقاي.

- ما كىيىمنى كۆرمىدىڭمۇ ؟ مۇشۇ مېنىڭ ساقچىلىقىمنى بەلگىسى.

-چاخچاقچىمۇ يا سەن؟ شۇ داۋلى بىلەن، مېنىڭ چىرايىمنى كۆرمىدىڭمۇ، چىرايىمدىن مەن جۇڭگۇلۇق، كىملىكنى كۆرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بارما ؟

- 傻逼(ماۋۇنىڭ تەرجىمىسىنى بىلمىدىم ) چىشىمغا تەگمەي بول، بولمىسا ساقچىغا بارىمىز.

- ھېي، قانداق نىمە ماۋۇ، سەن ئۇقىغان قانۇننى بىزمۇ ئۇقىغان، ئۆزۇڭ يالغۇز قانۇن ئىجرا قىلدىڭ بىر، ئادەم تىللىدىڭ بىر، يەنە تېخى خىزمەت تەرتىۋىدىمۇ خاتالىقىڭ بار... مۇشۇلارنى قۇشۇپ ھازىر 110غا تېلغۇن قىلىمەن، شۇلار كېلىشتىن بۇرۇن، گەپ يوق، قۇلىدىكى بىر نىمىسىنى كۆتۇرۇپ بىرنىمىلەرنى دەپ بىرسىگە سۆزلەۋاتىدۇ، مەنمۇ يانغۇننى چىقىرىپ 110غا تېلغۇن قىلدىم ... ئەتراپتىكەر ئولاشتى، ئۇڭغىچە يەنە بىر ئۇيغۇر فورمىما يۇگۇرۇپ كەلدى.

- ھە نىمە؟ سەنما ئىش تېرىغان، ماڭە - دەپلا قولۇمنى ئارقىدىن قارىپلا تارتىشقا باشلىدى.

-نەگە ماڭىدۇ - سىلكىندىم مەن - 110 كەلگىچە ئۆلتۇرسەڭمۇ ماڭىدىغان مەن يوق. ئىككىسى ئىككى تەرەپكە تارتىدۇ، مەن سىلكىنىمەن، ئارقىدىن يۇلقىنىپلا قۇلىدىن چىقىۋالدىم، ئۆزەمنى ئوڭلاپ بولغىچىلا ئاۋۇ ئاداش شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ يۇزىچىلا يۇزۇمگە بىرنى سالدى

-، ئۇرىۋاتامسەن؟ - ئىچىمدىكى ئاچچىق بىلەن ھېلىقى ئۆتەملىكىم قۇشۇلۇپ يىغا تۇتۇشقا باشلىدى، بۇ يەردە يىغلىسام بولمايتتى.جاۋابمۇ يوق يەنە بىرنى قويدى، ئۇنىڭغىچە بىزنىڭ مەكتەپتىكى بالىلار يۇگۇرۇشۇپ كەلىدى ( بېلەتكە كەتكەن ) رەسىملەردىن بىرقانچە پارچىنى تارتىپمۇ ئۇلگۇرۇپتۇ، تازا سۇقۇشتۇق، يەنە بىرقانچىسى كەلدى، ئارقىدىن 110دىن بىر ماشىنا كەلدى.

-نىمە ئىش بولدى ؟

-ساقچى ئادەم ئۇردى.

-ماشىنىغا چىقىڭلار- شۇنداق قىلىپ ئىدارىغا ماڭدۇق، يولدا ماڭغاچ، مەكتەپكە تېلغۇن قىلدى، بولغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى دەپ سىنىپ مۇدىرىمىز، رۇستىن كەلگەن بارىس ئىسىملىك يوغان رۇس ئىدى .

- شىتو ؟ ئا سىيچاس گېجى ۋىي؟ ژىجىيوچې مىنىيا مىنۇتاچكۇ !( نىمە ؟ نەدە سەن، بىر قانچە مىنۇت ساقلا )- تېلغۇننى قويغاندىن كىيىن، بىزمۇ ئىدارىگە كەلدۇق، بولغان ۋەقەلەر سورالدى. تۇرۇپ بەرسەك بىزنى يەنە قويغىسى بار، ( ساقچى دېگەنگە دەھشەت ئۆچ بوپ كەتتىم شۇنىڭدىن كىيىن ) ئاندىن تېلغۇنۇم جىرىڭلىدى، ئالسام بارىسكەن.

- رۇسلان ( رۇسچە ئىسمىم) ھازىر جاڭ مۇئەللىم بىلەن دېيىشتىم، بىز بارغىچە ھېچنىمە دېمە، بىزنى كىلىدۇ دەپلا تۇر. بىز 6نىڭ ئايروپىلانى بىلەن بارىمىز، شۇنىڭغىچە شۇ يەردىن چىقماي ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىسمىنى، ھازىرىقى باشقۇرغۇچى ساقچىنىڭ ئىسمىنى بولسا كىيمىنىڭ ئالدىدا نومۇرى بار شۇ نۇمۇرلارنى كىرگۇزىۋال، ئاپراتتىكى رەسىملەرنىڭ گېپىنى دېمە.

-ماقۇل، لىكىن ئاپراتتىكى رەسىملەرنى ئۇلار كۆرۇپ بولغان ئىدى، ئالدى بىلەن ئاپراتنى كۆرىمەن دەپلا قولۇمغا ئېلىپ، چامدانغا سېلىپ قۇلۇپلاپ، ئاندىن بالىلارغا بارىسنىڭ جىياڭ ( بىزنىڭ يامان ياخشى مۇدىرىمىز بۇ) بىلەن بىللە كېلىدىغانلىقىنى ۋە باشقىلارنى دېدىم، ئۇلار ئۇنى بۇنى دېسىمۇ چىقماي، جايىمىزدىن مىدىرماي تۇرىۋالدۇق، تەخمىنەن كەچ سائەت ئونلار بىلەن بارىسلار كەلدى.توۋا ئادەم دېگەننىڭ ئاجايىپ مەخلۇقلىقىنى شۇ چاغدا بىلدىم، باياتىن تېخى كىم كەلسە بىكار، ئاقچى كۆكچى دەپ تەھتىت سېلىۋاتقان، بىرلىرى ئۇكام بولدى ئۆيىڭلەرگە كەتمەمسىلەر دەۋاتقانلار، كەلگىنىنىڭ بىر چەتئەللىكلىكىنى كۆرۇپ چىرايدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ھەيران قالدىم، ئەتتىگەندىن كۆرىشالمىغان باشلىق شۇ زامان ئۇندى، ئاڭغىچە بىزنىڭ مۇدىر ھەممە رەسىم، بولغان ئىشلارنى بىلدى. بارىس چىرايلىق خەنچە :

- بىزنىڭ ئۇقۇغۇچىمىز سىلەردىن تاياپ يەپتۇ، قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭلار.

-ھازىر مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز -  توۋا ما خەقنىڭ قىلىشلىرىغا قاراپ، مەكتەپتىكى خەنلەرنىڭلا ئەمەس ھەممىسىنىڭ چەتئەللىكنى شۇنچىلىك چوڭ بىلغانلىقغا ھەيران قالدىم.

داۋامى بار.

-

Yigit238 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 17:08:18

تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچىدە  كىملىكىم يوقاپ كەتتى ،كونا كىملىكتى ،شۇنىڭ بىلەن كىىملىك بولمىسا قۇلايسىزلىق بولىدىكەن ،ساختا كىملىكتىن بىرنى ياساتىم ،ئىككىنجى ئەۋلات كىملىكنى ياساتتىم ،ئىىككنجى ئەۋلات كىملىىكتە ماگىىنىتلىق خۇسۇسىيەت بولۇپ ئۇنى تەكشۈردىغان ئاپراتقا تۇتسا ئۇنىڭ ساختىلىقىنى بىلىۋلىغىلى بولاتتى ،بۇلارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلدىم ،شۇنىڭ بىلەن ساختا كىملىكدىن يەنە بىرنى ياساتتىم يەنى بىرىنجى ئەۋلاتنى ،دىمەك قولۇمدا ئىككى كىملىك بار ئىدى ،لىكىن ھەر ئىىككىلىسى ساختا ،مىھمانسارايلارغا چۈشسەم باش مۇلازىمەت ئورنىغا دىققەت قىلاتتىم ،ئەگەر ئۇلاردا كىملىك پەرقلەندۈردىغان ئاپىرات بولسا دەرھال بىرىنجى ئەۋلات كىملىكنى بىرەتتىم ،ئاپىرات بولمىسا ئىككىنجى ئەۋلات كىملىكنى بىرەتتىم قاراپ باقسام ئۇرۈمچىدە بەش يۇلتۇزلۇق مىھمانسارايلاردىن باشقىسىدا تەكشۈرۈش ئاپىراتى يوق ئىىكەن ،ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قايىتماقچى بولدۇم ،پويىز ياكى ئاپتۇبۇس بىلەن قايىتسام بولىدىغان ئىشقا جاپادىن قورقۇپ ئايرۇپىلان بىلەنلا قايىتماقچى بولدۇم ،سەنشخاڭزىدىكى ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش ئورنىغا كىرىپ ئايرۇپىلان بىلىتى ئالماقچى ئىىكەنلىگىمنى دىسەم كىملىك دىدى ،مەن ەرھال بىرىنجى ئەۋلاتنى بەردىم ،ئۇ قىز كىملىكىمگە سىنچىلاپ قاراپ ماڭا ،بۇ كىملىكىنى ئۆزى ياسىۋالغاندەكلە  تۇردىكەن ،ساختىمۇ نىمە دىدى ،مەن چاندۇرماي .ئۇنىڭغا ،سىز ساقچى بولمىغاندىن كىيىن بىلەت سىتىشنى بىلىڭ بۇ راس كىملىىك دىدىم شۇنىڭ بىلەتنى ئالدىم ،،ئەتىسى ئايرۇدۇرۇمغا چىىقتىم ،ئايرۇدۇرۇمغا چىقىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرشكە دىققەت قىلسام ئۇلار مىھماننىڭقولىدىن بىلەت بىلەن كىملىكنى ئىلىپ بىر نەرسىگە تۇتىدىكەن ، ئاندىن تىت قىلغان بىر ئاۋاز چىقىدىكەن ،بۇنىڭدىن مەن ئۇلار كىملىكنى ئاپىراتقا تۇتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلدىم لىكىن ئۇلارنىڭ ئاپىراتقا تۇتىدىغىنى بىلەتمۇ ياكى كىملىكمۇ تازا ئۇقالمىدىم ،شۇنىڭ بىلەن يەنىلا بىرىنجى ئەۋلات كىملىكنى بەرمەكچى بولدۇم ،ماڭا ئۆچرەت كەلگىچە قارسام ئۇلار بىرىنجى ئەۋلات كىملىكنىمۇ قولىغا ئېلىپ بىشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ سىنچىلاپ قارايدىكەن ،ئاپلا دىدىم ئىىچىمدە،بىرىنجى .ئەۋلاتنى بەرسەم بىلەت ساتقۇچى قىز بىلەلگەنگە قارغاندا ئۇ ساقچى نىڭ بىلىۋىلىشى مۇقەررەر ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئۆچرەت ماڭا كەپ قالغان بولسىمۇ دەرھال كەينيىمگە ياندىم ،قانداق قىلىشىم كىرەك ، ماڭماي دىسەم بكاردىن بىكار بىر مۇنچە پۇل زىيان بولىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭمىساممۇ بولمايدىغان ئىش بار ئدى،ئەمدى پەقەت ئىىككىنى ئەۋلات كىملىكنىلا بىرىپ بىقىش پۇرسىتى بار ئىدى ،،چۈنكى مەن بىلەت ئېلىشتىن بۇرۇن ئالدىنكى كۈنى قەشقەرگە ماڭغان بىر دوستۇمدىن كىملىكنى قانداق تەكشۈرەيدكەن دىسەم ئۇ كىملىكنى پەقەت قولغا ئىلىپلا قارايدىكەن دەپتى  ،مەن ئۇنىڭغا ئايرۇپورىت دىگەن مۇھىم ئورۇن تۇرسا ئاپىراتتا تەكشۈردىغاندۇ دىسەم ئۇ ئۇنداق ئەمەس كەن دەپتى شۇڭا مەنمۇ تەۋەككۇل دەپلا چىقىۋەرگەن ،قانداق قىلىشنى ئويلىدىم ،،ئايرۇپىلان مىڭىشقا  بارغانسىرى ئاز قىلىۋاتاتتى  ،لىكىن مەن ئۇلارنىڭ زادى كىملىكنى ئاپىراتقا سالامدۇ سالمامدۇ ،تىت قىلغان ئاۋاز كىملىكنى تەكشۈرگەندىكى ئاۋازمۇ ياكى بىلەتنىمۇ ئۇقالمايۋاتاتتىم ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارمۇغۇچە كۆرگىلى بولمايدىكەن شۇنىڭ بىلەن قارسام بىر چىرايىدىن سەل گومۇشلۇقى چىقىپ تۇردىغان بىرەيلەن ئايرۇپىلانغا قانداق چىقىشنى بىلالمەي مەن دىن سوراپتى ئۇنىڭغا جەرياننى سۆزلەپ بەرگەچ ئۇنىدا تىلفۇن بار يوقلىقىنى سورىدىم ،قىرىشقاندەك ئۇنىڭدا تىلفۇن يوقكەن ،ئەسلى .ئۇنىڭدا تىلفۇن بولسا ئۇ تەكشۈرۈشتىم ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن ماڭا تىلفۇن قىلىپ قانداق تەكشۈرۈشنى دەپ قويۇشنى تاپىلىماقچى ئىىدىم ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەلى ئەھۋالنى دىگەچ ئۇنىڭغا تەكشۈرۈشتىن ئۈتۈپ بولغاندىن كىيىن دەرھال كەينگە قاراپ ئۇلارنىڭ ئاپىراتتا تەكشۈرۋاتقىنىنىڭ كىملىكمۇ ياكى بىلەتمۇ بىلىۋىلىشىنى ئاندىن قول ئىشارىتى بىرىشنى ،قولىنى ئاستى ئۈستىگە پىلدىرلاتسا ئۆتىدىغان ئوڭ سولغا پىلدىرلاتسا  ئۆتمەيدىن بولدۇم ،ئۇ كىرىپ كەتتى ،،دىگەندەك ئۇ سەل گومۇشمۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپلا كەينگە ئۆرۈلمەيلا ئۇتتۇر كىرىپ كەتتى ، كالۋا دىدىم ئىچىمدە ،چۈنكى ئۇ كەينىگە قارمىسا تەكشۈرۈش ئاپىراتتىنىڭ قانداق تەكشۈردىغانلىقىنى بىلەلمەيتى ،ئۇ ئاداش ھىچنىمىنى كۆرمەيلا سەل مىڭىپ قولڭىنى ئاستى ئۈستىگە پىلدىرلاتتى ، بۇ ئۇتسە بولىدۇ ،كىملىكنى ماشىنىغا سالمايدىكەن دىگەن  بەلگە ئىدى ،،مەن ئۇنداقتا ئۆتەي دەپ ماڭسام ئۇ ئاداش  دەرھال قولنى ئوڭ سولغا پىلدىرلاتتى ،بۇ ئۆتمە  دىگەنلىك ئىدى ، ما ئىشنى دىدىم ئىچىمدە ، ئۇ ئۆتمە دىگىنى راسمۇ ياكى ئۆت دىگىنىمۇ ؟ ئۆتمە دىگەن گەپ ئاسان بولغان بىلەن ماڭا بەك زىيان بوپ كىتەتتى ،قانداق قىلاي دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،،مىنى بىلىپ قالسا قانداق بىر تەرەپ قىلا  دەپ ئويلىدىم ،مەن .ئايرۇدۇمرۇمغا كىلىشتىن بۇرۇن ساختا كىملىك ئىشلىتىپ قالسا قانداق بىر تەرەپ قىىلىدۇ دىگەن بەلگىلىمىنى كىملىك قانۇنىنى كۆرۈپ بىلىپ كەلگەن ،قانۇندا ساختا كىملىك ئىىشلەتكۈچىلەر بايقىلىپ قالسا 200يۈئەندىن 1000يۈئەنگىچە جەرىمانە ياكى 10كۈن تۇتۇپ تۇرلىدۇ دەپ باركەن ،،جەرىمانە قويسىغۇ مەيلى 10كۈن تۇتۇپ تۇرسا چوڭ چاتاق چىقاتتى ،لىكىن يەنىلا ئۇتۈپ باقاي دەپ بىۋىرەردىم ،،نۆۋەت كەلدى ،كىملىكىم بىلەن بىلەتنى بەردىم تەكشۈرگۈچى خەنزۇ قولىغا ئلىپ بىر نەرسگە تۇتىۋىدى ،تىت تىت دەپ ئىككى ئاۋاز چىقتى ،ئاپلا دىدىم ،ھەممىسسدە تىت دەپ بىرلا ئاۋاز چىقىدۇ مىنىڭكىدە تىت تىت دەپ چىقتى ،،تۈگەشتىم دىدىم ،،مىنى چەتتە تۇرۇڭ  دىدى ،،،    داۋامىنى بىر دەم تۇرۇپ يازاي

xarih1987 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-29 20:55:27

بەك بوزەك قىلىدۇ جۇما ئادەمنى!

بىر چاغدا ئۈرۈمچىدە كەچ بىر يەردىن ئۆتۈپ كىتىپ بارسام بىر دۇكانغا ئوغۇر كىرىپتىكەن مەن تاماشا كۆرگىلى بارمامدىم. شۇئان بىر سى چىقىپ ئاۋۇمۇ شۇلارنىڭ شىرىكىغۇ دەيمەن دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ساقچى كاپپىدە قولۇمدىن تۇتتى. مەن ھەيرانلا قالدىم، ھەممە كىشى لاپپىدە ماڭا قاراۋاتىدۇ. شۇنداق بىر قىسماڭلا بولۇپ كەتتىم. ئاڭغىچە بىر ئۇيغۇر ساقچى كىلىپ مەندىن نىمە ئىش قىلىسەن بۇ يەردە دەپ سورىۋىدى. مەن ۋاي بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداقلا قاراپ قويغان يىرىم بار . ئۇنداق ئادەم قوقۇتماڭلار دىسەم. ئۇيغۇر ساقچى ماڭ ماڭ تىز كەت دەپلام كەتكۈزىۋەتكەن. ھازىرغىچە ئىچىم ئاچچىق بىكارغا شۇ يەردە ئوغرى دىيىلىپ قالغىنىمغا! بەك نۇمۇس كىلىدىكەن!

sehriger يوللانغان ۋاقتى 2009-6-29 21:07:34

ماڭىمۇ يەنە نەچچە كۈن قالدى شۇ ھالدا ئۈرۈمچىگە چۈشكىلى،ئەمما ھەر قېتىم بارساملا ۋوگىزالنىڭ ئۇددۇلىدا بىر ئاممىۋى ھاجەتخانا بار،شۇ يەردە يۈز- كۆزلىرىمنى يۇيۇپ سەل ئادەم سىياقىغا كىرىۋىلىپ(زاڭلىق قىلماڭلا جۇمۇ،ئامال يوق بىزدەك مۇساپىرلارغا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەر خېلىلا پاكىزچۇ~~)ئاندىن بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ساتىراچخانىسىنى تېپىپ،چاچلارنى يۇيدۇرۇپ چىقساقلا چىپ-چىستىي بولۇپ كەتمىسەكمۇ خېلى يامان ئەمەس بولۇپ قالىمىز.ئۇستا بولۇپ كىىتدىكەن ئادەم بۇ ئۇزاق يولدا مېڭىۋەرگەندىنكىن~~~~~~~~~~

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-29 21:09:29

شۇ ھامان ئاسمانغا چىققاندەك تۇرىۋالدۇق، مۇدىرىمىزمۇ يامان جېنى بار ئايال ئىدى، لېكىن ھېچ سۆزلەيدىغان چىراي ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن مۇدىرغا دېدىم :

- ئىشقىلىپ بۇ ئىشتا مېنىڭ قىلچىلىك خاتالىقىم يوق، مەكتەپ ياخشى ھەل قىلىپ بېرەر.

- ياخشى ھەل قىلىمىز دېمىسەك، شۇ يىراقتىن پۇل خەجلەپ كەلمەيمىز - دەپ بىر تەرەپكە تارتىپ، - بۇ ئىشتا مەن سۆزلىگەندىن، بارىسىنى ئالدىغا چىقىرىپ قويساق، دېگەن يېرىمىزگە كىلىدۇ، قانداق تەلىۋىڭ بار؟

-ئۇرغاندىكىن ئەتە پويىز ئىستانسىدا خەقنىڭ ئالدىدا كەچۇرۇم سورىسۇن، شۇنچە خەقنىڭ ئالدىدا ئۇرغاندىكىن روھىي زىيان تۆلىمى بەرسۇن، ماۋۇلار ئەتىگەندىن بىرى بىرمۇنچە ۋاقتىمىزنى ئالدى بۇنىڭغىمۇ تۆلەم بەرسۇن، بولسا بىزنى ئۇرغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۇرۇشتۇرسۇن....

-بولىدۇ، سەن مۇشۇلارنى بارىسقا رۇسچە دېگىن، ئاشۇ دەپ بەرسۇن. شۇنىڭ بىلەن بارىسقا دېدىم، بارىس ئەمدى ئېغىز ئاچاي دېگىچە، باشلىقى مۇئەللىملەرنى چاقىرىپ، ئايرىم پاراڭلاشماقچى بولدى، ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئەتتىگەندىن بىرسى دۇشكۇرلەۋاتقان، تىللاۋاتقان، ھېلى قۇرقۇتىۋاتقان يولداشلار ئاجايىپ يۇمشاپ كەتتى،  << ئۇكام، قايسى مەكتەپتە ئۇقۇيسىلەر؟ >> << ھەجەپ ئېسل مۇئەللىمىڭلار باركەن ؟>> << چەتئەلچە دېگەننى يىتىۋىتىدىكەنسىلەر >> << قارىمامسەن، بۇ باللار رۇستىن كەپتۇ، ئاۋۇ موسكىۋادىكى بېرەر داشۆنىڭ مۇئەللىمى  ...بىچارە سادىق قانداقمۇ قىلار >> << كىم ئادەم ئۇرسۇن دەپتۇ ... >> دېگەندەك پاراڭلار بۇلىنىپ تۇرىدى، بىز قاپاقنى تۇرۇپ ئولتۇردۇق، ئاڭغىچە چاي دەملىنىپ پولو ئەكىلىپتۇ، ھېلىقى ئاقسا خەن، يۇزىگىلا چېچىۋېتەي دېگەن، ئۆزۇمنى تۇتىۋېلىپ :

- كىملىكىمنى كۆرەمسەن؟ - دېسەم، - بۇيۇڭ بۇ يۇڭ ~!  شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ساقچىخانا پۇل تۆلەيدىغان، مۇئەللىملەرنىڭ كىراىسنى كۆتىرىدىغان، بىزدىن ئەپۇ سورايدىغان بوپ چىقىپتۇ. ئىككى شاپىلاق بىلەن بىر تېپىك ئىككى يېرىم مىڭ سومغا توختىغان بولدى، لېكىن ئىچىمدىكى ئاچچىق ھېلىقى پۇلغا توختايدىغان چىراي ئەمەس، ئالدى بىلەن پۇلنى ئالدىم.

- رۇسلان، ئەمدى ئىش تېرىماي، ئۆيگە تېنىچ كەت جۇمۇ .

-ماقۇل، بەرىبىر شىنجاڭغا كەلدىڭلار، ئەمدى بىزنىڭ ئۆيگىلا بارايلى ... ئاۋارە قىلدىم دېگەندەك تەكەللۇب سۆزلەرنى قىلدىم، بارىس كۇلۇپ تۇرۇپ :

سەنچىزە، بىز شۇ بېيجىڭدىن مۇشۇ يەرگە سېنى دەپ كەپتۇقما ؟ ھاھا ... رۇسلان، كىچىكتە سەن، بىز شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئونۋېرىستى بىلەن دوست مەكتەپ قۇرۇشقا كەلمەكچى ئىدۇق، 顺便(ئۇيغۇرچىسىنى بىلمىدىم ) كېلىپ كۆرۇپ قويدۇق ... - ۋاھ ، تېخى ئىچىمدە ئۆزۇمنى ئويلاپ كەتكىنىم ... بۇ يەردىن چىققاندىن كىيىن 16 گە ئولتۇرۇپ چوڭ بازار ئەتراپىدىكى ياتاقتىن بىرنى ئېلىپ كېچىنى ئۆتكۇزمەكچى بولدۇم.  يېرىم كېچىدە تېلغۇن تۇيۇقسىز جىرىڭلا قىلدى، كىمدۇ ؟ ھەيرانلىق بىلەن تېلغۇننى ئالدىم.

-ۋەي، كىمۇ؟

-ئەنمو

- لازىمى يوق.

- پاس - پاس

- تېتىقسىز ... - تېلغۇننىڭ تۇرۇپكىسىنى قويدۇم، ھېلىقى كىشىلەرنىڭ پويىز ئىستانسىدا دەۋاتقان سۆزلىرى قۇلاق تۇۋىمدە قايتىدىن جاراڭلىدى:

- ھەقاچان ئىچكىرىدىن چىققان بازىچىلار.

-ئەپتىدىن قارىغاندا ئۇقۇغۇچىدەكمۇ قىلىدۇ جۇمۇ.

- ئۇيغۇر دېگەن باغۇ، زادى جىم يۇرمەيدىغان خەق جۇما ( ئۇيغۇرنىڭ گېپى ماۋۇ ) - تاياقلار بىلەن ئۇرۇشقا باشلىغاندىن كىيىن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۇقۇغۇچىلىقىمىزنى بىلىپ بولغان ئىدى، لېكىن بىر كىشى ھاي دېمىدى، تاس قالدىم << ئۇرۇمچىدە لۇكچەك يوقما >> دەپ ۋارقىرىغىلى، ئاڭغىچە بىرسىنىڭ :

-ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب سالار ھەر باب بىلەن ،

- شۇ شۇ ...

- بالا دە، ھۆكۇمەت بىلەن تەڭ بولغىلى بولاتتىمۇ ؟ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشىپ ئەتراپتىن يا كەتمەيتى، يا يېقىن كىلىپ توسمايتى، توۋا مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى بازار باشقۇرغىچىنى تازا قويغىنىمىز ھە~!! خىيالىمغا شۇ ئىشلار كەلدى... ئىش مۇنداق بولغان ئىدى، كەچ كۇز، بېيجىڭدا يامان شامال چىقىۋاتقان چاغ ئىدى، تاماقتىن كىيىن پايپاق ئالايلى دەپ مەكتەپنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتۇق ( ئىككى ئۇيغۇر بىر قازاق ) قارىساق، ئاپپاق ساقال بىر بوۋاي (خەن) نى بازار باشقۇردىغانلار تۇتىۋاپتۇ، ھەممە نەرسىسىنى مۇسادىر قىلارمىش، ئويلاپ كاللامدىن ئۆتمىدى، مۇشۇ ياشتا مۇشۇ سوغۇقتا بىر نەرسە ساتقان ئادەمدە پۇل بولسا ئولتۇرامدۇ ؟ مۇشۇنى قىلماي ئۆلەمدۇ ؟ ئىچىمدىكى ئاچچىق بىلەن بىردەم ئۇلارغا داۋلى سۆزلىدۇق، باشقىلارمۇ گەپ قىلىشقا باشلىدى، ھېلىقىلار قايتۇردىغاندەك ئەمەس، تەگىشىپ قالدۇق، قول چىقىرىپ ئالدى بىلەن بىزنى قويدى، ئارقىدىن ئۈچىنى بىردىن تۇتۇپ تازا قويدۇق  ... ساقچى دېيىشىگە قېچىپلا كەتتۇق، كىشىلەر ساقچىلارنى تۇسۇپ تۇردىمۇ، يا ساقچىلار قوغلىمىدىمۇ، ئىشقىلىپ مەكتەپكە كىرىۋالغان ئىدۇق .... شۇ خىياللار بىلەن بولۇپ ئويلاپ قالدىم، كېچىسى چۇشۇمگە فورما كىيگەن بىر توپ ئالۋاستىلارنى چۇشەپتىمەن  ... ئەتىسى پويىز ئىستانسىغا چىقتىم، ئۆيگە قايتىشقا بېلەت ئېلىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن ماۋۇ ئۇرۇمچى دېگەن قىززىق يەركەن، چامادان بىلەن بېلەت ئالدىغان يەرگە كىرگۇزمەيدىكەن ( ھازىر قانداقكىن )

- يانا ئارقاڭغا ؟

-نىمە بولدى ؟

-چامادان بىلەن كىرسەڭ بولمايدۇ؟

- بۇنىڭ بىلەن كىرمىسەم بېلەتنى قانداق ئالىمەن ؟

-بېلەت ئېلىشقا چامدان كەتمەيدا ~

-ھاھا ... ھاجىم ما چامدان مەن بىلەن، بېلەتنى مەن ئالىمەن، لېكىن چامدانغا قارايدىغان ئادەم يوق.

- ۋاي ۋاي ۋاي ... گەپ چۇشىنەمسە يا ؟

- سەن چۇشەنمەيۋاتىسەن ؟ قانداق قىلىمەن ئەمىسە؟ نىمىشقا كىرگۇزمەيسە ؟ قايسى قانۇنغا ؟

- ئەسسالام ئەلەيكۇم ؟ ئىككى يۇلتۇز ئايالدىن بىرسى كەلدى.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قارىسىلا مۇنۇ چامدان بېلەن بىرگە كەپتىم، مانا ماۋۇ ئۇقۇغۇچىلىق كېنىشكەم، بېلەت ئالىمىسام بولمايتى، چامداننى قويۇپ كىرەي دېسەم ئەنە پەيدۇي ( مۇشۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئەسكەرتىپ قويساڭلار) ...

-ئاۋۇ يەردە ساقلاش ئۆيى بار.

-ئۇنىڭغا پۇل ئالىدىكەن، سىلى بېرەملا.

-شاپائەتچى جىگۇڭ كۆرنىۋاتامدىم ئۇكام كۆزلىرىگە.

- سىلە نىمىش قىلدىغان خەق، خەلق ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئىش قىلامسىلەر، چاماداننى سۆرەپلا ماڭدىم، ئاڭغىچە ئاۋۇ قولامدىن تارتىتى، ئۇدۇلدىن ئىككى ساقچى يۇگۇرۇپ كەلدى، ئادەملەر يىغىلىشقا باشلىدى... توۋا بۇ يەردە نە قائىدە سۆزلەش، نە گەپ ئىشلىمەيدىكەن، بۇلار شۇنداق قوپال ۋە داۋلىسىزكەنكى، دۇنيادا بۇلاردىن ئۇششۇق ئادەم بار دېسە ئىشەنمەيمەن. قىززىق يېرى ئاۋۇ ئىككى يۇگۇرۇپ كەلگىنى ئاخشامقىلاردىن ئىكەن، ھېلىقى ئايالنى بىرچەتكە تارتىپ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلىغاندىن كىيىن ،ئايالنىڭ مۇئامىلىسى بىريۇز سەكسەن گىرادۇس ئۆزگىرىپ كەتتى :

- ئۇكام ئۆزلە بېيجىڭدا ئۇقۇيدىكەنلا ھە ؟

-ھەئە.

-باياتىن مەن ئۇقۇغۇچى دېسىلە بولامدۇ دەيمەن، مۇشۇ ئاۋارچىلىق يوق ... خاپا بولمىسىلا، قارىسىلا ئۇكام بۇمۇ تۇزۇم ئەمەسمۇ ؟ - ئۆزۇممۇ ھەيران ئىچىدە، ئارتۇق تالاشمىدىم، ئاڭغىچە ئايال :

-كېنىشكىلىرىنى ئەكەلسىلە ... شىياۋ ۋاڭ، چاماداننى ئالە، ئۇكام ئا تەرەپتە بەش مىنۇت ئولتۇرۇپ تۇرسىلا بېلەتكە مەنلا بېرىپ ئەكەپ بېرەي.

- رەھمەت دەپ بېلەتنىڭ پۇلىنى تۇتقۇزدۇم، بىردەمدىلا بېلەتلىكمۇ بولاپ قالدىم ... توۋا ! كىشىلەرنىڭ يۇزىنى بۇرۇن بىلەن ئىككى تەرەپكە ئايرىغان خۇدانىڭ قۇدىرىتى ...

(داۋامى بار )

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2009-6-29 23:38:09

بۇ ساختا كەچۇرمىشمۇ يا راس بولغان ئىشلارمۇ ؟

ئوغۇز دىگەندەك  بۇنداق ئىش مىنىڭ بىشىمغىمۇ كەلگەن  .بىر ئۇيغۇرغا ياخشىلىق قىلىمىز دەپ بېيجىڭنىڭ بىر ناھىيسىگە چىقىپ پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خۇددى قاچقۇن جىنايەتچى تۇتۇلغانغا ئوخشاش مۇئامىلگە ئۇچراپ  ئاچچىقىمىز كىلىپ  قائىدە سۆزلەپ قويغانغا   بىر توپ ساقچىنىڭ ئارىسىدا قىلىپ  تاياق يەپ  ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا جىنايەتچىدەك تۇتۇپ تۇرۇلۇپ ،ئۆمرۈمدە چىقىپ باقمىغان ساقچى ماشىنىسغا يالاپ چىقىلىپ....دىگەندەك ئىشلار بولغان ، ھازىرمۇ سۈرەتتەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .شۇنىڭدىن تارتىپ ساقچى دىگەندىن يىرگىنىپ كەتتىمكى  ساقچى فورمىسى كەيگەننى كۆرسەملا ئىچىمدىن غۇژۇلداپ ئاچچىق ئۆتۈپ كىتىدۇ

ئۇنىڭدىن باشقىمۇ شىنجاڭ تەۋەسىدە خەنزۇ ،ئۇيغۇر  ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلۋاتقان ئىشلىرىمۇ بىر قانچە قىتىم ئۇچرىدى.بىر قىتىم ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ماڭىدىغان  پويىزدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ ئورۇن تالىشىپ قىلىش جىدىلى جەريانىدا بىر خەنزۇ ئۇرىۋەتكەن ئۇيغۇر  ئايالنىڭ يولدىشى ھاجەتخانىدىن قايتىپ باشقىلاردىن ئايالىنى بىر خەنزۇنىڭ ئۇرغىنىنى ئاڭلاپلا  ئايالىدىن بىر نەرسە سوراۋاتقان خەنزۇ ساقچىنى  ئىتتىرۋەتكەنلى ئۈچۈن پەستە تارتىپ چۈشۈلۈپ ئۈچ خەنزۇ ساقچىنىڭ ئۇرغانلىقىنى پويىزنىڭ دىرىزىسىدىن كۆردۈم .  شۇ ۋاقىتتا قولۇمدا سۈرەتكە تارىتقۇدەك بىر نەرسە يوق ، پەقەت ئاشۇ ئادەمنىڭ تاياق يىيىشىگە قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ھىچ ئىش قىلالمىدۇق . كىيىن ھىلىقى ئايالنى ئۇرغان ياش خەنزۇنىڭ ئانىسى پويىزدا يەنە سۆزلىگىنى تۇرۇپتىكەن ،بىرىپ دەككىسىنى بىرىپ قويغان .

ھازىرغىچە ما  ئەجەپ ئىسىل ساقچىكەن دىگۈدەك بىر ساقچىنى ئۇچراتمىدىم ، كىشىلەر ئەسلى ساقچىنى كۆرسە خاتىرجەملىك،يىقىنلىق ھىس قىلىشى كىرەك ئىدى ،ئەمما جۇڭگۇچىلىقتا ،بولۇپمۇ ئۇيغۇرچىلىقتا كىشلەر ساقچىنى كۆرسە خۇدۇكسىرەپ، ئەنسىزلىققا چۈمۈپ كىتىدىغان بولۇپ قالدى .

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-29 23:50:43

داۋامى :

شۇنداق قىلىپ بېلەتمۇ بار بولدى، ئەمدى كونسۇل كوچىسىغا بېرىپ، مىزىلىك ناندىن بىرقانچىنى قاچىلاپ، ھېلىقى قاتار كەتكەن ئاشىخانىلاردىن بىرسىگە كىرىپ، ئۇيغۇرۇم ئەتكەن لەغمەندىن بىر يەي دەپ ماڭدىم، ھېلىقى يەنئەن يولىدىكى يەردىن مېڭىۋاتقان ئىدىم، بىر يەردە كىشىلەر ئولىشىپ قاپتۇ، نىمە ئىشتۇ دېسەم بىر قانچە ئاداش بىر قانچە گازىرنى ئىككى تەخسىگە سېلىپ سېھىرگەرلىكتەك بىر ئىشنى قىلىۋېتىپتۇ، قىزىقىپ قاراپ تۇرسام، ئەسلىدە قىمارغا باشلايدىغان ئۇيۇنكەن، بىر ئاداش كىلىپ ھېلىقى تەخسىدىكىنىڭ سانىنى دەپ پۇل ئۇتقانمۇ بولدى، يېنىمدىكى ئاداش قىزىقىپ ئولتۇرۇپ ئويناشقا باشلىدى، ئىچىگە تاشلىغاننى مەن كۆزۇمنىڭ ئاجىزلىقىغا باقماي، ئۈچ تال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇراتتىم، لېكىن ئاچقاندا تۆت بوپ قالاتتى يا تۆت بولسا بىرسى كاملاپ قالاتتى ... ھېلىقى ئاداش خېلىلا پۇل ئۇتتۇرىۋەتتى، كىيگەن كىيىمىگە قارىسام خېلىلا تەستە پۇل تاپىدىغان بايقۇشكەن ... << ھەي بىچارە ! ساددىچىلىق ... >> دېدىم ئىچىمدە، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئويىنىغا خېلى دىققەت قىلدىم، قارىسام ھېلىقى تەخسىنىڭ ئۇستىنى ئاچقاندا << ئۇستىلىق >> قىلىۋېتىپتۇ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمىدىم، كاللامغا 110كەلدى ... شۇنىڭ بىلەن تېلغۇننى چىقىرىپ 110غا تېلغۇن قىلدىم ... قارىسام يېنىمدىكى بىچارە پۇلىنى ئۇتتۇرۇپ بولدى، مېڭىپ كىتىدىغان چىراي، كاللامغا بىر ئوي كەلدى، مەن ھېلىقى ئاداشنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا :

-ئاداش، خېلى ئۇتتۇردىڭلا ھە ؟ مەن ئويناپ باقاي دېدىم. - يەنە كونا پەدىسى بىلەن گازىرنى ئىچىگە تاشلىدى، بۇلارنىڭ ھۇنىرىنىڭ ئالدىدا بىر قانچە قول سىزگە ئۇتتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ئانچە ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك. لېكىن ماۋۇ ئۈرۈمچىنىڭ 110دىكىلەر كىلەي دېمەيدۇ، (بۇ يەردە بېرەر غەۋغا بولمىسا ساقچىلار كەلمىسە كېرەك.) بىرقانچە قول ئۇتقانمۇ بولدۇم، ئۇتتۇرۇشۇم باشلاندى، يېنىمدىكى باشقىلارمۇ ئولىشىپ تۇراتتى ...

- ئۈچ دېدىم -لېكىن چىققىنى تۆت ئىدى، ئۇ يەنە تاشلاپ، ئۇستىنى ئەتتى، تىكىدىغانلار قاراشتۇق، مەن قۇشۇلۇپ بىرقانچە بولغان ئىدۇق، ئۇ :

-يەنە بارمۇ ؟ 30كوي ، مانا ھەممىسى ئۈچ دەيدىغۇ ~! -دەپ باشقىلارنى قىززىقتۇرۋاتقاندا، چاققانلىق بىلەن ئاغزىنى ياپقان يەرنى ئېچىۋەتتىم، ئىش ئەسلىدە ھېلىقى ياپقۇدا ئىكەن، چاپلاقلىق بىر قانچە گازىر تۇراتتى، ئۇتتۇرۇش ئېغىر كەلگەنلەر بىلەن مەن قۇشۇلۇپ، جېدەل باشلىنىشقا ئاز تۇراتتى، ھېلىقى ئۇتقانلار بىردىن بىردىن يىغىلدى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم، ئىشقىلىپ بۇ يەردە ئۇرۇش بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى ...

-قانداق قىلىشىمىز ؟

-نىمىنى قانداق قىلىمىز، مۇشۇنداق قىلماي پۇلنى بىكارغا ھەرقايسىڭغا بەرسەك بولامتى؟

-يالغانچى، كازاپ ... مۇشۇنداق ئۇتامتىڭ ئەسلى

-قانداق قىلىسە ؟

ئاستا ئارىدىن چىقىپ، تېلغۇن قىلماقچى ئىدىم، بىراق ئىككى ئاداشنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇلار چىقارمايۋاتقان ئىدى، مەندىن باشقا ئۇتتۇرغانلار ئەمدى پەسكويغا چۇشكەن ئىدى، توۋا! بۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى قەستەن ئالدامچىلىق، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئالدى تۆت بەشيۇزگىچە ئۇتتۇرغان لېكىن ھەممەيلەننى قورقىنىش باسقان بولسا كېرەك، << بىخەتەرلىك - بىرىنچى >> دېگەن ئىدىيىمىزگە شۇقەدەر سىڭىپ كىتىپتۇ، خاتا بولسىمۇ قورقۇشتىن ھەقنى سۆزلىيەلمەيدىغان بوپ قالغان بولساق كېرەك، ھېلىقى << يولدىن چىقا، خاندىن قورقما >> دېگەن ماقاللارنى ئويلاپ كەتتىم، سالا يەنە باشلاندى ...<< پۇلىڭلارنىڭ يېرىمىنى قايتۇرايلى، قالغىنى بىزگە قالسۇن قانداق >>  ... ئۇ بۇ دېگەندەك گەپلەر بىلەن بەزىلەر پۇلىنى ئېلىپ ماڭماقچى بولدى، << ئاشكارا بۇلاڭچىلىققۇ بۇ، بىزدىن قورقما خۇدادىنمۇ قورقمامسەن؟ >> دېدىم، گەرچە قورقۇپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ، << مانى كۆردۇڭمۇ ؟ >> پىچاقلار غېلىپتىن چىقتى، ئېنىقكى بۇ پىچاق ھەققانىيەتنى قوغدايدىغان قورال بولىشى كېرەك ئىدى، ئەپسۇس ... << قورال رەزىللەرنىڭ قولىغا چىققاندا ھەققانىيەتنى تۇمان باسىدۇ >> ( پېتىر2) دېگەندەك ئىش بولىۋاتتاتتى، ھېلىقىلار پۇلىنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ ماڭماقچى بولۇپ تۇراتتى، تېلغۇنۇم جىرىڭلىدى << بايا ساقچى چاقىرىپتىكەنسەن، ئېنىق ئورۇننى دە >> ئۇھ دېدىم، ھېلىقى تەلەپپۇزدىن گەرچە يۇمشاق گەپ بولمىسىمۇ، شۇقەدەر يېقىشلىق ئاڭلاندى ... << يەنئەنلۇ، ئارمان تاللا بازىرى ئوڭ تەرەپ، ئادەم توپلاشقان ... >> خەنچە شۇلارنى دېدىم، ئىككى تەرەپتىن يەتتە سەككىز ساقچى كەلدى، ھېلىقىلاردىن بىرقانچسى تۇتۇلدى، قالغانلىرى قاچتى، بىراۋلارنىڭ ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم، ساقچىلار ئىسپات ئۈچۈن بىزدىن بىرقانچەيلەن بىرگە باردۇق، شۇ يەردە كۆرگەنلىرىمىزنى دەپ بىرقانچە سائەت ئۆتتى ... بۇ ئىشلار شۇنداق تۇگەپ، تاكسى بىلەن ئاران ئۇلگۇردۇم پويىزغا.

پويىزغا چىققاندىن كىيىن، ئەتراپىمدا ئولتۇرغانلار ئەدىلىيە مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى ئىكەن، بىردەمدىلا گىتارلارنى چىقىرىپ چېلىپ دېگەندەك تۇنۇشۇپ كەتتۇق، دىققەت قىلسام ماۋۇ پويىزنىڭ خىزمەتچىسى يامان قوپال، قوپال بولغاندىمۇ قوپالدىن قوپال يولداشكەن ( تەلەپپۇزىدىن خېنەنلىك، خېنەننىڭ نەيياڭ تەرەپنىڭ تەلەپپۇزى سۆزلەيدىكەن.) كارىم نىمە دەپ ئولتۇرسام بىر موماينى يامان سىلكىدى:

- تۇرە، بۇ ئۇقۇغۇچىلىق بېلەتكەن، پۇتۇن بېلەت ئالىسەن دەپ. -بىچارە موماي يا گېپىنى ئۇقالمايدۇ، ئاستا بېرىپ، گېپىنى تەرجىمە قىلىپ بەردىم، ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ بېلەتنى سىرىتتىن ئالغانلىقىنى، بۇ بېلەتنىڭ ئۇنداق بېلەتلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى يېنىدا ئەمدى پۇل يوقلىقىنى ئېيىتتى. ئىچىمدە ھېلىقى بېلەت ساتقاننى مىڭنى تىللاپ تۇرسام، << ماڭە ... >> دەپ قولىدىن تارتىپ، سىلكىپ دېگەندەك ماڭدى.

<< تارتەى قولىڭنى ! كىم بەرگەن ساڭا خەقنىڭ قولىنى تارتىدىغان، سىلكىيدىغان ھۇقۇقنى ... >> ئىچىمدىن بىر پارتىلىدىم، ئەتراپىمدىكى ھېلىقى بالىلارمۇ قۇشۇلدى، بىزمۇ ئۇنى بۇنى دەپ ۋارقىرىدۇق. پويىزنىڭ ئۇستىدىكى ساقچىلار كەلدى، ئۇ بۇ دېيىشىتۇق، پۇلنى بېرىپ موماينى ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇق، شۇنىڭدىن كىيىن ھېلىقى پويىزنىڭ خىزمەتچىسى كۆزۇمگە يامان سەت كۆرۇندى، خەپ دېدىم، بىر كۇندىلا كۆرگەن مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ، ئىچىمنى ئاچچىق باستى، گىتارنى ئېلىپ ناخشىمىزنى باشلىدۇق ... كاللامدا ھېلىقى سالا قىلىنغان سۆزلەر تەكرار تەكرار ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى، بولغان ئىش ھەرخىل لېكىن ھېلىقى سالالار بىر خىل ... خاتادىنمۇ قورقۇپ توغرىدىنمۇ قورقۇپ ، يىغا ئولىشىپلا تۇراتتى، ئاتامنىڭ بالام: << ئوغۇل بالىدەك بول، ئىش قىل ئويلاپ قىل، ئالدىڭغا قارا،خاتا بولساتۇزەت، توغرا بولسا قورقما ... >> دېگەن سۆزىنى ئويلىدىم، قايسىدۇر مۇنبەردە(بەلكىم ئىزدىنىشتابولسا كېرەك) كىمنىڭدۇر ئىمزاسىدا << ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن ئەمەس، ئۇيغۇردەك ياشىيالمىغانلىقىمدىن نۇمۇس قىلىمەن >> دېگەنلىرى يادىمغا يەتتى ... شۇلارنى ئويلاپ ئولتۇراتتىم، ھېلىقى ئاداش يەنە كۆزۇمگە كىرىۋالدى:

- كىم گازىر چاقتى ؟

-مەن

- قانداق دېگەن، گازىر چېقىشقا بولمايدۇ.

- سەن خەلىق قۇرۇلتىيىدا ئىشلەمسەن ؟

- نىمە ؟

- دەيمىنا، ئۆزەڭچىلا بىر قانۇن چىقىرىۋەتكەندىكىن.

-سەن ...

- نىمە ؟ ئەمدى گازىرمۇ خەتەرلىك بۇيۇممۇ؟ پويىزغا خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئاچىقسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن گازىر چاقسا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. -دېدىم قەستەن بىرتال گازىرنى ئېلىپ چېقىپ تۇرۇپ.

- قالاق.

- ئاڭسىز.

كېتىپ قالدى، ئىچىمنى يەنە ئاچچىق باستى، قانداق ئەدەبلەيمەنكىن سېنى، ئويلاپ تۇرسام بىرئاز ئۆتۇپ يەنە بېلەت تەكشۇرۇشكە باشلىدى...

-ئۇقۇغۇچىلىق بېلەتكەنغۇ؟

-مەن ئۇقۇغۇچى بولغاندىكىن.

-كېنىشكەڭنى چىقىرە.

- مانا - شۇنداق ئىزدىنىپ كەتتىكى، مۇشۇ كېنىشكىدىن بېرەر نەرسە تاپسام دەپ، ئەپسۇس! كۇلىۋەتتىم.

- نىمىگە كۇلىسەن.

- بىرسى دۆت بولسا، ساراڭدەك قىلىق قىلسا كۇلەمدۇ؟

-كىم دۆت ؟ كىم ساراڭ.

-بىر كېنىشكىنى بەش قېتىم كۆرۇپ، بىر بېلەتنى ئۈچ قېتىم تەكشۇرۇپ تۇرۇپ، يەنە قايتا قايتا قاراۋاتقان ئادەمگە كېنىشكەمنى بەرگەن مەن

چىرايلىرىنى قايتىدىن پۇرۇشتۇردى، ئاچچىق گەپ قىلىۋالغانلىقىمغا ئىچىمدە تازا خوشال بولدۇم.ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتقان، بىزمۇ قەرتنى ئەمدى باشلىغان.كاپلا قىلىدۇ، قارسام قول ياققامدا

-ماۋۇ ئۇمۇمنىڭ ياققىسى ئەمەس، قويە - دەپلا سىلكىدىم.

-نىمىشقا بىرنەرسە ئاتىسەن.

-كىمۇ ؟ مەنما؟

-يەنە كىم.... شۇنداق قىلىپ ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق ساقچىلار كىلىپ ماڭدۇق. <<خەپ ... >> دېدىم ئىچىمدە.

-نىمىشقا بۇنىڭغا بىرنەرسە ئاتتىڭ.

-مەن ئەزەلدىن بىرسىگە بىرنەرسە ئارقىدىن بىرنەرسە تاشلايدىغان ئىش قىلدىغان ئادەم ئەمەس.قىز دوستۇمغا ئامراق قىلىپ قىلىپ سالغان بولسام تاڭەي. سەن مېنىڭ ئاتقانلىقىمنى كۆردۇڭمۇ؟

-كۆردۇم.

-يالغان، سەن ئارقامدىن ئاتتى دېدىڭ، ئارقاڭنى قىلە، كۆزۇڭ بارمىكىن كۆرۇپ باقاي.

-سەن قىلمىساڭ كىم قىلىدۇ؟

- ساقمۇ يا؟ ماۋۇ ۋاگوندا ساناپ مەندىن باشقا نەچچە يۇز ئادەم بار. زۇۋانىنى يىققاندىن كىيىن :

-بىكاردىن بىكار ياقامغا ئېسلدىڭ، يەنە تۆھمەت چاپلىدىڭ، ئاشۇ ۋاگونغا بېرىپ، شۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مەندىن ئەپۇ سورايسەن.

قارار كۆزى يوق، ئۇياققا بۇياققا قاراپ تۇرىدۇ.

- سورىمىساڭ ئىختىيارىڭ، لېكىن مېنى قارا قورساق چاغلاپ قالما، سېنىڭ نومۇرۇڭنى تېلغۇنغا كىرگۇزۋالدىم، ھېلىلا 114كە تېلغۇن قىلسام ئەرز قىلدىغان تېلغۇن نومۇرنى دەپ بېرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە قالغىنى ئۆزەڭنىڭ. ئىسمىڭنى ئۆز پېتىم كۆرىۋالدىم، مۇشۇنى تورغا يازىمەن، خەنچە يېزىشىنى بىلدىغانلىقىمدىن گۇمان قىلما، يۇرۇتقا چۇشۇپلا، تۆمۇر يول ئىدارسىنىڭكىگە، شىنلاڭغا چاپلاپ قويىمەن.

شۇنداق قىلىپ مۇز قاپىقىنىڭ بېزىنى ئېلىپ، ئاشقا تۇز تېتىغاندەك تېتىپ ماڭدۇق، شۇنىڭدىن كىيىن ئەيمىنىپ قارايدىغان بولدى، پويىزدىن شۇنداق چۇشتۇم. ئۇھ ئاخىرى يۇرۇتقا قايتقان ئىدىم ...

(داۋامى بار )

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-29 23:59:18

ئىشقىلىپ مۇشۇ فورمىسى بار كىيىم كىيدىغان خەقلەر شۇقەدەر ئۆتەمكىن، توۋا ئۇستىدىكىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس، بەلكى بىرخىل ھۇقۇق، شۇ بولسىلا باشقىلار قورقىدىغاندەك ئويلايدىكەن... توۋا ~ ئەگەر بېيجىڭدا شۇ ئىشلارغا يۇلۇققان بولسام، بەلكىم ئانچە ئازار يېمەسلىك مۇمكىن ئىدى، لېكىن بۇ ئىشلار قېيىشقاندەك ...

دېسەم ئىشەنمەيسىلەر بەلكىم، بېيجىڭدا بىرقانچە ئىتالىيىلىكلەر بىلەن ئۇرۇسلارغا قۇشۇلۇپ ئوينىغىلى بارغان يەردە، جوزا ئۇرۇندۇقلارنى سۇندۇرۇشۇپ ئۇرۇشۇپمۇ كەتكەن. لېكىن ھېلىقى ساقچىلار بىزنى ئەمەس، باشقىلارنى تۇتۇپ، بىزگە ھېچ گەپ كەلمىگەن... ئىشنى بىز تېرىمىغاندىكىن شۇنداق بولىشى كېرەك ...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 01:07:10

بەك تەبىئى چىقىپتۇ. نەق مەيداندا كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇزاقى يىلى بىر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققان كەچ سائەت ئون بولاي دىگەندە  رابىيە قادىر سودا بىناسىنىڭ ئالدىدا بىر ساۋاقدىشىم بىلەن كېتىۋىتىپ يەنە ئۈچ تۇنۇشۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم قايتار يولىمىز بىر بولمىغاندىكى پاراڭلىشىپ قالدۇق، بىر چاغدا قەيەرلەردىندۇ قوراللىق ئالتە چارلىغۇچى پەيدا بۇلۇپ قالدى.ھازىر قانداقكىن ئۆلگۈر تىرورچىلارنىڭ دەستىدىن ئۇ چاغلاردا قوراللىق چارلايدىغان ۋاقىتلار ئىدى.

-نىمە قىلىۋاتىسىلەر؟

پاراڭلىشىۋاتىمىز

بۇ يەردە توپلىشىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

- توپلاشمىساق قانداق پاراڭلىشىمىز؟

- تارىلىپ كىتىڭلار .

- گىپىمىز تېخى تۈگىمىدى.غەزەپ ئاچچىقىم كەپتىكەن ئاۋازىم قاتتىق چىقىپ كېتىپ قالدى.

-گىپىڭ بار ئوخشىمامدۇ ؟

-.بار لېكىن ساڭا يوق. ماۋۇ ئاغىنىلېرنم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىمەن.ئاڭغىچە بىر قانچە ئون ئادەم توپلىشىپ قالغانىدى.ساۋاقدىشىم بولدى قايتايلى دىدى.دەيدىغان گەپقۇ قالمىغانتى ئەمما مەن ماڭغىلى ئۇنىمىدىم. توختاپ تۇر.ساۋاقدىشىمنى تارتىپ كەينىمگە ئىككى مىتىر داجىپ ئاندىن قالغان دوستلېرىمغا قاراپ ھە ئەمدى توپلاشمىغاندىكىن قالدى گەپنى دىيىشەيلى. بەك ئاچچىقىم كەلدى..ئاۋۇلار بىر دەپ كوسۇلدىشىپ كېتىپ قىلىشتى. تا ھازىرغىچە شۇ ئىشقا بەك قورسىقىم كۆپىدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 02:38:17

قاراقچى

ئوغۇل بالىدەك ئىشلارنى قىپسەن، شۇنداقلا ئوغۇل بالىدەك دوسىتلىرىڭ بار ئىكەن.

قانۇن ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۈتىرەيلى.

تېما ئىگىسىنىڭ ئىشلىرىدىن قانۇن بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئاۋازىنىڭ توملىقىنى كۆرىۋالالايمىز.

قانۇن بىزنى باشقۇرۇشقا ئەمەس،بىزگە ئوخشاش مۆمىن پۇقرالارنى شۇنداقلا مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزىلىدۇ.

باشلانغاندا بىز ئاز ھەرەج تارتىشىمىز مومكىن. تېما ئىگىسىنىڭ مۇئەللىمى كەلمىگەن بولسا ئىش بىر ئاز مۇرەككەپلىشىدىغان بولسىمۇ،ساقچىنىڭ قىلمىشىنىڭ خاتالىقى،قولىدا پاكىتنىڭ بولىشى بىلەن قاتتىق تۇرالىسا ھامان ئۇتۇپ چىقالايىتتى.بىر قېتىم شۇنداق بولىدۇ.ئىككنچى قېتىمدا چۈچىيدۇ.كىيىن بولسا ما خەقنى بوزەك قىلغىلى بولمايدىكەن دىگەن يەرگە كىلىدۇ.

يولسىزلىق قىلماي تۇرۇپ،خاتالىقىنى تۇتىۋېلىپ پاكىتى بىلەن ئەدەپلىك ئۇجۇقتۇرۋەتسەك ئەڭ ياخشىسى شۇ.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 10:03:14

ھەممە ئادەمگە ئۇچىرغانمۇ نىمە ئۆكتەم پويىز خادىملىرى...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 10:37:53

بىر ھىكايىنى ئېيتىپ بەرسەم ماڭا نىمىشقا ئۆكتەم پويىز خىزمەتچىسى ئۇچراپ باقمىغىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ قالىسەن.

ئالىي مەكتەپنىڭ 2 ياكى 3-يىللىرىمىكىن.

بۇرۇنقىدەكلا باللار بىلەن بىللە يولغا چىقتۇق.ئادىتىمىز ئىدى،بىزنىڭ مەكتەپتىكى باللار تەڭ ماڭىدىغان.

شۇ قېتىم پويىزغا چىققىنىمىزدا بىز ئولتۇرغان ئورۇندا  بىر ئۇيغۇر ئىكەندۇق.بۇرۇن بۇرنۇمغا يىگەن مەن باشتا سەل ئېھتىيات قىلىپ ئۆزەمنىڭ ئىشىمنى قىلىپ يۈردۈم.كىيىن قاراپ باقسام 2 كۈن بىللە ماڭىدىكەنمىز.بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ بۇنداق قىلىۋالسام ماڭا ئەسلى ھېچقانداق خەتىرى بولمىسىمۇ ئاقىۋەت بىر نىمە قىلىپ قويىشى مومكىن دەپ ئويلىدىم.ئىشقىلىپ مەن بولغان بولسام يۇۋاش بولغىنىمغا قارىماي سومكىسىنى ئوبۇرنىغا ئېتىۋېتىتتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىللە يولغا چىققان باللارنىڭ ئارىسىدا سەل لۈكچەك مىجىزى مەن،ئەگەر مەن گەپ باشلىمىسام،گەپ تىشىلمەيىتتى.شۇنداق قىلىپ مەن تەشەببۇسكاراراق بولۇپ پاراڭ قىلىشىپ يۈرۈپ پاتلا ئەپلىشىپ قالدۇق.ئېلىۋالغان يېمىەكلىكلىرىمىزنى ئۆز ئارا بۈلۈشۈپ يەپ دىگەندەك.

ئەمما بىر يېرى.......بۇ ئاداشقا قارىسام يېشى 30لاردا بار ئىدى.ئەمما مىنى ئاكا دەپ تۇرۋالاتتى.باشتا تەكەللۇپ قىلۋاتىدۇ دەپ گەپ قىلمىدىم.كىيىن قارىسام ئاكا دەپ بوپلا قاپتۇ.بىللە چىققان بالىلار ئۇ ئاداش مىنى ھەر ئاكا دىگەندە بىر كۈلەتتى.ئاچچىقىم كەپ قالدى.

-ھەي ئاداش،ئاكا دىمەڭە مىنى،قانچىگە كىرگەنسىز؟

-ھە ئاكا،ئىككىمىز تەڭدىمىز،قارىسام سىز مەندىن سەل چوڭدەك قىلىپ تۇرىسىز.

-ھە دەپ بېقىڭا قېنى،قانچىگە كىردىڭىز؟

-بۇ يىل 33 كە كىردىم ئاكا

مەن جىم،باللار كۈلۋاتىدۇ.ئاداش ئاكىسىدىن يوليۇرۇق كۈتمەكتە.

ئاخىرى،بىر گەپ قىلمىسام بۇ خىل ھالەت توختايدىغان چىراي ئەمەس........شۇنىڭ بىلەن

-ھە ،مەن سىزدىن بىر ياش چوڭكەنمەن،ئاكا دىمىسىڭىزمۇ بولغىدەك

شۇنداق دىگىنىمگە قارىماي يەنە يول بويى ئاكا دەپ ماڭدى.ئۆزىچە ئاكىسىغا يالاقچىلىق قىلىپ ئالغان مىۋە چىۋىسىنىڭ بېشىغا مەن،قالغىنىغا ئىنى سىڭىللىرىم ئېغىز تەكۈزۈپ.........

  ئۆز ۋاقتىدا مەن تېخى 21-22 ياشتىغۇ دەيمەن.

ئىشقىلىپ ئىچكىرىنىڭ پويىزىدا كۇلىچى باللاردىن بىرەر ئىش چىقىپ قالسا،باللىرىڭنى باشقۇرمامسەن دەپ پات پات مىنى ئىزدەپ قالاتتى

sehriger يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 13:51:29

ماڭا قاراڭلار باللا،بىرىنچىدىن مىنىڭ مىنكاۋخەنلەرنى كەمسىتىش ئويۇم يوق،ئۇلارمۇ بىز بىلەن بىر توپتىن ھەم نۇرغۇن مىنكاۋخەن دوسلىرىممۇ بار،ئىككىنچىدىن مەنمۇ ئوقۇغاچ شۇنداق سۈيۈنۈپ سۈيۈنۈپ كەتتىم،قول قويدۇم،شۇ ئىشلار مىنىڭ بېشىمغا كەلسە قانداق قىلار بولغىيتىم دىگەنلەرنى ئويلىدىم،چۈنكى شۇ سىلەر ئوقۇغان يەرلەردە ھازىر ھەم مەنمۇ ئوقۇۋاتىمەن.ئۈچىنچىدىن يازغۇچىنىڭ مىنكاۋخەن تۇرۇپ مۇشۇنداق يېزىۋاتقانلىقىغا،ئانا تىلىنى سۈيىدىغانلىقىغا ھۆرمىتىممۇ بار~~~~~~شۇڭىلاشقا مەندە باشقا بىر نىيەت يوق.ئالدىدىكى ئىنكاسىمنى يېزىشىمدىكى مەقسىدىم شۇكى،پەقەت يازغۇچىغا سەل مەسئۇلىيەتچانراق بولايلى،ئۇ سۆزلەر ئۇنچە تەرجىمىدە قىينىلىپ كەتكۈدەك سۆزلەر ئەمەس،ئازىراقلا ئويلانساق تىلىمىزدىكى ماس سۆزلەرنى ياكى شۇنىڭدەك مەنا بېرىدىغان سۆزلەرنى تاپالايمىزدىگەن مەقسەتتە خالاس.تور دۇنياسى گەرچە ئەركىن -ئازادىلىككە تولغان،ھەركىم ئۆز مەۋقەسىدە تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىدىغان،سۆزلەيدىغان دۇنيا بولسىمۇ،مىنىڭچە بەزى ئىشلاردا يەنەلا سەل مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز،ئۆز-ئۆزىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلىشىمىز كىرەك.مەنمۇ تۇرمۇشتا بىلىپ-بىلمەي يات تىللىردىكى سۆزلەرنى قوشۇۋېلىشتىن ساقلىنالمايمەن لىكىن شۇ مۇشۇ مۇنبەردە بولسىمۇ تۈزىتەيلى دەپ ئويلايمەن.بۇنداق دىسەم مىنى ھەرگىز ئىشلارنى پىرىنسىپچانلىققا كۆتۈرىۋالىدىغان نىمىكەن بۇ دەپ تۇرۇۋالماڭلاريەنە.

ئەمدى قاراقچى520 نىڭ ئاۋۇ گىپىگە كەلسەم،مەن ئۇگەپنى ھەرگىز كەمسىتىپ دىمىدىم،مىنىڭ شۇنداق بەزىدە گەپ قىلسام مۇبالىغىنى سەل-پەل ئاشۇرىۋىتىدىغان يامان خۇيۇم باركەن،بۇنى چۇقۇم ئۆزگەرتىشكە تىرىشىمەن.ھەم ئۇگەپنى باشقىچە نىيەتتمىمۇ دىمىگەن شۇ چاقچاق ئىدى.يازغان ۋاقىتتا ئارقىغا ھېلىقى ھىجىيىپ تۇرغان تۇرغان چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ قويمىغانغا سەل پۇشايمان قىلىۋاتىمەن.شۇڭا ئۇ گەپلەرنى سىزنى كەمسىتىپ دىمىگەنلىگىم ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورىمايمەن.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 17:41:51

ھاردۇق چىقتى  ئوقۇپ ...ساختا دىسىمۇ راستەك تۇيغۇدا ئوقۇدۇم

بۇنداق ئەھۋالدا جىق قانۇننى بىلىش كەتمەيدۇ . تىل بىلسە ..يۈرەك بولسا بۇلىدۇ ...

joshua يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 18:18:08

پويىز ساقچىلىرى ، ھەي پويىز ساقچىلىرى... مەنغۇ بىر تۇغقىنىم ج خ نازارىتىدا دەپلا ئىشنى ئوڭشايتتىم، ئۇنداق تۇغقىنىمنىڭ بارلىقىغۇ راست، لېكىن قولىدىن ئىش كېلەمدۇ- يوق ئۇقمايمەن. ئەمما بۇ خەق شۇنى ئاڭلاپلا يامان كۈچۈكلىنىپ كېتەتتى دېسە...

selma يوللانغان ۋاقتى 2009-6-30 20:58:36

مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن قىزىق ئىشنى دەپ بېرەي.تېخى يېقىندا بولغان ئىش.بېيجىڭغا بىر ئىش  بىلەن ماڭغان.دوستۇمنىمۇ بىللە  ئېلىۋالغانتىم.ئۇ دوستۇمنىڭ  بىرىنچى  قېتىم  ئايروپىلانغا  ئولتۇرۇشىتى.مەن دېدىم  ئەنجيەن(بىخەتەرلىك  تەكشۈرۈش)  تىن  بەك  چىڭ  تەكشۈرىدۇ.  سۇ،سۇيۇق  گىرىم  قايچا  پىچاق  ھەممە  نەرسىلەر  بولسا  چامدانغا  سېلىپ  ئالدىن  ئەۋەتەيلى  دەپ...دوستۇمنىڭ  كىچىك  بىر  قايچىسى  باركەن،قاش  تېرېيدىغانمۇ،كېسىدىغانمۇ  ئەيتاۋۇر،  ئۇنىمۇ  چامدانغا  سالغۇزىۋېتىپ،چامداننى  ئەۋەتىۋېتىپ،بىخەتەرلىك  تەكشۈرۈشكە  كەلدۇق.مەن   بەك  ئېھتىياتچان  ئىدىم.سومكىنى  بەردىم  بەلباغ،تېلفون  ھەممىنى  سېۋىتىگە  سالدىم.قول  كومپيوتېرنى  چىقىرىپ  كۆرسىتىپ  ئايرىم  ئۆتكۈزدۇم.ئۆزەممۇ  ماشىنىدىن  سىگنال  چىقارماي  تىپ  تىنچ  ئۆتتم.  دوستۇمنى  باشتا  ئۆتكۈزگەن.ئۇ  ئىچىدە  ساقلاپ  تۇردى.مەن  ئۆتۈشىمگە  بۇ  كىمنىڭ  سومكىسى  دەيدۇ.قارىسام  مېنىڭ    LV    سومكام.مېنىڭ  دېسەم  ساقچى  بۇ  نىمە  دەيدۇ  ئېكراننى  كۆرسىتىپ.ئاپلا  ،  تۈگەشتىم  دېدىم....لېكىن  ئىچىمدە ...تېشىمدا  چاندۇرمىدىم.   نىمە  تېپىپ  بېقىڭلارچۇ؟  ئۇلار  ئۇيغۇرلاردىن  بىر  بوتۇلكا  سۇ  تېپىۋالسىمۇ  تېرورچى  دەپ  قالپاق  كەيگۈزەلەيتى.....مەڭگۈ  تاپالمايسىلەر  نىمە  بارلىقىنى.30000  ۋولتلىق  توك  توقماق........ۋاي  خۇدايىم  دېدىم.  ئادەتتە  بۇنداق  نەرسىلەرنى  سومكامغا  سېلىپ  يۇرەتتىم.ئۈرۈمچى  قالايمىقان ئەمەسمۇ....يەنە  تېخى  ياش  ئاققۇزۇش  بومبىسى  (چاچىدىغان)  ئۇمۇ  بارتى.شۈكرى  ئۇ  كۈنى  يوقكەن  سومكامدا.گەرچە  مەن  بەك  قوقساممۇ  پەقەت  چاندۇرمىدۇم.ھودۇقساملا  ئۇ  قاقۋاش  ساقچىلار   چوقۇم  بىر  ئىش  بار  دەيدۇ.ۋاي  خۇدايىم،بۇ  نەرسە  بارمىكەن  سومكامدا؟ئېلىۋتىشنى  ئۇنتۇپ  قاپتىمەن،ئەكەل  تويۇن  (ئەۋەتىۋېتەي)  دېدىم.  بۇنى  تويۇن  قىلغىلى  بولمايدۇ  دەپ  خاپا  بولدى.مەن  دەرھال،مەن  بېيجىڭغا  ماڭغان.بىر  ھەپتىلىك  ساقلايدىغان  يەرگە  ساقىلىتاي،كەلگەندە  ئېلىۋالاي  دېسەم.مۈمكىنمۇ؟  ساقچى  ئۇنى  بىر  ئاچقانتى   پاراس  پارس   قىلىپ  ئوت  چاقناپ  كەتتى.  توك  قاچىلاپ  بىرەر  قېتىممۇ  ئىشلىتىپ  باقماپتىكەنمەن...توكى  لىققىدە، بۇ  ئادەممۇ  ئۆلتۇرەلەيدىكەن   بۇ  نى  ئېلىپ  يۇرۇش  قانۇنغا  خىلاپ دەپ ۋار ۋار  قىلىپ  ،بىردەمدىلا  بىر  نەچچە  ساقچىنى  چاقىردى،مېنى  ئايدرومدىكى  پەيچۇسوغا  ئەكىرىپ  كەتتى....بەك  قىزىق.يەنە  قوقمىدىم.ئۆزەمنىڭ  گېپىنى  قىلىپ...ئايروپىلانغا  كېچىكىمەن.دوستۇم  قالغان....پەيچۇسودىكى  ئادەملەرنى  دېمەيسىلەر.ھەممىسى  تۇتۇۋالغان  ئۇيغۇرلار.مەن  كىرسەم  ماڭا  يالۋۇرۇپ،خۇددى  مەن  ساقچىدەك،ئاچا  دەپ  كېتەي.  بىزنى  ماڭغۇزىۋەتسۇن...دەيدۇ  بىر  قىز. نىمە  بولغان  دېسەم  ئىنىسى  يالغان  كىملىككە  ئايروپىلانغا  چىقىپتۇ.نەچچىسى  شۇنداق  بولغانلاركەن.   توۋا.....چاقچاقچىكەن  بۇلا  مەندىنمۇ  ئۆتە.  شۇنداقمۇ  قىلامدۇ  دەيمەن.  كىملىك  چىقمىغان  شۇڭا  ئۇكامنىڭكىدە  ماڭغان.خوشنامنىڭىكىدە  ماڭغان  دەپ....مەن  دېدىم.مەنمۇ  تۇتۇلغان...ساقچى  ئەمەس  دېدىم.  بىر  ئۇيغۇر  ساقچى بالا  مەسئۇل  بولدى  ئىشىمغا.قانداق  قىلىدۇ  مېنى  دەپ  ئاستا  سورىسام  تەلىيىڭىز  بولسا  جەرىمانە  دېدى.  بوپتىلا   دېدىم.كىملىكىڭىز  دەيدۇ؟كىملىكىم  يوق  پاسپورتقا  يولغا چىققانتىم.  نەگە  بارىتىڭىز  دەيدۇ؟پاسپورتومنىڭ  ئۈستىدە  نۇرغۇن  دۆلەتلەرنىڭ  ۋىزىسى..ئەرەپ  دۆلەتلىرىمۇ  بار  تېخى.  ئۆزەمگىمۇ  تېرورچىدەك  بىلىندىم.  كىملىكىم  باشقا  بىر  يەردىتى،ئىش  بىجىرىۋاتقان...ئىست  دېدىم....جىق  چۈشەندۇرۇش  بەرمىدىم.نىمىشقا  ماڭغان  بېيجىڭغا  دېدى.  ۋىزا  دېدىم.چىرايىمغا  تىكىلىپ  ئاندىن  كومپيوترىدىن  ئىسمىمنى  كىرگۈزگەنتى،ئىسمىم  كىملىكىم  ھەممىسى  چىقىتى.جەرىمانە  دېدى...ماقۇل  دەپ  تۇرسام خەنزۇ  ساقچىنىڭ  ئىنسابى  كەلدىمۇ،ئۇيغۇر  بالىنىڭ  كۆزى  چۈشتىمۇ    بولدىلا  ئىمزا  قويۇپ  كېتىۋېرىڭ..دەيدۇ....ماقۇل  دېدىم....توۋا  تەلىيىم  بەك  بار.قايتىپ  كەلگەندە  مېنى  ئىزدەڭ،نەرسىڭىزنى  قايتۇرۇپ  بېرەي  دەيدۇ.  مۇمكىنمۇ؟  رەھمەت  دەپ  تىكىۋەتتىم.  ....ئەمدى  دىققەت  قىلىمەن.............

habibulla يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 10:26:30

دىمىسىمۇ بۇنداق ئىشلار ئادەمگە كۆپ ئۇچرايدۇ. 98- يىلىغۇ دەيمەن. يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ماڭغان ئىدۇق. بېيجىڭدىن بىز بىلەن بىر ۋاگۇنغا چىققان بىر قانچە ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. ئۇلار بېيىجىڭدىن يولغا چىققاندا يەيدىغان نەرسىلەرنى خېلى كۆپ ئېلۋاپتۇ، ئەمما شۇ چۇكا دىگەن نەرسىنى ئاشخانىدىن ئېلۋالماپتۇ، پويىزغا چىققان چاغدا تاماق تۇشۇيغانلاردىن بىر تال چۇكاڭنى 1 كويغا بەر دىسە، تاماق ئالساڭ بېرىمىز بولمىسا بەرمەيمىز دەپ تۇرۋالدى، ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ھېلى كۆمۈر كاندىن چىققان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ (ئىچكىردە قارا ئىش قىلغا چېغى) مەن چېغىمدا خەنزۇچىنى ئۇنچىلىك راۋان سۆزلىيەلمەيمەن، ئاغزىدىن گەپلەر دىگەن ئاپتۇماتنىڭ ئوقىدەك چىقماسمۇ، ئاغزىدىن چىققان گەپلەرگە ھېلىقى تاماق تۇشۇغىچى خەنمۇ چىداپ تۇرالمىدى. ھازىرقى ۋاقىتلار بولسا ئاشۇ دىگەن گەپلىرىگە پۇت قولىنى يەرگە تەككۈزمەي ئاپىردىغان يەرگە ئاپىرىپ قوياتتى بەلكىم ئاشۇ ئۇيغۇرۇمنى. پويىز ساقچىسى، پويىز باشلىقى كىلىپمۇ يالۋۇرۇپ باقتى، ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس، چوكىنى بىكارغا بېرىمىز دىسىمۇ ئالغىلى ئۇنمىدى، تاكى ئۈرۈمچىگە كەلگىچە تاماق تۇشۇغۇچى بىز ئولتۇرغان ئاشۇ ۋاگۇننىڭ نېرىسىغا تاماق ساتالمىدى. ئاز كەم 7 ۋاگۇنغۇ دەيمەن. ئادەم پويىزدا ھەر ئىشلارنى كۆرىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 10:57:27

96- يىللىرىمىكىن، ئىككى تال بىلەتكە پويىزدا 6 ئادەمنى ئېلىپ ماڭغانتىم، بىللە ئولتۇرغان ئۇششاق بالىلار بىلەت ئالمىغانتۇق دەيدۇ، بىلەت تەكشۈرىدىغان ئادەم كەلسە قۇلاققا تىڭشىغۇچ سېلىۋېلىپ چىرايىغا قارىماي ئىككى بىلەتنى كۆرسىتىپ قويۇپ ئولتارسام، قالغانلاردىن سورىسا -بار، لا دىدى، ھېچنىمە كۆرسەتمىدى، شۇنىڭ بىلەن كېتىپ قالغانتى، كېيىن بىلەت كۆتىرىپ كەلگەنلەرگە گەپمۇ قىلمىدۇق، بىلەت تەكشۈرگۈچىنى باشلاپ كەلسە مېيى قالمىغان ئۈنئالغۇنىڭ تىڭشىغۇچىنى سېلىپ ئولتاردىم، يەنە كېتىپ قالدى. قالغان بىزەڭلەر قارىمۇق بولۇپ ئالماي بېرىۋېلىشتى.

ئالدىنقى ھەپتە، كېچىدە موتو چىرىقىنى ياندۇرۇپ قويۇپ بىر نەرسە توشۇۋاتسام، ئىككى ئۇيغۇر بىر خەنزۇ ئۈچىسى قول چىراق سېلىپ يىنىمغا كەلدى:
- نىمىش قىلىۋاتىسىز؟
  - ^^ توشۇۋاتىمەن،
-بىز پەيچىسونىڭ، بۇ موتو كىمنىڭ؟
- مېنىڭ،
-- نىمىشقا توختىتىپ قويىسىز؟
يورۇق چۈشۈرۈۋاتىدۇ،
- باياتىن قارىساق موتو تۇرىدۇ- ئېلىپ كەتمەكچىدۇق،
- مېنىڭ،
- ئۈچ قېتىم كەلدۇق ھېچكىم يوققۇ، موتونى ئەكەتمەكچىدۇق،
-مېنىڭ، مەن بارلىغۇ،
- بۇ كەچتە نىمىش قىلىپ؟
- ئەتە ئاران بىرلا كۈن ئارام ۋاقتىم قالدى، ئىشىم تۈگىمەيدۇ.
- بايا قېچىپ كەتكەن نەچچىسىنى كۆردۈڭمۇ؟
- ھېچكىمنى كۆرمىدىم،
-راستلا كۆرمىدىڭما؟
-ياق، (قۇرساق سەل كۆپۈپ)- ئا ئۈستىدە ئەھۋال بار دەيدىغۇ؟
- نىمە ئەھۋال؟
-قوغۇن باسقان ماشىنىنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىۋېتىپتۇ،
-نەدە؟
-ئاكام پەيچىسۇ بىلەن ج خ غا خەۋەر قىلغانغۇ،
-ئاكاڭ كىم؟
- @@
- ھە سىز @@ شۇجىنىڭ ئىنىسىمۇ؟
- ھەئە،
- ھە، بولدى باشقا ئىش يوق، قاراپ باقايلى دەپ چۈشكەن.

sezgurboy يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 18:20:45

ئانچە مۇنچە چېكىت، پەش enter لارنى ئۇرۇپ قويۇڭە، ئوقۇپبولغۇچە جىددىيلىپ كېتىدىكەنمەن.

5tash يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 11:11:04

گاچىنى ئىت قوغلىغاندەك تىنماي ئوقىۋەتتىم دىسە.  

بەت: [1] 2
: بېشىمدىن ئۆتكەن ساختا كەچۇرمىشلەر