Ogen يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 21:28:57

ياردەم: ھەرىكەتنام دېگەن نېمە؟

ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىدا ھەرىكەتنام دەپ بىر تۈر بارلىقىنى ئوقۇتقۇچۇمدىن خېلى بورۇن ئاڭلىغان، ھازىر ئېسىمدىن چىقىرىپ قويدۇم، ماڭا لازىم بولۇپ قالدى، ھېچ ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن، ئىسمىدىن ھەرىكەتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى كۆرسىتىغاندەك قىلىدۇ. بىلىدىغانلارنىڭ چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى سورايمەن؟!

dilara يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 22:32:04

مەن بىلگىنىمنى دەپ باقاي:

ھەرىكەتنام  ---- پېئل تۇمۇرىغا    \"  -ش، ىش، وش، ۇش، مەك، ماق\" قاتارلىق قۇشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسالغان ئىسىمداش. جۈملىدە ئىش-ھەرىكەتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:  قىل + ىش = قىلىش،  بىل + ىش = بىلىش .......

panda يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 22:40:53

ھەرىكەتنامە دىيىلدىغاندۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Consirwatip يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 23:33:56

panda:
ھەرىكەتنامە دىيىلدىغاندۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئەپەندىم،بۇنداق يېڭى سۆز ياسىمايلى دەيمەن.

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-27 00:09:10

panda:
ھەرىكەتنامە دىيىلدىغاندۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئۇدېگەن گۇمپا مەشىق قىلىدىغان كىتابنىڭ ئىسمى

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2009-6-27 00:51:43

بىدان سەرپ كىتابىمىزدا ئوقۇيتتۇق: مەسدەر يەنى ھەركەتنامنى ياساش ئۈچۈن سۆز ئاخىرىغا(پارسچە بولسا)د، ن؛ ت،ن (ئۇيغۇرچە بولسا)مەك،ماق .. لەرنى كەلتۈرىمىز. كىشتن: ئۆلتۈرمەك؛ زەدەن: ئۇرماق، دېگەندەك، دەپ.

farwana يوللانغان ۋاقتى 2009-6-27 07:20:02

ھەم ئىسىملىق ھەم پېئىللىق خاراكتېرىگە ئىگە بولغان سۆز تۈركۈمى ، شۇنداققۇ دەيمەن

konamiltik يوللانغان ۋاقتى 2009-6-27 10:45:45

ھەركەتنام (ئىسىمداش).

سۆز ياسىلىش قائىدىسى دىلارە توردىشىمىز ئېيتقاندەك بولىدۇ.

NURQUT يوللانغان ۋاقتى 2009-6-27 19:09:49

ھەركەتنام بىلەن ئىسىمداش بىر گەپ ، ئەسلى سۆز تۇمۇرى ئىسىم ، ھەركەتنام قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندىن كىيىن ئىسىملىق ۋە پىئىللىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ . جۈملىدە ئىسىملىق ۋە پىئىللىق رول ئۈتىيەلەيدۇ.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2009-6-28 01:13:25

ئەمرى مۇسۇلمان مى كوشەد، ساھىرى يەھۇدى زەندە مى كونەد.

كوشەد دېگىنى نېمە بولدى، كىشتىن دېگىنى نېمە بولدى؟ ئابدۇلئەھەد ئەپەندىم، ئوخشىمىغان تۈرلىنىشىمۇ؟

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2009-6-28 02:05:16

joshua:

ئەمرى مۇسۇلمان مى كوشەد، ساھىرى يەھۇدى زەندە مى كونەد.

كوشەد دېگىنى نېمە بولدى، كىشتىن دېگىنى نېمە بولدى؟ ئابدۇلئەھەد ئەپەندىم، ئوخشىمىغان تۈرلىنىشىمۇ؟

========

جۇشۇا ئەپەندى.

كۇنەد: قىلماق. <مى> بولسا كېلەچەك زامان ھەرپى.

كۇشتەن: ئۆلتۈرمەك.

ئىككىسىنىڭ سۆز تومۇرى ئايرىمكەن.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2009-6-28 02:51:55

كونەد نى بىلىمەن، ئالدىدىكى كوشەدنى دېگەنتىم، مانا ئەمدى سىزدىن پارسچە ئۆگەنسەم بەك ئېسىل ئىش بولاتتى.

Ogen يوللانغان ۋاقتى 2009-6-29 20:55:47

رەھمەت ھەممىڭلار، تولۇقسىزدا ئوقۇغاندا «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكىدە «ھەرىكەتنام» دەپ گەپ يوق ئىدى، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا ئەدەبىيات مۇئەللىمىم بىر قېتىم ھەرىكەتنام توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتىكەنمەن.

erturk36 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 20:29:49

ھەرىكەتنام   تۇراقلىق پېئىللارنىڭ بىر تۈرى، يەنى پېئىللار جۈملىدە تۈرلىنىشكە كىرگەندە  سۈپەتداش، رەۋىشداش، ھەرىكەتناملارغا ئايرىلىدۇ.

ھەرىكەتنام --- ھەرىكەتنىڭ نامى، ھەرىكەتنىڭ ئىسمى، مەسىلەن؛ ئېتىش، قىلىش، چېلىش، سېلىش، تېپىش، ئۇرۇش، تۇرۇش، قۇرۇش، تاپماق، ياپماق، ساپماق، چاپماق، ئېلىپ قاچماق... ۋاھاكازا. بۇنداق سۆزلەر پېئىللارنىڭ تۇرغۇن شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 20:34:42

مەكتەپلەردە رەمەتلىك بوپقېلىۋاتىدۇ.

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2010-11-4 22:40:45

سىلەر تولۇقسزدا قايسى كىتابنى ئوقىغان بولغىيتىڭلار، ھەرىكەتنامنىڭ تولۇقسىزدا ئۆتۈلمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ «ئۇيغۇرتىلى» كىتابىدا يەنى ئۇيغۇرتىلى دەرسىنىڭ فونىتىكا قىسمىدا بار.

بەت: [1]
: ياردەم: ھەرىكەتنام دېگەن نېمە؟