Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 09:55:31

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (5 ) چىقىرىش مىقدارى

چىقىرىش مىقدارى 排量 delivery capacity بولسا سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ھەرىكەت ئۇزىتىش ساھەسىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، پورشىننىڭ ئىچىدە كلاپان شەكىللىك ئوق بولىدۇ، ئۇ ئوق پورشىننىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا، ئاستىدىن ئۈستىگە بېرىپ كېلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز دەۋاتقان چىقىرىش مىقدارى بولسا، ئوقنىڭ پورشىننىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىدىن ئەڭ تۆۋەن قىسمىغا چۈشكىچە بولغان ئارىلىقىغا سىغىدىغان ئاقما جىسىمنىڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر دانە پورشىننىڭ چىقىرىش مىقدارى. ئەگەر بىر ماتوردا بىرقانچە پورشىن بولسا، ھەرقايسى پورشىننىڭ مىقدارىنىڭ يىغىندىسى بۇ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى چىقىرىش مىقدارى دېگەندىن، سىغدۇرۇش مىقدارى دېگەن تۈزۈكرەك.

مەسىلەن، ئۈستىكىسى بولسا ۋولكسۋاگېننىڭ بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ ياسىغان بورا دېگەن ماشىنىسىنىڭ 1.8 لېتىرلىق تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرۇش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماتورى. بۇنىڭدا 4 تال پورشىن بار بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ تەخمىنەن 450 مىللىلېتىر كېلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ماتورى 1.8 لېتىرلىق بولغان بولىدۇ.

ئوغۇللار بەكرەك بىلىشى مۇمكىن، موتىسىكلىتنى 250 لىك، 150 لىك، 100 لىك دەپ قويىدىغان. ھازىرمۇ شۇنداق ئاتايمىز. كىچىمىزدە <<تۈنۈگۈن ئاكامنىڭ 250 لىك ياماخاسىنى ئېچىقىپ يېرىم كۈن چاپتۇرۇپ ئويناپتىمەن>> ، << پالانچىنىڭ دادىسىنىڭ 150 لىك سۇزۇكىسى بار>> ... دېگەندەك ئىشلار ئارىمىزدا قىززىق تېما ئېدى. ئۇ چاغا بەزىلەر بۇنى ماتورنىڭ ئات كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، 250 لىك دېگىنى 25 ئات كۈچىگە ئېگە، دېسە، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى، دېيىشەتتى. لېكىن مەن بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئەمدى سىز ماڭا ئىشىنىڭ! ئۇ بولسا ئاشۇ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. 250 لىك ياماخا دېگىنى 250 مىللىلېتىرلىق ياماخا ماتورنى كۆرسىتىدۇ ۋە باشقىلىرىمۇ شۇنداق تەرىقىدە ئىزاھلىنىپ ماڭىدۇ.

ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولسا ئەڭ مۇھىم پارامېتىر بولۇپ، ماتورنىڭ كۈچىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنى ماتورنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ قىسىم ماشىنىلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە قارىساق ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ قىزىل بايراق دەيدىغان بىر ماشىنىسى بار. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى CA7202 دېگەن خەتنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئالدىدىكى CA بولسا بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 7 بولسا پىكاپ شەكىللىك ماشىنىنى كۆرسىتىدۇ، ئوتتۇرىدىكى 20 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولۇپ 2.0 لىك ماتور بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئارقىدىكى بىر خانىنى زاۋۇت خالىغانچە بەرسە بولىدۇ. باشقا تۈردىكى ماشىنىلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئالدىدا ئىككى ھەرپ، ئارقىدا 4 خانە سان بولغان بولسا سىز مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە پەرقلەندۈرسىڭىز بولىدۇ. يەنە بەزى شىركەتلەر 4 خانە ساننىڭ ئارقىغا MT ياكى AT دېگەن ھەرپلەرنى يېزىپ قويىدۇ. MT بولسا قول خوتنى، AT بولسا ئاپتۇماتىك خوت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بەزىلىرى بىۋاستە ھەجمىنى يېزىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى سۇزۇكىنىڭ 羚羊1300 ماشىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 1300 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى، ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى بىرلىك مىللىلېتىر (ml) ياكى كۇپ سانتىمېتىر (cc) بولىدۇ.

داۋامى بار ...

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 10:33:45

ئەمدى خېلى رەتلىك چىقىپتۇ. ئالدىنقى تېمىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سول يېقى چىقماي قاپتىكەن،

مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا شۇنداق كۆرۈنۈپ قالدىمۇ يا

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 11:09:33

ياخشى بىلىم بولدى، رەھمەت.

دېمەك تويوتا پىكاپلارنىڭ 13 لېتىر، 11.5 لېتىر..... دېگەن گەپلىرىدىنلا ئۇنىڭ «250 لىك ياماخا»دىن قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن.

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 11:10:18

تانكا ۋە پاراۋوزلارنىڭ ماتورى قانچە لېتىرلىقتۇ؟

Tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 12:21:08

ئەڭ ئاخىرقى سانىنى زاۋۇت خالىغانچە بەرمەيدۇ. ئۇدىگەن بىرىنچى ياكى ئىككىنچى ئەۋلات دىگەن مەنىدە

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 14:41:42

چىقىرىش مىقدارىنى بەزى شىركەتلەر ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭدا مۇقىم بىر فورمۇلا ياكى قانۇنىيەت يوق. بۇنىمۇ زاۋۇت ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

مىسالغا ئالساق، باۋارىياننىڭ BMW325i دىگەن ماشىنىسىدىكى ئالدىدىكى 3 دېگەن ھەرپ ماشىنىسىنىڭ تۈرى، ئارقىسىدىكى 25 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى. يەنى 3 تۈرىدىكى 2.5 لېتىرلىق ماتور سەپلەنگەن ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. BMW318i بولسا 3 تۈرىدىكى 1.8 لېتىرلىق ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. BMW530i بولسا 5 تۈرىدىكى 3.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، ۋە 760 Li بولسا 7 تۈرىدىكى 6.0 لىك ماتور ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. يەنە بىر قانچە ئالاھىدە تۈرلىرى بار، مەسىلەن X5 ، X6, Z4 دېگەندەك. بۇلارنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كەينى تەرىپىدىن ياكى يان تەرىپىدىن يېزىلغان 3.0 ، 4.2 دېگەندەك رەقەملەردىن بىلەلەيمىز.

بېنزىنىڭ يەنە باشقىچە بولۇپ، ئالدىدىكى ھەرپ تۈرىنى، ئارقىدىكى رەقەم ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، S 350 بولسا S تۈرىدىكى 3.5 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، S 500 بولسا S تۈرىدىكى 5.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، E 240 بولسا E تۈرىدىكى 2.4 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كۆپىنچە ماشىنىلاردا ماتورىنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى لېتىر بىرلىكى بويىچە يېزىپ قويىدۇ. كىيۇ-كىيۇنىڭ ئارقىدىكى 0.8 دېگىنىمۇ شۇ. ئۇنىڭ 3 تال پورشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى 800 مىللىلېتىر. يەنە بىر خىلى 1.1 لىك، يەنە بىر خىلى بولسا 1.3 لىك. ئادەتتە چىقىرىش مىقدارىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرقلەندۈرىمىز.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 14:43:10

Bihlan:

ياخشى بىلىم بولدى، رەھمەت.

دېمەك تويوتا پىكاپلارنىڭ 13 لېتىر، 11.5 لېتىر..... دېگەن گەپلىرىدىنلا ئۇنىڭ «250 لىك ياماخا»دىن قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن.

ئادەتتە چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئەڭ چوڭى 6.0 لېتىرلىق. بۇ مېنىڭ ھازىرغىچە كۆرۈپ باققىنىم.  سىز دېگىنى بەلكى ئۇنىڭ ماي سەرپىياتى بولسا كېرەك.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 14:49:18

Tangriqut:
ئەڭ ئاخىرقى سانىنى زاۋۇت خالىغانچە بەرمەيدۇ. ئۇدىگەن بىرىنچى ياكى ئىككىنچى ئەۋلات دىگەن مەنىدە

دېمەك، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت خالىغانچە بېرىدۇ. ئالدىدىكىسى فورمۇلا ھالەتتە زاۋۇت بەلگە نومۇرى + ماشىنا تۈرى + چىقىرىش مىقدارى بويىچە كەلسە ئەڭ ئاخىرقى ساننى زاۋۇت خالىسا لايىھە نۇسخىسىنىڭ نومۇرى قىلامدۇ، ياكى ئىشلەنگەن نەشىرىنىڭ نومۇرى قىلامدۇ بۇ زاۋۇتنىڭ ئۆزى قويىۋالىدىغان نومۇر.

مەسىلەن، تويوتا كوروللانى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ تىپى TV 7180 ، ئالدىدىكىسى تىيەنجىن بىرىنجى ئاپتوموبىل - تويوتا 天津一汽丰田 نىڭ زاۋۇت نومۇرى، 7 - پىكاپ، 18 بولسا 1.8 لېتىرلىق، ئاخىرىدىكى 0 بولسا سىز دېگەندەك ھېساپلىساق بۇ 0-ئەۋلاتمۇ؟ ئۇ ئەمەلىيەتتە 9-ئەۋلات كوروللا. ھازىر 10- ئەۋلات چىقىپ بولدى، نومۇرى ھېلىھەم شۇنداق. يەنە كېلىپ ئەگەر 10 دىن ئېشىپ كەتسە بىر خانە سان بىلەن ئەۋلات سانىنى ئىپادىلىمەك تەس بوپقالىدۇ. شۇڭا بۇ ئېنىقكى ئەۋلات سانى ئەمەس. پەقەت زاۋۇتنىڭ ئۆزى خالىغانچە بەرگەن مەلۇم مەنىگە ئېگە سانى خالاس.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 15:29:05

ماشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى بىلەن ماي سەرپىياتى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. لىكىن ئۇلارنىڭ مۇقىم فورمۇلاسى يوق. گەرچە ماتورنىڭ چوڭلۇقى بىلەن بېنزىننى مۇقىم قىلىپ فورمۇلاغا سالغىلى بولغىنى بىلەن شوپۇرنىڭ، ئەمەلىي شارائىتنىڭ، ماشىنىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقىنىڭ، ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ... قاتارلىق بىرقاتار ئېلمىنتلارنىڭ بەلگىلەنگەن فورمۇلاسى بولمايدۇ. شۇڭا مانچە لېتىرلىق ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى مانچىلەك دەيدىغان فورمۇلانىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىش. پەقەت، چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولغان ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى چوڭراق بولىدۇ دېگىنىلا بولىدۇ خالاس.

چىقىرىش مىقدارىغا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى

1 لېتىرلىقتىن تۆۋەن

بۇنى ئېنىقلا شەھەرنىڭ كىچىك ئەرمەكلىرى دېيىشقا بولىدۇ. جۇغى كىچىك، سەرپىياتى تۆۋەن، تاشقى كۆرىنىشى مودىغا ماسلاشقان. بۇ ماشىنىلار قىزلارغا، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە، يېڭى خىزمەتكە چىقىپ ماشىنا بىلەن بېرىشقا توغرا كەلگەنلەر. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇلغىشى ئاز بولغانلىقتىن ھۆكۈمىتىمىز توختىماستىن ئىتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، سېتىۋالغۇچىلارنى ۋە ياسىغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ماشىنا. يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ، ئېگىزرەك بىر يەرگە چىقسىڭىز، سىز <<سېتىۋالغىنىم قوڭغۇزمۇ ياكى ماشىنىمۇ؟>> دەپ قالىسىز. بۇ چاغدا سىزگە پەقەت بىر ئېغىز سۆز كۇپايە --- سەبر !

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : يېڭى ماشىنا ھەيدىگەنلەر، قىزلار، دەسلەپكى باسقۇچتىكى كارخانىچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : ئاۋتو، كىيۇ-كىيۇ، SPAKE

1.3 لېتىرلىق

ھازىرقىدەك ماي باھاسى قىممەت ۋاقتىدا ماي سەرپىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەي بولمايدۇ. بۇمۇ كىچىك تىپتىكى ماشىنا قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، چەتئەل كارخانىسىنىڭ ياكى بىرلەشمە مەبلەغدىكى كارخانىلارنىڭ بۇ تۈردىكى ماشىنىلىرى يوق دىيەرلىك. شۇڭا بۇ تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان ماشىنىلار بار. لېكىن ئىھتىياج بۇنىڭغا كۆپلەپ چۈشىۋاتقان، ھۆكۈمەتمۇ تەشەببۇس قىلىۋاتقان تۈر بۇ بولغاچقا، ھازىر 20 گە يېقىن ماشىنا تىپى مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. فىئات، دەيخاتسۇ، تويوتا قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى.

ماس كىلىدىغان ئوبىكت : ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار، ئاز مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلار، ماي سەرپىياتىنى كۆزدە تۇتقۇچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭئەن بىنبىن، يېڭى ۋىئوس، كىيا تۇلپار، لىفەن 520 ...

1.4~1.5 لېتىرلىق

بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنى شەھەرنىڭ ئەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. 1.4 لېتىرلىق ماشىنىلارنىڭ تۈرلىرى بىر ئاز كۆپ. 1.5 لىكنىڭ ئازراق. شەھەردە كۆپ قىسىم يوللاردا 40~50 كېلومىتىرلىق چەكلىمە بار، بەزى جايلاردا بولسا 60 ، ناھايىتى ئاز قىسىم جايلاردا 80. 60 ئەتراپىدىكى بۇ سۈرئەت دەل مۇشۇ دائىرىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئەڭ ماي تېجەيدىغان سۈرئىتى بولغاچقا، بۇ خىلدىكى ماشىنىلار << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماشىنا تۈرىدۇر. شۇڭا بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى  خېلىلا يۇقىرى.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>>  ماتورنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر توپى

ۋەكىللىك ماشىنىلار :  چاڭچىڭ پوچى ئېيىق، چېۋرولىت 乐风 ، ستروئىت C2 ، پەيجوت 206، خوندا فىت ...

1.6 لېتىرلىق

بۇ خىلىدىكى ماتورنى ئەڭ بازارلىق ماتور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلار بېخەتەرلىك جەھەتتە بولسۇن، ئىچكى بېزىلىش ۋە تاشقى كۆرىنىش جەھەتتىن بولسۇن، ھەشەمەتلىككە قاراپ ماڭغان ماشىنا تۈرى. بازاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغىنىمىزمۇ مۇشۇ خىلدىكىسى. ھەشەمەتلىك ماشىنىلارنىڭ دەرۋازىسى مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ، شەكلىمۇ خىلمۇ-خىل. باھاسىمۇ پەرقلىق. شۇڭا ئىستىمالچىلارغا كەڭ تاللاش پۇرسىتى بار. بۇمۇ بۇخىلدىكى ماشىنىلارنىڭ كۆپ بولىشىدىكى بىر سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : بېخەتەرلىك ۋە ماتور كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : جېتتا ، بورا، پولو، گول، سايل، ئېكسېل، 307 ، ئېلەنترا، فەملىي ...

1.8 لېتىرلىق

بۇ خىلدىكى ماشىنىنى بولسا شەھەرنىڭ سەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. قۇۋۋىتى چوڭ، ئىچكى بېزىلىشى ھەشەمەت، كەڭرى-تاشا، تاشقى كۆرىنىشى كۆركەم، بىخەتەرلىكى تېخىمۇ ياخشى، باشقۇرۇش قولاي بولۇشتەك بىر قاتار ئۈستۈن بولغان ئالاھېدىلىككە ئېگە بولغاچقا، تەرەققى قىلىۋاتقان جەمئىيتىمىزگە بىر قەدەر ماس كېلىدىغان بىر خىل تىپ ھېساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ماي سەرپىياتى جەھەتتە بىر ئاز پەرق قىلىدۇ. لىكىن ھەيدىگۈچى تەجرىبىلىك بولسا 8~9 لېتىر دىن ئاشۇرماي ھەيدىگىلى بولىدۇ.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : ھۆكۈمەت ئىشى، ياخشىراق ئائىلە ماشىنى قىلىشنى ئويلايدىغانلار...
ۋەكىللىك ماشىنىلار : كوروللا، فوكس ، ئېلەنترا ، ئېكسېل  ...

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 17:08:40

بىزنىڭ ناھىيمىزدە بىرىنچى قول ھاكىم بىلەن شۇجى،يەنە بىر ئىككى مۇئاۋىن شۇجى،بەزى ئىدارىلەرنىڭ باشلىقلېرى يۇقۇرقى رەسىمدىكى ماشىنىدا ئولتۇرىدۇ.

توردىن تەكشۈرۈپ كۆرسەم بۇ ماشىنغا يېزىپ قۇيۇلغان 4500دىگەن سۆز بۇ ماشىنىنىڭ چىقىرىش  مىقدارىكەن،يەنى بۇ ماشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى4.5Lئىكەن،ماي دىگەننى سۇدەك يەيدىكەن.

ئادەتتە ئۆيلەردە ئىشلىتىدىغانغا 1.3L,1.5Lدىگەنلەر يېتىپ ئاشىدۇ،يۇقۇرقىدەك4.5Lلىق ماشىنىلار ھۆكۈمەت پۇلىغا ماي قاچىلايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ،ئەمما بۇ خىل ماشىنىلاردا كۈچ بار،دالىدا مېڭىشقا بەك باپ كېلىدۇ.

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 21:01:18

پاسىباننىڭ ماشىنا توغرىسىدىكى بىلىمى ھەقىقەتەنمۇ چوڭقور ئىكەن،ياخشى تىما ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن!!!!

mesken يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 22:15:08

Pasiban:
Bihlan:

ياخشى بىلىم بولدى، رەھمەت.

دېمەك تويوتا پىكاپلارنىڭ 13 لېتىر، 11.5 لېتىر..... دېگەن گەپلىرىدىنلا ئۇنىڭ «250 لىك ياماخا»دىن قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن.

ئادەتتە چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئەڭ چوڭى 6.0 لېتىرلىق. بۇ مېنىڭ ھازىرغىچە كۆرۈپ باققىنىم.  سىز دېگىنى بەلكى ئۇنىڭ ماي سەرپىياتى بولسا كېرەك.

ھازىرغىچە چىقىرىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى 8.0 لېتىرلىق،16سىلىدىرلىق Bugatti Veyron . ئەڭ چوڭ قۇۋىتى736kw/6000r/min.

0دىن100گە 2.5سىكونت .0دىن300گە 14سىكونىت ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ.ئەڭ يۇقىر سۇرىتى 407. ئەڭ يۇقىرى سۇرەتتە ماڭغاندا بىر باك ماي 15 مىنوت ئەتىراپىدا يېتىدۇ.

Bugatti Veyron ساپ ئىتالىيە ماشىنىسى.  گېرمانىيەنىڭ ئەمەس.

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2009-6-27 19:29:27

بەلگە

milyoner يوللانغان ۋاقتى 2009-6-27 19:43:05

TOYOTAنىڭ ئېلان سۈزى بەك مەشھۇر،车到山前必有路,有路必有丰田车 خەنلەر مۇشۇنى ئەسلى بىزنىڭ ماقال-تەمسىلىمىز ئىدى،ئىشلىتىۋالدى دەپ خېلە دەۋاقىلىپ باقتى لىكىن ئاقمىدى.

پاسىبان ئەپەندى بولسا TOYOTAنىڭ تارىخى ئۈستىدە توختۇلۇپ باقسىڭىز.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-28 13:38:59

mesken:
ھازىرغىچە چىقىرىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى 8.0 لېتىرلىق،16سىلىدىرلىق Bugatti Veyron . ئەڭ چوڭ قۇۋىتى736kw/6000r/min.

0دىن100گە 2.5سىكونت .0دىن300گە 14سىكونىت ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ.ئەڭ يۇقىر سۇرىتى 407. ئەڭ يۇقىرى سۇرەتتە ماڭغاندا بىر باك ماي 15 مىنوت ئەتىراپىدا يېتىدۇ.

Bugatti Veyron ساپ ئىتالىيە ماشىنىسى.  گېرمانىيەنىڭ ئەمەس.

مەن بۇجادى توغرىسىدا بىر تېما يوللاي دېگەن. بۇ يەردە شېپى كەلتۈرۈلۈپ قاپتۇ. بۇجادى ۋېيروننىڭ 16 سېلىندىرلىق، 4 تال تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇرچلۇق، 100 سۈرئەتكە 2.5 سېكونتتا چىقىدىغانلىقىنى، ماتورىنىڭ 506 ئات كۈچىگە ئېگە ئىكەنلىكىنى، ئەسلى ماركىسىنىڭ ئىتالىيەنىڭ، ھازىر بولسا گىرمانىيە ۋولكسۋاگېن گوروھىغا تەۋە ماركا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.  لېكىن چىقىرىش مىقدارىنىڭ 8.0 ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. بۇيەرنى تولۇقلاپ قويغىنىڭىزغا تەشەككۈر. ئايرىم تېما يوللاپ يۈرمەي ئەمدى...

ماتورى ئاچقۇچسىز ئوت ئالىدۇ. ئاچقۇچىنى خوتنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان <<يۇقىرى سۈرئەت دەرۋازىسى>> غا سالغاندىن كېيىن 360 لىك سۈرئەتتىن يەنە ئېشىپ 400 دىن ھالقىيدۇ. لىق تولدۇرۇلغان ماي باكى بۇ ۋاقىتتا پەقەت 12 مىنوتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا قۇرۇغدىلىپ بولىدۇ.

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-28 22:39:06

بىلمەيدىغان نەرسىلەر جىقكەن.

بەت: [1]
: ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (5) چىقىرىش مىقدارى