Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 08:14:09

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (4 )

بۈگۈنكىسى ئىلغار ماشىنىلارنىڭ ماتورىغا كەڭ كۆلەمدە سەپلەۋاتقان قۇرۇلما - تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ

بۇنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشى Turbo Charger . قىسقارتىپ Turbo دەيدۇ.  بەلكىم ماشىنىلارنىڭ كەينىدىكى Turbo ياكى T دىگەن خەتنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. مانا بۇ بولسا، ماتورىنىڭ تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ سەپلەنگەن ماتور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىر قانچىسىنى مىسالغا ئالساق ئاۋدى 1.8T ، پاسسات 1.8T ، بورا 1.8T دېگەندەك ...

بۇنىڭ ئاساسى ئىش ئۈنىمى بولسا ماتورغا كىرىدىغان ھاۋانى يۇقىرى دەرىجىدە كۆپەيتىش ئارقىلىق ماتورنىڭ ئات كۈچى ۋە تولغىنىش مومېنتىنى ئاشۇرۇپ، ماتورغا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر بۇ قۇرۇلما يوق بولغان ماتورغا بۇنى سەپلىسە، ماتورنىڭ كۈچى ئەسلىدىكىدىن %40، ھەتتا %50 مۇ ئارتىدۇ. دېمەك ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ماتورغا بۇنى سەپلىگەندىن كېيىن، ئۆزىدىن %40 چوڭلۇقتىكى ماتوردەك كۈچ بېرىدۇ دېگەن گەپ. بىز داۋاملىق ئۇچرىتىدىغان 1.8T لىق ماتور بولسا بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى. بۇ خىلدىكى ماتور نورمال بولغان 2.4 لىك ماتوردىن كۈچى تۆۋەن ئەمەس. لېكىن ماي سەرپىياتى 1.8 لىكتىن كۆپ پەرق قىلمايدۇ، 2.4 لىككە قارىغاندا ئاز سەرپ قىلىدۇ. مۇھىت بۇلغىنىش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنى ئورۇنلاشتۇرۇش  يېقىلغۇنى تېجەشتىن باشقا كېرەكسىز گاز چىقىرىشنى ئازايتىش ئالاھېدىلىكى بار.

ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكى بولغىنىغا ئوخشاش بۇنىڭمۇ كەمچىللىكى بار. ئارتۇقچىلىقى ماتورغا كۆرۈنەرلىك كۈچ قوشىدۇ، كەمچىللىكى بولسا، بۇ قۇرۇلما خۇددى روھلاندۇرۇش دورىسى يېگەنگە ئوخشاش بولۇپ، ماتورنى مەجبۇرى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قارشىلىققا بولغان كۈچىنى مەجبۇر كۈچەيتىدۇ. ماتورنىڭ ئىش بېسىمى ۋە تېمپراتۇرىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى ماتورغا قارىغاندا بۇ خىلدىكى ماتورنىڭ ئۆمرى كوتاراق بولىدۇ.  مېخانىكىلىق ئىقتىدارى ۋە ماتور ئىچىدىكى سىلىقلاش (ئاپتۇل) قاتارلىق تەرەپلەردە ماتورغا سالغان زىيىنى كۆپرەك بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بۇ خىلدىكى تېخنىكا ھەممە تەرەپلەردە كەڭ كۆلەمدە ئوموملاشمىدى. پەقەت بىرقىسىم ئىلغار تېخنىكا بىلەن ياسىلىۋاتقان ماشىنىلاردا، مۇسابىقە ماشىنىلىرىدا، چاپقۇرلاردا قوللىنىلىۋاتىدۇ.

بۇنىڭ يەنە بىر كەمچىللىكى بولسا كۈچىنى دەرھال شۇ دەقىقىدە كۆرسىتەلمەسلىك. ئادەتتە جىددى سۈرئەت ئاشۇرۇش توغرا كەلسە چوڭ ھەجىملىك ماتورلار يېقىلغۇغا تايىنىپلا مايغا دەسسىگەن ھامان سۈرئەت ئاشۇرالايدۇ. لېكىن تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ ئورۇنلاشتۇرغان كىچىك ماتورلار بولسا مايغا تۇيۇقسىز قاتتىق دەسسىسە تەخمىنەن 2 سېكونتتىن كېيىن ئاندىن سۈرئەتنى تىزلىكتە ئاشۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ يەنە بىر كەمچىللىكى.

ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئۇ قانداق بولمىسۇن بىر ماشىنىلاشقان قۇرۇلما. ئۇنىڭ خىزمەت تېمپىراتۇرىسى دائىم 600 گرادۇس ئەتراپىدا، پىقىرىغۇچىمۇ ناھايىتى تىز ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنى ئىشلىتىشتە ئۇنى مۇۋاپىق ھالدا ئاسراش، پەپىلەش كېرەك.

1. ماتورنى يېڭى ئوت ئالدۇرغاندا ئاپتۇل تېخى قىززىمىغان بولغانلىقى ئۈچۈن سۈركىلىشنى ئازايتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. ھەرىكىتى راۋان بولمايدۇ. شۇڭا ئاۋال كەم دېگەندە 3 مىنۇت قىزىتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئاپتۇل قىززىپ ھەرىكىتى تىزلىشىپ تۇربېننىڭ ئىچىگە كىرىپ خىزمىتىنى بېجىرەلەيدۇ.

2. ماتور ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىپ خىزمەت قىلغاندىن كىيىن دەرھال ئوتىنى ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.  چۈنكى ئاپتۇل سىلىقلاشتىن باشقا، ئاستى-ئۈستى بېرىپ كېلىپ، ماتورنىڭ قىززىقىنى ئېلىپ كېتىپ ماتورنى سوۋۇتۇش ئالاھىدىلىكىمۇ بار. تۇربېنغىمۇ شۇنداق بولۇپ، قىززىق ماتورنىڭ ئوتىنى دەرھال ئۆچۈرگەندە تۇربېندىكى ئاپتۇلنىڭ بېسىمى دەرھال نۆل بولىدۇ-دە، تۇربېننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىرتقا چىقىپ كېتەلمەي قىززىق ئاپتۇل قېپقالىدۇ. يەنە گاز چىقىرىش ئېغىزىمۇ ئىنتايىن قىززىق بولغاچقا بۇ ئىسسىقلىق تۇربېنغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇ ئىسسىقلىقنى تارقىتىش ئۈچۈن ئېزىدا 10 مىنۇت ئوت ئالدۇرۇپ قويۇش كېرەك.

3. ئاپتۇل تاللىغاندا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ قۇرۇلمىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كىيىن ماتورنىڭ ھەرقايسى خىزمەت رايونلىرى جىددىلىشىشكە، خىزمىتى ئىنچىكىلىشكە، ھاۋا كىرىش ۋە چىقىش مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە، قىسىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتىرىلىشكە باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسراشقا مۇھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتۇلنىڭ ياخشىراقىنى ئىشلەتسە، سىلىقلاش ئۈنىمى يۇقىرى، يۇقىرى تېمپراتۇرىغا چىداملىق، سۈركىلىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھەرقايسى <<ئورگان>> دىكى <<خىزمەتچى>>لەرگە ياخشى خىزمەت شارائىتى ھازىرلىغان بولىدۇ.

4. ئاپتۇل ۋە ھاۋا كىرىش ئېغىزىنىڭ ھەرئىككىسىنىڭ سۈزگۈچى بار بولۇپ، بىرى ھاۋانى تازىلايدۇ، يەنە بىرى ماتورنىڭ ئايلانغاندىكى ئۇپراندىلىرىنى سۈزىۋالىدۇ. ئۇنىڭ پاكىزلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. قەرەلىك ئالماشتۇرۇش، تازىلاش كېرەك. ھاۋا كىردىغان ئېغىزى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا تۇربېننىڭ ئىچىگە بىرەرە نەرسىنىڭ سۇنىقى كىرىپ كېتىپلا قالسا، ئىشقىلىپ ياخشى بولمايدۇ...

5. تۇربېننىڭ ھىم ئېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدا بىر ھالقا بار بولۇپ ئۇ ھىم بولمىغاندا تۆشۈكىدىن مەينەت ھاۋا كىرىپ قالسا، سىلىقلاش سىستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئاپتۇل تىزلا مەينەتلىشىپ كېتىپ سىلىقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

6. تۇربېندىن نورمالسىز ئاۋاز چىقىۋاتامدۇ يوق، تىترەش سىلكىنىش بولىنىۋاتامدۇ يوق، ئاپتۇل شلەنكىسى تېشىلگەنمۇ يوق ئۇنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

7. تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچنىڭ ئايلانما ئوقىنىڭ ياسىلىشى ناھايىتى ئىنچىكە بولۇپ، مەسىلە كۆرۈلۈپ رېمونت قىلىش توغرا كەلگەندە ئۇششاق-چۈششەك رېمونتخانىلارغا ئاپارماي مەخسۇس بېكىتكەن رېمونتخانىلاردا رېمونت قىلدۇرۇش كېرەك.

تۆۋەندە بۇ خىل قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماتور ۋە ماشىنىلاردىن بىرقانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

ماشىنىلاردىن BMW M5

MITSUBISHI EVO

ئاۋدى ئا 4

ئاۋدى ئا 5

ئاۋدى ئا 6

ئاۋدى كىيۇ 7

ئاۋدى ئا 8

ئاۋدى ر 8

ئاۋدى ت ت

بېنز SLK 200K PASSION 08

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 09:23:36

رېمنۇتچىلىق دوكىنىڭىزنىڭ سودىسى چۇقۇم ياخشىغۇ دەيمەن ھە؟

turbo يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 09:43:35

turbo

Estami يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 09:59:33

Audi TT

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 10:12:36

ماڭا 奥迪Q7بەك يارايدۇ،سىرتقى كۆرۈنىشىمۇ كۆركەم،باھاسىمۇ ۋەھشى.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 10:27:13

mayhana:
رېمنۇتچىلىق دوكىنىڭىزنىڭ سودىسى چۇقۇم ياخشىغۇ دەيمەن ھە؟

ما گەپنى كۆرۈڭ   مەن رېمونتچى ئەمەس، ھەم ئۇنداق دۇككىنىممۇ يوق. بۇ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگەنگەن ۋە بىلگەنلىرىم. مەندىكى ماشىنىغا بولغان قىزىقىش خالاس. مېنىڭ تىجارىتىم ماشىنىغا مۇناسىۋەتسىز...

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 15:05:43

مۇنداق دەڭە...

turbo يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 19:30:19

خا خا ، كۈلىدىغانلام بوپ كېتىپتىمەن ، يۇمۇر يۇمۇر

بەت: [1]
: ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (4)