ۋاقتىدا بارارمەن ئاناڭ ئۆلگەندە
ئاغىنەم جالانىڭ دادىسى تۈگەپ .
ئۇشتىدۇق قارىسىن نەزرىدىن كىيىن .
مۇسبەتتە قىزارغان قارا كۆزلەرگە ،
كۈلكىنى يار قىلىش بولدىغۇ قىيىن .
يارەنلەر "ئۆزلۈك"نى ئاران تېپىشتى ،
ئىككى ئۈچ بوتۇلكا بولغاندا قۇرۇق .
قايغۇدىن مەسىتلىكتە خالاس بولسۇن دەپ ،
جالالغا ھاراقنى ئىچەردۇق ئوشۇق .
ھەممەيلەن جالالغا بىر بىرلەپ تۇتۇپ ،
ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ كۆڭۈل بېرىشتى .
خۇدانىڭ ئەجىلى سەبرى قىل ئاداش ،
ھەممىگە بار ئۆلۈم دېگەچ ئىچشتى .
ئاخىرقى رومكىنى مىنكاۋخەن دوستۇم ،
خوشە دەپ ئىچكەندە ئىچەرمەي توستۇق .
تۆت ئېغىز گەپ قىلىپ ئاندىن ئىچ ئاداش ،
دەپ قويۇپ ئاھ بىزلەر بالانى تاپتۇق .
مەن شىزەي بىلمەيمەن نېمە دېيىشنى ،
قىينالدى بىچچارە كەتتى قىزىرىپ .
خىجىل بوپ كەتكەنچە دوستىمىز، بىزمۇ
كۈلىمىز ھېلى دەپ تۇردۇق بېزىرىپ .
بوپتۇ دەپ ئاغىنەم كېكەچلەپ دېدى ،
بارالماي سەت بولدى داداڭ كۆمگەندە .
خۇدايىم بۇيرىسا جېنىم ئاغىنەم ،
ۋاقتىدا بارارمەن ئاناڭ ئۆلگەندە ....
شۇ دەقىق بەئەينى چاقماق چاققاندەك ،
دەماللىق ئنىكاس يوق قېتىپ قېلىشتۇق .
بىر چاغدا كۈلكىدىن بىقىننى تۇتۇپ ،
سۇپىدا دومىلاپ يېتىپ قېلىشتۇق .
مەسلىكتە كىم بىلدى قاچان تارقىدۇق ،
ئىشقىلىپ ئۇ سورۇن ئۇزىدى تىنىچ ،
ئويلىسام ھەممىمىز كۈلۈپ ياش تۆكتۇق .
ئاققىنى قانداق ياش بىلەلمىدىم ھېچ !....
مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىردەمدىلا يېزىلىپ كەتتى .
ھېلىقى يۇمۇردىن ئۆزگەرگەن شېئىر مۇشۇ شۇمۇ. ئىلھام دېگەن مۇنداق بولىدىكەن ئەسلىئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىن بىز ئالىي ئوقۇلدا ئوقۇۋاتقانغا مەكتەپتە ئاشخانا ئاچىدىغان بىر ئاكىمىز كەلگەن .
مېھماندارچىلىقتا بۇ يۇمۇرچى ئاكىمىز مۇشۇ يۇمۇرنى دەپ بەرگەن ئىدى .بەك تەسىر قىلغان ئىكەن .
بىر نېمە يازماسمەن دېگەن ئىدىم ،ئۆزى يېزىلىپ كېتىپ قالدى .
چوڭ ئەيساغا يىغلىنىپ كەتكەندەك ..

بۇ يەردە قايسىدۇر بىر توپنى چۈشۈرۈش يوق،بەلكى تىل ئۇسلۇبى ،پىكرۇ بايانلاردا نورمال ھالىتىنى تاپالماي نورمال تەپەككۇردا قىينىلىپ ئۆز توپى بىلەن ئالاقە قىلىشتا قىينىلىۋاتقان بىر قىسىم بالىلار كۆزدە تۇتىلىدۇ .
شاش ۋاقىتلاردا يېزىلىپ قاپتىكەن ......
يوۋپانا ، ۋاپادارىم . ماندا نەسىرلىرىممۇ بار دەڭلا ...يىقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان مەن ئۇچراتقان ئەڭ ئېسىل نەسىرنىڭ ئۆزى شۇ . ياق نەسىر دېسەم تىلىم كۆيىدىغاندەك قىلىدۇ . مېنىڭچە ماڭا نىسبەتەن ئەڭ سەمىمىي ، ئەڭ ساپ \" قەلب ساداسى \" ، \" ئاخىرقى ئولتۇماتۇم\".
گەپ تېشىلىپ قالدى ، مەنمۇ يېقىندا : \" بىر بويتاق بولسىمۇ ئازلىسۇن ، ئولتۇرۇۋەرمەي ، قوپۇپ كىتەي \" دېگەن نىيەتتە بىر قىزغا كۆز تاشلىغان ، گەپنى قانداق باشلاپ ، قانداق دېيىشنى بىلەلمەي تازا بىشىم قېتىپ تۇراتتى . ئەسلى مەن تاپالمايۋاتقان گەپلەر مۇشۇنداقراق گەپلەرتى ...
ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئويلىغىنىم : بىردەستە گۈل تەييارلاپ ، مۇشۇ ئېسىل گەپلىرىڭىزنىڭ بىرقىسىم يەرلىرىگە ئۆز ئىلھاملىرىمنى قوشۇپ چىرايلىق يېزىپ ، ئەۋەتىپ بىرىپ بىر قىستايمىكى دەۋاتىمەن . يەنە ئۇيان -بۇيان تارتىشىپ ، سۆرىشىپ يۈرۈشكىمۇ ۋاقىت يار بەرمەيدىكەن. مۇشۇنداق قىلسام بولارمۇ ؟
ناۋادا مۇشۇ سەۋەپلىك ئىشىم ئىش بولۇپ قالسا ، سىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن ، پاختەك تۈكى سارجىدىن بىر شىملىق ئايرىم ئېلىپ قويىمەن .
تەرەققىيات تېزغۇ...
مەن بۇ بىر نېمىنى يازغاندا (يازغانلىرىمنى ئەسەر دەپ قارىمايمەن ،كۆڭۈل خوشى ) ئۈچ دوستۇم 1.5سومغا رەڭلىك بېسىپ چىقىرىپ ،بىر تال ئەتتىر گۈلنى قىستۇرۇپ قىز دوستىغا تەلەپ قويغان ئىدى ..،بورتالادىكى دوستۇم توي قىلىپ بالىلىق بولدى ،ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقدىشىم بالىلىق بولىۋىتىپتۇ ...
مۇنۇ رەسىمدىكىسىنى بىر توردىشىمغا 1مېتىر*1.5مېتىرلىق نىسبەت قىلىپ ئىشلەتكەن ئىدىم ،باسۇرۇپ چىقارسىڭىز بىر كىۋادىرات مىتىرى 19سوم .ئەمما ،تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن جۇما
ۋاي خۇدايىم ،،قورسىقىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ،شۇنچە كۈلكە بىلەن خەت يېزىۋاتىمەن جۇمۇ .... ۋاي -ۋۇي ...
ئەجەپ ئوبدان يازىسىز جۇمۇ ..
كارتون ئەپەندى ئايرىم بلوگ قۇرۇپ ئۆي ئايرىيمەن دەيدۇ ... سىزمۇ ناۋادا <ئۆي ئايرىىپ >قالسىىڭىز ئىزدىنىشقا كىرمەيمەن جۇمۇ ...
wapadarim912:
ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىن بىز ئالىي ئوقۇلدا ئوقۇۋاتقانغا مەكتەپتە ئاشخانا ئاچىدىغان بىر ئاكىمىز كەلگەن .
مېھماندارچىلىقتا بۇ يۇمۇرچى ئاكىمىز مۇشۇ يۇمۇرنى دەپ بەرگەن ئىدى .بەك تەسىر قىلغان ئىكەن .
بىر نېمە يازماسمەن دېگەن ئىدىم ،ئۆزى يېزىلىپ كېتىپ قالدى .
چوڭ ئەيساغا يىغلىنىپ كەتكەندەك ..
ئەيساجون ، ئاشۇ ئاشخانا ئاچىدىغان ئەدەمنىڭ ئىسىمى خالمۇرات ما ؟ سىلى بىلەن يۇرتداش كىلىدۇ ، ئۆز ۋاقتىدا سانائەت ئىنىستوتىدا ئاشخانا ئاچىدىغان.
بىر يەرلىرىڭىزدىن تونۇشتەك بىلىنەتتىڭىز ،شۇ ،خالمۇراتكام شۇ .شۇ دېگەن يۇمۇر ئىدى بۇ ..
بۈگۈن شئېرلىنىپ كەتتى ..
alipenwer:
سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇساملا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. مىنكاۋخەنلەر ئۆچ بولۇپ كېتىدىغان بولدى سىزگە. ئىلگىرى يازغان شېئىرلىرىڭىز باشقا مۇنبەرلەردە خەقنىڭ نامىدا غۇلغۇلا قوزغاپ يۈرەتتى.
بەزىدە بالا مۇنبەرلەردە شئېرىمنى\" يازغان\"لرنى باشقىلار ماختاپ كەتكەن يەرلەرنى كۆرسەم \"ئوبدان يېزىپسىز\"دەپ خىجىل بولۇپ كېتىمەن .،
wapadarim912:
بىر يەرلىرىڭىزدىن تونۇشتەك بىلىنەتتىڭىز ،شۇ ،خالمۇراتكام شۇ .شۇ دېگەن يۇمۇر ئىدى بۇ ..
بۈگۈن شئېرلىنىپ كەتتى ..
مەن سانائەت ئىنىستوتىدا ئوقىمىغان ، بىراق خالمۇراتكام بىلەن تونىشىمەن، بەلكىم ھازىر ئۇ مېنى تونىيالماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئۇ ئەدەم بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ ئاشخانا ئاچقان ، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىمۇ ئاشۇ ئەدەم سورون تۈزەپ بىزنى كۆرۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان. كۆپ ياخشىلىقىنى كۆرگەن شۇ ۋاقىتلاردا. بىر رەھمىتىمنى بىلدۈرىشىم بارئىدى. پەقەت پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ. ئېسىل ئەدەمتى.
2002-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىغۇ دەيمەن ،سىنىپتىكى بالىلار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئاتتەك كۆرىدىغان ۋاقىتلىرىمىز ئىدى ، دۆلىتىمىز بىلەن تۈركىيە مۇسابىقىسىغۇ دەيمەن سىياسەت دەرىسىگە توغرا كەپ قالدى ،ئۇنى دېسەك ئۇنىمىدى بۇ مۇئەللىم ،بۇنى دېسەك ئۇنىمىدى بۇ مۇئەللىم ،دەرس تاشلايلى دېسەك چۇپىن بېرىمەن دەپ .
شۇنىڭ بىلەن :مۇئەللىم سىز جوڭگولۇقمۇ ؟ئەسلى نەق مەيدانلارغا بېرىپ ئۇلۇق ۋەتىنىمىز ئەزىمەتلىرىگە مەدەتلەر بەرسەك توغرا بولاتتى ،بىراق مۇنىڭغا قادىر بولالمىدۇق ،ئەجىبا مۇشۇ يىراق يەرلەردە تۇرۇپ ئۇلۇق ۋەتىنىمىزنىڭ ئەزىمەتلىرىگە مەدەت بېرەيلى دېسەك شۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بەرسمىسىڭىز سىزمۇ جوڭگولۇق بولدىڭىزمۇ دېگەن ئىدىم ....