wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 10:32:04

ئەمدى كىم ئۇيغۇر بولىدۇ ؟

       تېتىقسىز ئېلان ،ياسالما تارىخ كىنولىرىغا ھۆ بولۇپ كەتكەچ ئەسلىدىنلا ئاز كۆرىدىغان دىلھوزۇرنى  چەكلىگىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە ماۋۇ بىزنىڭ بورتالا دىلۋىزىيىسى ئۇيغۇر قانىلىدا خۇدايا توۋا ،سېرىق فىلىمدەك ئىشلەنگەن لىبىرنىڭ5مىنۇتلۇق  ئېلانىنى بېرىپ چوڭلار بار يەردە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولىدىغان قىلىۋەتتى .

ئەركەك توردىشىمىز  ئەفىيفىينىڭ "بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك "دېگەن ئىمزاسى يېقىندىن بېرى ئېسىمدىن كەتمەس بولىۋالدى .نىھايەت، سەپرالىقتا مەندىن كەتسە نېمە كېتىتى دەپ ئۆزۈم ئۆچ ئىش، ئۆچ ئادەملەرنى تىللاپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىپ پۇخادىن چىقىدىغان بولدۇم ،تۈنۈگۈن كەچتە قايسى بىر مۇنبەردە "نورۇز ھاراممۇ ھالالمۇ "دېگەندەكرەك بىر تېمىدىكى تالاش تارتىشلارغا چىداپ بولالماي ئۇيغۇر دېگەن ئىت مىجەز مىللەتنى پۇخادىن چىققۇچە تىللاپ بولۇپ ،ئاناڭنى بىز نېمانچە دۆت مىللەتمىز دەپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى دە ،دەردۇ پىراقتىن ئاڭلىسام كۆزۈم  ئۆزى يىغلىنىپ كېتىدىغان "ئاھ ئاتىلار"دېگەن ناخشىنى قويۇپ قويۇپ تورنى ئۆچۈرۈپ "قۇم باسقان شەھەرنىڭ "قاتلاپ قويغان يېرىدىن ئوقۇشقا باشلىدىم ،

كۆزلىرىم ئىششىپ كەتكەن بولۇپ ،بۇ مۇنازىرىلەردىن دىلىم سۇنۇق ئىدى ،بۇ كىتاپنىڭ 121-بېتىدىكى "قېنى كىم پادىشاھ بولىدۇ "دېگەن يېرىنى ئوقۇپ بولۇپ پادىشاھ سايلاشتا ،باينى كۆرسەتسە  ئۇ بەش خوتۇن ئالغان ،مۇسۇلمان ئەمەس ،پادىشاھ بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس ،تېۋىپنى پادىشاھ بولسۇن دېسە ،بىز شىپاخانا ئاچمايمىز دەپ رەت قىلغان ،تامچىنى ،قاسساپنى ،كەسكەكنى ،دوكارنى....پادىشاھلىققا كۆرسەتسەبىر شەھەرلىك پۇقرانىڭ  ھەممىسىدىن ئەيىپ نۇقسان ئىزلىشىپ ئاقىبەت  ھېچكىم پادىشاھ بولالمىغان بىغەملەر شەھرىنىڭ ساددا پۇقرالىرىنى بايام توردا بولۇنغان مىللىيەت بىلەن دىننى زورىغا دۈشمەن قىلىپ قويىۋاتقان  مۇنازىرىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شۇنچىلىك كۈلۈپ كەتتىمكى  كىتاپنى 125-بېتىدە قاتلاپ قويۇپ  كىنو كۆرۈشكە تەرەددۇت قىلدىم ،

مېھمانخانىدا ئايالىم بىزنىڭ ئۇيغۇر  قىزلارنىڭ يېڭى كىنوسىنى  كۆرىۋاتاتتى ، ئاچچىقىم تۇتۇپ ئۇ قانالنى زورلاپ يۆتكۈگۈزىۋەتتىم ،نېمە قىلىسەن بۇنداق كىنونى، ئۇيغۇرنىڭ چىرايلىق ئارتىس قىزلىرىنى كۆرىمەن دەپ كۆرمىسەڭ مەزمۇنىغا قاراپ كۆرمە ،يۇقۇملىنىپ قالىسەن بۇنداق كىنولاردىن دەپ  قانالنى بىر بىرلەپ يۆتكۈدۈم ....

قاناللارنى بىر بىرلەپ ئېچىپ بىر چاغدا تاڭ سىڭنى تاشپاقا سۇغا تاشلايدىغان يېرىنى قويىۋىتىپتىكەن ،قىزىقىپ كۆرۈپ  باجىينىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم .

قاقاقلاپ كۈلۈشۈمگە قاراپ ئايالىم ؛

كۈلۈپ ياشىڭە ،نېمە قىلىسىز ئۇ ئىشلارغا مېڭىڭىزنى ئىسراپ قىپ ،توردا نېمە ئادەملەر نېمە دېمەيدۇ ،بەزەن تېمىلار شۇنداق قەستەن يېزىلغاندۇ بەلكىم ،بولدى جىق ئويلاپ يۈرمەڭ قېرىپ كېتىىسىز ،بىر ئىشلارنى تولا ئويلاپ قاپاقلىرىڭىزنى ئەسمەتخاندەك  تۈرۈپ يۈرۈپ يۈزىڭىزگە قورۇ ق چۈشۈشكە باشلاپتۇ دەپ كەتتى .

-ھەي خوتۇن ،قانداق قىلىمىز ،خۇدا سالغان ئىشققۇ بۇ ،ئۇيغۇر دەپ يۈرۈيدىكەنمىز ،ئۇيغۇرنى ئويلىغىمىز ،ئۇيغۇرنى سۆيگۈمىز ،ئۇيغۇرنىڭ ئىشىغا چېتىلغۇمىز كېلىپلا تۇرىدىكەن .بىلىسەنغۇ ،شۇڭىمۇ سېنى قوغلاشقان ۋاقىتلاردا؛

ئۇيغۇرنى سۆيمىسەڭ سېنى سۆيمەيمەن .

خەلققە كۆيمىسەڭ ساڭا كۆيمەيمەن .

ئۇيغۇر بوپ ياشىدىم ،ئۇيغۇر دەپ ئۆلىمەن ،

ئانا ئەل كۈلمىسە يار دەپ كۈلمەيمەن . دەپ خەتلەر يازغىنىم ..............

ئۇ كۈن كەچتە  تاڭسىڭكاملارنى تاشقاپا سۇغا تاشلايدىغان يېرى بىلەن ،بىر بىرىگە زادى يول بەرمەي قارشى تەرەپنى قەتئى ئىنكار قىلىۋاتقان،بىر بىرىگە چىقىشىش پۇرسىتى قويمايۋاتقان مىللەتچى ،دىنچى  مۇنازىرخانلارنى ،پادىشاھ نامزاتىغا ھېچكىمنى ياراتماي بىر بوۋاقنى پادىشاھ قىلىپ قويغان بىغەملەر شەھرىنىڭ نادان  پۇقرالىرىنى ئويلاپ يېتىپ ئاجايىپ غارايىپ چۈشلەرنى كۆرۈپ كېتىپتمەن .......

ھېلقى تاشپاقا چوڭ بىر دەريادا قارشى قىرغاققا  ئۈزىۋاتقۇدەك ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلقى تېمىدىكى مۇنازىرىچىلەر سەپ تۈزۈپ ئولتۇرغۇدەك ،

تاشپاقا :تاڭسىڭدىن مېنىڭ يېشىمنى سورىدىڭىزمۇ دەپ سورىغاندەك  ئۇلارغىمۇ ،مەن  قارشى قىرغاققا پەقەت ئۇيغۇرنى ئۆتكۈزىمەن دەپ  ئۇيغۇرمۇ سىلەر دەپ سوئال قويغۇدەك ...

ئۇلار ئۇلۇغ دەريا سۈيىگە قاراپ دىر دىر تىترىشىپ بىر بىرىنى سۆكۈشنى،  مەن ئۇيغۇر ، ئۇ ئەمەس،مەن مۇسۇلمان ،ئۇ ئەمەس  دەپ تالاش تارتىشنى باشلاپ پاتپاراقچىلىق باشلىنىپ كەتكۈدەك ..

-ئادىلنى  سۇغا تاشلايلى  ،ئۇ دۇنيادا مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككىلا مىللەت بار دېگەن ،دېمەك ئۇ ئۇيغۇر ئەمەس ..

ئۇلار ،ئادىلنى  سۇغا ئىتتىرگۈدەك ..

-قاسىمنى سۇغا تاشلايلى ،ئۇ كاۋاس ئىچكەن ،كاۋاس دېگەن ھارام ،دېمەك ئۇ دىندا چىڭ ئەمەس ..  تەلۋىلەر قاسىمنىمۇ سۇغا  ئىتتۈرىۋەتكۈدەك ...

-قۇرباننى  تاشلاڭلار ،ئۇ ئاپاق خوجامنى ھاقارەت قىلغان ،ئۇ كامىل مۇسۇلمان ئەمەس ......

-قەيسەرنى  تاشلايلى ،سادىر پالۋاننىڭ ھەيكىلى توغرىسىدىكى تېمىغا ئۇ ھەيكەل قاتۇرۇش دىنسىزنىڭ ئىشى ،كىيىنكى ئەۋلاتلارغا تەربىيە قىلىپ نېمە قىلىتۇق ،چاقايلى سادىر پالۋاننىڭ ھەيكىلىنى دەپ  قارغاپ ئىنكاس يازغان ....

- يۈنۈسنى تاشلايلى ،ئۇ  مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان دەپ يۈرۈيدۇ ، ئىككى  قېيىققا تەڭ دەسسىگە ئادەم ئەڭ خەتەرلىك ..،يا ئەرەپ ، يا ئۇيغۇر !ئىككىنىڭ بىرى . ئىككى تەرەپنىڭ ئادەملىرى  يۈنۈسنىمۇ سۇغا ئىتتۈرگۈدەك ..

بىر قەپەس  ئۇر چاپ ،قىيا چىيالاردىن كىيىن ئۆز ئارا يول قويماي ، بىربىرىدىن ئىۋەن ئىزلەپ يىرتىشىپ ،ئىتتىرىشىپ ،تارتىشىپ  ھەممەيلەن دەريا سۈيىگە  غەرق بولغۇدەك.

چۈش دېگەن ھە ،بىر چاغدا لاپلا قىلىپ  تاشپاقىنىڭ ئۈستىدە مەن پەيدا بولۇپ قالغۇدەكمەن ،سۇدا لەيلەپ قالغان جەسەتلەرگە قاراپ قورقۇنىچتىن تاشپاقىنىڭ بوينىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرىۋالغۇدەكمەن .

تاشپاقا سۇدا لەيلەپ قالغان جەسەتلەرگە قاراپ ،مەن بىرەرىڭنى سۇغا تاشلايمەن دېمىدىم ،ھەممىڭ ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن بىز ئۇيغۇر دېيىشسەڭ ،مۇسۇلمان بولساڭ ،بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان دېيىشسەڭ بولاتتى ئەمەسمۇ ؟ئۆزىگە ئۆزى جەبرى قىلىدىغان نادانلار ،ھېلىمۇ نوملارنى سەنلەر ئېلىپ كېلىشمەپسەن ،بولمىسا ھەممىڭ بىر بىرىڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ مۇقەددەس نوملار سۇدا ئېقىپ كېتەتتىكەن ،جۇباجېيچىلىك ئەقلى يوق چوشقىلار تۈفىي دەپ ماڭا تۈكۈرۈپ قويغۇدەك .

مــــــــــــــــــــــــەن ئۇيغۇر ،ئاكا ،مېنى قىرغاققا يەتكۈزۈپ قويسىلا ،خۇدانىڭ ھەققىدە دەپ  غال غال تىترەپ تاشپاقىغا يالۋۇرغۇدەكمەن .

تاشپاقا مېنىڭ خاراپ ھالىمغا قاراپ ،باشقا ئادەملىرىڭ ئۆلدى ،تىكەندەك يالغۇز ئۇيغۇر بولغىنىڭنىڭ نە قەدرى ،بولدى بىلجرلىما ، بىز بىلەن بىللە ياشا ،تاشپاقا بولۇپ كەت دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ باشلىرىنى ھا ھا ھا دەپ ھەر تەرەپكە  لىڭشىتقىنىچە  مېنى چوڭقۇر سۇ تەكتىگە ئېلىپ كىرىپ كەتكۈدەك ....

ئاپپپپپپپپپپپپپپپپام !شۇنچىلىك قورقۇپ  ئويغۇنۇپ كەتتىمكى ،نەپىسىم قىسىلغاندەك بولۇپ ھەممە دەرىزىلەرنى ئېچىپ ئىتتىك نەپەسلىنىپ كەتتىم ..ئۇف ،خۇدايا ،مېنى قارا بېسىپتۇ .پىشانەمدىكى تەرلەرنى سۈرتۈپ  نېمە ئىشتۇ بۇ دەپ خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم .

سائەت 3بولغان ئىكەن ، ئاشخانا ئۆيۈمنىڭ تېمىغا يوغان قىلىپ چاپلانغا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ "باردۇر"دېگەن ھۆسىنخەت شئېرىدىكى

"ئابدۇخالىق بەس،يېتەر ئاۋارە بولما قاقشىما ،

شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازاپقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر .

دېگەن مىسرالار ئۇدۇلىمىزدىكى سېلىنىۋاتقان بىنانىڭ قۇرۇلۇش چىرىغىنىڭ نۇرىدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى ....ھەي تاقا تۇقا چۈشلەر ،ھەي بىسەرەمجان ۋاپادارىم ...


شەھرى بورتالادا 21-مايدايېزىلىپ ئوڭغا ئۆرۈلدى ..





alip يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 12:02:10

ئۇيغۇرلار تېخى تۈگەپ كەتمىدۇق، سىزگە ياندىشىدىغان ئۇيغۇرلار خېلى بار...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 12:02:29

تاشپاقا بولىۋالسا ياخشىمۇ نىمە ؟ تاماشا كۆرۇپ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ گوشىدا ئۆزىنى قورۇيدىغان . بۇ تاشپاقا ھازىرغىچە ياشاۋاتىدۇ - دەمدۇ نىمە بىرسى ....

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 12:31:47

ئۇنچىلىك ئۈمۈدسىزبۇلۇپ كەتمەك ئەپەندىم  . ياخشى ئىشلار تېخى ئالدىمىزدا . كۈن ئۇزاق دەيمەن ...

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 12:45:47

تەھرىرلەندى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 13:29:21

kawsar89 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 14:33:55

ھىلىمۇ ياخشى ،مەن چۈشىڭىزگە كىرىپ قالماپتىمەن،مەن ساپ ئۇيغۇر ئەمەس،چىرايىمغا قاراپلا بىرىنچى بولۇپ مىنى سۇغا تاشلىغۇدەك بۇ خەق!!!

نۇرغۇن ئۇيغۇرغا نېسىپ بولغان بەخىت ماڭا نېسىپ بولمىغان ئىدى.ئۇيغۇرنىڭ خوشنىسى ئۇيغۇر بولىدۇ،ئۇيغۇرئۇيغۇرنىڭ  مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ.بىراق خۇدايىم مىنى باشقا بىر يەرگە تاشلىغان ئېدى.خوشنىمىز خەن.مەكتىپىممۇ خەن ئىدى.2000-يىلى  مەكتىپىمنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئۇلۇغ نەپەس ئالدىمدە ئەمدى چوشقا پۇرىمايدىغان بولدۇم دىدىم.چوڭ شەھەردىكى  خىزمىتىمنى تاشلاپ ،قالغان ئۆمرۈمدە  ئۇيغۇرغا قېنىپ ئۆتەي دەپ  ئەزىزانە قەشقەرگە كەلدىم.پويۇزدىن چۇشكەن ۋاقتىمدىكى ھىسسىياتىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشقا ئاجىزلىق كىلىمەن.ئۇيغۇرغا تويماي تويماي قارايتتىم،قەشقەرنىڭ ئاسمىنىغا ،قەشقەرنىڭ تۇپرىقىغا ،قەشقەرنىڭ دەرەخلىرىگە ،قەشقەرنىڭ ھەر بىر گۈل -گىياخلىرىغاتويماي قارايتتىم. ئۇدۇل كەلگەن ئۇيغۇرنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈۋالغۇم كەلدى.ھەر بىر ئۇيغۇر كۆزۈمگە گۈل كۆرۈنۈپ كەتتى.

خەير مانا 10يىل ئۆتتى،زاۋاللىققا كىتىپ بارغان خەلقىمغا قاراپ كۆز ياشلىرىم بۇ شەھەرنىڭ ھەر بىر كوچىلىرىغا تۆكۈلدى...

asad يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 14:46:13

مەنغۇ مەن ئۇيغۇر ئەمەس دەيدىغانلارنى مۇشۇ توردىلا كۆردۈم.ئۇيغۇر ئەمەس مەن مۇسۇلمان،مەن ئەرەپ دەپ دەۋا قىلىدىغان تېمىلارنى كىرىپ قالغان تۇنۇش -بىلىشلەرگە توردا مۇنداق گەپ بار ئىكەن دەپ كۆرسۈتۈپ قويسام بۇ تور دېگەنگە ساپلا ساراڭ چىقىدىكەن دەپلا ياقىسىنى تۇتۇشتى.(بۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ مەھەللىدىكى مەسچىتنىڭ مۆتىۋېرىمۇ بار)

   ھازىر تۇنۇش -بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالساق ھە توردا گەپ تالىشىپ قۇيىۋاتامسىلەر دەپ سوراپ قويسام قويە 30 قا تاقاي دەپ قالغان ئادەم 15 ياشلىق بالىلار ياكى شۇنچىىلىك ئەقلى بارلار بىلەن گەپ تالىشىدىغان ساراڭمۇ مەن دەپلا جاۋاپ بېرىدۇ.

دېمىسىمۇ خەقنىڭ ئالدىغا كىرىۋېلىپ،خەق قىلغۇزاتمايۋاتقان ئىشنى قىلىشقا شاپاشلاپ مەن ئويغۇر بولمايمەن دىيىش قىپ-قىزىل ساراڭنىڭ گېپىدە،ئۇيغۇر بولمىساڭ ئەرەپ بولالارسەنمۇ؟ئۇيغۇر بولماي ئۇيغۇرچىنى تاشلىساڭ قايسى تىلدا سۆزلەسەن ؟ئەرەپچە قوللىنىڭلار دەپ سىياسەت چۈشۈرۈپ بىرەرمۇ؟شۇ چاغدا سۆزلەيدىغان تىلىڭ قايسى تىل بۇلار؟؟قانداق مىللەت بۇلۇشىنى دەپ بەرسەم گەپنى ئۇچۇق قىلىۋېتىپتۇ دەپ ئۆچۈرۈدۇ ھەقاچان.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 15:34:21

تېمىنىمۇ  ئوقۇمۇدۇم !  مانا مەن ئۇيغۇر  بولىمەن !!!

arqin يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 16:20:50

kawsar89 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 16:38:30

ھا ھا ھا ،شېېئېرلارمۇ چىقىپ بولدى،قالتىس تىما بولدى بۇ ،مەن بۇ تېمىنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم!!!!!!!

بىز مەن ئۇيغۇر دەپ توۋلاپ قالماي،سەنمۇ ئۇيغۇر دەپ توۋلايلىچۇ؟ھەممەيلەن بىر تاشپاقىغا چىقۋاساق ،چۆكۈپ كېتەرمىزمۇ ئەمدى؟مەيلىلا بىللە ئۆلەيلى!

zulal يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 17:13:11

گۇمان قىلدىم بەزىدە نىم بولغىيتى زاتىمىز ،

ھەممە ئويغان بۇ كۈندە ، بىز غەپلەتكە پاتىمىز .

يۆلەپ قويۇش بىزدە يوق ، گۆرگە بىللە تارتىمىز ،

بەش دادىدىن تاپقانمۇ بىزنى ياكى ئاپىمىز .

ماۋۇ شېئىرنى تاسادىپەن ئۇچرىتىپ قېلىپ ، ئوقۇپلا غال-غال تىترەپ كەتتىم ...

aragon يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 17:23:50

ياخشى چىققان ئەسەر ئىكان~~~

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 17:45:27

بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى چاندۇرۇپ يۈرگىچە ئىنكاس يازمىساڭلارمۇ بوپتىكەن.

ئۇيغۇر تىلىنى ھۆرمەتلەش، ياخشى ئۆگىنىش، ئۇيغۇر يېزىقىنى توغرا يېزىش ___ ئۇيغۇر بولۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 18:27:39

مەن ئۇيغۇر مۇنازىرە بەتلىرىدە تېخى مۇشۇ كۈنگىچە مەن ئۇيغۇر بولماي ئەرەب بولىمەن دەيدىغان ئىنكاسنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئىنكاسلاردا قەستەن سەل ئاشۇرۋەتتىڭلارمۇ يا باللا؟

ئۇنداق دېسەم مېنىمۇ تاشپاقىدىن دەرياغا تاشلىۋەتمەڭلار يانا!!

asad يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 18:57:10

ئەمىسە ئۇيغۇر بولمايمەن دېگەن گەپنى قىلغان بولغىيمىتى - يا

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 19:09:07

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،

مەنمۇ ئۇنداق تېمىلارغا خېلى كۆپ ئىشتىراك قىلغان.  ئەسەد ئەپەندىم، سىز ئۆزىڭىز گەپنى چۈشىنەلمىدىڭىزمۇ ياكى بىلمىدىم.

ئۇ تېمىلاردا تالاش تارتىش بولىۋاتقىنى قانداقتۇر ئۇيغۇر بولۇش بولماسلىق، ئەرەب بولۇش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى مىللەت بىلەن دىن - ئېتىقادنىڭ قايسى موھىم مەسىلىسى ئىدى.

ئەسلىدە بۇنداق سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغان ۋە ھەرگىزمۇ قارشىلىشىپ قالمايدىغان ئىككى نەرسىنى قەستەن سېلىشتۇرۇپ گەپ كوچىلىغاندىكىن چىققان گەپلەر ئۇ.  نۇرغۇن تورداشلار ئېتىقاد موھم، دىدى يەنە ئاز بولمىغان تورداشلار بولسا مىللەت موھىم دىدى.  ئەمدى سىز كېلىپ گەپنى بۇنداق پاسقا چىقارسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟ مېنىڭچە سىز چۈشەنمەيسىز ئەمەس، چۈشىنىسىز، چۈشىنىپ بىلىپ تۇرۇپ قەستەن گەپكە قاش ، كۆز چىقىرىۋاتامىسزمۇ يا .

قېنى دىگىنىڭز راس بولسا ئىنكاسلاردىن بىر ( ئارىيە ) كەلتۈرمەمسىز.  مەن ئۇيغۇر بولماي ئەرەپ بولىمەن دىگەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ باقايلى .

asad يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 19:49:06

گەپ قىلسام يەنە ئۆچۈرۈۋېتىسىلەر.يا مۇسۇلمان مەن دېسەم ئۇنىماي ئۇدۇل كۇپارغا چىقىرىسىلەر.دۇنيادا ئىككىلا مىللەت بار دېگەن گەپتىن خەۋىرىڭىز بار،يەنە زادى دە سەن ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ،بىرىگە تۇر دەپ كۆزىگە كىرىۋالىدىغان ئىشلارمۇ بولغان(ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلۇقنى تاشلىغاندىن كېيىن تىلنىمۇ تاشلاش كېرەكتۇ؟قۇرئان تىلى بولغان ئەرەپ تىلىنى تاللاش مېنىڭچىمۇ ياخشى تاللاش.ئۇيغۇر بولمايدىغان،ئەمما تىلنى تاشلىماي ئۇيغۇر تىللىق مۇسۇلمان بۇلۇدىغان ئىش بولسا بۇنى ئۇخمۇدۇم)،  مەن كۆرمىدىم دېسىڭىز مەندە تېپىپ سىزگە كۆرسەتكۈدەك بىكار ۋاقت  راستلا يوق.ئەپۇ قىلارسىز.

مويسىپىتلاردىن سوراپ باقتىم،توۋا خۇدايىم 60 يىل ياشاپ ئۇيغۇر بۇلۇش بىلەن مۇسۇلمان بۇلۇشنىڭ بىر-بىرىگە پۇتلىشىدىغىنىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،بۇ ھەقاچان يېڭى چىققان باللارنىڭ تاپقان گېپى،ئۇلارمۇ بىر كۈنى ئالدىرىمايدىغان بۇلۇدۇ دەپ تۈگەتتى،قايسىسى مۇھىم،قايسىسى مۇھىم  ئەمەس ،ئىككىلىسىلا مۇھىم دىيىشتى.مەنمۇ بۇ گەپكە قايىل بولدۇم.ئەمدى سىلەر نىمە ئىش چىقىراي دەيسىلەر بۇنىمۇ ئۇخمىدىم .بولدى قىلاي.ئەسلىمۇ ئارىلاشمايتىم بۇنداق گەپلەرگە.مۇسۇلمان بۇلسام سىلەرگە بولۇپ بەرمىگەندىكىن،يا سىلەرنىڭ گېپىڭلاردىن چىقماسلىق،زادى قايسىسى مۇھىم دەپ ئايرىپ چىقىش شەرت بولمىغاندىن كېيىن،ئىككىلىسىنى مۇھىم بىلىۋېرەي.ھەم ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان.قانداق؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يەنە بىرى، گەپنى سەل سىلىقراق قىلىشىنى ئۆگىنىڭ ھە.ماۋۇ جىڭ گەپ .مەن دېگەن بايا، مۇسۇلمان بولسام سىزگە بولمىغان مەن دەپ.

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 20:08:35

راس  مۈشۈك  سۇ  ئۈزەلەمدۇ ياقمۇ  باللا

ansare يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 20:24:48

بۇ تىمىنى نادىرلاپ ھەر قايسى مۇنبەرلەر بىرەر يىل چىكىسىگە ئېسىپ قويسا، تاشپاقىدىن تەلىم ئالساق...قانداق بولا!

بەت: [1] 2 3 4
: ئەمدى كىم ئۇيغۇر بولىدۇ ؟