Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 09:29:05

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (3 )

بۈگۈنكىسى، كۆيدۈرگەن گازنى چىقىرىدىغان قۇرۇلما - ھاۋا چىقىرىش تۇربىسى

بۇ بولسا ماتورنىڭ ھاۋا چىقىرىش سېستىمىسى بولۇپ، ماتوردىكى كېرەكسىز ھاۋانى چىقارغاندىن باشقا يۇقىرى بېسىملىق ۋە يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق گازنى قويۇپ بەرگەندىكى ئاۋازنى تۆۋەنلىتىش ئالاھىدىلىكى بار. ئەگەر ھاۋانى چىقىرىش راۋان بولمىسا، ماتورغا كىرىدىغان ساپ ھاۋانى سۈمۈرۈشمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا تەبىئىيلا ماتوردا بوغۇلۇش يۈز بېرىدۇ. ئالدىنقى تېمىلارغا ئوخشاشلا ماتورنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاۋا كىرىش قۇرۇلمىسى ۋە سىۋىچنى ئۆزگەرتكەن بىلەن تەڭ ھاۋا چىقىرىش سېستىمىسىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ھاۋا چىقىرىش سېستىمىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ھالقا كاناي بولۇپ، ھەرقايسى سېلىندىردىن چىققان گازنى ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسەتمەستىن، بىر-بىرىگە دەخلى قىلدۇرماستىن ماشىنىنىڭ كەينىگە يوللاش رولىنى ئۆتەيدۇ. كاناينىڭ ئارقا تەرىپىدە تۇڭغا ئوخشايدىغان بىر قۇرۇلما بار. بۇ ماتوردىن چىققان كېرەكسىز گازنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى ۋە بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. چۈنكى ماتوردىن چىققان گاز كانايغا كىرگەندە يەنىلا يۇقىرى بېسىمدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ۋە كۈچىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بۇنىڭدەك ئىچىگە قاتمۇقات ئايرىش تاختىلىرى ياكى ئۇششاق كانايچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋاز يوقاتقۇچ بولىشى كېرەك. ئەگەر ئاۋاز يوقىتىشنى ئاساس قىلىپ ئىچىدىكى قاتمۇقات تاختىلار ياكى تۆشۈكلۈك كانايلارنى زىچلاشتۇرۇپ قويساق ھاۋا چىقىرىش ئۈنىمىگە تەسىر يېتىپ ماتورنىڭ كۈچى ئويلىغىنىمىزدىكىدەك بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كاناينىڭ چوڭلىقى، كاناي ئەگمىسى، ئاۋاز يوقىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ لايىھەسى قاتارلىقلار ماتورنىڭ كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ھېساپلىنىدۇ.

ئادەتتە زاۋۇتتىن ئورۇنلاشتۇرغان نورمال تۇربىنىڭ دىئامىېىرى 50~60 ئەتراپىدا بولۇپ ئۇنى %10 ~ %15 گىچە چوڭايتىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. بۇ تەجرىبىلەرگە ئاساسەن يەكۈنلەنگەن خۇلاسە. ئۆزگەرتىش توغرا كەلسە 65~70 لىك تۇربىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر تەلەپ يۇقىرىراق بولسا 80 لىكنى ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

دىمەك، بۇ ئۈچ تېمىدىن بىر نەرسىنى يەكۈنلىسەك، ماشىنىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەقەت بىرلا تەرەپكە كۈچەش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ماتورغا كۆپرەك ھاۋا ئەكىلىش ئۈچۈن <<ئۆپكىنى>> چوڭايتىش، <<يۈرەك>> نى ياشارتىش ئۈچۈن سىۋىچنىڭ <<ئەركىكى>> نى ئالماشتۇرۇش، كۆيگەن كۈچلۈك گازنىڭ چىقىپ كېتىپ، يېڭى گازغا ئورۇن بوشىتىشى ئۈچۈن راۋان بولغان <<بۇرۇن>> ئالماشتۇرۇش لازىم. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلچەملىك ئورۇنلاشقاندا سىزنىڭ ماشىنىڭىزغا %10 ئەتراپىدا كۈچ قوشىدۇ. ماي سەرپىياتى بولسا تىجەش ۋە ئاشۇرۇش بالانىس بولۇپ ئەسلىدىكىسى بىلەن كۆپ پەرق قىلمايدىغان بولىدۇ. كۈچنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىمەن دېسەك بۇنىڭ بىلەنلا توختىماي، تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرۇش ئۈسكىنىسى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ماتورىڭىزنىڭ كۈچى %40 ، ھەتتا %50 ئارتىدۇ. بۇنى كىيىنكى تېمىدا سۆزلەيلى.

فورد فوكسنىڭ ھاۋا چىقىرىش تۇربىسىنى ئالماشتۇرۇش:

Estami يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 10:28:18

ئادەتتىكى ئۆي ماشلىرىغا گاز چىقىرش تۇرببسدىن بىرسى بولسلام يېتەرلىك.

بىزنىڭ ما يەرىدە ياش بالىلار ماشىنسىڭ ئۆپكسىنى يوغارىتىپ ، 4 تال گاز چىقىرش تۇربىسى قىلۋالدىغانلار نۇرغۇن.

كېچىلىرى تولا مۇسابىقە تېخى باشىنى ئاغرىتىپ . شاۋقۇنىڭ چىڭلىقىدا.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 11:59:47

ھەئە، بىرسى بېتىدۇ. يالغۇز ھاۋا چىقىرىش تۇربىسى يەڭگۈشلەش بىلەنلا ئات كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇددىئاسىغا يېتىش بەك ئاددى ئويلىغانلىق. كۈچ ئاشۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى ماتورى 3.0 لىكتىن تۆۋەن بولغان ماشىنىلاردا ئاساسەن بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا 8 تال قىلىۋالسىمۇ ئوخشاش. چۈنكى كۈچنى ھەقىقى ئاشۇرىدىغان نەرسە يالغۇزلا بۇ ئەمەس.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 17:02:31

رەسىملەر سىلەرگەنورمال كۆرۈنىۋاتامدۇ؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 10:08:02

ھەئە. نورمال كۆۋۈنىۋاتىاۇ.
بەت: [1]
: ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (3)