Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-20 20:42:25

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (2 )

ئالدىنقى تېمىدا ھاۋا كىرگۈزۈش سېستىمىسىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. بۇ قېتىمقىسىدا سۈمۈرگەن ھاۋانى يېقىلغۇ بىلەن بىللە ئوت ئالدۇرىدىغان <<چاقماق>>  - سىۋىچنى سۆزلىمەكچى.

سىۋىچ (spark plugs) بولسا ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنىڭ ئىش ئىشلەش دەۋرىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىل. دىۋىگاتېلدا ھاۋا كىرىش ئېغىزى ئېچىلىپ ئوق كەينىگە تارتىلىپ ھاۋا بىلەن يېقىلغۇنى سۈمۈرىدۇ، ئاندىن كلاپانلار ئېتىلىدۇ، ئوق يېقىلغۇ بىلەن ھاۋانى قىسىدۇ. بېسىم ئارتىلىپ تېمپراتۇرا ئاشقاندا، سۋىچ يۇقىرى بېسىمدا يېقىلغۇغا توك ئۇچقۇنى ئاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېقىلغۇ كۆيۈپ ئوقنى ئارقىغا ياندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەرىكەت ئېنىرگىيە ھاسىل بولىدۇ.

كۆپ ئۇچرايدىغان سىۋىچلار ماتىرىيالىغا قاراپ ئۈچ خىل بولىدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى سىۋىچ، پلاتىنالىق سىۋىچ، ئىرىدىيلىق سىۋىچ. زاۋۇتتىن سەپلەنگەن سىۋىچ نىكىل - مانگان بېرىكمە مىتالىدىن ياسالغان . بۇ ئادەتتىكى سىۋىچ دىگەن شۇ. ئادەتتە ئۇنى 10 مىك كلومېتىر ياكى 1 يىلدا تەكشۈرۈپ ئالماشتۇرۇش لازىم. پلاتىنالىق سىۋىچ بولسا 100 مىڭ كلومېتىرغا يېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردا تەتقىقاتچىلار ئىرىدىيلىق سىۋىچمۇ پلاتىنالىق سىۋىچقا ئوخشاش يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقاشتى. بۇنداق ئاز ئۇچرايدىغان مىتاللارنى ئىشلىتىشتىكى سەۋەپ، قىسىلغان يېقىلغۇ بىلەن ھاۋانى ئوت ئالدۇرىدىغان بۇ نەرسە 900 سېلسىيە گرادۇس شارائىتىدا خىزمەت قىلىدۇ. نىكىلنىڭ ئىرىش نوقتىسى 1500 گرادۇس ئەتراپىدا بولغاچقا بۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. پلاتىنانىڭ بولسا 2000 گرادۇسقا يېقىنلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مىتالدىن ياسالغان سىۋىچ نىكىلدىن ياسالغىنىدىن كۆپ ياخشى، ھەم مۇقىم.

بۇنىڭ تىمپىراتۇرىغا چىداملىق بولىشىدىن سىرت، يالقۇننى جايىغا ئاتالىشى ۋە تولۇق قويۇپ بىرىشىغا قاراپ ئىقتىدارى بەلگىلىنىدۇ. يەنە ئالدىنقى تىمىدا ئېيتقاندەك، يۇقىرى سۈرئەت ۋە يۇقىرى تىزلىنىش تەلەپ قىلىنسا ئەلۋەتتە بۇنىمۇ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۇنداقتا سىۋىچنى ئالماشتۇرۇشقا قانداق نەرسىلەرنى ئالماشتۇرىمىز؟ قاندىغىغا ئالماشتۇرىمىز؟

ئۇنى تىمىدىكى ئىنكاستىن كۆرۈڭ. تۆۋەندە ئىلغارراق بولغان سىۋىچلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2009-6-20 21:35:52

يېزىق قالايمىقان چىقىپ قاپتۇ.... مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا نورمال كۆرۈمىدىمۇ يا...............

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-20 21:52:58

ئادەتتە سىۋىچنى خىزمەت تېمپىراتۇرىسىغا ئاساسەن تىپقا ئايرىيمىز.  سىۋىچ تاللىغاندا ئادەتتە ماتورنىڭ قىسىش نىسبىتىغا ئاساسەن تاللىنىدۇ. قىسىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ماتورغا سوۋۇتۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان سىۋىچ تاللىنىدۇ. بازاردىكى سېتىلىدۋاتقان سىۋىچلارنىڭ ئۆلچىمى 5 گرادۇستىن 13 گرادۇسقىچە بولۇپ، زاۋۇتنىڭ سەپلىگىنى 6~7 گرادۇسقىچە بولىدۇ. بۇ سىفىرلار سىۋىچنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، سىفىرى قانچە چوڭ بولسا سىۋىچنىڭ سوۋۇتۇش ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ياسىلىشى ئىنچىكە-نەپس. ماتور يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلانغاندا ئوتنى دەل جايىغا ئېتىش، تولۇق ئېتىش، ئوت سۈپىتى ياخشى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ماتورنىڭ كۈچىنىڭ تولۇق چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

سىۋىچنى ئالماشتۇرغاندا ئىقتىدارىغا ماس ھالەتتىكى سىۋىچنى تاللاش زۆرۈر. ئەگەر تۆۋەن قىسىش نىسبىتىدىكى ماشىنىغا يۇقىرى گرادۇسلۇق سىۋىچنى تاللىۋالسا تۆۋەن سۈرئەتتە ئوت ئېتىش مۇقىم بولماسلىق، ماتور ئوت ئېلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن باھاسى قانچە قىممەت، ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانسىرى ماشىنىڭىز شۇنچە ياخشى ئىشلەيدۇ دىگەن گەپ ئەمەس. ئادەتتە دۆلىتىمىزگە 7 ياكى 8 بولغان سىۋىچ بولسا يېتىدۇ. 9 ياكى يۇقىرىسىنى ئىسسىق بەلباغدىكى مۇسابىقە ماشىنىلىرغا ئىشلىتىش ماس كېلىدۇ. ماتىرىيالىنىڭ قانداق بولىشىغا كەلسەك، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۆزىڭىز قارار قىلسىڭىز بولىدۇ.

يەنە ئەسكەرتىشكە تېگىشىلىكى شۇكى، سىۋىچ ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ ماس كېلىشى، ماشىنىڭىزغا مەلۇم دەرىجىدە ماي تىجەپ بېرىدۇ.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2009-6-20 22:51:27

رەھمەت  پاسىبان.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 09:14:11

كىچىگىمىزدە نۇر قىلىپ ئوينايتۇق بۇنى

بەت: [1]
: ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (2)