Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-20 10:31:12

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (1 )

ماتورغا ھاۋا كىرگۈزۈش قۇرۇلمىسىنىڭ ئىش پرىنسىپىنى كۆپچىلىك بىلىشى مۇمكىن. بۇ بولسا ھاۋا كىرىش شىلەنكىسى.

بۇنىڭ بىر ئۇچى ھاۋا سۈزگۈچكە، يەنە بىر ئۇچى بولسا ماتورنىڭ ھاۋا كىرىش ئېغىزىغا تۇتىشىدۇ.  بۇ بولسا ھاۋا سۈزگۈچ

بۇ بولسا ماتوردىكى ھاۋانى <<تاپشۇرىۋالىدىغان>> قۇرۇلما :

خوش، ئەمدى بۇ نەرسىلەر بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇپ چىقتۇق. ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىلنىڭ ئىش پرىنسىپى ھەممىمىزگە ئايان. بىر دەۋر ئاخىرلىشىش ئۈچۈن ئوق سېلىندىرنىڭ ئىچىدە 4 قېتىم بېرىپ-كىلىپ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىنى ھەرىكەن ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ. يەنى ھاۋا بىلەن گازنى سۈمۈرىدۇ، ئۈستىدىن سىۋىچ بىلەن ئوت ئالدۇرىدۇ، قىسىلغان ھاۋا ئوت ئېلىپ ئوقنى كەينىگە ئىتتىرىدۇ. بۇ جەرياندا گازنىڭ تولۇق كۆيۈپ، كۈچلۈك ئىتتىرىش كۈچى بېرىشى ئۈچۈن يىتەرلىك ھاۋا بولىشى شەرت. ئۈستىدىكى ھاۋا سۈزگۈچ بىلەن كاناي بۇ ۋەزىپىنى تاماملايدۇ. ئەگەر سۈزگۈچنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا كېرەكسىز ئەخلەتلەر ماتورنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشى، ياكى ماتورغا ھاۋا يېتىشمەي بوغۇلۇپ قېلىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بۇ كىچىككىنە نەرسە ماتورنىڭ قۇۋۋىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسىدۇر. ئادەتتە ماتورنىڭ ئايلىنىشى 3500 دىن ئاشقاندىن كىيىن ھاۋا كىرگۈزۈش قۇرۇلمىسىنىڭ ئىش بېسىمى يۇقىرىلايدۇ. تىز ئايلىنىۋاتقان ماتورغا يىتەرلىك ھاۋا بولمىسا سۈرئەت ئاشۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. زاۋۇت قوراشتۇرغان بۇ قۇرۇلما پەقەت ئۆلچەملىك ھاۋا كىرگۈزۈش قۇرۇلمىسى بولۇپ، تىزلىنىش تەلىپى يۇقىرىراق بولغاندا بۇنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى تېخىمۇ كۆپ ھاۋا ماتورغا بېسىم قوشالايدۇ.

خوش، ئۇنداقتا قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ ئۆزگەرتكەندە نېمىلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك؟ تۆۋەندە بۇنىڭ بىرقانچە پارچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

ماشىنىنىڭ ماتور قىسمىنى ئۆزگەرتىش تىلغا ئېلىنغاندا ئەڭ ئاۋال بۇ تۈر، يەنى ھاۋا كىرىش سىستىمىسىنى ئەڭ ئاۋال ئەسكە ئالىمىز. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ھاۋا كىرىش سىستىمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى شەكلى ئاددى، ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك.

ھاۋا كىرىش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئىككى خىل بولىدۇ. بىرىنجىسى، ماتور قىسمىدىكى <<ھاۋا تاپشۇرىۋېلىش قۇرۇلمىسى>> نىڭ ئەسلى زاۋۇتتىكىسىنى ئىشلىتىپ، ھاۋا تازىلىغۇچنىڭ ھەجمى چوڭ، ئىقتىدارى ياخشى بولغىنىغا، كاناينىڭ تومراق بولغىنىغا ئالماشتۇرۇش؛ ئىككىنجىسى بولسا ئۈستىدىكى رەسىمنىڭ ئاستىدىكىدەك ماتورغا بىۋاستە ئۇلىنىدىغان <<قىشلىق موگو>> شەكىللىك قۇرۇلمىنى يەڭگۈشلەش. ئىككىنجى خىل ئۇسۇلدىكىسىنىڭ ھاۋا سۈمۈرش ئىقتىدارى ئەسلى زاۋۇتنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى بولۇپ، ماتورغا كېلىدىغان ھاۋانىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەممە نەرسىنىڭ يامان تەرىپىمۇ بولىدۇ. ئۇنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ماتورنىڭ شاۋقۇنى كۈچىيىدۇ.  كىچىك شىردىن چوڭ شىر بەكرەك ھۆكىرەيدۇ ئەمەسمۇ؟ لىكىن سىز ئۇنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىنكى ماتور كۈچىنىڭ ئارتىشىغا سەل قارىماڭ. ماتور ئايلىنىپ 3500 دىن ئاشقاندا بۇرۇنقىغا قارىغاندا سىزنى ئورۇندۇققا بەكرەك چاپلايدۇ. مۇشۇنداق ئالاھىدىكى بار. خوش، ئەمدى بىرقانچە پارچە ئۆزگەرتكەن رەسىملەرنى كۆرۈپ باقايلى:

كىيىنكى تىمىدا يەنە باشقا مەزمۇنلارنى يېزىشقا ئاللاھ نىسىپ قىلغاي...

(ئاپتورنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلغايسىز... )

yvonne يوللانغان ۋاقتى 2009-6-20 11:16:34

بىرىنچىسىنى air tube دەمدۇ؟

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-20 11:47:20

yvonne:
بىرىنچىسىنى air tube دەمدۇ؟

ھەئە

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2009-6-20 17:45:49

پاسىبان ئەپەندى  سىزچە  标志3007  بىلەن  雪铁龙世嘉   نىڭ قايسىسى ياخشىدۇ ؟

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-20 21:15:25

http://data.auto.sina.com.cn/car_compare/compare.html?ids=3829,3229

ئۈستىدىكىسى يېقىن كېلىدىغان ئىككى خىل تىپتىكىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى. ھەرئىككىسى بىر زاۋۇتنىڭ. ھەممىسى فرانسىيەنىڭ 标致 ماركىسىدىكى ماشىنىلار. ئىقتىدار جەھەتتە %95 ئوخشاش. لىكىن ماتورى بىلەن تەگلىكىدە پەرق بار ئىكەن.标致دا بولسا VVT نىڭ باشقا بىر شەكلى - CVTS连续可变正时系统 بار ئىكەن. بۇ ماتورغا كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان ھاۋانىڭ مىقدارىنى ئاپتۇماتىك كونترول قىلىدىغان تېخنىكا بولۇپ، ماي تىجەش بىلەن بىرگە گازنىڭ تولۇق كۆيۈشىگە بەلگىلىك پايدا يەتكۈزىدىغان تېخنىكا. لىكىن، 标致 نىڭ ماي تىجەش ئىقتىدارى يەنىلا تويوتا ۋە خونداغا يەتمەيدۇ. سىتروئىندا ئۇ ئىقتىدار يوق ئىكەن. شۇڭا سىز ئىچكى بېزىلىشى، ھەيدەشتىكى ۋە ئولتۇرۇشتىكى ھېسيات، سىرتقى كۆرىنىشى بويىچە تاللاۋېرىڭ. قايسىسىنى تاللىسىڭىز توغرا. چۈنكى پەرق زور ئەمەس.

ئەگەر مەن ئالىدىغان بولسام سىتروئىننى ئالغان بولاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ لايىھەسى سۈرئەت ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. تىز سۈرئەتتە ئۇنىڭ پەرقىگە يەتكىلى بولىدۇ.

بۇ ئىچكى بېزىلىشىنىڭ سېلىشتۇرمىسى :

307

سىتروئىن:

سىرتقى كۆرىنىشىدىن  307 :

سىتروئىن :

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 21:57:22

ھىم . رەھمەت ،توردىن مەنمۇ ئىزدەپ باقتىم .............................世嘉ياخشىدەك

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 21:13:03

مەن پاسىباننىڭ خېلى كۆپ تىمىلىرىنى كۆردۈم قارىسام ئاممىبابنىڭ ماشىنىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغاندەك!!!

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2009-6-28 13:52:07

مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم تويوتا، سۇبارۇ ۋە ساب . ئەگەر ماشىنا ئېلىش توغرا كەلسە ئائىلىگە تويوتانىڭ پرېۋيادىن بىرنى، ئۆزۈمگە سۇبارۇنىڭ Legacy دىن بىرنى ئالاتتىم. ياكى سابنىڭ 95 مۇ بولاتتى.
بەت: [1]
: ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات (1)