yolbaxqi-ksg يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 20:12:05

«نازىركوم » ھەققىدە

نازىركوم ھەققىدە

مەۋلان نىياز سەھرا

2007 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ <تەڭرىتاغ كۈيلىرى> پروگراممىسىدا نازىركوم ئۇسسۇلى توغرىسىدا ئىشلەنگەن سۆھبەت كۆرسىتىلدى . ئۇسسۇل كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن بۇ پروگراممىنى قىزىقىپ كۆردۈم لېكىن بۇ پروگراممىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىككى ئۇسسۇل مۇتەخەسىسىنىڭ نازىركوم ئۇسسۇلىنى <نازىركوم ئۇسسۇلى ئەسلى ئاياللار ئوينايدىغان ئۇسسۇل ئىدى ، بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا بۇ ئۇسسۇلنى يۇرتىمىز تۇرپاندا ئاياللار ئوينايدىكەنتۇق > ، <<نازىركوم> دېگەن بۇ ئاتالغۇ توغرا ئەمەس ، بۇ ئاتالغۇنىڭ توغرا ئاتېلىشى ئەسلى <نازىگوم> ئىدى> دەپ جاۋاب بىرىشى كۆڭلۈمنى غەش قىلىپ قويدى .

شۇنىڭدىن كېيىنكى چاغلاردا مەن نازىركوم ئۇسسۇلى ۋە <نازىركوم> دېگەن ئاتالغۇ توغرىلىق خېلى كۆپ ئىزدەندىم . بۇ جەرياندا تۇرپاندىكى پىشقەدەم خەلق سەنئەتكارلىرى ۋە نازىركوم ئۇسسۇلىنىڭ تارىخىنى ياخشى بىلىدىغان پېشقەدەم ئەدىب ، ئۇستازلىرىمىزنى قايتا - قايتا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ، نازىركوم ئۇسسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق تۆت رىۋايەتنى توپلىدىم :

1. ناسىرگاڭ رىۋايىتى : بۇ رىۋايەتتە سۆزلىنىشىچە ، ئەل ئىچىدە ناسىر ئىسىملىك بىر سازەندە ۋە قىززىقچى كىشى بولۇپ ، ئۇ يەنە ناھايىتى ماھىر ئۇسسۇلچى ئىكەن ، ئۇنىڭ ئوينىغان ئۇسسۇلىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ، كۈلۈپ ، تېلېقىپ كىتىدىكەن . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قۇمۇل ۋاڭى ئۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ ، قۇمۇلغا تەكلىپ قىلىپ ، ئوردىدا ناھايىتى كاتتا زىياپەت تەييارلاپتۇ . ناسىر دىگەن بۇ كىشى شۇ زىياپەتتە ھەرخىل ھايۋانلارنى دوراپ شۇنداق قىزىقارلىق ئۇسسۇل ئويناپتۇكى ، ئوردا ئىچىدىكى پۈتكۈل ئەل - جامائەتنىڭ ئەقلى ھەيران قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن قۇمۇل ۋاڭى ئورنىدىن تۇرۇپ <ئاپىرىن ، يارايسەن ، ناسىرگاڭ يارايسەن> دەپ ئۇنى كاتتا تارتۇقلاپتۇ ھەم قۇمۇلدىكى ئەلنەغمىچىلەر ئارىسىدىن بەش يىگىتنى تاللاپ تەربىيلەپ بىرىش ئۈچۈن ناسىرگاڭغا شاگىرتلىققا بىرىپتۇ ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ناسىرگاڭ پەدىسىنى ۋە قۇمۇل ئۇسسۇلىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇسسۇلىنى پۇختا ئىگەللەپ كېلىشىنى جېكىلەپتۇ ، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئۇسسۇل <ناسىرگاڭ پەدىسى> دەپ ئاتالغانمىش .

2. نەزىرىكام رىۋايىتى: بۇ <نەزەر دائىرىسى كەم> دېگەن مەنىدە بولۇپ ، بۇ رىۋايەتتە سۆزلىنىشىچە ، بۇرۇن نەزەر ئىسىملىك بىر باي ئۆتكەنىكەن ، ئۇنىڭ بىر كۆزى كور بولغاچقا ، كىشىلەر ئۇنى يەكچەشمە نەزەر باي دەپ ئاتايدىكەن ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ ، <نەزىرىكام ۋاي ۋاي ، نەزىرىكام> دەپ قوشاق توقۇشۇپتۇ . بۇ قوشاق ئەل ئىچىگە ناھايىتى تىز تاراپ ، ناخشا قىلىپ مەشرەپلەردە ئېيتىلىشىپ ، ئەل ئىچىگە تاراپتۇ .

3. نازىركام رىۋايىتى : بۇ رىۋايەتتە سۆزلىنىشىچە ، بۇنىڭدىن 600 يىل بۇرۇن تۇرپاندا ئابدۇللا غوجا دەيدىغان كىشى ئۆتكەنىكەن ، بۇ كىشى ناھايىتى قىززىقچى ، يۇمۇرىستىك ئادەم بولۇپ ، خان ئوردىسىدا ئۇسسۇل ئوينايدىكەن . كۈنلەر ئۆتۈپ ، بۇ كىشى ياشىنىپ قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئېسىل ماھارەتلىرىنى نازىر دېگەن ئوغلىغا ئۆگىتىپتۇ ۋە ئوغلىغان <بۇ ئۇسسۇلنى سەن ئوينىساڭ خان كۈلمەيدۇ ، شۇڭا سەن بۇ ئۇسسۇلنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ باققىن> دەپ مەسلىھەت بىرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن نازىر دېگەن بۇ يىگىت دادىسىنىڭ گىپى بويىچە ئۇسسۇلنى ئۆزگەرتىپ ، خاننىڭ ئالدىدا نىقاپ كىيىپ ھەرخىل ھايۋانلارنى دوراپ ئويناپ ، خاننى خۇشال قىلىۋىتىپتۇ ، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئۇسسۇل نازىر دېگەن يىگىتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قاپتۇ .

4. ناسىركام رىۋايىتى : بۇ رىۋايەتتە ئىيتىلىشىچە ، تۇرپان ۋاڭلىقنىڭ ئوردا سەنئەتكارلىرى ئىچىدە ناسىر دەيدىغان بىر كىشى بولۇپ ، بۇ كىشى ناھايىتى قابىل سازەندە ۋە يىتىشكەن قىزىقچى ، شۇنداقلا ماھىر ئۇسسۇلچى ئىكەن . ئۇ قاتناشمىغان مەشرەپ قىزىمايدىكەن . ئۇ سازەندىلەر بىلەن ساز چىلىشىپ ، تازا ئەۋجىگە چىققاندا ، سازەندىلەر <ۋاي - ۋاي ناسىركام> دىيىشى بىلەن تەڭ چىلىنىۋاتقان راۋابىنى قويۇپ ، ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كىتىدىكەن . ئۇ ئۇسسۇلغا چۈشۈش بىلەن سورۇن ئەھلى <ناسىركام ئۇسسۇلغا چۈشتى> ، <ۋاي ناسىركام ئۇسسۇلغا چۈشتى> دىيىشىپ ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كىتىدىكەن . شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئۇسسۇل ناسىركامنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپتىكەن . بۇ رىۋايەت ئالدىدىكى <ناسىرگاڭ رىۋايىتى> بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ . مەن مۇشۇ ئىككى خىل رىۋايەتنىڭ مەلۇم ئاساسى بارمىكىن ، دەپ قارايمەن ، لېكىن بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كىلىدۇ .

نازىركوم ئۇسسۇلى توغرىسىدا خېلى كۆپ ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان بولساممۇ ، لېكىن <نازىگوم> دېگەن رىۋايەتنى تۇرپاندىكى بىرەر كىشىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقمىدىم . <سەنئەت گۈلزارى> پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرغان نازىركوم ئۇسسۇلى ھەققىدىكى سۆھبەتتە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئۇسسۇل مۇتەخەسىسى يەنە : <<تارىخى ھەمىدى> نىڭ 155 - بىتىدە <مەنچىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلار قويۇپ بىرىلگەندىن كېيىن ، يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە ۋاي نازىگوم ، ۋاي - ۋاي نازىگوم دېگەن ناخشىنى ئىيتىپ ماڭغان ، بۇ ناخشا ھازىرمۇ ئەل ئىچىدە ئېيتىلىپ كىلىۋاتىدۇ > دېيىلگەن . مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ، تۇرپان نازىركومى ئەنە شۇ كىتابتا دېيىلگەن نازىگوم دىگەن ناخشىنىڭ دەل ئۆزى شۇ > دەپ چۈشەندۈردى .

ھالبۇكى ، <تارىخى ھەمىدى> دە تىلغا ئىلىنغان <نازىگوم> دېگەن غەزەلدە مۇڭلۇق ھېسيات ئاساسى ئورۇندا تۇراتتى ، تۇرپان رايونىدا ساقىلىنىپ كىلىۋاتقان نازىركوم ئۇسسۇلىنىڭ مۇزىكىسغا ، ناخشىسىغا دىققەت قىلساق ، ئۇنىڭدا ھەر ۋاقىت جۇشقۇنلۇق ، جەسۇرلۇق ۋە جانلىق ، خۇشال كەيپىياتنىڭ نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ . شۇڭلاچقا مەن تۇرپان نازىركومىنىڭ <تارىخى ھەمىدى> دە ئېيتىلغان <نازىگوم> دېگەن غەزەل بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايمەن .

نازىركوم ئۇسسۇلى ھازىرغىچە كەسىپداشلىرىمىزغا بىر سىر بولۇپ كىلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ تارىخى كىلىپ چىقىشى ۋە <نازىركوم> ئاتالغۇسى توغرىسىدا ئىزدىنىشلەر ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بولسىمۇ ، تېخى ئېنىق بىر جاۋاب چىققىنى يوق . مەن ئۆزۈم ئىگەللىگەن ماتېرىيال ۋە توپلىغان رىۋايەتلەرگە ئاساسەن ، نازىركوم ئۇسسۇلى توغرىسىدا ماقالە يىزىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن بولساممۇ ، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ئۇقۇمغا ئېرىشەلمەي تۇرۇپ ، ماقالە ئېلان قىلىپ باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن ھازىرغىچە ماقالە ئېلان قىلمىغانىدىم . لېكىن بۇ ماقالەمدە يۇقىردا ئىيتىلغان رىۋايەتلەرنى تىلغا ئىلىشنى ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن . مەن ئىشىنىمەنكى ، تۇرپان خەلق ئۆزى بىلەن تەڭ تۇغۇلۇپ ، تەڭ چوڭ بولغان ، تەڭ ياشاپ كىلىۋاتقان ۋە قەدىمدىن ئۆزلىرى چىلىپ ، ئۆزلىرى ئېيتىپ ، ئۆزلىرى ئويناپ كىلىۋاتقان بۇ ئەنئەنىۋى تەۋەرۈك سەنئەتنىڭ تارىخى كىلىپ چىقىشى ۋە <نازىركوم> ئاتالغۇسى توغرىسىدا ھامان بىر كۈنى پۈتكۈل خەلق قايىل بولغۇدەك ۋە قانائەتلەنگۈدەك جاۋابنى تىپىپ چىقالايدۇ .

(ئاپتور : شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدە)

<شىنجاڭ سەنئىتى> ژورنىلىنىڭ 2009 - يىللىق 3 - سانىدىن ئىلىندى .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 20:41:02

مەۋلان نىياز شائىر بولۇپ كېتپتىيا

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 21:03:16

قېنى شېئىر؟

Oginish يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 21:08:16

ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە ئاپتورلۇقىدىكى « ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى » دېگەن كىتابنىڭ « ئىپتىدائىي سەنئەت ۋە ئىستىتىك ئاڭ » ماۋزۇلۇق بۆلىكىدە نازىركوم ئۇسسۇلى، ئۆردەك ئۇسسۇلى، توخۇ ئۇسسۇلىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە ئازراق مەزمۇن بار. ئىسىمدە قىلىشىچە، ئاپتور يۇقارقى ئۇسسۇل شەكىللىرىنى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشىغا باغلاپ تەھلىل قىلغان.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 21:13:15

ھىكايە يازىدىغان شائىر (مۇساپىرلار قاۋىقىدا ھىكايىسىدىكى ئاتالغۇ )

powerman5000 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 12:58:26

بۇ ناخشا ئەڭ بۇرۇن نازىر دېگەن بىر تور بېكەتتە ئاڭلىتىلغان بولغاچقا ، شۇ توربېكەتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپتىكەنمىش ، يەنى nazir.com

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 14:16:29

ھا ھا ھا ماۋۇ رەسمى يۇمۇر بوپتۇ. 1000 يىلدىن مۇشۇ گەپكە ئىشىنىدىغان ئەۋلادلېرىمىزمۇ چېقىپ قالىدۇ جۇمۇ.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 19:33:12

مەۋلان نىيازنى بۇنداق نەرسە يازىدۇ دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 21:17:14

powerman5000:

بۇ ناخشا ئەڭ بۇرۇن نازىر دېگەن بىر تور بېكەتتە ئاڭلىتىلغان بولغاچقا ، شۇ توربېكەتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپتىكەنمىش ، يەنى nazir.com

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 21:23:10

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 21:25:57

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 21:31:32

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 21:32:50

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 21:36:31

بەت: [1]
: «نازىركوم» ھەققىدە