tevekkulqi يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 19:47:53

يېڭى كىتاب: «ۋەقىپ، ئىنفاق، خىزمەت»

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى:

تور ئارىلاپ يۈرۈپ، يېڭى چىققان بىر ئېلكىتاب ئېلانىنى كۆرۈپ قالدىم. خالىغانلار چۈشۈرۈپ ئوقۇپ باققايسىلەر.

ئېلاندا مۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ كىتابنى:

ھەقىقىي سۆيگۈنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئالامىتى پىداكارلىقتۇر. سۆيگۈچى سۆيۈلگۈچىنىڭ يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشنى سۆيگۈسى نىسبىتىدە خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. شۇڭا، مۆئمىن بىر يۈرەك ياراتقۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن پۈتكۈل مەخلۇقاتنى شەپقەت ۋە مەرھەمەت ھىس-تۇيغۇسى بىلەن قۇچاقلىشى كېرەك. قولۇڭلاردىكى بۇ كىتابتا ئىسلام مەدەنىيەتنىڭ پەزىلەت نەمۇنىلىرىدىن ۋەقىپ، ئىنفاق، خىزمەتكە ئائىت مەزمۇنلار تەپسىلىي بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە بۇ مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرى بولغان ئوسمانىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ ۋەقىپ مەدەنىيەتىگە قوشقان تۆھپىسى، دىنىمىزدىكى ئىنفاق ۋە ئۇسۇلى، خىزمەت ۋە خىزمەت ئۇسۇلى قاتارلىق تېمىلار قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى، پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابە كىراملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن، ھېكمەتلىك سۆزلەردىن نەقىل ئېلىنىپ بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ ھەر بىر بېتىگە مۇۋاپىق رەڭلىك رەسىملەر كىرىشتۈرۈلگەن. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ چوقۇم ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ.

كىتابنىڭ بەزى بەتلىرى يۇقارقىدەك ئىكەن.

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

http://www.worldpublishings.com/images/book/uygurca/vakif_infak_hizmet_ug.pdf

murad يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 20:31:08

بەك سۈپەتلىك كىتابكەن. رەھمەت سىزگە.

tevekkulqi يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 20:45:00

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 09:08:04

مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم  رەھمەت سىزگە

tughluq يوللانغان ۋاقتى 2009-6-18 14:39:48

چۈشۈرۋالدىم ،رەخمەت.
بەت: [1]
: يېڭى كىتاب: «ۋەقىپ، ئىنفاق، خىزمەت»