بۇلارنى بىلەمسىز؟ (ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن سۆزلەر )
قوي__توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ قوچقار . چىشىسى __ ساغلىق . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قوزا ، توخلا .
كالا__ توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى__ بۇقا . چىشىسى __ ئىنەك ، سىيىر . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ موزاي .
ئۆچكە __توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى__ تېكە . چىشىسى __ئۆچكە . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ ئوغلاق .
ئات __توپ ئاتىلىشى__ يىلقا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ ئايغىر . چىشىسى __ بايتال . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قۇلۇن .
ئېشەك __توپ ئاتىلىشى __ ئۇيۇر . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى__ ھاڭگا . چىشىسى __ مىدە . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ تەخەي .
__تۆگە__توپ ئاتىلىشى __پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى __ بۇغرا . چىشىسى __ ؟ . بالىسى بوتىلاق .
قوتاز __توپ ئاتىلىشى __پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى __ بۇقا . چىشىسى __ ئىنەك . بالىسى __ موزاي .
توڭگۇز __توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ قاۋان . چىشىسى __ مىكىجىن . بالىسى __ توراي
مەنبە:
http://hi.baidu.com/aynurigul/blog/item/a68b31cb1375a5f553664f6c.html
يەنە باشقىلار بىلىدىغېنىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار!
بۇسۆزلەر ئۇنتۇلۇپ كەتمىسە.
تۆگىنىڭ چىشىسىنى نار تۆگە دەيدىغۇ دەيمەن. ruslan007:
توڭغۇز مۇ ياكى توڭگوز مۇ ؟
توڭگۇز(چوشقا)ئىدى .ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
ئىسىمدە قېلىشىچە بۇ ئاتالغۇلار چىن تۈمۈر باتۇر داستانىدا چىقىدىغۇ دەيمەن ، دېمىسىمۇ بارا-بارا بۇ سۆزلەر ئۇنتۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ .تەرەققىيات مۇشۇمىدۇر، بىر قانتازىيلىك ھىكايىدە كەلگۇسىدىكى ئەۋلاتلارنىڭ ئەجداتلىرىمىزدەك دالىدا تاماق ئىتىشنى ئۇگۇنىمىز دەپ تاماق ئىتەلمەي قىيىنالغانلىقى ھېلىمۇ ئىسىمدە،
1/2 قىسىمىنى بىلىدىكەنمەن.
كالىنىڭ چىشىسىنى سىيىر دەيمىز ، تۇغقان بولسا ئىنەك ، تۇغمىغان بولسا غونجىن دەيمىز .ئەسلى مىكىجىن دېگەن تۇڭگۇزنىڭ چىشىسىكەندە باشقىلار بۇ گەپنى تولا دېسە نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن.
.
سىزگە تولا دەمتى ؟

kainam:
كالىنىڭ چىشىسىنى سىيىر دەيمىز ، تۇغقان بولسا ئىنەك ، تۇغمىغان بولسا غونجىن دەيمىز .
كالىنىڭ چىشىسىنى ئىنەك، سۈت بېرىۋاتقىنىنى سىيىر دەيدىغاندىمىز؟
ئاندىن باشقا كالىنىڭ تېخى قۇرامىغا يەتمىگىنىنىڭ چىشىسى غونىجىن، ئەركىكى توپاق.
باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا سىنىپىمىزدىكى بىر قىزنى مىكىجىن دەپ تىللايتتىبىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم، چاچلىرى بۇدرە ئىدى،، ئەسلى مەنىسى مۇنداق ئىكەندە~ مەن تېكىنى بەك بىلىمەن!
mayhana:
ئۇژ دىگەنمۇ كالا
پىچىۋەتكەن كالىنى دەمسىز ؟ ئۇي دۇ ؟
لەقەمگە بەك كېلىدۇ دە
يىلاننىڭ يوققۇ؟يىلاننى نىمە دەيمىز؟
تۆگىنىڭ چىشىسىنى ھىنگان دەيدىغاندىمىز؟
بۇلارنى تېخى ئۇنتۇپ كەتمىدۇققۇ
UyghurBaligh:
قوي__توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ قوچقار . چىشىسى __ ساغلىق . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قوزا ، توخلا .
كالا__ توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى__ بۇقا . چىشىسى __ ئىنەك ، سىيىر . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ موزاي .
ئۆچكە __توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى__ تېكە . چىشىسى __ئۆچكە . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ ئوغلاق .
ئات __توپ ئاتىلىشى__ يىلقا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ ئايغىر . چىشىسى __ بايتال . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قۇلۇن .ئېشەك __توپ ئاتىلىشى __ ئۇيۇر . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى__ ھاڭگا . چىشىسى __ مىدە . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ تەخەي .
__تۆگە__توپ ئاتىلىشى __پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى __ بۇغرا . چىشىسى __ ؟ . بالىسى بوتىلاق .
قوتاز __توپ ئاتىلىشى __پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى __ بۇقا . چىشىسى __ ئىنەك . بالىسى __ موزاي .
توڭگۇز __توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ قاۋان . چىشىسى __ مىكىجىن . بالىسى __ تورايمەنبە:
http://hi.baidu.com/aynurigul/blog/item/a68b31cb1375a5f553664f6c.html
يەنە باشقىلار بىلىدىغېنىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار!
بۇسۆزلەر ئۇنتۇلۇپ كەتمىسە.
***************************************************************************************************************
ئاتنىڭ بالىسى تاي بولىدىغاندۇ؟
توڭگۇزنىڭ بالىسىنى چىلپە دەپ ئاڭلىغان.
كالىنىڭ پىچىۋەتكىنىنى ئوكۈز،ئۇي دەپمۇ قويىدۇ.قورامىغا يەتمىگەن بۇقىنى غۇنان، قورامىغا يەتمىگەن ئىنەكنى غۇنجۇن دەيدۇ.
ئوچكىنىڭ پىچىۋەتكىنىنى سەينەك دەيمىز.
كالا بىلەن قوتازدىن چۇشكەن شالغۇتىنى خەنەك دەيدۇ.