Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-16 23:40:29

XP قانچىلىك ئىچكى ساقلىغۇچ كۆتۈرەلەيدۇ ؟

ماشىنامنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىنى 4G قىلسام 3.5G تۇنۇپتۇ . Vista غا كۆچەي دىسەم نۇرغۇن دىتاللىرىم ئىشلىمەيدۇ ، XP نىڭ قايسى نەشرى تۇلۇق تۇنۇيدۇ ؟

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2009-6-16 23:43:14

ئەينى ۋاقىتتا بېل گايتىس دېگەن ئاداش32 MB دىن يۇقىرى بولسا Windows سېستىمىلىرىنى ئەركىن ئىشلىتەلەيدۇ  دەپ پو ئاتقان.

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2009-6-16 23:46:02

32 بىتلىقى 4G غىچە كۆتۈرەيدىغۇ دەيمەن ئەڭ چوڭ بولغاندا، پەرىزىمگە ئاساسلانغاندا سىزنىڭ سېستىمىڭىزمۇ 32 بىتلىق، دېمەك 32 بىتلىق XP نىڭ نەزىرىيە جەھەتتىن ئەڭ كۆپ كۆتۈرەلەيدىغىنى 4G بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە 3.5G غا ئاران چىقالايدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ بوپتۇ.
64 بىتلىق XP نى 128GB قىچە كۆتۈرەلەيدۇ دەپ ئاڭلىدىم، بىراق شارائىت بولمىغاچ سىناپ باقمىدىم. Vista نىڭ SP2 غىچە چىقىپ بوپتۇ، مەنغۇ تېخىچە SP1 دە، كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم، ھازىرغىچە مەن ئىشلىتىۋاتقان بارلىق نەرسىلەر نورمال خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، سىزنىڭ مۇزىكا بىلەن ھەپىلىشىدىغان دېتاللىرىڭىزمۇ ئىشلەپ قالارمىكىن دەيمەنغۇ؟

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-16 23:49:19

Vista دا ئىشلىمەيدۇ نۇرغۇن قىستۇرما دىتاللار

ئاڭلىسام Windows 7 كۆتۈرەلەيمىش . سىناپ باققانلار ئۇچۇرىنى بەرگەن بولسا ياخشى بۇلاتتى . مەن سىناي دىسەم ئىككى ، ئۈچ كۈن خىزمىتىمنى توختىدۇ . مىنىڭ سىستىما قاچىلىشىمغا ساق بىركۈن يەتمەيدۇ

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 00:11:41

سىز چوقۇم مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن قىلىسىزغۇ دەيمەن. مېنىڭچە ۋىندوۋس 7 گە ھازىرچە ئۆتمەڭ. مەن سىناپ باقتىم مۇزىكا دېتاللىرىدا يەنىلا ۋىستاغا ئوخشاش چاتاقلار باركەن. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئىكىس پ ئىكەن. 32 بىت سېستىمىدا شۇ 3 گىگابايتتىن جىقنى كۆرەلمەيدۇ. ئەگەر مەركىزى ئىشلىگۈچ كۈچلۈك بولسا 3 گىگابايت سىغىم يېتىدىغۇ مۇزىكا ئىشلەشكە. مېنىڭمۇ بۇرۇن ئىكىس پ دە 3 گىگابايت رام بارتى. لېكىن 78-80 VST ئاچساممۇ قېتىۋالماي ياخشى ماڭاتتى.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 00:14:15

يامان چوڭ بىر مۇزىكىغا تۇتۇش قىلىۋاتقان ...سەل سۆرەۋاتىدۇ

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 00:17:07

ھازىرچە بىر ئاماللارنى قىلىپ قاملاشتۇرۇپ تۇرۇپ، سەل بىكار بولغىنىڭىزدا كومپيۇتېرلىرىڭىزنى ئومۇميۈزلۈك بىر يېڭىلىۋالسىڭىز بولغۇدەك ئۇنداقتا. 7 ھەقىقەتەن تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، ھازىرچە ياخشى XP نى تاللاپ ئەلالاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز، مۇشۇ ئەڭ ياخشى تاللاش بولغۇدەك

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 00:18:05

شۇ ئۇمۇمى يۈزلۈك يىڭىلاندى .......

بىرمەزگىل ئىسىراپ بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ھە.....

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 00:24:01

Musicfan:
يامان چوڭ بىر مۇزىكىغا تۇتۇش قىلىۋاتقان ...سەل سۆرەۋاتىدۇ

كالا ھارۋۇسىغا قاتقاندىنكىن ئامال يوق

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 00:39:11

ئىسراپ بولۇپمۇ كەتمەس، ئىشقىلىپ مەن كومپيۇتېر سەۋىيەمنى سىزدىن يۇقىرى دەپ قارىمايمەن، مەن تېخى كومپيۇتېر ئالماستا سىزنىڭ نەچچە GB لىق ساقلىغۇچلىرىڭىز بارتى، ئۆز كەسپىڭىزدىكى مەشغۇلاتلارغا يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق تاقابىل تۇرسىڭىز ياخشى

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 01:18:38

مەركىزى ئىشلىگۈچىڭىز نېمە؟
سىز ئاساسلىقى مۇزىكا ئىشلەيدىغان ئادەم بولغاندىن كېيىن راۋۇرۇسراق 4 ئۆزەكلىك ئىشلىگۈچتىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەل-پەل ئوۋېركلوك باسسىڭىز شاش تۇلپاردەك سۆرەيتتى، ھەرقانچە چوڭ مۇزىكا بولسىمۇ. مەسىلەن مەن سىزگە Q6600 نى تەۋسىيە قىلىمەن. ھازىر باھاسىمۇ خېلى چۈشتى، ئۆزىنىڭ نورمال سائەت تېزلىكى 2.4 Ghz لېكىن ۋولتنى جىقايتماي تۇرۇپمۇ 3.2 گىچە چىقىدۇ. ئازراق ۋولت بېرىپ 3.5 قىلىۋالسىڭىز ھەرقانداق مۇزىكا بولسىمۇ غىڭ قىلماي كۆتۈرەلەيتتى. ئىچكى سىغىم 3 گىگابايت يېتىدۇ، چۈنكى VST لار مەركىزى ئىشلىگۈچكە بەك بېقىنىدۇ. شۇڭا ئىشلىگۈچ كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ئۆزەمنىڭ تەجرىبىسى.

مەن قاراڭ، 25-30 تالدەك VSTi (ئەڭ ئېغىرلىرىدىن) ، يەنە 70-80 تالدەك VST FX ئىشلەتكەن بىر مۇزىكىدا، ئىشلىگۈچ  يەنە بارمۇ دەپ تۇرغانتى. سىز ھەرقانچە بولسىمۇ بىرەر يۈز كىشىلىك ئوركېسترا ئورۇنلىمايدىغانسىز .

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 08:19:40

64 بىتلىق xp ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. 32 بىتلىق xp غا زايا كېتىدۇ. يا بولمىسا vista , windows7 ئىشلىتىڭ.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 09:16:41

نەزەرىيە جەھەتتىن 4 جى، 64 بىتلىق ماشىنىدا 128 جى .
http://msdn.microsoft.com/en-us/library/aa366778.aspx#physical_memory_limits_windows_xp

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 17:50:35

4G !!!!!!!!
مەن تېخى 512MB لىق ئىچكى ساقلىغۇچتىن قۇتۇلغىلى ئۇزۇن بولمىدى ~~~~ زاماننىڭ كەينىدە قېلىۋاتىمەن جۇمۇ....

saye يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 13:38:32

Musicfan:

Vista دا ئىشلىمەيدۇ نۇرغۇن قىستۇرما دىتاللار

ئاڭلىسام Windows 7 كۆتۈرەلەيمىش . سىناپ باققانلار ئۇچۇرىنى بەرگەن بولسا ياخشى بۇلاتتى . مەن سىناي دىسەم ئىككى ، ئۈچ كۈن خىزمىتىمنى توختىدۇ . مىنىڭ سىستىما قاچىلىشىمغا ساق بىركۈن يەتمەيدۇ

ئەگەر سىز  Windows 7 مۇھىتىدە سىناب باقماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى  Windows 7 سېستىمىسىنى مىكروسوفت شېركىتى تەمىنلىگەن تور بېكەتتىن چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇراي . (بۇ ئەنگىلىزچە نۇسخا ئەلۋەتتە. ئەمما بۇنىڭ خەنزۇچە تىل يامىقىنى توردىن تېپىش تەس ئەمەس . Windows 7 نىڭ خەنزۇچە گوستلانغان نۇسخسىمۇ بار، ئەمما بۇنى تەۋسىيە قىلمايمەن ) .  بۇنىڭ iso ھۆججىتى تەخمىنەن 7.2 گىگابايت كېلىدىغۇ دەيمەن . مەن چۈشۈرگەندە شۇنداق ئىدى، ئەمما بۇ تور بېكەتنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشۈرۈش دىتالى بار. سۈرئىتى خېلى تېز.

http://www.microsoft.com/windows/windows-7/default.aspx

ئەگەر سىز سىناب باقماقچىلا بولسڭىز ، كەمىنە يوللىغان  vm دىتالىدىن پايدىلىنىپ مەۋھۇم كومپىيوتۇر ياساش دىگەن تېمىغا كىرىپ ، vm يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق سىناب باقسىڭىز بولىدۇ.

تېما ئادرىسى : forum.php?mod=viewthread&tid=37025

vm يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق سىنىسىڭىز كومپىيوتۇرىڭىزنىڭ ئەسلى سېستىمىسىغا يەنى ھازىرقى سىز ئىشلىتىۋاتقان سېستىمىغا تەسىر قىلمايدۇ. سىز سىناپ بولغاندىكىن كېيىن مەۋھۇم كومپىيوتۇر ئىشلەتكەن ھەجىمنى ئۆچۈرۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. كومپىيوتۇرنىڭ ئەسلى مەشغۇلاتىغا چوڭ تەسىر قىلمايدۇ .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-22 22:35:12

كۆپ رەھمەت بۇرادەر
بەت: [1]
: XP قانچىلىك ئىچكى ساقلىغۇچ كۆتۈرەلەيدۇ ؟