Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2009-6-16 22:29:02

Windows 2003 سېستىمىسىنىڭ USP10.DLL ھۆججىتىنى قانداق ئالماشتۇرىم

Windows 2003 سېستىمىسىنىڭ USP10.DLL ھۆججىتىنى قانداق يېڭىلايمىز ؟ بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار .
مەن DOS قا كىرىپمۇ يېڭىلاپ باقتىم ، بىراق سېستىما قايتا قوزغالغاندا خاتالىق كۆرۈلىدىكەن .

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2009-6-16 23:47:34

ئويغان كىرگۈزگۈچ، چىرايلىق فونت قاتارلىق قوراللاردا USP10.dll نى ئاپتوماتىك يېڭىلايتى، ئاشۇ يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىقلا يېڭىلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 11:15:50

Win server 2008 گىلا كۆچۈڭە..

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 11:20:29

Win2003 تە ھەر قانچە يىڭىلىسىمۇ ئە ھەرىپى يەنىلا بۇرۇنقىدەك چىقىۋالىدۇ.  win2003 ئەسلىدىنلا مۇلازىمىتېر سېستىمىسى بولغاچقا، تور بەت كۆرىمەن دەپ ئولتۇرۇش ئاۋارىچىلق.

ھەي باچكىجان؟ ئاخىرى بۇ تىمىدا تۇتۋالدىم سىزنى. قىنى بىزگە بىرىدىغان Win2008 ؟؟؟  ياكى  كەپتەر جەمەتىدىكىلەرگە بەرمەيدىغان Win2008 مۇ ئۇ؟

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2009-6-17 17:47:01

شۇ «ئە»ئۇلانماي چىقىۋېلىپ ،  USP10.dll نىڭ كاشىلىسىمىكىن دەپ يېڭىلاپ باقاي دىگەن . ئەگەر ئوڭشالمايدىغان ئىش بولسا ، بولدى يېڭىلىمايلا قوياي .
Win Server 2008 نى قاچىلاي دىسەم ، كومپىيۇتېر شىركەتنىڭ ، يا قالايمىقان ئۆزگەرتكىلى بولمىغان سېستىمىسىنى . Win Server 2008 نىڭ كومپىيۇتېرغا بولغان تەلىپى قانداقراق ؟ مىنىڭ بولسا خاتىرە كومپىيۇتېر ، HP nx6325 .
بەت: [1]
: Windows 2003 سېستىمىسىنىڭ USP10.DLL ھۆججىتىنى قانداق ئالماشتۇرىمىز