كورېئانلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ماكانلىشىشى
كورېئانلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ماكانلىشىشى
ئوتتۇرا ئاسىيادا كورېئانلار 350 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ، ئۆزبىكىستاندا 230 مىڭ ، قازاقىستاندا 100 مىڭ ، قىرغىزىستاندا 20 مىڭ ، تۈركمەنىستاندا 5000 مىڭ ، تاجىكىستاندا 1000 - 2000 غىچە ماكانلاشقان .
19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى ، كورېئانلار تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە روسىيىگە كۆچۈپ بارغان . ئۇلار ئاساسەن نامرات دېھقانلار ياكى تۆرىلەرنىڭ زۇلۇمىغا ، شۇنداقلا ياپونىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كورېئان ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئىدى . ئەينى چاغدا روسىيە دائىرلىرى كورېئانلارغا ناھايىتى زىددىيەتلىك پوزىتسىيە تۇتقان . روسىيە كۆچمەن بوز يەر ئاچقۇچىلارغا مۇھتاج بولسىمۇ ، ئاسىيلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچغپ كىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان . كۈنلەرنىڭ بىرىدە قوشنا ئەللەرنىڭ روسىيىگە زېمىن تەلىپى قويۇشىدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلغان . ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ھارپىسىدا روسىيىدە 100 مىڭغا يېقىن كورېئانلار بولۇپ ، ئاساسلىقى يىراق شەرقتە ئولتۇراقلاشقان . ئۇلار روسىيدە پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقات قىلىپ ، روس تىلىنى ئۆگەنگەن . گراژدانلار ئۇرۇش مەزگىلىدە كورېئانلار بولشېۋىكلار تەرەپتە تۇرغان . چۈنكى بولىشۋىكلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كومسىتىش ھەرىكەتلىرىنى قەتئى چەكلىگەن ، ئۇلارغا يەر تەقسىم قىلىپ بەرگەن . 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغا كەلگەندە ، يىراق شەرقتىكى كورېئانلار زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ، كورېئان يىزىقىدا گېزىت - ژورنال نەشىر قىلغان . بىراق سىتالىن ئەينى ۋاقىتتا سوۋىت - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ ، يىراق شەرقتىكى كورېئانلارنى <غەيرى ياپونلار> . ياپون جاسۇسى دەپ قاتتىق تىزگىنلىگەن . سىتالىن 1937 - يىلى 21 - ئاۋغۇست 180 مىڭ كورېئاننى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈرگەن . نۇرغۇن كورېئان سەپەر جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغا تۆھپە قوشقان نۇرغۇن كىشىلەر ، زىيالىيلار تۈرمىگە قامالغان . كورېئانلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقاقلاشتۇرىتىلگەن . ئۇلار ئاساسلىقى ئۆزبىكىستان بىلەن قازاقىستانغا ئولتۇراقلاشقان . ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا دەشتلىرىدە كولخوزلارنى قۇرغان .
20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا روس تىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كورېئان ياشلىرىنىڭ ئانا تىلىغا ئايلىنىپ كەتكەن . كورېئانلار بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ نىكاھلىنىشى %40 كە يەتكەن . 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ئۆزبىكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق خەلقئارالىق مۇزىكا كۆرىكىدە ئۆزبىكىستاندىن تەلەپكە لايىق كورېئان تەرجىمانى چىقمىغان . 1953 - ، 1957 - يىللىرى خرۇششېۋ سۈرگۈن قىلىنغان مىللەتلەرنى يۇرت - ماكانلىرىغا قايتۇرغان . كورېئانلار قارشى ئېلىنىدىغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ، ئۇلاردىن ئوفېتسىرلار ، زىيالىيلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن . 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى كورېئانلاردىن ئادۋۇكات ، ئالىم ، ئاكادېمىكلار ، ئاتاقلىق شەخىسلەر مەيدانغا كەلگەن .
1988 - ، 1992 - يىللىرى كورېئانلار ئانا تىلنىڭ سېئول تەلەپپۇزىنى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان . ئۇلار بۇ ئارقىلىق يىلتىزىنى ئىزدەش ھەركىتىنى قوزغىغان . ئۇلار قازاقىستان ، ئۆزبىكىستان قاتارلىق ئەللەردە <كورېئان مەدەنىيەت مەركىزى جەمئىيەتلىرى > نى قۇرغان .
<ياشلار پايدىلىنىش گېزىتى> دىن ئەخمەت راخمان تەرجىمە قىلغان .
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 2009 - يىللىق 12 - ئىيۇن سانىدىن ئىلىندى .
ئوتتۇرا ئاسيەگە چىقانلاردىن ئۇ يەرىدە كورىيەلىكلەر سەي تېرىپ جىنى باقىدىكەن دېگەنتى، ئەمدى چۈشەندىم. ئاڭلىمىغان تارىخى بىلىمكەن،رەھمەت تېما ئىگىسى ئۆزبىكىستاندىكى كورىيەلىكلەر نىمانداق جىقتۇ، كورىيەلىكلەرنى نىمدا ئامراقتۇ ئۇ يەرگە دىسەم ئەسلى يىلتىزى بار ئىشكەن بۇ...:L