ئەجەپ بىر كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ
ئەجەپ بىر كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ
- بىر پىشقەدەم مائارىپچى تىلىدىن.
ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىنىمغا 20 يىلدىن ئېشىپتۇ. مەنمۇ ئىلگىرىكى ياش يىگىتتىن مانا بۈگۈن خېلى پىشقان، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىغا ئايلاندىم. بۇ كەسىپنى ئەزىز كۆرگەچكە، بارلىق مېھرىمنى بالىلارغا بېغىشلاپ كەلدىم. (گەرچە ئۆز بالىلىرىمغا ئانچە كۆڭۈل بۆلەلمىسەممۇ) ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئالدى خىزمەتتە، بەزىلىرى كانادا، فىرانسىيە، بەزىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇماقتا.
مەن ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ، داۋاملىق تىرىشماقتا ئىدىم. ئەپسۇس، يېقىنقى يىللاردىن بېرى مائارىپنىڭ يۈكسەك تەرەققىياتى بىلەن مەن زامانغا ماسلىشالماي ھالسىراپ قالماقتىمەن. ھازىرقى قوش تىل ئوقۇتۇشى مېنى بىر چەتكە قاقماقتا. چۈنكى، مەن خەنزۇتىلىدا دەرس بېرەلمەيمەن. يېقىندا مەكتىپىمىز بىرلەشمەكچى ئىكەن. بىزنى خۇددى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىغاندەك ئىمتىھان ئېلىپ، خەنزۇتىلىدا دەرس ئۆتكۈزۈپ باقىدىكەن. لاياقەتسىز بولساق، مۇنبەرگە چىقالمايدىكەنمىز. توغرا، ئىش ئورنىمىز، مۇئاشىمىز بار ئەلۋەتتە. لېكىن، مەن ئۆزۈمنىڭ سۆيگەن كەسپىدىن، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ئايرىلىپ قالىدىكەنمەن.
ئاھ، تەقدىر قىسمەتلىرىڭدىن ئۆرگىلەي! 20 يىلدىن ئارتۇق مائارىپ سېپىدە ئىشلەپ، مانا ئەمدى.... مائارىپ ئۈچۈن ئىشلىيەلمىسەم.
ئىلگىرىكى <<ئىلغار ئوقۇتقۇچى>>، <<ئىلغار سىنىپ مەسئولى>>، <<ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىكى ئىلغار>> دېگەن شەرەپلىك ناملىرىم نەلەرگىدۇر غايىب بولغانىدى. ھەي...
بوپتۇلا، ئىشنى قايتىدىن باشلاي. ئىلگىرى تالاي ئوقۇغۇچىلىرىمغا <<ئۈمىدلىك بول، چۈشكۈنلەشمە>> دەپ نەسىھەت قىلىغانىدىم. ئەمدى، ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرەي: بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلار سېپىنى سەرخىللاشتۇرۇش دېگىنى شۇمىكىن يا ھەشۇ ۋاقىتتا تەربىيلگەن ئۇقۇغۇچىللىرغا بىر تەربىيە كەم بولۇپ قالغان .
نىمە تەربىيە دەيسىز؟ akkaniyat:
توغرا، ئىش ئورنىمىز، مۇئاشىمىز بار ئەلۋەتتە.
ھەيتاڭ كېيىن ئۇمۇ بارمۇ يوق ؟
يۇمۇر :
بىرىنىڭ دادىسى تۈگەپ كېتىپتىكەن ، ئاغىنىلىرى مىيىت ئۇزۇتۇپ ،نەزىرلەردە خىزمەت قىلىپ ئاغىنىسىغا ھەمدەم بولۇپتۇ ،
نەزىر كۈنى قارا ئۇشتاش چېيىدا بىر مىنكاۋخەن دوستى ئۆلۈملۈك بولۇپ قالغان دوستىغا :
-ئاداش ،خىزمەت ئالدىراش بوپ قەپ داداڭنىڭ ئۆلۈمىگە بارالمىدىم ،خۇدا بۇيرىسا ئاپاڭنىڭ ئۆلۈمىگە ۋاقتىدا بارىمەن دەپتۇ ...
كۆپ گەپلارنى يازاي دېگەنتىم ...... ھىم ...
سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز ئەمدى مۇشۇنداق ئېسل مالىملىرىمىزدىن دەرس ئالالماي ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا تەپەككۈر قىلالماي نېمە بولۇپ كېتەر .!؟ كۆڭلۈمنى تىخىدىنمۇ يىرىم قىلىۋەتتى... سۈكۈت ئىچىدە ئېرىپ كېتەيلى....... بىزنىڭمۇ بۇرۇنقى غۇللۇق ئوقۇتقۇچىلىرمىز مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراۋاتىدۇ ھازىر ۋاپادارىمنىڭ يۇمۇرى ھەي، <<زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق >> دەپ قاچانغىچە باقارمىز شۇ زامانغا.