mail يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 16:27:41

ئائىلە ۋە ئايال

     ئەر بىلەن ئايالنىڭ قانۇنىي يوسۇندا بىرگەقوشۇلىشىدىن ۋە بىر تەن ، بىر ۋۇجۇد بولۇشىدىن ئائىلە تەشكىل تاپىدۇ. ئەر ئۆزى ئۈچۈن بىر ئايال تاللاپ،دۇنيادىكى تىرىكچىلىكىدە ، شادلىق قايغۇسىدا ، ھەر-بىر ياخشى كۈنىدە تايانچ بولىدىغان، جېنىغا راھەت بەخش ئېتىدىغان بىر سىرداش قىلىدۇ. ئايال ئادەم بالىسىدا بولغان خۇلۇقلارنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى،ئۇنىڭ قاتتىق كۆڭۈللەرنى يۇمشاتقۇچى ، ئىنسانلارنى جانىۋار ئەمەس ، ئىنسان قىلغۇچى بىر ئامەت بولغانلىقىدا . چۈنكى دوستلۇق ېەس يىقىنلىق كەبى نەرسىلەر ھەر قانچە مۇستەھكەم بولسىمۇ ، ئائىلە بەرپا قىلىشقا يەتمەيدۇ ، ئايال خادىم ئەمەس ، بەلكى ئائىلىدۇر .چۈنكى ،ئەرلەرئائىلىنىڭ رەئىسلىرى بولسا ، ئاياللار ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان ئائىلە-ئۆينىڭ ئىگىسىدۇر .شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى  ئائىلە دىيىش توغرىدۇر.بۈيۈك بىر زاتنىڭ ئېيقىنىغا قارىغاندا ،ئايالنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولمىغان بىر ئۆيدە تۇرغۇچىلار ئائىلە سانالمايدۇ. ئايال ياخشى ئايال بولۇش شەرتى بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتى ۋە ھەر تۈرلۈك راھەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ.

   ياخشى ئايال ئېرىنىڭ مېلىنى ساقلار ، ئېرىگە كېلىدىغان بالالارنىڭ ئالدىنى ئالار .غەيرەتلىك بىر ئەسكەر كەبى كۈچ –قۇدرىتىنى سەرپ قىلار .ھەر ۋاقىت بەزى نەرسىلەرنى ئىقتىساد قىلىپ ، ئازدۇر –كۆپتۇر مال يىغار ۋە زۆرۈر بولغاندا ئۇنى ئېرىگە بېرىپ ، ئېرىنى شادلاندۇرار .

     ئەگەر ئائىلە كېمىگە ئوخشىتىلسا ، ئايال كېمىنىڭ رولى ئورنىدۇر .كۈچلۈك كېمە دەريادا رولنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ يۈرگەندە ، مەملىكەتكە ئوخشايدىغان ئائىلىدە ئائىلە ئايالىنىڭ ھەركىتىگە ئەگىشەر .ئاياللىرى تەربىيە كۆرگەن خەلقنىڭ تەربىيىلىك بولۇشى ، ئاياللىرى تەربىيە كۆرمىگەن خەلقنىڭ تەربىيىسىز بولۇشى ، ئاياللىرى تىرىشچان ،تەدبىرلىك ،ئىرادىلىك بولغان خەلقنىڭ روناق تېپىشى ، ئاياللىرى بولۇمسىز ياكى ئىسراپخور بولغان خەلقنىڭ كەمبەغەل بولۇشى ئېنىقتۇر.  

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

erkam يوللانغان ۋاقتى 2009-6-10 05:56:14

ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ'

بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسىنى قايتىدىن تونۇۋاتىمەن.

atella يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 21:03:25

رىزائۇدىن ئبنى فەخرۇدىىننىڭ ئەدەب  - ئەخلاق مىزانلىرىغۇ بۇ؟
ماڭغا ئوخشاش جاھان تۇتۇشقا تەرەدۇت قىلۋاتقانلار چوقۇم مۇنۇ كىتاپنى ئېلىپ ئايالىڭلارغا ئوقۇتۇڭلار.بىرى ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئائىلە» يەنە بىرى رىزائۇدىن ئبنى فەخرۇدىىننىڭ «ئەدەب  - ئەخلاق مىزانلىرى»

nefise يوللانغان ۋاقتى 2009-6-10 14:05:01

ئانىلار دۇنىيادا ئەڭ ئۇلۇغ ،ئەڭ مىنەتسىز ئنسان .......!!!
بەت: [1]
: ئائىلە ۋە ئايال