mail يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 16:26:21

ياشانغانلار بىزگە مېھمان

        ئادەم ئۆمرىدە بالىلىق ، ئۆسمۈرلۈك ، ياشلىق ، ئوتتۇرا ياش ، قېرىلىق مەزگىللىرىنى بېشىدىن  ئۆتكۈزىدۇ . بالىلىق ، ئۆسمۈرلۈك چاغلار تولىمۇ غەمسىز ، سەبىي بولىدۇ ، قۇرساق تويسا ، دوستلار بىلەن ئوينىسا     شۇنىڭغا خۇش. ياشلىق بەڭۋاش ، قارام ، ھېسياتچان چاغلار بولۇپ ، كونىلاردا :‹‹ ياشلىقىم–پاشالىقىم ››دېگەن گەپ بار. قېرىلىق مەزگىلى ئۆمۈرنىڭ  ئاخىرىقى باسقۇچلىرى بولغاچقا ، ياشانغانلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى كۆپرەك چۈشىنىشىگە ، كۈتۈشىگە ، غەمخۇرلۇق قىلىشىغا ، ئاسىرشىغا مۇھتاج بولىدۇ.
        ھالبۇكى ، جەمئىيەت تېز تەرەققى قىلۋاتقان ، زامانىۋىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، پەرزەنتلەرنىڭ كۆپ ۋاقتى خىزمەت ، ئۆگىنىش ، جاھاندارچىلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ، ياشىنىپ قالغان ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ، ئۇلار بىلەن ھال–مۇڭ بولۇشقا ۋاقتى يوق دېيەرلىك بولۇپ قالدى . ئۇلار ئاتا–ئانىلىرى ھايات ۋاقتىدا قەدىرىنى قىلماي ، كۆيۈنمەي ، بالىلىق قەرزىنى ئادا قىلماي ، ئۇلار ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن ، ئارمان بىلەن ياش تۆكىدۇ ، ئاتا– ئانىلىرىنىڭ ھالىغا يەتمىگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلىدۇ.
     ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئەتراپلىق ئويلاپ باقساق ، مەيلى ئالىم ، مەيلى رەئىس ، مەيلى كادىر ، مەيلى ئوقۇتقۇچى ، مەيلى دۇختۇر ، مەيلى ساقچى ، مەيلى دېھقان ... بولوشىمىزدىن قەتئىنەزەر ھەممىمىز مەڭگۈ ياش، ساغلام پېتى تۇرالايمىز دېيەلمەيمىز.
     ئادەم ياشانغاندا ، مېڭىگە قان چۇشۇشتىن كېلىپ چىققان پۇت –قول پارالىچ بولۇپ قىلىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش ، دېۋەڭلىك ، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ ، كېسەل كۇچىدىن بەزىدە ئۆزى سەزمىگەن ھالدا ۋارقىرايدۇ ، چىقىرايدۇ ، ھەتتا چوڭ–كىچىك تەرەتلىرى جايىدا بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ كۆڭلى– كۆكسى دەريا ئاتا–ئانىلىرىمىزنىڭ ھېچقايسىسى پەرزەنتلىرىگە بۇنداق ئېغىرچىلىقىنى  سېلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ. بىراق تەقدىرگە تەن بەرمەكتىن باشقا ئامال يوق ، رەھىمسىز كېسەللىك ياشانغانلارنى بەزىدە مۇشۇنداق نارسىدە بوۋاقلارغا ئوخشىتىپ قويىدۇ. ئەگەر پەرزەنتلەر ياشانغانلارنى ئەللەي بوۋاقلىرىنى كۇتكەندەك كۇتىدىغان ، ياتقان ئورنىنى ۋاقتى– ۋاقتىدا قۇرۇقداپ ، يوتقان– كۆرپىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدىغان بولسا ۋە شۇنداقلا ھەر بىر پەرزەنت ياشىنىپ قالغان ئاتا– ئانىسى  ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ ، ئۇلار بىلەن مۇڭداشسا ، سىرداشسا ، ئاغرىغان قول– پۇت ، بەللىرىنى تۇتۇپ ، ئۇگىلاپ قويسا ، ياشانغانلار ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت بولماس.
         ياشانغانلارنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمايدىغان يېتىقتىكى مەزگىلىنى ئۆزىمىزنىڭ بۆشۈكتىكى ۋاقتىمىزغا ، ھاسىغا چۈشۈپ قالغان  مەزگىلىنى دەسلەپ غالتەككە تايىنىپ تەمتەم ماڭغان ۋاقتىمىزغا ، چاقلىق ئورۇندۇققا چۇشۇپ قالغان مەزگىلىنى ، ئاتا–ئانىمىزنىڭ بىزنى قول ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ سىرتلارنى ئايلاندۇرغان چاغلىرىغا ئوخشاتساق بولىدۇ. بىز بۇ مەزگىللەردە ئاشۇ ياشانغان ئاتا–ئانىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىگە ، كۈتۈشىگە ، كۆيۈنۈشىگە ، ئاسىرىشىغا ، قۇربانلىق بېرىشىگە ئېرىشكەن. شۇڭا بىز ياشانغانلارنى كۈتۈش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرايلى ، ياشانغان ئاتا–ئانىمىز بىلەن سىردىشايلى ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرەيلى ، كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلايلى ، ئۆز قولىمىز بىلەن ئاغزىغا تىتىغۇدەك ، كۆڭلى تارتقان تاماقلارنى ئېتىپ بېرەيلى ، يىراقتا بولساق ھېيت ، بايرام كۈنلىرىدە بالىلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىپ ، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ،
پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلايلى. چۈنكى ، ياشانغانلار بىزگە مېھمان .

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

nefise يوللانغان ۋاقتى 2009-6-10 12:43:25

راست دەيىسىز بىر ئاتا-ئانا ئون بالىنى بىقىپ چوڭ كىلىغان بىلەن، ئون بالا بىر ئاتا-ئانانى باقالمايدۇ.............!!!!
بەت: [1]
: ياشانغانلار بىزگە مېھمان