akram102 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 06:29:52

جىنسىي قۇۋەتنى كۇچەيتكۇچى ئامىللار

جىنسىي قۇۋەتنى كۇچەيتكۇچى ئامىللار
جىنسىي قۇۋەتنى كۇچەيتكۇچى ئامىللار


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىنسىيەت  دىگەن بۇ مەسىلە ئەڭ نازۇك شۇنداقلا  ھازىر ھەممە كىشى قىزىقىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. لىكىن بىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدە كۆپ قىسىم ياشلىرىمىز جىنسىيەت ھەققىدىكى ئۇچۇلارنى توغرا بىلمەسلىكى ياكى بىلىشى كەمچىل. شۇ سەۋەپ تۇپەيلى نۇرغۇن ياشلىرىمىز غەرىپ تىبابىتىنىڭ مەسھۇلى بولغان بۇ ھورمۇن تەبئەتتىكى ھايۋاناتلارنى ئەزالىرىدىن ياسالغان بۇ خىل  دورىلارنى خاتا بولغان ھالدا ئىستىمال قىلىپ تەسەۋۇر قىلغۇسىز ئاقىۋەتلەرگە قىلىۋاتىدۇ.
شۇنىڭ ئۇچۇن پىقىر قابىلىيەتسىز بولساممۇ ئازغىنە ماتىرىياللارنى ئۇيەردىن بۇ يەردىن توپلاپ كەڭ تورداشلارنىڭ كۆرۇپ بىلىۋىلىشغا سۇندۇم. ئەگەر مۇشۇ قىلغان ئەمگىكىم سىزلەرنى ئازراق رازى قىلالىسا مەن بۇ ئەمگىكىمدىن رازى!
خوش، قۇرۇق گەپ ماڭىمۇ خوش ياقمىدى قالدىسى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە قالدى.


1-    كۇن نۇرى
كۇن نۇرى ئادەم تىنىنىڭ ساغلام بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ھەر خىل تائاملارنى تەڭشەپ يىگەندىمۇ، كۇن نۇرى بولمىسا، ئادەم بەدىنىنىڭ كالتىسىي، فوسفور، تۆمۇر، سىنىك، مىس، قاتارلىق مىنىرال ماددىلارنى سۇمۇرۇشى ياخشى بولۇپلا قالماي يەنە ھەرخىل ۋىتامىنلارنىڭ بەدەنگە سۇمۇرۇلۇشى دەخلىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاياللاردا بولسا كەم قانلىق، ئادەت قالايمىقانلىشىش، رىماتىزىم، بۆرەك ئاجىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۇلسە، ئەرلەردە جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي ئازىيىپ كىتىش كىسەللىكلىرى كۆرۇلىدۇ، ئىسسىق جايلاردا يۇرگەن ياكى كۇن نۇرىدا ئەمگەك قىلىدىغان كىشىلەردە بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، تىنى ئاساسەن ساغلام كىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشىنى تۆۋەندىكى ئامىللار كەلتۇرۇپ چىقارغان.
1)    ئادەمنىڭ پۇتىدىن دائىم ئىسسىق ئۆتۇپ تۇرسا، ئاسانلىقچە رېماتىزىم كىسەللىكى بولمايدۇ، ماددا ئالمىشىش ياخشى بولسا، جىنسىي قۇۋەت كۇن نۇرى كۆرمىگەنلەرگە قارىغاندا ئارتۇق بولىدۇ، چۇنكى تىبابىتىمىزدىمۇ تۇپراق تەركىبىدىكى مىنىرال ماددىلارمۇ جىنسىي ھەۋەسنى قوزغاش رولى بار دەپ قارايدۇ.
2)    قۇرغاق ياكى ئىسسىق (ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) رايونلاردا ياشلارنىڭ بالاغەتكە يىتىشى تىزلىشىدۇ؛ ئادەمنى روھلاندۇرىدۇ؛ جخنسىي ھەۋەسنى قوزغايدۇ. ئىسسىق رايونلار ياكى تەبئىيتى قۇرغاق رايونلاردا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىررىراق تاماقلارنى ئىستىمال قىلسا، دەرھال ئۇنىمى كۆرىلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشتىن ئاۋال ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تەبئىي مىزاجىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىپ يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى زۆرۇر.
3)    قەدىمكى ئۇيغۇر تىبابەت كىلاسسىك كىتاپلىرىمىزدا « دائىم بەلنى باغلاپ يۇرۇش شەھۋەتنى قوزغايدۇ،  ئىككى پۇتنى ئىسسىق تۇتۇشمۇ  جىنسىي قۇۋەتنى ئاشۇرىدۇ» دەپ ئىنىق كۆرسىتىلگەن.
2-    مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش:
ھەممىزگە مەلۇم خەلىقىمىز ئىستىمال قىلىدىغان تاماق تۇرلىرى ناھايتى كۆپ ۋە خىلمۇ- خىل تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددىي ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، مىزىلىك، سىڭىشلىك، بۇ خىل تاماقلار كىشىلەرنىڭ مىجەز-خۇلقى ۋە بەدەن ھالىتىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ. ھەمدە بەدەننىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىنى قامداشتىن تاشقىرى كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش،ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش  ۋە ساقايتىش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.
بىرقىتىم مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلىنىش تەن سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ، لىكىن ئوزۇقلىنىشنىڭ قالايمىقان تەكرار، مىقدارى كۆپ بولىشىمۇ تەن سالامەتلىك ئۇچۇن پايدىسىز شۇنىڭ ئۇچۇن تاماق ئىستىمال قىلغاندا ئەتىگەنلىك، چۇشلۇك، كەچلىك تاماقنىڭ ئايرىمىسى بولۇش ئەتىگەنلىك تاماق بىلەن چۇشلۇك تاماقنى چوقۇم ۋاقتىدا ئىستىمال قىلىپ كەچلىك تاماقنى زىيادە تويۇنۇپ ئىستىمال قىلغاندا ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق جىسنىي قۇۋەتنىڭ تەبئىي كۆپىيىشىگە پايدىلىق.
مەسلەن: باچكا شورپىسى، يۇمشاق پىشقان پاقلان گۆشى شورپىسى، ھەرخىل مىۋە- چىۋە سۇلىرى، ئاسان سىڭىدىغان سۇيۇق سەلەڭ تاماقلار قاتارلىقلار.
زىيادە ئاچچىق بولغان يىمەكلىكلەر جىنسىي قۇۋەتنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىۋىتىدۇ، ئۇيغۇر تىبباىتىمىزدىمۇ جىنسىي قۇۋەتنى كۇچەيتىش ئۇچۇن ئىسسىق تەبئىەتلىك دورا- دەرمەكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشنى بۇيرۇيدۇ.
3-    مۇۋاپىق بولغان بەدەن چىنىقتۇرۇش:
مۇۋاپىق بولغان بەدەن چىنىقتۇرۇش ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلارنىڭ بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ، روھنى ئۇرغىتىدۇ. مۇۋاپىق ھەرىكەت، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، مۇۋاپىق ئارام ئىلىش، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گورمۇنلىرىنىڭ داۋاملىق ئىشلىنىشىنى قامداپ، پەي- موسكۇللارنى چىڭىتىدۇ، روھىنى ئۇرغىتىدۇ. ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا جىسنىي ھەۋەسنى قوزغايدۇ.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تىخنىكومى «ئۇيغۇر تىبابىتى ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلمى  2005 –يىل 3-ئاي   مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى،  ئابلىكىم نۇرمۇھەممەت ھاجى قاتارلىقلار تۇزگەن»
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تىخنىكومى « ئۇيغۇر تىبابىتى ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمى»  2007- يىل 1- نەشىرى
营养学  人民卫生出版社 汉文
ئۇيغۇر تىبابىتىدە جىنسىي قۇۋەتنى كۇچەيتكۇچى يىمەكلىكلەر   مامۇت قۇربان  2001- يىل
كىلىنكىدا ئىشلىتىۋاتقان خاتىرەمنىڭ  باھ ئاجىزلىقىغا پايدىلىق يىمەكلىكلەر دىگەن بىتىدىن


ئەسكەرتىش: ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز، باشقا مۇنبەرلەردە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تىما ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغايسىز...
مەنبە؛  http://www.farabiut.com/bbs

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 07:56:33

uyghurjan1 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 09:03:37

ياخشى بىلدۈرگۈ ئىكەن .

يا ئاللا ئىزدىنىش مۇنبىرىگىمۇ تېزىملىتىپ كىرگىلى بولىدىكەن ...!!!

Faith يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 09:07:40

قارىغاندا ئىزدىنىش يەنە تىزىملاشنى ئېچىپتۇدە! بەك ياخشى بوپتۇ!

Teklimakan يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 09:09:37

راسلا تىىملىتىشنى ئېچىۋىتىپتۇ ،ئۇزاقنىياغى كىرەلمەي قالغان ئىدىم .مېنى قارشى ئالارسىلەرمۇ ؟

Taranchi يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 09:26:07

سالام ئىزدىنىشلىقلار.پېقىرمۇ ھازىر تىزىملىتىپ كىردى.سېپىڭلارغا قوشىۋالغايسىلەر.

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 09:27:02

ئىملاغا دىققەت قىلىپ، خەتنى توغرا باسسىڭىز قارشى ئالىمىز.

panda يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 09:42:14

مەرھابا........

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 10:01:27

ئىشىك ئالدىدا ئۆچرەت تۇرغانلار خىلى جىقكەن ھە ،

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 11:59:46

ما <<>گۇي>> لارنى بىر شىنسېڭ جىياۋيۈ قىلامدۇقيا .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 13:58:01

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 14:13:53

ھى ھى ھى ئىزدىنىش تېخىمۇ ئاۋاتلىشىدىغان بوپتۇ دە ئەمدى . مەن ئۆتكەندە كىرەلمەي قالغان قىزلارنى باشلاپ كىرەي ھە .

aqqikuzum يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 16:00:37

بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دېگۈم كەلدى، بايىلا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئېيتقىنىدەك ھەممەيلەن ئىملاغا بەكرەك دېققەت قىلغان بولساق، خېلى كۈنلەر بولغان ئېدى ئالدىراشلىقتىن تورغا چىقمىغىلى، بۈگۈن چىقىپ بىر قانچە تىما ئوقۇپ، ئىملا خاتالىقىنىڭ بەك كۆپلىكىدىن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.

zulal يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 17:54:53

aqqikuzum:
بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دېگۈم كەلدى، بايىلا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئېيتقىنىدەك ھەممەيلەن ئىملاغا بەكرەك دېققەت قىلغان بولساق، خېلى كۈنلەر بولغان ئېدى ئالدىراشلىقتىن تورغا چىقمىغىلى، بۈگۈن چىقىپ بىر قانچە تىما ئوقۇپ، ئىملا خاتالىقىنىڭ بەك كۆپلىكىدىن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.

مەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى تېخىمۇ يېرىم قىلىپ قويدۇم ھەقىچان

togrul يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 18:02:57

زۇلالقارىممۇ دەرس ئۆتۈشنى تاشلىۋەتتى .

togrul يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 18:05:22

ruslan007:
مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس يىزىش ئۈچۈن تىزىملاتتىڭلارما ، جىياۋيۈ قىپ قويامدۇق ما باللىنى

  پاخەس بول رۇسلانوف . ھازىر يېڭى كىرگەنلەر ساڭا جاۋيۈ بولمايدۇ . سىنى جاۋيۈ قىلىدۇ .

Erki يوللانغان ۋاقتى 2009-6-9 18:41:39

بۇ تېمىنى بىرزات ئەپەندى يازدىمىكىن دىسەم ...

akram102 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-11 18:24:42

مىنىڭ تىمام سىلەرگە  بانا بۇب بەردىمۇ نىمە توۋا
بەت: [1]
: جىنسىي قۇۋەتنى كۇچەيتكۇچى ئامىللار