Patigul يوللانغان ۋاقتى 2009-6-4 23:44:46

دۇنيا پايچىك پىشىۋاسى- ۋارېن باففېت

دۇنيا پايچىك پىشىۋاسى- ۋارېن باففېت



دۇنيا مەبلەغچىلىك تارىخىدىن قارىغاندا، ۋارىن بافىت(Warren Buffett)نىڭ مەبلەغچىلىك ھاياتى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ھەر بىر سۆز ھەركىتى پاي بازىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ مەبلەغشۇناس، 2006-يىلى ئۇنىڭ مۈلكى 48 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ دۇنيا بۇيىچە ئىككىنجى باي ئورنىغا چىقتى. 2008-يىلى 62 مىلىيارد دوللار شەخسى مۈلكى بىلەن دۇنيا بۇيىچە بىرىنجى باي ئورنىغا، 2009-يىلى 37 مىلىيارد دوللار شەخسى مۈلكى بىلەن دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى باي ئورنىغا تىزىلدى.

ۋارىن بافىت 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 30- كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئۇماخا شەھرىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ كىچىكىدىنلا سودا ئىشلىرىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى.  بولۇپمۇ پاي چېكى ۋە سان - سىفىرغا بولغان قىزىقىشى جەمەتىدىكى ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى.  ئۇ كىچىگىدىنلا پۇل تىپىشقا ھىرىسمەن ئىدى، 5ياشقاكەلگەندە تۇنجى قېتىم پۇل تېپىش يولىغا كىرىپ سېغىز يايمىسى ئاچقان، سەل چوڭ بولغاندىن كىيىن دوستى بىلەن گولىف توپ مەيدانىغا بېرىپ بايلار ئويناپ بۇلۇپ تاشلىۋەتكەن توپلارنى يىغىپ ، يەنە ئەسلىدىكى زاۋۇتلىرىغا سېتىپ بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتىكى سودىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى.  ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۈگىنىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا گېزىت ساتقاندىن سىرىت يەنە دوستى بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارغا ئۇيۇنچۇق ئىجارە بېرىپ پۇل تاپقان.  1941-يىلى ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن ۋارىن بافىت پاي چېكى بازىرىغا كىرىپ ئۆمرىدىكى تۇنجى پاينى سېتىۋالغان.
    1947-يىلى ئۇ پېنسىلۋانىيە ئونۋىرسىتىتىنىڭ مالىيە ۋە كارخانا باشقۇرۇش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان، بىراق ئىككى يىلدىن كىيىن پىروفىسورلارنىڭ قۇرۇق نەزرىيىسنى تازا ياقتۇرمايدۇ، ۋە قايتا ئىمتىھان بېرىپ كولومبىيە ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق مەبلەغشۇناسلىق نەزەرىيىچىسى بىنىيامىننى ئۇستاز تۇتقان.  ئەينى ۋاقىتتا بۇنيامىن ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن نەزەرىيىلەر بىلەن ئەسلىدىنلا تالانتلىق ۋارىن بافىت خۇددى بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك پۇرسەتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئىلگىرلىگەن ھەمدە ئۇستازى بۇنىيامىننى ئەڭ پەخىرلەندۈرىدىغان شاگىرتقا ئايلانغان.
    1950-يىلى خارۋارد ئونۋىرسىتىتىنى ئىلتىماس قىلىپ خارۋارد تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
    1951-يىلى 21 ياشلىق بافىت ئۇقۇش پۈتتۈرگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقۇرى نەتىجە +Aغا ئىرىشكەن.  لېكىن ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا كۆپ قېتىم رەت قىلىنىشقا ئۇچراپ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىشقا ئامال بولمىغان. ھەمدە 1956-يىلى يۇرتىغا قايتقان، ئەينى ۋاقىتتا ياش ھەم جاسارەتلىك ۋورىن بافىت ئۆز تەقدىرىگە زادىلا تەن بەرگۈسى كەلمىگەن ھەمدە ئۆزى مۇستەقىل بىر ئىگىلىك تۇتۇشنى قارار قىلغان. بىر قېتىم ئۇ دادىسىنىڭ بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا باشقىلارنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قەسەمنى قىلغان، يەنى «30ياشقا بارغۇچە بىر مىليون دوللارلىق قىممەتتە مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولالمىسام ئۈزەمنى ئوماخا شەھرىدىكى ئەڭ ئىگىز بىنادىن تاشلىۋالىمەن».
    ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ۋە بىر بۈلۈك دوستلىرى بىر يۈز بەش مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ بافىت چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان، بۇ پۇلنىڭ ئىچىدە ئۇ چىقارغان مەبلەغ ئاران 100 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.
    شىركەت قۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇ ئىنتايىن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن شۇنداقتىمۇ شۇ يىل ئاخىردا ئۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان شىركەت 5 كە يەتكەن.  خۇجايىن بولغان ئۇ ماتېرىيال دۆۋىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇنىڭ ھەر كۈنى قىلىدىغان بىردىن بىر خىزمىتى باھاسىدا ئۆز قىممىتى تۇلۇق ئىپادىلەنمەي قالغان پاي چەكلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىش ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىپ باھاسىىنىڭ ئۆرلىشىنى كۈتۈش ئىدى.  بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇستازى بۇنىيامىندىن ئۈگەنگەن «ئالتۇن قىزىش سىرى» ئىدى. نەق مانا مۇشۇ سىر ئۇنى بايلىق تىغىنىڭ ئۈستىگە ئەپچىقىپ قويدى.
1957-يىلى ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى مەبلەغ 300مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا 700مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. 1962-يىلى ئۇنىڭ ئىلكىدىكى مەبلەغ 7مىليۇن200مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى،  ئۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى شەخسى ئۈزىگە تەۋە ئىدى.
    1964-يىلى ئۇنىڭ شەخسى مۈلكى 4مىلىيۇن دوللارغا، ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى مەبلەغ بولسا 22مىلىيۇن دوللارغا يەتتى.
    1972-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىدا تۇرغۇنلۇق ھادىسىسى كۈرۈلگىنىگە بىر نەچچە يىل بولغان بۇلۇپ ئۇ چاغدىكى پاي بازىرى بەكلا ناچار، پاي چېكى باھالىرىمۇ بەكلا تۈۋەن ئىدى، ھەممە خەق ئۈمىتسىزلىككە تولغان بۇلۇپ ۋورىن بافىت بولسا دەل ئەكسىچە ئىچى -ئىچىدىن بىر خىل خۇشاللىققا چۈمگەن ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ نەزرىدە شۇ ۋاقىتتىكى بازار ئەرزان پايلارغا تۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ بايلىق ئىلاھى ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغىلا كىلىپ قالغان ئىدى.  ئۇ ئالدى بىلەن كۈزىنى گېزىتچىلىك ساھەسىگە تىكتى ھەمدە تىۋىش چىقارماستىن بوستون يەر شارى گىزىتى ۋە ۋاشىنگىتون پوچتىسى گىزىتىنىڭ پېيىنى يىغىشقا باشلىدى. 10يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ ئەسلىدىكى سالغان 10مىلىيۇن دوللار مەبلىغى 200مىلىيۇن دوللارغا ئايلاندى.
   
1994-يىلغا بارغاندا ئۇنىڭ مۈلكى 23مىلىيارد ئامرىكا دوللىرىغا يىتىپ غايەت زور مەبلەغ سېلىش گورۇھىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى.  
2006-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇ ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن بارلىق مال مۈلكىنى بېل گايتىس-مېلىندا پاراۋانلىق جەمىيىتىگە ئىئانە قىلىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەنبە  .جاھان مۇنبىرى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-6-4 23:56:40

پاھ، ئالتۇنلارمۇ پىچەت تېمىلارنى يوللاپ قويىدىكەن.

ۋارېن باففېت قارىغاندا بېل گايتىسقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قول قويىدىغان ئوخشايدۇ.

Patigul يوللانغان ۋاقتى 2009-6-5 00:02:22

Baqka:

پاھ، ئالتۇنلارمۇ پىچەت تېمىلارنى يوللاپ قويىدىكەن.

باشقا مۇنبەردىن چاپلاپ قۇيدۇم خالاس. ئەمما گەپ سۆزگە دىققەت قىلىڭ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-6-5 08:20:15

  ماقا، تۈزىتەي، مەن تۈزىتەي.. ئوبدان گەپلەرنىمۇ ئىشلىتىش قىيىنلاپ كېتىپتۇ... بۇ مۇنبەردىكى خانىم- قىزلارنىڭ ھەممىسىنىلا گۈل، ئالتۇن، كۈمۈش، ئاي دەپ ئويلىدىمغۇ، بىرەرمۇ قەلەي، تۆمۈر- كۆمۈر يوققۇ .. تۇنۇش، ناتۇنۇش، كۈتكۈچى، خىزمەتداش ئاچا- سىڭىللىرىمنىمۇ دائىم«ئاي، ئالتۇن، ئاپپاق ئاچا، ئاپپاق ئۈكەم ..» دەپ چاقىرىمە دائىم، ئۇلار سىزدەك پىچاقتا تەھدىت سەپ قورقۇتمىغان

ئىنكاس نەقىلنىڭ ئىچىگە كىرىۋاپتىكەن، ئوڭشاپ قويدۇم...

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-6-5 13:10:30

يامان بوۋايكەن بۇ. بېل گايتىسنىڭ يولىدا مېڭىپتۇدە بۇمۇ.

GadayPro يوللانغان ۋاقتى 2009-6-5 17:27:41

مۇشۇ خەقلەرنىڭ خەير-ساخاۋەتتىكى مەرتلىكى مىنى ئۆزەمگە بەك بىچارە ھىس قىلدۇرۇۋېتىدۇ.

خۇدايىم بۇ خەقنىڭ ئىشلىرىنى شۇڭا ئاشۇنداق راۋان قىلىۋېتەمدىكى دەيمەن.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2009-6-5 19:34:07

بىزنىڭكىلەر پۇلنى  يىغىپ تويماي ئۆتۈپ كىتەمدۇق ياكى تويغىدەك تاپالمامدۇق ،ئىشقىلىپ  ئۇلارنى دورىيالمايدىكەنمىزغۇ؟ بولمىسا بەك ئارمان قىلىمەن باشقىلارغا ياردەم قىلغۇدەك بولۇشنى ، ئەمما ھازىرغىچە  بىركىمگە تۈزۈكرەك ئىقتىزادى ياردەم قىلىپ  باقماپتىمەن ،پۇلۇم بەك كۆپ ئەمەس دەپ ئۆزەمنى بەزلەي دىسەم بىرناننىڭ يېرىمىنى بىر بىچارىگە بەرسەم قالغان يېرىمىدا قوسۇغۇمنى بىر ۋاخ گوللاپ تۇرغىلى بولاتتىكەن ، بەزىدە ناشتا قىلمايمۇ چۈش بوپكىتىدىكەن ، بىرۋاخ تاماقنىڭ پۇلىدىن كىچىپ غېرىپنىڭ قوسۇقىنى تويغازغىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-6-6 09:12:46

ئۆزىمىزنىڭ نېسىۋىسىنى قىيناپ يەنە بىر جۈپ قول- پۇتنى ھەركەت قىلىشتىن توساپ قالىدىغان سەدىقىدىن خۇدا ساقلىسۇن.

panda يوللانغان ۋاقتى 2009-6-6 12:30:58

ھەي پۇل ...........................خەقتە ساماننىڭ نەقىدە باركەنسەنغۇ سەن

allay521 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-8 01:00:56

پۇلنى قانچە تاپقانسىرى كۆڭلى -كۆكسى شۇنچە كەڭ بۇلىدىغان گەپتە!!

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-8 11:12:21

ئاۋۇنىڭ پۇللىرنى ئىزدىنشىتىكى ھەممە ئەزاغا بۇلۇپ بەرسمۇ مىليونىر بۇلۇپ كىتىدىكەنمىز،

قاچانمۇ بىز مۇشۇنداق داڭقان پۇتى خىياللارنى سۇرمەي، ئاۋۇنىڭدەك مانچە ياشقا كىرگىچە مىليونىر بولىمەن، دىگەندەك ۋەدىلەرنى قىلارمىز، ھازىر دەي دىسەكمۇ ئشەنچ يوق

Sakqi يوللانغان ۋاقتى 2009-7-3 21:17:10

بىزدە ۋاررىن باففىت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇۋاپپىقيەت قازانغۇچىلاردەك تەۋەككۈلچىلىك روھى ۋە ئىدىيسى كەمچىل ياكى ئاساسەن  يوق،  دېمەكچىمەنكى ھەر قانداق ئىشتا ئادەم تەۋەككۈلچىلىك قىلالايدىغان جۈرئەتنى يىتىلدۈرۈش كېرەك.شارائىت سىزگە باقمىسىمۇ تىرشىپ بېقىڭ،ھىچ بولمىغاندا تەجىربىگە ئىگە بولۇپ قالىسىز.
بەت: [1]
: دۇنيا پايچىك پىشىۋاسى- ۋارېن باففېت