Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 11:34:16

دورىلىق توخۇ بېقىش-ئۆسمە راك كېسەللىكلىرى ئۈچۈن

بىمار داۋالىنىشنى تەلەپ  قىلىپ ، دورا يىيىشنى باشلىغان كۈندىن باشلاپلا  12 دانە توخۇنى تاختايلانغان كاتەكتە بېقىش ، باقىدىغان توخۇنىڭ يېمىنى سىماب  ئاساسىدىكى نىسبەتلەشتۈرۈلگەن دورا  بىلەن  تەڭشەش ،12 دانە  توخۇنىڭ دورىلىق يېمىنى 35 جىڭ  قوناق  ئۇنىغا ئۈچ قېتىم ئەلگەك  بىلەن  تاسقاپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم خېمىر يۇغۇرۇپ بېرىپ ، ئىچىدىغان سۈيىگە يەرلىك شوخلا ، ئادراسمان ئۇرۇقى ، ئازراق موزا تالقىنى سېلىپ  تۇلۇق  قاينىتىپ ، سۇنى سۇۋۇتۇپ  بېرىش ، توخۇنى بېقىپ 25 كۈن  بولغاندا ، توخۇنىڭ ھەر بىرىنى ئىككى  كۈنگە  پىلانلاپ ئاغرىققا يىگۈزۈش ، بىرىنچى تۈركۈم توخۇنى قايتا يەم تەييارلاپ بېقىشقا  باشلاش ، خىلمۇخىل سەيلەرنى ئۇششاق توغراپ  بەرگەندە، شۇ  يەمگە دورىلىق ئۇننى  يىتەرلىك قۇشۇپ
بېرىش لازىم . ھەر  قېتىملىق بېقىلغان توخۇلار دورىنى جەزمەن يەپ  تۈگىتىشى  لازىم . ھەر قېتىملىق بېقىلغان توخۇدىن 3-4 دانىسى يەمنى كۆتۈرەلمەي ئۆلۈپ  قالسىمۇ قورقماسلىق  كېرەك . ھەر بىر توخۇنىڭ كۈنلىكىگە 0.5 گرامدىن سىماب كۇشتىسى ھازىرلىنىدۇ .دورا ئىچىپ ، سىرتىدىن دورا مەلھەم تېڭىلىپ 25 كۈن ئۆتكەندە كىسەل بىر ئاز ياخشىلانسىمۇ ، تېخى ساقىيىپ كېتىشكە ئىشەنچ قىلالمايدۇ . دورىلىق توخۇنى يېيىشكە باشلىغاندىن كېيىن بولسا تىزلا ياخشىلىنىشقا  يۈزلىنىدۇ . بىرىنچى تۈركۈمدە بېقىلغان توخۇلار يىيىلىپ بولغاندا ( يەيدىغان توخۇلارنىڭ تىرىسىنى پىشۇرۇشتىن بۇرۇن سۇيۇپ تاشلىۋېتىش لازىم ) ئاغرىقنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش ، تېنىنى ماغدۇرلاندۇرۇش مەقسىتىدە 2-3 كۈندە بىر قېتىم قوي گۆشىدە (ئۇرۇق گۆش) قىلىنغان زىخ كاۋىپىدىن 2-3 زىخ يىگۈزۈپ كۆرۈش ، ئەگەر كېسەللىك قوزغىلىدىغان بولسا دەرھال توختىتىپ ، يۇمغاقسۈت قاينىتىپ ئىچكۈزۈۋېتىپ ، يەنىلا پەرھىزدىن بوشاشتۇرماي ،  دورا يېگۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك . مۇشۇ ئۇسۇلدا دورا يېيىش ، مەلھەم سۈركەش ، ئۇزۇقلىنىش، تۇىۇ يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە كىسەللىك ئۈگىسى بارغانسىرى كىچىكلەپ ، ئاخىرى كىسەللىك ئالامىتى سېزىلمەيدۇ . شۇنداقتىمۇ يەنە ئىككى ئاي چامىسىدا دورا يېيىش ، پەرھىزدە تاماق يېيىشنى بوشاشتۇرماي ، خەۋپ تۈگىدى دەپ قارالغاندىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكسۈرتۈپ كۆرۈش  كېرەك . ئىككى قېتىمدا بېقىلغان 24  توخۇ  300 گرام سىماب كۈلى ياكى ئۆلتۈرۈلگەن  سىمابنى يەپ  بولغان  بولىدۇ . دورىلىق توخۇنى ئۆلتۈرۈپ تېرىسىنى سۇيۇپ  تاشلاپ پۇشۇرغاندا ، 50 گرام سېرىقچىچەك ئۇرۇقىنى پاكىز رەخت خالتىسىغا سېلىپ قازاننىڭ سۈيىگە سېلىش ، لېكىن گۆش پىشقاندا سورپىسىنى ئىچمەسلىك  كېرەك . سورپىسى ئىچىلسە قان بېسىمى بەك تىز تۆۋەنلەپ كىتىشى  ، ھەتتا يۈرەك تىترەپ ۋەھىمە يۈز بېرىشى مۇمكىن.  ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە ATP  تابلىتكىسىدىن ئىككى تالنى يېگۈزۈش ، پانتوكرىن ( بۇغا مۈڭگۈز سۇيۇقلۇقى ئۇكۇلى ) ئۇكۇلىدىن ئىككىنى مۇسكۇلغا ناھايىتى ئاستا ئۇكۇل قىلىش . رېنسىن زەيزاۋەن ( 人参再造丸) كۇمىلىچىدىن بىرنى يېگۈزۈش ، ۋاقتىنچە توخۇ شورپىسىنى ئىچكۈزمەسلىك لازىم . مەلۇمكى ، توخۇ گۆشىگە ئۆزلەشكەن  سىماب ئادەم بەدىنىگە  گۆش  ئارقىلىق  ئۆتكەندىن كېيىن ، شۇ بىر نەچچە يۈز گرام سىمابنىڭ 3\1 بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى  مۇقەررەر . ھەر قېتىملىق  بېقىلىدىغان دورىلىق توخۇنىڭ  يەم تەركىبى تۆۋەندىكىچە  بولغىنى ياخشى :
ئچۈ خىل ھېلىلە ئېتى ، ئۆلتۈرۈلگەن  سىماب ، ئۇچقۇر پاقا ، ئاق يىلان پاراشوكلىرى 150 گرامدىن ، ئادراسمان ئۇرۇقى 100گرام ، سەدەپ كۇشتىسى ، بىخ مارجان كۇشتىسى ، موزا ، زەرچىۋە ، 50 گرامدىن ئېلىنىدۇ . يۇقىرىقى دورىلار يەنچىش ماشىنىسىدا ئېزىلىپ ، ئارىلاش ئەلگەكتىن تاسقىلىپ  چىققاندىن  كېيىن ، 35 جىڭ قوناق ئۇنىغا ئۈچ قېتىم قايتىلاپ تاسقاپ  ئارىلاشتۇرىلىشى ، ئاندىن ئېھتىياج بويىچە خېمىر شەكلىدە ياكى سەي توغرالمىسىغا سېلىپ ، توخۇغا كۈندە ئۈچ قېتىم بېرىلىشى كېرەك . بۇ راك ھۈجەيرىلىرىنى چېكىندۈرۈپ ، ئاغرىقنىڭ ھاياتىنى قوغداشقا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل  ھىسابلىنىدۇ .
   پايدىلانغان ماتىرىيال : مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىل يازغان << جاھىل خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش >> ناملىق كىتاۋى

مەنبە:80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى http://www.80halta.com

بېتىمىز يېڭىلىقلىرى

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 14:20:46

مەن ئامېرىكا ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمىيىتىگە ۋاكالىتەن بۇ قىلمىشقا ئېترازلىق بىلدۈرمەن!

milyoner يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 14:30:33

ھەجەپ ئاقكۈڭۈل بولۇپ قاپتىمىز...........

سۇرۇن تۈزۈپ ئىچىشكەندە يىگەن توخولارغا ئىچ ئاغرىتمىغانما............

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 14:31:19

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 14:59:27

تۇخۇ ئۈلۈپ ئەدەم ئوڭشىلىدىغان بولسا مەيلىغۇ ..

دورا يىگۈزمىسىمۇ چۇقۇم ئۈلىدۇغۇ شۇ تۇخۇلار..

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 15:54:45

سىناقتىن ئۆتكەن مىساللىرى بارمىدۇ؟ ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئۈنۈم بېرىدىغان ئىش بولسا قالتىس ئىش بولاتتى بۇ !

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 16:18:07

مەرھۇمنىڭ ئوغۇللىرى شۇنداق كېسەل داۋالايدۇ دەپ ئاڭلىدىم.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 16:50:16

پۇلى مىليونغا يەتكەن تورداش تۇخۇغا خېمىيىلك دۇرىنى يەم قىلىپ سەمىرتىپ دۇرا قىلىش بىلەن مەن ھاراق سۇرۇندا يەيدىغان تۇخىنىڭ پەرقى بار.  ئالدىنقىسى ھايۋاناتلارنى خارلاشقا كىرىدۇ.

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 17:00:06

خوتەن ئېھسانى ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى راكنى مۇشۇ ئۇسۇلدا داۋالايمىش، بەزى بىمارلارغا ئۈنىمى خېلى ياخشى بولغانلىغىنى ئاڭلىدىم.

milyoner يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 17:01:45

كاللىسى بەش يۇلتۇزلۇق تورداش تىمىنى ئوقىدۇقمۇ يا؟ئىۋۇ يەردە ئۆلگىلى قوپقان كېسەلگە توخو بىلەن سەۋەپ قىلىشنىڭ گىپى بولىۋاتىدۇ.......

سۇرۇندا كاللا قىزىپ توخو سۆڭەكلىرىگە قاراپ ئامىركا چۈشىنى چۈشەپ قوپوپلا ھايۋاناتلارنى قوغداش دەپ جۈيلۈپ سالمىغاندىمىز........

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 17:44:11

بولدىلا....  بىر نەرسە دىسەم ئۆزىڭىزنىڭ گىپىنى سۆلەۋەرگىدەكسىز، قارىغاندا مىليونىىر دىگەننى مىليون پۇلى بار دەپ قويسام تىتا تۇمۇرغا تەككەندەك..سىزمۇ نوچى بولسىڭىز تور ئىسمىمنىڭ گىپنى قىلىڭ.  باش شەكلىڭىزنىڭ گىپىنى چىقارغاندا بەش يۇلتۇزنىڭ گىپىنى قىلىڭ.

ھەر ھالدا بىر زات بۇرادەرنىڭ يازمىلىرىنى ئەزەلدىن تەپسىلى ئۇقۇپ كىلۋاتمەن. خېلى بىر يۇمۇرسىتك تورداش دەپ يۇرۇپتىكەنمەن..ھەي..!

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 18:48:47

كەنجىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى،ئۆزىنى ۋە خوتۇن بالىلىرىنى راك كېسەللىرىدىن خالىي قىلغاي ئۇلۇغ خۇدايىم...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 21:10:58

بولدى قىلساڭلىرا

كەنجىمۇ دەپتۇغۇ تېما ئىگىسى بىلەن بىلىشىمىز دەپ

بۇغا،پىل،قوتاز..............ئامرىكا نىمىگە ئىگە بولالىغان.

بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.

كىسەل ياخشى بولۇپ كىتەلىسە ياخشىسى شۇ

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 21:19:42

راست،

كەنجى بىلەن چاقچىقىمىز بار ئىدى. شۇڭا چاقچاق قىپتۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2009-6-2 22:56:32

كىنونى جىق كۆرەپ چاقچاقلىرى ئامېرىكىچە بولۇپ كېتىپتۇ بۇنىڭ.

چاقچاقنى بىلمىگەنلەر شۇ گېزىتلا كۆرىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-6-3 01:00:30

ئۆچۈرۈلگەن سىماپنى نەدىن تاپىمىز، ئاۋۇ يەمنىڭ خۇرۇچلىرىنى نەدىن تاپىمىز، بىر يۈرۈشىگە نەچچە پۇل خەجلەيمىز، سىلى ئوراپ ئەۋەتىپ بەرسىلە بۇلارمۇ، بىر دەپ بەرسىلە ھەزىرتىم..

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2009-6-3 12:30:36

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئەگەر ھەر ئېھتىمالغا قارشى مۇشۇنداق يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ بۇ كېسەللىك بايقىلىپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ھامان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بولغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ شۇ يەردە ئېنىق تەكشۈرتۈپ ، بىر كۈنمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئوپىراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا دەررو ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ ، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى ئوپىراتسيەدىن ، ياكى رادىئاتسىيلىك داۋالاشتىن كىيىن قوشۇمچە ئېلىپ بېرىشنى  تەۋسىيە قىلىمەن.

بوپمۇ قىزىلئۆڭگەچ، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە قارىتا بايقالغان ھامان ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرتۈپ ئوپىراتسىيە ئۈنۈم بېرىدىغان دەۋىردە بولسىلا ئىككىلەنمەي ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇش ئەڭ ياخشى تاللاش.  ئوپىراتسىيە قىلىپ ، خېمىيلىك داۋالاشنى تۈگەتكەندىن كىيىن ئاندىن بۇ دورىلىق توخۇ، .....  لارنى قوشۇمچە قىلىڭ.

چۈنكى بۇ دەل بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش.  دادامغا قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئوتتۇرا تارىيىش نوقتىسىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ تەرەققى قىلىش باسقۇچى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كىين بىز بىر نەچچە كونىلارنىڭ « بۇنداق كېسەلگە تىغ تەككۈزسە بولمايدۇ يەي... » دىگەندەك گەپلىرى بىلەن دەل خوتەندىكى شۇ دوختۇرخانىغا بارغان. ئۇ يەردە تەخمىنەن 3 ھەپتە ئەتراپىدا تۇردۇق، لېكىن بۇ 3 ھەپتە جەريانىدا ئۇلارنىڭ داۋالىشىنىڭ دادامغا ئۈنۈمى بولمايلا قالماي بەلكى ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاشقا باشلىدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن دەررۇ دادامنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىدىم، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسدا ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆسمە ھۆجەيرىللىرىنىڭ ھېچقانداق ئورۇنغا يۆتكەلمىگەنلىگى ئېنىق بولغاندىن كىيىن ( رەببىم ئاللاھقا شۈكۈر )  ئوپىراتسىيە قىلىشنى بىكىتىپ شۇ ھەپتىسى ئوپىراتسىيە قىلغان.  مانا ھازىر دادام ئوپىراتسىيەدىن چىققىلى بىر يېرىم يىل بولاي دىدى. دادامنىڭ ئەھۋالى ياخشى. تاماق ۋە ھەممە جەھەتتىن نورمال تۇرىۋاتىدۇ.  2 قېتىم خېمىيلىك داۋالاش ئېپ باردى.

ئەينى چاغدا بىز خوتەنگە بارغاندا دادام بىلەن بىر ياتاقتا تۇرغان ئىككى بىمار  ( ئۇلار خوتەندىكى شۇ دوختۇرخانىدا ۋە ئۆيىدە شۇلارنىڭ دورىللىرى بىلەن ، دورىلىق توخۇ بىلەن داۋالانغان ) ئىلگىر كىيىن بولۇپ 7 - 8  ئاي ئىچىدە بەندىچىلىك قىلدى.

ئەلۋەتتە، جان خۇدانىڭ ئىلكىدە ، قاچان ئالغۇسى كەلسە ئالىدۇ. لېكىن رەببىمىز بۇ جاھاندىكى ئىشلارنى سەۋەبكە باغلىغان، تىرىشىپ بېقىشىمىز كېرەك.  ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكەننى يازدىم، مەن ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. پەقەت ھازىر ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە قارىتا دۋالاش تېخنىسكىسى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدى. ئون يىگىرمە يىللار ئاۋالقىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئوپىراتسيەنىڭ ئالتۇن ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويمىساق ، بۇ داۋالاشنىمۇ قوشۇمچە ئېپ بارساق دىمەكچى....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-6-3 12:36:18

ئۇمۇ بىر داۋالاش ئۇسسۇلى ئىكەن تونۇشتۇرۇپ قويدۇق. تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ تۇرغان ياخشى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2009-6-3 12:38:31

باچكا ئەپەندىم،.

بۇ خىل دورىلىق يەمنى ئۆزىڭىز تەييارلايمەن دىسىڭز بەك ئەۋارىچىلىق ، ھەم خۇرۇچلىرىنى جايىدا قىلىپ تەييار قىلالماسلىغىڭىز مومكىن. خوتەن ئېھسان دوختۇرخانىسىدىكىلەر تەييار  خۇرۇچ بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئىككى يىل ئاۋال مەن دادامنى ئېلىپ بارغىنىمىزدا بىر قېتىملىق 12 دانە توخو بېقىشقا يېتىدىغان دورىلىق خۇرۇچ 498 يۈەن ،  دورىلىق چاي 10 ياكى 20 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى،

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2009-6-3 12:43:05

ئەجرىڭىزگە رەھمەت بىر زات ئەپەندىم، مەنمۇ ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكەننى ئەينى يېزىپ قويدۇم، تورداشلار پايدىلىنىپ قالار دىگەن ئۆمۈتتە.
بەت: [1] 2
: دورىلىق توخۇ بېقىش-ئۆسمە راك كېسەللىكلىرى ئۈچۈن