تاققۇ-تۇققۇ ئوينامدۇق؟!
ئۈلۈشكۈن قېيىنئانامنى يوقلاپ بارغاندا ، مىنىڭ ئوغۇللىرىمنى ھەم ئايالىمنىڭ تۇققانلىرىنىڭ بىرنەچچە بالىلىرىنى ئالدىغا تىزىۋىلىپ، تاققۇ-تۇققۇ ئويناۋاتقان قىينئانامغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالدىم .كىچىك چاغلىرىمدا ئېتىزلىقلاردا ، كوچا چىراقلىرىنىڭ ئاستىدا بالىلار بىلەن ئوينايدىغان بۇ ئويۇن خىيالىمغا كېچىپ ، بىردەم مۇڭلىنىپ قاپتىمەن .
بالىلىق ئەسلىمىلەر شۈنچىلىك گۈزەل ، شۈنچىلىك پاك!ئۇلۇق خەلقىمىزنىڭ بالىلارتەربىيەسى ئۈچۈن ئىجات قىلغان تۈرلۈك ئويۇنلىرىدىن ھازىرقى زامان بالىلىرى بەكمۇ يىراقتا قېلىۋاتىدۇ.
دوسلار بىلەن تاققۇ-تۇققۇ ئوينۇغۇم كەلدى . بۇئويۇننىڭ باشقا يۇرۇتلاردا ھەرخىل ۋاريانتلىرى بۇلىشى مۇمكىن . قېنى ئەمىسە پۇتلىرىڭلارنى سوزۇپ،تەلىيىڭلارنى كۆتۈڭلار!
چىگى-چىگى
بوغداي چىگى،ھەمىكى.
تولدامىكى خەمىكى.
سۇچىنىڭ
قايسى قىزى ئەڭ كىچىك؟
ئۇپپا قىزى ئەڭ كىچىك.
ئۇپپىنى نەدىن تاپاي؟
باغچىخاننىڭ بېغىدىن.
باغچىخان كىمگە تىگە ؟
ئۇستىقۇۋان تازغا تىگە.
تازنىڭ نىمىسى با؟
ئالتۇن - ئالتۇن قۇشلىرى با.
قۇشلارىنى قۇشلايلى ،
تازبېشىغا مۇشلايلى .
ئالما ئاتتىم ھاۋاغا ،
لەيلەپ چۈشتى دەرياغا .
دەريا سۇيى قويالدى ،
پاتمۇچۇقلار بۇيالدى .
پاتمىخانغا مەسە ئالسام ،
پاتمىدى پايپاق بىلەن .
مىس قازانغا چاينى قۇيسام ،
ئوخشىدى قايماق بىلەن .
تاققۇ-تۇققا
ئۈنچە-مارجان
ئالا قوي نىمە يە
كۈلدە كۈمەچ
تاق -چىق !
ئۆمىرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان تاققا - تۇققۇ كەن ئاۋۇ. نىمانداق جىق؟
بۇنى ئۇقۇپ تۈگۈتۈپ پۇتۇڭنى كۈتە دەپ بولغىچە پۇت قۇژلۇشۇپ مىڭىگە قان يىتىشمەي قالغۇدەك
بىز كىچىكىمىزدە مۇشۇنداق ئوينايتۇققۇ دەيمەن:
تاققا-تۇققۇ
زەنجىر ھالقا
قار قوي نەدىدۇ؟
باغدىدۇ
باققا بارسام باغدا يوق
تاغقا بارسام تاغدا يوق
سەن تۇرۇپ
سەن چىق
......
كامدەكلا قىلىدىيا؟
چۈمۇلەممۇ چۈمۇلەم
نەگەماڭدىڭ چۈمۈلەم
تۇزغا ماڭدىم چۈمۈلەم
تۇزىڭ نەگەچۈشۈپ قاپتۇ
ئارا يولغا چۈشۈپ قاپتۇ
تاسقاپ-تاسقاپ ئالساڭچۇ
تاغىرمدا تۆشۈك بار
ماراپ تۇرغان مۈشۈك بار..مىياۋ
سەن تۇرۇپ،سەن چىق
تاققا تۇققۇ نىڭ ئەسلى نۇسىخسىكەنغۇ بۇلار، بۇرۇن بىلمىگەچكە ئۆزگەرتىلگەن نۇسقىسىنى قىزىمغا ئۆگىتىپ يۈرۈپتىمەن
تاققا تۇققۇ
زەنجىر ھالقا
پاقا دەرەخقە چىقتى
قۇيرىغى شاققا
تۈگىلەييا تۈگىلەي
نەگە بارغان تۈگىلەي
تۇزغا بارغان تۈگىلەي
تۇزۇڭ نەدە چۈپقالدى
ئۇلۇغ يولدا چۈپقالدى
تاسقاپ-تاسقات ئەكىلىڭلا
ھېكىم باينىڭ بېشى پوق
ئېيتاي دىسەم لاتا يوق
لاتا دىگەن ئۆگزىدە
چىقاي دىسەم شۇتا يوق
شوتا دىگەن دەرەختە
كىسەي دىسەم پالتا يوق
پالتا دىگەن ساندۇقتا
ئاچاي دىسەم ئاچقۇ يوق
ئاچقۇ دىگەن مىسكەدە
بىر پۇلغا بەمەيدۇ
ئىككى پۇلغا ئالغۇم يوق
---------------------
دىككى-دىككى تۇرۇشقان
نەگە-نەگە ماڭدىڭلا
ئۈگەي ئانام قېشىغا
ئۈگەي ئاناڭ نىمە بىرىدۇ
ئۆچكە سېغىپ سۈت بىرىدۇ
كىردىم يەڭگەم قېشىغا
ئاش ئىتىپتۇ قاپقارا
ماڭا بىر قۇشۇق بەردى
ئۈزى ئىچتى بىر چەرەك
بىر قۇشۇققا تويمۇدۇم
ئۆپچەرەمنى قويمۇدۇم
يەنە بەردى بىرقۇشۇق
ئۇنى مەن دىھقانغا بەردىم
دىھقان ماڭا تېرىق بەردى
تېرىقنى تۇخۇغا بەردىم
توخۇ ماڭا تۇخۇم بەردى
تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئاقلاپ يىدىم
سېرىقىنى ساقلاپ يىدىم.
-----------------
يەنە نۇرغۇن قوشاقلىرىم بار ئىدى كىچىكىمدە ئېيتىدىغان مۇشۇنچىلىك يادىمدا قاپتۇ قالغىنىنى يادىمغا كەلگەندە يازاي-ھە..
يەنە مۇنداق ئوينايتتۇق تاققۇ تۇققۇنى..
تاققۇ تۇققۇ ئاتنى تۇقۇ
ئاتنى تۇقۇپ نەگە بارىمەن
تاققا بارىمەن
تاغدا بىمەبار
نان بىلەن گوش بار
ئاندىن سەن چىقە دەيتتۇق
猪八戒娶了媳妇،
她的名字叫marry
生了个孩子叫baby
看看谁是猪宝贝?
دەپ ئوينايدۇ ھازىر.
تاققا تۇققا
زەنجىر ھالقا
ھالقاڭ نەدە
تاغدا
تاغ مىنىڭ
كۈن مىنىڭ
چىمىلدىقىم چىمچىق
دەپ ئوينايدىغان تۇرپاندا
Comeon:
猪八戒娶了媳妇،
她的名字叫marry
生了个孩子叫baby
看看谁是猪宝贝?دەپ ئوينايدۇ ھازىر.
نەدە؟
بىر يۇرتنىڭ يەنە بىر يۇرتقا ئوخشىمايدىغان ئوخشايدۇ. مەيخانە بىلەن لۇتۇن دىگەننى قىزىم بىلىدۇ. تاقا-تۇققۇ ئوينايمىز دەپ، ھەممىزنى قاتارى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، قوشاقنى ئۆزى دەپ، ئاخىردا ئۆزىنىڭ پۇتىغا نۆۋەت كەلمەي قېلىپ قالسا يېغلاپ كېتىدۇ چىدىماس...
مەيخانا بىلەن ئوخشاش ئويناپ چوڭ بوپتىمەن
كىم ئوسادى
ئات ئوسادى
ئاتنىڭ قارنى
يەرگە تەگدى .
.....
......
تۆمۈر
تەسەك
پىستەك !
ئوتتۇرىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، قىزىمغا دەپ بەرسەم كۈلۈپ تىلىقىپ قالىدۇ .
بالىلار بايرىمىغا مۇبارەك !
مەتو ھېي، نىمە ماۋۇ...
كىچىك باللا ئىزدىنىشقا كىرىپ، ماۋۇلارنى ئۈگۈنۈپ چىقسا بوپتىكەن.
كۇچىدا كىچىك بالا كۈرۈنمەيدۇ، ساۋاقدىشىنى ئېلىپ دىباغا كەتتىمىكىن
ھەر يۇرتنىڭ ھەر خىل بولىدىكەن ھە ؟؟ بورتالادا ماندا ئوينايتۇق
تاقا - تۇققا
زەنجىر مارجان
نەدىدۇ
تاغدىدۇ
تاغقا بارسام تاغدا يوق
باغقا بارسام باغدا يوق
ئۆرگىلىپ
چۆرگىلىپ
سەن تۇرۇپ
سەن چىق !!
ھەر تەتىلدە ئۆيگە قايىتىپ چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە يىغلغاندا نەۋرە ئۇكىلىرىمنىڭ بىر يەرگە يىغىپ مۇشۇ ئويۇننى ئوينايمەن .....كىچىك ئۇكىلىرىم مەن ساناي دېسە مەن ساناي دەپ ئۇرۇشۇپمۇ قالىدۇ بەزىدە ......بالىلىق يەنىلا ئەڭ گۈزەل چاغلار ئىدى ....بارلىق بالىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !!!!
چوڭ بولدۇم
چوڭ بولغۇم يوق پەقەت
بولساممۇ تارتىمەن جاپا مۇشەققەت
مەيلى ئىدى
ئاشۇ بالىلىقىم بىلەن
ئۆتۈپ كەتسە بۇ ھايات
ئەتتىم -مەتتىم
گوشىڭ سەتتم
شەپكەم بىلەن
ئەڭ ئەتتىم
ئەڭ ئەڭ
مەدەمبۇك
مەدەم بوكنىڭ
زامانىدا
ئايرۇپىلان
تەرەكتۇرۇك
سىم .
مىنىڭ ئېسىمدە قالغىنى .
ماۋۇ ناخشا ئەجەپ ياخشى ئىكەن.مەتۇنىڭكىنى كۆرۈپ ئېسىمگە كەلدى.
كىم ئوسادى؟
پىت ئوسادى
پىت قەنە؟
ياغقا چۈشتى
ئوپپاڭ
چوپپاڭ
تۆمۈر
تەسەك
پىستەك
دەپ ساناپ ئاخىرى كىمدە توختىغان بولسا شۇ كۈلكىگە قالاتتى.