boiled يوللانغان ۋاقتى 2009-5-29 00:43:22

ئەخمەقنىڭ مىنۇتى 2 يۈەن

بايا (29-ماي سائەت 23:40تا) تېلېۋىزوردىن ئېلان چىقمايدىغان قانال ئىزدەپ XJTV-4كە بېرىپ قاپتىمەن، قارىسام، 5000سوم مۇكاپاتى بار سوئال-جاۋاب پائالىيىتى ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ: «ئۆيىڭىزنىڭ سىرتىدا بىر نەرسە بار، ئۇ قانچە تېز ئايلانسا سىزدىن شۇنچە كۆپ پۇل چىقىم بولىدۇ، بۇ نېمە؟» دېۋىدى، «توك سائىتى» دېگەن جاۋاب چاقماق تېزلىكىدە كاللامغا كەلدى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئىكراندىن ئىزدەپ تېپىپ بولغۇچە، بىر قانچە خەنزۇ خاتا جاۋابلارنى بېرىۋەتتى، تېلېۋىزورغا يېقىن بېرىپ 125تىن باشلىنىدىغان بىر نومۇرنى تېپىپ تېلېفون قىلىپ بولغۇچە، توغرا جاۋابنى بىرەيلەن بېرىۋەتتى، 5000سوم نەقمەيداندا ئۇنىڭغا بۇيرۇلدى (قايسىبىر جامائەت گۇۋاھلىقى ئورنىنىڭ تامغىلىق ئىسپاتىمۇ ئىكراندا كۆرسىتىلدى)... ئىچىم ئېچىشىپ تۇرسام، ئىككىنچى سوئالنى تاشلىدى، «خام يېگىلى بولمايدۇ، پىشۇرۇپ يېگىلىمۇ بولمايدۇ، پەقەت پىشۇرغاچ يېيىلىدۇ، ئۇ نېمە؟» تاپالماي قالمىسۇن دەپ، بۇنىڭ بىر ھەزىل سوئال ئىكەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلدى، ئېنىقلا تاماكا ئىدى بۇ. رىياسەتچى دەيدۇكى،  بۇ سوئالنىڭ دەسلەپكى مۇكاپات سوممىسى 500سوم بولۇپ، ئەگەر بىر تاماشىبىن خاتا جاۋاب بەرسە، 500سوم قوشۇلۇپ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 1000 سوم بولغۇدەك ھەم مۇشۇ تەرىقىدە ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 5000سومغىچە مۇكاپات تەسىس قىلىنغۇدەك. جاۋاب بېرىش ھەققى مىنۇتىغا ئىككى سوم بولۇپ، سۆزلىشىش ھەققى بۇنىڭ سىرتىدا ھېسابلانغۇدەك. ئۆزەمنىڭ خەنزۇچە ئېغىز تىلىدا ئاجىز ئىكەنلىكىمنى بىلسەممۇ، ھەر قانچە بولسىمۇ «تاماكا» دېگەننى خەنزۇچە ئۇقتۇرالارمەن دەپ ئويلاپ قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ، قىزىق لىنىيە تېلېفونىغا ئۇردۇم، دەسلەپتە بۇ پائالىيەتتە ماڭا ئۇتۇق تىلەپ بىرەر مىنۇتتەك مەدەت بەردى، ئاندىن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلارمىكىن بىر قانچە ئورۇننىڭ نامىنى ئاتىدى، كېيىن جاۋاب بېرىشكە تەييارلىقىڭىز پۈتكەن بولسا مانچىنى بېسىڭ، تېلېفون نومۇرىڭىز  138xxxxxئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرسىڭىز مانچىنى بېسىڭ... دەپ يوليورۇقلارنى بەردى، ئاڭغىچە بىرقانچەيلەن خاتا جاۋاب بېرىپ، مۇكاپات سوممىسى 3000سومغا چىقىپ كەتتى... تېلېۋىزورغا قارىسام تېلېفون قىلغۇچىلارنىڭ  نومۇرلىرى چىقىۋاتىدۇ، مېنىڭ يەنىلا يوق، تېلېفونغا قارىسام 8مىنۇت ۋاقىت ئۆتۈپ بوپتۇ، زەن سېلىپ تىڭشىسام، «قايتا سىناپ باقماقچى بولسىڭىز قۇدۇق كونۇپكىسىنى بېسىڭ» دېگەندەك بىر نېمىلەرنى دەيدۇ، «قۇدۇق» سۆزىنى ئاڭلاپلا ھۇشۇمنى يىغدىم، باياتىن بېرى كەم بولغاندا 16 سوم پۇلۇم «قۇدۇق»قا چۈشۈپ بوپتۇ ئەمەسمۇ؟ تېلېفوننى قويۇپ، TVنى ئۆچۈرۈپ توردىن سۈرۈشتۈرسەم، 17.20سوم چۈشۈپتۇ قۇدۇققا، ھەتتا «چولتۇك» قىلغان ئاۋازنىمۇ ئاڭلىماي قاپتىمەن!

mit يوللانغان ۋاقتى 2009-5-29 07:29:31

مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەڭ .ئالدامچىلىقنىڭ يىڭى تۈرىكەندە

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2009-5-29 07:56:05

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-5-29 08:24:56

نەچچە يىل بۇرۇنلا بار ئىدى مۇشۇنداق پىروگرامما . تەلىيىڭىز كېلىپ قالسا سىزنىڭ ئۇلىنىپ قېلىشى مۇمكىن . لېكىن بۇنداق تەلەي ئاسان كەلمەيدۇ دە. تېلىفۇن ئۇرسىڭىز مىنۇتى ئىككى يۇەن ھارغىچە قۇرۇق گەپ قېلىپ ئاخىرىدا قايتا كېلىڭ دىيىشى بار تېخى .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-5-29 10:22:46

قاتتىق قۇيۇلۇپسىزدە

terjime يوللانغان ۋاقتى 2009-5-29 10:37:11

  ماۋۇ بىر تىيىن قەرىز بولسا توىتاپ قالىدىغان يانفۇنمۇ مىنى ئەخمەق قىلىپ قىرىق يۇەن قەرىز بوپتىكەن  ( ئىچىدە ئەسلى يىگىرمە يۇەندەك بار ئىدى ) ، خاتا جاۋاپ بەرگە نلەرنى رىياسەتچى بىلەن قۇشۇپ ئىچىمدە مىڭنى تىللاپ ( ھەممىڭ بىر چوشقىنىڭ باللىرى دەپ ) ، ئارقىدىن كۆچمە خەۋەرلىشىش نى ئۆزۇم بىلەن قوشۇپ تىللاپ(ھوي ئاچ كۆزلەر دەپ ) ، كارتىنى تاشلىۋىتىپ يىڭى نۇمۇر ئالدىم ، ھىلىمۇ ياخشى ئۇ كارتىنى ئالغىنىمغا يىرىم ئاي بولمىغانتى . ئىككىنچى بۇ قۇدۇققا يىقىن يولىماسمەن .

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2009-5-29 11:05:56

نىڭشىيا مۇ شىيامىنمۇ بىر قانالدا داۋاملىق قويىدۇ بۇ پىروگراممىنى ... سوئاللار بىر-بىرىدىن ئاسان، كېلىۋاتقان جاۋابلار بىر-بىرىدىن ئەخمىقانە،... بىر قېتىم ئاكام ئىككىمىز بەسلىشىپ تېلفون ئۇرۇپ مېنىڭ 18 يۈەن، ئاكامنىڭ 20يۈەن پۇلى شۇ قۇدۇققا چۈشكەن.مېنى <سىز تاللاندىڭىز، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ>دەپ تېلفوننى تۇتۇپ تۇرۇشقا مەجبۇرلىدى، ئاكامغا ھېلى ئۇ كونۇپكىنى،ھېلى بۇ كونۇپكىنى باستۇرۇپ ئەخمەق قىپتۇ.دەھشەت ئالدامچى خەقكەن بۇ، بىر قېتىم بىر سوئالنى ئوتتۇرغا قويدى، دەسلەپكى مۇكاپات 300 يۈەن. كېيىن قوشۇلۇپ5300 يۈەنگە چىقتى. بىر قىزچاق تېلفۇن ئۇرۇپ توغرا جاۋاب بېرىۋېدى،<سىزنى تەبرىكلەيمەن،ئەگەر ھازىر مۇكاپات سوممىسىنى ئېلىشنى تاللىسىڭىز 300 يۈەن بېرىلىدۇ، ئەگەر مەيدان ئاتلاشنى تاللاپ بىر سوئالغا جاۋاب بېرەلىسىڭىز 5000يۈەن قوشۇمچە پۇلنى ئالالايسىز، جاۋاب بېرەلمىسىڭىز ھېچنىمە يوق> دەيدۇ... ھېلىقى قىزچاق مەيدان ئاتلاشنى تاللىدى. كېيىنكى سوئالى بولسا <سېستىرالار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا كىم تۈرتكە بولغان؟> دېمەسمۇ... ھېلىقى قىزغا سەت ئىچىم ئاغرىپ كەتتى،دۇنيادا قانچە ئادەم بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىدۇ دەيسىز؟... بىراق تەلىيىگە ھېلىقى قىز سېستىرامۇ قانداق،توغرا جاۋاب بېرىپ 5300يۈەنگە ئېرىشكەنىدى، <ياشاپ كەت،ئەجەپ جايلىدىڭ!> دەۋەتتىم،..بىراق، كىم بىلىدۇ ئۇ قىز تېخى شۇلارنىڭ ئادىمىمۇ ... ...

mihir1 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-29 14:18:18

ئۇ بىر ئويۇن خالاس . ئەقلىڭىز بولسا ئۇنداق ئويۇننى ئوينىماڭ ، بالام  . كۆومپىيوتىردا ئەشۇنداق ئويۇن ئويناپ 30 يۈئەننى بىر مىنۇتتا يوقاتقان .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2009-5-29 15:04:33

تۈنۈگۈن مەن بىر تور بەتتىكى  تېپىشماققا جاۋاپ بەرسەم نوكىيا 95يانفۇن مۇكاپات چىقتى، يانفۇن نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈڭ دېدى، كىرگۈزسەم نەق پۇل ئالسىڭىز مانچىنى پالانى نۇمۇرغا ئۇچۇر قىلىپ يوللاڭ، مالنى ئالسىڭىز مانچىنى يوللاڭ دېدى، دىگەندەك قىلسام، يەنە ئاسانلا سۇئال سورىدى، جاۋاپ يوللىسام تېخىمۇ جىق مۇكاپات باركەن، شۇنداق قىلىپ 10كوي پۇلۇم قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپ تېلىفۇنۇم توختاپ قالدى.

Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2009-5-30 02:29:08

ماڭمۇ خىلى بولدى 1+6 非常   غا ئۇچۇر ئەۋەتىپ قول كومپيوتور سورىغىلى ھىچنىمە يوق..... ساختلىق بارمىكىن دىسەم راستەك راس مكىن دىسەم مىنڭلا ئۇچۇرۇم يوق.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-31 08:54:15

非常6+1غا پۈتۈن جۇڭگودىن نۇرغۇن ئادەم ئۇچۇر يازىدىغان تۇرسا،سىزنىڭ چىقماسلىقىڭىز بەلكىم ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

تېمىدىن سرت گەپ ئىزدىنىشتا باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى قانداق نەقىل قىلىدۇ،يۇقۇرقى تورداشنىڭ ئىنكاسىنى نەقىل قىلىمەن دەپ قىلالمىدىم.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-5-31 15:48:32

ئىنكاس دىگەننى بېسىپ نەقىل قىلىسىز.
بەت: [1]
: ئەخمەقنىڭ مىنۇتى 2 يۈەن