«داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى »
داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى
«داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى »(达芬奇密码) ناملىق بۇ كىتاپنى ئامىرىكىلىق داڭلىقيازغۇچى دان بىروۋىن يازغان بۇلۇپ ، 2003-يىلى 3- ئايدا نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن ،« نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى » نىڭ بازىرى ئىتتىك كىتاپلار مۇندەرىجىسىدە ئۇدا قىرىق نەچچە ھەپتە بىرىنچى ئۇرۇننى ئىگىلىگەن . بۇ كىتاپ نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن غەرىپ دۇنياسىدا بۇلۇپمۇ خىرىستىئان دىنى دۇنياسىدا ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىغان . كىيىن ھوللىۋوتتىن بۇ كىتاپنى سىنارىيەلەشتۈرۈپ كىنو قىلىپ ئىشلىگەن .
كىشىنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان مۇرەككەپ بىر شىفىر لىئورنادو داۋىنچىنىڭ ئەسەرلىرىگە يۇشۇرۇنغان .
كىشىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرىدىغان بىر مەيدان قۇراللىق ئېلىشىش ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى چىركاۋ ۋە قەلئەلەردە تەڭلا باشلىنىپ كىتىدۇ .
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر تارىخىي سىر ئۆزىنى نەچچە يۈز يىل يۇشۇرغاندىن كىيىن ، ئاخىر سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئاچىدۇ .
كىتاپقا بىرلگەن باھالار :
« خارى پوتتېر » ناملىق ئەسەردىن كىيىن ، تېخى ھېچقانداق يازغۇچى ئۇقۇرمەنلىرىنى بۇنداق قىلتاققا دەسىتىپ ئالداپ باقمىغان . ئۇلارنى جىدىي ۋەقەلىك ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپ قۇيۇپ ، ئۆزى بىرچەتتە تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرمىغان .
_ «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى »نىڭ ئوبزورىدىن
«داۋانچىنىڭ مەخپىيىتى » كىشىنى مەپتۇن قىلىۋالىدىغان ئەسەر ئىكەن . تارىخقا قىزىقىدىغان ، ھەرخىل سۈيقەست ۋەھىلە مىكىرلەرنى يىشىشكە ھەۋەس قىلىدىغان غەلىتە ھىكايىلەرنى يىشىشكە ھەۋەس قىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇنى ناھايىتى مۇكەممەل ئۇقۇشلۇق دىيىشكە بۇلىدىكەن . مەن بۇروماننى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم .
_ خاللان كوبىن ، بازارلىق كىتاپ « ھېچكىمگە دىمەڭ » نىڭ ئاپتورى .
كىتاپنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى :
لوئۇرى مۇزىيىنىڭ پىشقەدەم باشلىقى يېرىم كىچىدە ئۆلتۈرلۈپ ، جەسسىتى چوڭ كۆرگەزمە زالىدىكى ياغاچ پولغا قىپيالىڭاچ ھالدا ياتقۇزۇلۇپ قۇيۇلىدۇ . ئۇنىڭ ياتقان ھالىتى داۋىنچى سىزغان داڭلىق رەسىم « ۋىتروۋئوس ئادىمى » نىڭ ھالىتىگە ئىنتايىن ئوخشاپ كىتەتتى ، جەسسەتنىڭ يېنىدا يەنە چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر شىفىر قالدۇرۇلۇپ قۇيۇلغانىدى .بەلگىشۇناس روبېرت لاندون بىلەن شىفىر يىشىش مۇتەخەسسىسى سوفىي نائىف ئىنتايىن غەلىتە بولغان بىرتالاي شىفىرنى رەتلەش داۋامىدا ، بۇ دىلونىڭ يىپ ئۇچىنىڭ ئەسلىدە داۋىنچىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قۇيۇلغانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ !
لاندون تەكشۈرۈش داۋامىدا پىشقەدەم مۇزىي باشلىقىنىڭ ئەسلىي زىئون ئىستىقامەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى _ 1099- يىلى قۇرۇلغان بۇ مەخپىي تەشكىلاتقا نىيوتۇن ، بوتچىللىر ، ۋىكتور ھىيوگوۋە داۋىنچى قاتارلىق غەرىپ تارىخىدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئەرباپلارنىڭ ئەزا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ ھەمدە « ئۇلار ئاجايىپ چوڭ بىر مەخپىيەتلىكىنى ، كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر خەتەرلىك سىرنى ئىزدەۋاتقان بولسا كىرەك » دەپ گۇماللىنىدۇ .
لاندون بىلەن سوفىي مەزكۇر دىلونىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سىرلىق پىلانلىغۇچىسى بىلەن بولغان مۇرەككەپ ئېلىشىشىنى باشلىۋېتىدۇ ۋە پارىژ ، لوندۇنلاردا مەخپىي قاتىللارنىڭ توختىماي قەسىت قىلىشىغا ئۇچىرايدۇ . ئەگەر ئۇلار مۇرەككەپ بۇ سىرنى يىشەلمىسە ، زىئون ئىستىقامەتچىلەر جەمەىيىتى سىرتقا ئاشكارلىماي كەلگەن مەخپىيەتلىك ھەم ئۇنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇنغان ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قەدىمكى بىر تارخىنىڭ ئەسلى قىياپىتى تارىخنىڭ چاڭ – توزانلىرى ئارىسىدا مەڭگۈ غايىپ بولاتتى ...
مەنبە : سەيياھ بىلوگى http://seyyah.blogbus.comمۇشۇ كىنودا بىر دىئالوگ بار.
ئۇنىڭدالاندون بىلەن ئاۋۇ بوۋاي (ئەسكىنىڭ رولىنىڭ ئالغان) ئىنجىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇسغىسىنى 1600 نەچچىنچى يىلى ئەنگىلىيەنىڭ بىر پادىشىاھى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم تۇزۇتۇش كىرگۇزگەن، مۇشۇ نۇسغىسى ھازىر ئەڭ كوپ ئىشلىتىدۇ دەيدۇ.
بۇ كىنونىڭ 2 قىسمىنى ئىشلەپ بولدىمۇ.ئوتكەندە ئىشلەۋاتىمىز دىگەن ئىدى.
كىنوسىنى كۆرۈپ راست گەپ قىسام چۈشىنەلمىگەن .ىككى قېتىم كۆرۈپ
بەك ئىتتىكلا توختىتىۋەتكەنىدى كىنوخانىدىمۇ
توۋا خۇدايىم داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى دېسە داۋانچىڭنىڭ مەخپىيىتى دەپ ئۇقۇپ كېتىپ نېمە دەيدىغاندۇ دەپ ئۆزەمچە ھەيران قاپتىمەن
ئۇيغۇرچىسى چىقىپ بولدىغۇ؟غەرىپ دۇنياسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە قۇيۇش چەكلەنگەن فىلىم.چۈنكى مۇشۇ فىلىم غەرپ دۇنياسدىكى نۇرغۇن غەۋغاغا سەۋەپچى بولدى..بولۇپمۇ ئىنجىلنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلار،ئاۋۇ يۇشۇرۇن تەشكىلات توغۇرلۇق ئاشكارلانمىغان سىرلارنى مۇشۇ فىلىم ئازراق ئاشكارلاپ قويدى،.
فىلىمدە دىئالوگ بەك كۆپ ، مەنمۇ 2 قېتىم كۈرۈپ ئاندىن چۈشەنگەن .!
دىئالوگ كۆپ بولسا ئېنگىلىزچە ئۆگىنىشكە ياردىمى چوڭ بولغۇدەك. مۇشۇ كىتابنىڭ قازاقچىسى جېنىدا چىقىپ بوپتۇ ، شىنخۇا كىتابخانىسىدا تۇرىدۇ، ئۇيغۇرچىسى چىقمىغىنى قىزىققايسى كۈنى كونا كىتاپ ساتىدىغان يەردىن نەق مۇشۇ كىتاپنى 5 يۈەنگە سېتىۋالدىم ...ئىلگىرى كىنوسىنىمۇ كۆرگەن ھەم باشقىلارغا ئوخشاش مەنمۇ چۈشەنمىگەن ..ئەمدى كىتابىنى ئوقۇپ باقاي دەۋاتىمەن .............
ئۇيغۇرچىسى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا بار ھازىر...
akram0903:
قايسى كۈنى كونا كىتاپ ساتىدىغان يەردىن نەق مۇشۇ كىتاپنى 5 يۈەنگە سېتىۋالدىم ...ئىلگىرى كىنوسىنىمۇ كۆرگەن ھەم باشقىلارغا ئوخشاش مەنمۇ چۈشەنمىگەن ..ئەمدى كىتابىنى ئوقۇپ باقاي دەۋاتىمەن .............
ئىنگىلىزچىسىنىما؟
داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتىنى ئوقۇپ يېرىملاشتۇردۇم.ماڭا يارىدى.تولۇق ئوقۇپ بولۇپ كىنوسىنى كۆرەي دىگەن.قۇتياردا ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار دىگەن باللا.تاپالمىدىم. بىلىدىغانلار چۈشۈرۈش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن.ھەشقاللا.http://akburkut.com/eza/thread-1647-1-2.html رەھمەت يۈسۈپجىنىكا.چۈشۈرۋىلىپ كىتاپ تۈككەندە كۆرەي.