yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2009-5-27 01:57:10

ئۆي-مۈلۈك مۇلازىمەت شىركەتلىرى توغرىلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .

ماڭا ئۈرۈمچىدىكى ئۆي-مۈلۈك مۇلازىمەت شىركەتلىرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىلىق ئىشەنچىلىك ماتىرياللار لازىم بولۇپ قالدى،بۇنىڭ دائىرىسى مۇنداق

مەن دىمەكچى بولغان مۇلازىمەت ئورنى ياكى شىركەتلەر ئاساسلىقى ئىككىنچى قول ئۆيلەرنى سېتىش مۇلازىمىتى،سېتىپ بىرىش مۇلازىمىتى ئۆي ئىجارىگە بىرىش ئۆي ئېگىلىرگە ئىجارەگە بىرىپ بىرىش دىگەندەك ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ئورگانلىرنى كۆرسىتىدۇ.

1-ئۇ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرنىڭ مۇلازىمەت ھەققى قانداق بولىدۇ.يۇقاردا دىيىلگەن كاتوگورينىڭ ھەممىسدە قانداق كونىرىت ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بار.

2-كام دىگەندە 6 مۇلازىمەت ئورنىنىڭ مۇشۇ ھەق ئۆلچىمى جەھەتتىكى قانداق پەرقى بار.تەپسىلىي شەرىھلەنگەن بولۇشى كىرەك.بۇنىڭ 3 ئۇيغۇرنىڭ 3 خەنزۇنىڭ بولۇشى كىرەك.چەم ئۇلارنىڭ ئالاقە نۇمۇرى بولۇشى كىرەك.

3-دۆلەتنىڭ مۇشۇ سەھەگە بولغان قانۇنى ئۆلچىمى قانداق (بۇ خەنزۇچە بولسا بولىدۇ) ،ئاپتۇنۇم رايوننىڭ قانداق، ھەممىسى  تەپسىلىي بولۇشى كىرەك .  ئۇنىڭدىن باشقا سانجى ،كورلا قارماي رايونلىردىكى مۇشۇ خىل ساھەنىڭ قىسقىچە تەررقىيەت ئەھۋالى بولۇشى كىرەك،بۇ قىسقا لىكىن كونكىرىت بولسىلا بولىدۇ.بۇ ئەمىليەتتە ئانچە كۆپ ئەمەس.

4-ئۈرۈمچىدە 400دىن ئارتۇق مۇشۇ خىل ئورگان بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 23 ئورۇن لاياقەتلىك بولدى.مۇشۇنىڭ ئىچىدە مەن دەپ بىرىدىغان بىر نەچچىسى بار.شۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدكى تەرەققىيات ئەھۋالى ئاز-ساز مەلۇمات بىرىدۇ.

قىسقىسى بۇ مەلۇم ھەجىملىك تەتقىقات يازمىسى بولىدۇ،مۇشۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلار بولسا مىنىڭ شەرىتلىرىمگە ئاساسەن چۈشسە ماڭا سېتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.ياكى پىراكتىكا قىلغۇسى بار ئوقۇغۇچىلار بولسا ئەمەلىي تەكشۈرۈپ  دوكىلات تەييارلىسمۇ بولىدۇ.

ئەگەر مۇشۇ ساھەدە ئىشلەيدىغانلار ياكى مەسئۇللار بولسا مەن تەرەققى تاپقان ئەللەردىكى تەرەققىيات جەريانى،ئۈگۈنۈشكە تىگىشلىك يەرلىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما پىكىر ئالماشتۇرمىز ياكى يازمىچە،بۇنىڭغا ھەق بىرىلمەيدۇ.

مەن باشقا يەردە بولغاچقا بۇ ھەققىدە ئىزدىنىش يىتەرلىك بولمىدى،بۇنىڭدىكى مەقسەت مەبلەغ سېلىش مۇھىتى توغرىلىق تۇنۇشنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈنلا خالاس.سىزنىڭ ئىزدىنىش مىۋىڭىز ئۆزىڭىزگە تەۋە.

قىزىققۇچىلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشىڭnawkiran@gmail.com

بۇ توغرلىق بىلگەنلىرىڭلار بولسا پىكرى قاتناشتۇرساڭلار.

رەھمەت!

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2009-5-28 04:07:52

تەييارلىغان  ماتىريال ئۆلچەمگە توشسىلا ئىزدەنگەنگە چۈشلۈك ھەتتا ئاشۇرۇپ رازى قىلىنىدۇ.

مۇشۇ خىل تۈردىكى مۇلازىمەت تەتقىقات ئورۇنلىرى پەقەتلا يوقمۇ،بولسا خەۋەردار قىلساڭلار,

ubaydulla يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 20:57:48

1- قەۋەتتىكى yarxarilikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەييارلىغان  ماتىريال ئۆلچەمگە توشسىلا ئىزدەنگەنگە چۈشلۈك ھەتتا ئاشۇرۇپ رازى قىلىنىدۇ.


مۇشۇ خىل تۈردىكى مۇلازىمەت تەتقىقات ئورۇنلىرى پەقەتلا يوقمۇ،بولسا خەۋەردار قىلساڭلار,





ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


مەن بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن، بەلكىم سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەر ئىككىلىمىزگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن،   ئەپسۇس بۇ تېما 3  يىل بۇرۇنقى تېما ئىكەن،

بەت: [1]
: ئۆي-مۈلۈك مۇلازىمەت شىركەتلىرى توغرىلىق